غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى

ئورنى Wikipedia

غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى

بىلىمخۇمار

مەن يېقىندا «ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن بىر ئىنگلىزچە كىتابنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «تھە سەكرەت لاۋ ئوف ئاتتراكتىئون ئاس ئەخپلائىنەد بي ناپولەئون ھىلل» بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇنىيەت، يەنى ئىنسانلار ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسىلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە تارتىپ ئەكىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. تۆۋەندە مەن بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ، «ناپولىيوننىڭ كىتابى» دەپلا ئاتايمەن. بۇ كىتابتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى زاماندا كەڭ تارالغان مەدەنىيەتكە ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى ئاشۇ قانۇنىيەت بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى زامانغىچە ئۆتكەن مەشھۇر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بۇ «سىرى» نى بىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇلار باشقىلاردىن قىزغىنىپ، بۇ سىرنى ئاشكارىلىماي قوغداپ كەلگەن ئىكەن.

مەن مەزكۇر ماقالىدە، ئاشۇ كىتابتا بايان قىلىنغان «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ قانۇنىيەت غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا بولغاچقا، مەن ئۇ قانۇنىيەت بىلەن « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى» نى ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىمەن. بۇ كىتابتا جەمى 200 بەت، 11 باپ بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» جەمى 16 قانۇنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ناپولىيون بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئىسمىغا «قانۇنىيەتلىرى» دېگەن كۆپ سانلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى ئىشلەتمەي، «قانۇنىيىتى» دېگەن بىرلا نەرسىنى ئىپادىلەيدىغان يالغۇز سانلىق سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ئايدىڭ ئەمەس. مېنىڭ پەرىزىمچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئاشۇ 16 قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى» دىن ئىبارەت بىرلا قانۇنىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ياكى ئۇلار ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلانغانلىقى ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلىدىغان قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى» تىن ئىبارەت بىرلا ئاساسىي مەزمۇننىڭ بىر قىسمى، دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ 16 قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمكانقەدەر تولۇق تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

«ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن كىتاب 2008-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ناپولىيون خىل 1928-يىلى يازغان 8 توملۇق «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» («لاۋ ئوف سۇككەسس») دېگەن كىتاب بىلەن 1937-يىلى يازغان «ئويلاپ باي بولۇش» («تھىنك ئاند گروۋ رىچ») دېگەن 2 كىتابقا ئاساسەن «ھىغروئادس مەدىئا» دېگەن نەشىر شىركىتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. كىتابنىڭ ھەر بىر بابىدا يۇقىرىدىكى ناپولىيوننىڭ ئىككى كىتابىدىن ئەينەن ئېلىنغان ئابزاسلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشىر قىلغۇچىلار كىرگۈزگەن چۈشەندۈرۈشلەر بار بولۇپ، ئادەم ئۇنى ئوقۇغاندا، كىتاب مەزمۇنىنىڭ تۈزىلىشى ئانچە راۋان ئەمەستەك بىر ھېسسىياتقا كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر ماقالىدە بۇ كىتابتىكى ئۇقۇملارنى ئاساسەن ئەينەن ئالغان ئاساستا، مەزمۇنىنى رەتلىك قىلىشقا تىرىشىمەن. شۇنداقلا مەن بۇ ماقالىنى بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈپ يېزىپ پۈتتۈرىمەن.

بىر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى بىر پارچە ماقالە ئارقىلىق تونۇشتۇرغاندا، كىتابتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار جەزمەن چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەن ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلارغا ناپولىيوننىڭ ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە كىتابىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن. ھەمدە ۋەتەندىكى ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن بىرسىنىڭ مەزكۇر كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشىر قىلدۇرۇش يولىدا تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى چۈشىنىش، مەزكۇر قانۇنىيەتنىڭ ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنداق بولغاچقا مەن ماقالىنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە مەزكۇر قانۇنىيەتنىڭ ئاساسلىق تۆھپىكارلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1. بۇ قانۇنىيەتنىڭ مۇھىم تۆھپىكارلىرى[تەھرىرلەش]

(1) ئەندرۇ كارنىگى (ئاندرەۋ كارنەگىئە، 1835 – 1919)

«ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ بىر كىتاب بولۇپ يېزىلىپ چىقىشىغا ئاساسىي تۈرتكە بولغان كىشى ئەندرۇ كارنىگى دىن ئىبارەت. ئۇ بىر سانائەتچى ۋە ساخاۋەتچى بولۇپ، ئۇ 1835-يىلى شوتلاندىيە (سكوتلاند) دە تۇغۇلغان. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە ئامېرىكىغا كەلگەن. ھەمدە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ، پاختا زاۋۇت ئىشچىسى، تېلېگراف خەۋەرچىسى، تېلېگراف خەت ئۇرغۇچىسى، پېننسىلۋانىيە تۆمۈر-يول شىركىتى باشلىقىنىڭ سېكرىتارى، شىركەتنىڭ پېننسىلۋانىيە شۆھبىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەپ باققان. ئۇ 1865-يىلى ئۆزىنىڭ تۆمۈر-يوللار ئۈچۈن تۆمۈر كۆۋرۈك ياسايدىغان شىركىتىنى قۇرغان. ئاندىن ئۇ شىركەتنى تۆۋەندىكىلەرگە كېڭەيتكەن: رېلىس، پويىز موتورى، تۆمۈر -پولات زاۋۇتى، كۆمۈر كانى (پولات تاۋلاشقا ئىشلىتىدىغان كۆمۈرنى تەمىنلەش ئۈچۈن)، ئۆزىنىڭ كۆمۈرىنى توشۇيدىغانغا ئىشلىتىدىغان تۆمۈر يولى. 1899-يىلى ئامېرىكىدىكى پولاتنىڭ 25% نى كارنىگى نىڭ شىركىتى چىقارغان. ئۇنىڭ شىركىتى كېيىن ئامېرىكا پولات زاۋۇتى دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان. ئۇ يەنە كۈتۈپخانا قۇرغان، ئالىي مەكتەپ ۋە چېركولار ئۈچۈن پۇل بەرگەن، نۇرغۇن فوند جەمئىيىتىنى قۇرغان. شۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق، دۇنيا تېنچلىقى، ئەخلاق، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ۋە سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

ئەندرۇ كارنىگى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نى بايقىغان بولۇپ، ئۇ بىرسىگە بۇ قانۇنىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئېلان قىلدۇرۇش ئارزۇسىدا يۈرگەندە، ناپولىيون خىلنى ئۇچراتقان. مەن ئوقۇغان كىتابتا «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ ئورنىدا «كارنىگىنىڭ سىرى» دېگەن ئىبارىمۇ كۆپ قېتىم ئىشلىتىلگەن.

(2) ناپولىيون خىل (ناپولەئون ھىلل، 1883—1970)

ناپولىيون خىل 1883-يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنىيا شىتاتىدىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 9 ياشقا كىرگەندە ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ دەسلەپتە ئۆز مەھەللىسىدە بېلىگە 6 تاپانچا ئېسىپ يۈرۈيدىغان بىر «پالۋان» بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ناھايىتى يوقىرى سۆزلەش تالانتى بار بولۇپ، 12 ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ناپولىيوننى بىر توغرا يولغا باشلاش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ تاپانچىلىرىنى بىر خەت-ئۇرۇش ماشىنىسىغا تېگىشتۈرگەن. ناپولىيون 15 ياشقا كىرگەندە، يەرلىك گېزىتكە ھېكايە چىقىرىپ يۈرگىدەك بولغان. ئۇ بىر يىل ئىگىلىك باشقۇرۇش مەكتىپىدە ئوقۇغان، ھەمدە 19 ياشقا كىرگەندە بىر كۆمۈر-كان شىركىتىدە 350 ئادەمنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ياش باشلىق بولغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ گورگتاۋۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدە بىر يىل قانۇن ئوقۇپ، 1907-يىلىغىچە بىر ياغاچچىلىق شىركىتىدە ئىشلىگەن. ئۇ شىركەت تاقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ناپولىيون ۋاشىڭتوندىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان جورنالغا مۇخبىر بولغان. مۇشۇ مۇخبىرلىق خىزمىتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزى تاللىغان 1-ۋەزىپىسى ئەينى دەۋردىكى دۇنياغا مەشھۇر ئەرباب ئەندرۇ كارنىگىنى زىيارەت قىلىش بولغان. ئۇ ئەندرۇ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بىر جۈمە كۈنى ئەتىگىنىنىڭ 3 سائەتلىك ۋاقتىنى ئالغان بولۇپ، سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاقتى ئارقا-ئارقىدىن ئۇزىراپ، ئۇ جەمى 3 كۈن داۋام قىلغان. يەنى ناپولىيون ئەندرۇنىڭ ئۆيىگە جۈمە كۈنى ئەتىگىنى بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن كېيىنكى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگىنى قايتقان.

شۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا، ئەندرۇ ناپولىيونغا ئۆزىنىڭ باي بولۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پەلسەپىسىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن. ھەمدە ناپولىيوننىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ داڭلىق كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت سىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، شۇ ئارقىلىق «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇ قانۇنىيەتكە ئۆزىنى تولۇق ئىشەندۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر قانۇنىيەت توغرىسىدا ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن پايدىلىنالايدىغان ئەمەلىي ئۇسۇللارنى تەسۋىرلەيدىغان بىر كىتاب يېزىپ چىقىرىش ۋەدىسىنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىقىنى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كارنىگى پروجېكتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئەندرۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ناپولىيون ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ زور دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان 100 دىن ئارتۇق سودىگەرلەر، سانائەتچىلەر، كەشپىياتچىلار، ئالىملار، ئاپتورلار، ئارتىسلار ۋە ھەر خىل ساھەلەرنىڭ لىدېرلىرى، شۇنداقلا 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر، شىركەت باشلىقلىرى، ۋە كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇللىرى، ئۇچرىغان تەسىرلىرى، ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇشلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. بۇ كىشىلەر ناپولىيونغا يەنە يېڭى داڭلىق ئادەملەرنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ناپولىيونغا ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سىرلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدا دۇنياغا داڭلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون بىلەن ئامېرىكىدىكى فورد ماشىنا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى فورد قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ناپولىيون يەنە بىر قىسىم شىركەتلەر، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، سىياسونلار ۋە ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىرىغا مەسلىھەتچىمۇ بولغان.

شۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە، ناپولىيون 1928-يىلى 8 توملۇق «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» («لاۋ ئوف سۇككەسس») دېگەن كىتابنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچ كىم بۇنداق بىر ئەسەر توپلىمىنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ توپلامنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەينى ۋاقىتتا بىر چوڭ ھادىسە بولۇپ ھېسابلىنىپ، بۇ كىتابلار ئەينى زاماندىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 9 يىل ئىچىدە، ناپولىيون كېيىنكى بىر دەۋر كىشىلىرى ئىچىدىكى تەسىر دائىرىسى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشكەن، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن رۆزىۋېلتقا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1937-يىلىغا كەلگىچە ئۇنىڭ بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن كىشىلىرىنىڭ سانى 25 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 500 دىن ئارتۇق كىشى شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ باي، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كۈچلۈك، پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ياردىمى تەككەن كارخانىچىلار ۋە لىدېرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ناپولىيون ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى يېڭىلاپ ۋە قايتىدىن رەتلەپ، 1937-يىلى «ئويلاپ باي بولۇش» («تھىنك ئاند گروۋ رىچ») دېگەن 2-كىتابىنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇلغان. ناپولىيون 1970-يىلى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ فوند جەمئىيىتى (ئۇنىڭ تور بەت ئادرېسى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى) ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

ئىلاۋە: غەربلىكلەر نىشاننى رېئاللاشتۇرۇش، غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋە قىلىۋاتقان ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن رۆزىۋېلتمۇ ناپولىيون خىلدەك بىر ئادەمنى ئۆزىگە مەسلىھەتچى قىلىۋالغان ئىكەن. ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە بۇنداق ئىشلاردا ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، مەن بىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە سەمىمىي مەسلىھەت بېرىدىغان بىلىملىك كىشىلەرنىڭ كۈنى، ياكى ئۇچرىغان مۇئامىلىسى، ئانچە ياخشى بولمىغان مىساللار ئىنتايىن كۆپ. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇرلار ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىش قىلىشنى ناھايىتى كۈچەپ ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. مېنىڭ ئاشۇنداق تەشەببۇسلىرىم ئۇشبۇ تېمىغىمۇ ناھايىتى ئۇيغۇن كېلىدۇ.

(3) يېڭى تەپەككۈر ھەركىتى (1850-1930)

ناپولىيوننىڭ ئەڭ ياخشى يىللىرى بىلەن ئەندرۇنىڭ باي ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان «يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتى» ئەڭ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرگە توغرا كەلگەن. يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتى «ئىجابىي ئويلاشنىڭ ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشتىكى كۈچ-قۇدرىتى» دېگەن مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇ 1850-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە داۋام قىلغان. بۇ ھەرىكەتكە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرسى فىنىس كۋىمبى («پھىنەئاس قۇئىمبي ») دىن ئىبارەت. فىنىس كۋىمبى روھىي كۈچ بىلەن ئادەم داۋالايدىغان داڭلىق دوختۇر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنى داۋالىيالىشى ئۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، كېسەللەرنىڭ ئۆز كۆڭلىنىڭ كۈچى بىلەن بولغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «تەپەككۈر ياكى خىيالنىڭ كۈچى رېئال دۇنيادىكى ئەمەلىي ئۆزگىرىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ» دېگەن نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيە ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاشۇ ھەرىكەت جەريانىدا، «كۆڭۈل ئىلمى»، « كۆڭۈل ئارقىلىق ئادەم داۋالاش» قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى ئىلىمنى تەسۋىرلەيدىغان كىتابلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى كۋىمبى داۋالاپ باققان كىشىلەر يازغان. ئاشۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ يالغۇز سالامەتلىك جەھەتتىكى ئىقتىدارىلا ئەمەس، بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت يارىتىشتىكى ئىقتىدارلىرىنىمۇ تەتقىق قىلغان. بۇ ئۇقۇم ئىنگلىزچىدە «لىكە ئاتتراكتس لىكە» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ «كۆڭۈلدە ساقلانغان ئىجابىي ئوي (يەنى ئىجابىي خىيال، ئىجابىي ئىدىيە) رېئاللىقتىكى ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. شۇ چاغدا مۇشۇ «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» توغرىسىدا نەچچە يۈز پارچە كىتابلار يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق كىتاب ناپولىيون خىل نىڭ «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابى بولغان.

يېڭى تەپەككۈر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولغان (تۆۋەندىكى ئەقىدىلەر ناپولىيوننىڭ كىتابىدىن ئەمەس، ئىنتېرنېتتىكى باشقا ماتېرىياللاردىن ئېلىندى):

چەكسىز ئەقىل («ئىنفىنىتە ئىنتەللىگەنكە») ياكى خۇدا ھەممىگە قادىر ۋە ھەممە يەرگە تارالغان بولىدۇ

روھ («سپىرىت») ئەڭ ئاخىرقى رېئاللىقتۇر

ھەقىقىي ئىنسان مىجەزى مۇقەددەس بولىدۇ

مۇقەددەسلىك بىلەن تەڭشەلگەن تەپەككۈر پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي كۈچ بولىدۇ

ھەممە كېسەللىكلەر دەسلىۋىدە روھىي جەھەتتىن باشلىنىدۇ

توغرا تەپەككۈر قىلىشنىڭ كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمى بار

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «چەكسىز ئەقىل» دېگەن سۆز ۋە ئۇقۇم ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كىتابتا بۇ سۆز ھەرگىزمۇ «خۇدا» دېگەن مەنادا ئىشلىتىلمىگەن. يەنى، ئاندرۇ ناپولىيون بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» توغرىسىدا كىتاب يازغاندا، ھەرگىزمۇ ئۇنى دىنغا چېتىشلىق قىلىپ قويماسلىقنى ناھايىتى قاتتىق تاپىلىغان ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، دىننىڭ بىر قانچە خىللىرى بار بولۇپ، ھەر بىر دىندىمۇ بىر قانچە مەزھەپلەر بار. ئەگەر ئۇ قانۇنىيەتنى بىرەر دىنغا ياكى خۇداغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرگەندە، چوقۇم بىر قىسىم كىشىلەرنى خوش قىلىپ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى نارازى قىلىدىغان ئىش كېلىپ چىقاتتى. ئاندرۇ بۇ قانۇنىيەتتىن ھەممە ئادەم پايدىلىنىدىغان بىر ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى دىندىن يىراق تۇتقان.

مەن يېقىندا « مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن بىر ماقالىنى ئوقۇدۇم (بۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى). بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ياكى مەنبەسى توغرىسىدا ئۇنى چىقارغان تور بېتىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، ماڭا ئۇ بىر ئىنگلىزچە كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇندەك تۇيۇلدى. بۇ ماقالىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان، «توغرا تەپەككۈر قىلىشنىڭ كېسەلنى داۋالاش ئۈنۈمى بار» دېگەن ئەقىدىگە ئائىت مۇنداق بىر مەزمۇن بار ئىكەن: «كۆپ قىسىم كىشىلەر تىنىچلاندۇرۇش دەرسىنىڭ تەسىرىنى بىلىدۇ. ئەگەر سىز بىراۋغا مەلۇم بىر خىل دورىنى مۇنداق تەسىرى بار، دەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۇ دورىنىڭ ئۇنداق تەسىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ ئۇ دورىدىن يەنىلا ئاشۇ خىل تەسىرنى ھېس قىلىدۇ. رومان كاشىنىس كېسەل داۋالاش جەريانىدا ئەقىدىنىڭ بۇ خىل كۈچ-قۇدرىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ يەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، دورا ئانچە زۆرۈر ئەمەس، زۆرۈرى ئەقىدىدۇر. مەلۇم بىرەيلەن بىر قىسىم كېسەل كىشىلەرگە قارىتا تىنىچلاندۇرۇش دورىسى سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ كېسەل كىشىلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ بىرخىل يېڭى دورا ئىچىدىغانلىقى ۋە بۇ يېڭى دورىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاغرىقىنى چوقۇم پەسەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرگە بولسا ئۇلارنىڭ بىر خىل سىناق دورىسى ئىچىدىغانلىقى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىقنى پەسەيتەلەيدىغان ياكى پەسەيتەلمەيدىغانلىقىنىڭ تېخى نائېنىق ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرغان. نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ 57 پىرسەنتى ئاغرىق ئازابىنىڭ روشەن دەرىجىدە يەڭگىلىگەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدا بولسا پەقەت 25 پىرسەنت ئادەملا شۇنداق ھېس قىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەمگە ئىچۈرۈلگىنى قىلچە داۋالاش قىممىتى يوق ئوخشاش خىل دورا ئىكەن. دېمەك، بۇ يەردىكى ئوخشاشماسلىق پەقەت ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىقتىنلا ئىبارەت بولغان خالاس. يەنە بىر مىسال ئالساق، بىر قىسىم كىشىلەرگە زىيانلىق دورا يىگۈزۈلگەن، ھەم ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن بىر خىل پايدىلىق تەسىر ھېس قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. نەتىجىدە، ئۇلار دەرۋەقە ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرلەرنى ھېس قىلمىغان. بۇ خىل تەجرىبىنى ئىشلىگەن ئادەم ئاندېرىي ۋېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دورا يېگۈچىلەرنىڭ ھېس – تۇيغۇسى ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغاندىكى بىلەن تامامەن دېگۈدەك ئوخشاش بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانقىتام (79) يېگەن ئادەمنى ئېغىر بېسىق تۇيغۇغا، بايىت تۇز كىسلاتاسى يېگەن ئادەمنى بولسا روھلانغان تۇيغۇغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دورىنىڭ سېھرى كۈچى، قانداقتۇر دورىنىڭ ئۆزىدە بولماستىن بەلكى دورا ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ قەلبىدىدۇر. »

2. ئارزۇ، نىشان ۋە غايە[تەھرىرلەش]

مەن 2010-يىلى 8-ئايدا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەزكۇر تېمىدا دوكلاد بەرگەندە، دوكلاتنىڭ تېمىسىنى «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دەپ ئالغان ئىدىم. مەزكۇر ماقالىنىڭ تېمىسىنى بولسا «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دەپ ئالدىم. تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مەن مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاش ئۈچۈن ناپولىيوننىڭ كىتابىنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. نەتىجىدە مۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم: ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش» دېگەن ئىبارىدە «ئارزۇلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىنگلىزچە سۆز «ۋىشېس» بىلەن «ئوي، خىيال، ئوي-پىكىر، ئىدىيە، تەپەككۈر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىنگلىزچە سۆز «تھوئۇغتس» نى ئىشلەتكەن. ئەگەر بۇ قانۇنىيەتكە مېنىڭ «نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن ماقالەمدا بايان قىلىنغان ئارزۇ، نىشان ۋە غايىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە قارايدىغان بولساق، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا كۆزدە تۇتقىنى «ئارزۇ» بولماستىن، «غايە» ئىكەن. مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى توغرا ۋە تولۇق ھەزىم قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئارزۇ، نىشان ۋە غايىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا پەرقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ناھايىتىمۇ زۆرۈر. شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ «نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ماقالىدىكى بۇ 3 ئۇقۇم ھەققىدىكى مەزمۇننى بۇ يەرگە ئەينەن كۆچۈرۈپ كىرگۇزۇپ قويدۇم. ئۇ ماقالىنى ئوقۇپ باققان قېرىنداشلار بۇ بۆلۈمنى ئوقۇماي، كېيىنكى بۆلۈمگە ئۆتۈپ كەتسە بولىۋېرىدۇ.

مەن بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم: گەرچە مەزكۇر ماقالە مېنىڭ بۇرۇنقى «نىشان» ۋە «غايە» توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالەم (ئەگەر بۇ ماقالىلەرنى تېخى ئوقۇمىغان بولسىڭىز، مەزكۇر ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئاشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ. ئۇلارنىڭ تور بەت ئادرېسلىرى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلدى) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئۇ ئىككى پارچە ماقالە مەزكۇر ماقالىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، ناپولىيوننىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىككى پارچە كىتابى 1928-يىلى بىلەن 1937-يىلى يېزىلغان. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، 1940-يىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان نىشان، غايە، لىدېرلىق، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماقالە-كىتابلارنىڭ كۆپۈنچىسى ناپولىيوننىڭ ئاشۇ ئىككى كىتابىدىكى ئىلمىي نەزەرىيىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ ئىلمىي نەزەرىيىلەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن. شۇڭلاشقا مەن بارلىق قېرىنداشلارغا مەزكۇر ماقالىنىمۇ ئاخىرغىچە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ «نىشان» توغرىسىدىكى ماقالەمدىن ئېلىنغان مەزمۇن:

ئارزۇ، غايە ۋە نىشان دېگەن سۆزلەرنى ھەممىمىز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن بۇ ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقنى ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇنداق بولغاچقا، مەن تۆۋەندە ئۇلارنىڭ پەرقى ئۈستىدە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتىمەن.

ئارزۇ: ئارزۇ دەگىنىمىز سىز ئېھتىياجلىق بولغان، ئۆزىڭىز ئىستەيدىغان، ياكى بىر كۈنى ئىگە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئەمما ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھازىرچە ھەقىقىي تۇردە بەل باغلىمىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارزۇلارنى تەپىپ چىقىش بىر ئەركىن تەپەككۈر قىلىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا سىز ئۇلارنى قانداق ۋە قاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە قىلچە ئويلانمىسىڭىزمۇ بولىۋەرىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ قانات چىقىرىپ ئۇچقۇم بار، مېنىڭ پالانى قىز بىلەن ياكى پۇكۈنى يىگىت بىلەن مۇھەببەت باغلىغىم بار، مېنىڭ 4 خىل چەت ئەل تىلىنى سۆزلىيەلەيدىغان بولغۇم بار، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىڭ كىشىلىك بىر شىركەت قۇرغۇم بار، مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار، مېنىڭ مىللەت تەقدىرىنى تۇپتىن ياخشىلىغىم بار، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئارزۇلارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بەزىلىرىنى بولسا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى بىر قەغەزگە يېزىپ تىزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ. سىز راستىنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدىغان بىر ئارزۇنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ياكى نىشانىغا ئايلاندۇرىسىڭىز بولىدۇ.

نىشان: نىشان دەگىنىمىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەتمەكچى بولغان، بىۋاستە ئۆزىڭىزنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا تۇرىدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ زېھىن-كۈچىنى مەركەزلەشتۇرگەن، مەزمۇنى كونكىرىت بولغان پەللىلەرنى كۆرسىتىدۇ. نىشاننى توغرا تىكلىگەندە، ئۇ چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىر كۈچلۇك قورالى بولالايدۇ. ئەمما ئۇنى توغرا تىكلىمىگەندە، چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتىشنى چەكلىمىلەرگە ئۇچرۇتۇپمۇ قويىدۇ. يەنى، ئەگەر سىز كىچىك-كىچىك نىشانلار ئىچىگە چوكۇپ كەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدىكى چوڭ رەسىملەرنى كۆرەلمەي، چوڭ يونىلىشنى مۇۋاپىق كونترول قىلالماي، ۋە ئاخىرقى پەللىنى توغرا تاللىيالماي قالىسىز. ئەڭ ئاخىرقى پەللە ياكى چوڭ نىشان بىلەن كىچىك-كىچىك نىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى غايەدىن ئىبارەتتۇر. مەن نىشان ھەققىدە ئۇشبۇ ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا يەنە مەخسۇس توختۇلىمەن.

غايە: غايە دىگىنىمىزمۇ بىر خىل پەللە بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئاخىرقى ياكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدىڭىز ياكى ئارزۇيىڭىزنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پەللىدىن ئىبارەتتۇر. غايە نىشانغا ئوخشاش ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ چوڭ بولسىمۇ، ھەمدە دەسلەپتە ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغاندەك بىلىنسىمۇ بولىۋەرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ نىشاندەك مەركەزلەشكەن ۋە كونكىرىت بولمىسىمۇ بولىۋەرىدۇ. بەزى غايىلەر سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ھاياتىڭىز بىلەن باغلانغان بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا سىزنىڭ بىر پۈتۈن ئومرىڭىزگە سۇزۇلغان بولىدۇ. غايە سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز، نىشان بولسا ئاشۇ مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سەپىرىڭىزنىڭ ئارلىقتىكى توختاش نۇقتىلىرىدۇر. غايە سىز نېمىنى ئىستەيدىغانلىقىڭىز ۋە ئۇنى نېمىشقا ئىستەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نىشانلار بولسا سىزنى ئاشۇ مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان پىلانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.


3. ئۆزىگە تارتىش ياكى غايىنى رېئاللاشتۇرۇش قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ خىيالى ياكى كىتابتەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش تۇغما تالانتىغا ئىگە. ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدە بىر مۇھىم خىيال ياكى بىر مۇھىم ئارزۇنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى كۆڭلىڭىزدە داۋاملىق ساقلاپ تۇرسىڭىز، سىزنىڭ مېڭىڭىز ئاشۇ خىيال بىلەن «ماگنىتلىشىدۇ». باشقىچىراق قىلىپ ئېيتساق، ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى بىر ماگنىتقا ئوخشايدۇ. سىز ئۇنى بىر ئېنىق مەقسەت بىلەن قوزغىغان ۋە تەلتۆكۈس تويۇندۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ماگنىت ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ئەكىلىشكە ئىنتىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە سىزنىڭ ماگنىتلاشقان كۆڭلىڭىز سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ۋە شارائىت قاتارلىقلارنى تارتىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. قىسقارتىپ ئەيتساق، سىز ئۆز زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋە كۆڭلىڭىزدە ساقلىغان بىر ئىدىيە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتتىكى ئوي ۋە ئىدىيىلەرنى تارتىپ كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە پۈككىنىڭىز بىر ئالاھىدە نەرسە بولسا، ئۇمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئويلىغان نەرسىڭىز سىزگە ھەقىقىي دۇنيادىكى رېئال نەرسە بولۇپ كېلىدۇ. يۇقىرىقىلار «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ ئەڭ ئاساسىي مەزمۇنىدۇر.

ئىنگلىزچىدە «لىكە ئاتتراكتس لىكە» دېگەن بىر ئىبارە بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى تارتىدۇ» دىن ئىبارەت. دۇنيادا بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر يەرگە بىر تال بۇغداي ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۇنىڭدىن 30 سانتىمېتىر يىراقلىققا بىر تال قوناق ئۇرۇقىنى تېرىسىڭىز، گەرچە ئۇلار ئوخشاش بىر يەردىن ئوزۇقلانغان بولسىمۇ، بۇغداي ئۇرۇقىدىن بىر تال بۇغداي، قوناق ئۇرۇقىدىن بىر تال قوناق ئۆسۈپ چىقىدۇ. يەنى، ئوخشاش بىر يەردە تۇرسىمۇ، بۇغداي ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى تارتىپ كېلىپ، بۇغداي بولۇپ ئۆسىدۇ. قوناقمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر تال بۇغداي ساپىقىنىڭ بىر شېخىدا بۇغداي، يەنە بىر شېخىدا بولسا ئارپا ئۆسۈپ قالمايدۇ. يەنى بۇ ئۆسۈملۈكلەر ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ قالمايدۇ.

ئىلاۋە: ئەگەر سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئادەملەرنى ئوبدان كۆزىتىپ باقسىڭىز، مۇنداق بىر ئىشنى بايقايسىز: ئەخمەق، سەمىمىيەتسىز، ئىچى قوتۇر، ئىپلاس ۋە رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەتىراپىغا يەنە شۇ ئەخمەق، سەمىمىيەتسىز، ئىچى قوتۇر، ئىپلاس ۋە رەزىل ئادەملەر توپلانغان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى كۆپۈنچە ھالدا يەنە شۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئادەملەر بولغان. ئادىل، مەرت، ياخشى خىسلەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ ئەتىراپىغا بولسا ئوخشاشلا ئادىل، مەرت، ياخشى خىسلەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەر توپلانغان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى كۆپۈنچە ھالدا يەنە شۇ ئۆزلىرى بىلەن بىر خىلدىكى ئادەملەر بولغان.

بۇ يەردە ھەر بىر ئادەم قەتئىي ئەستە تۇتمىسا بولمايدىغان بىر مۇھىم ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي تۇرۇپ، بىر نەرسىگە ئېرىشىدىغان ئىش يوق. بىر قىسىم نادان ياكى گۆدەك كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەي، «مەن بىر نەرسىنى ناھايىتى قاتتىق ئارزۇ قىلىۋەرسەم، ياكى خۇدادىن تىلەۋەرسەم، مەن ئۇنىڭغا بىر كۈنى چوقۇم ئېرىشەلەيمەن»، دەپ ئويلايدۇ. مەلۇم بىر نەرسىگە ئۆلگۈدەك ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، مەڭگۈ يۈز بەرمەيدىغان ئىشقا ئۈمىد باغلاپ تۇرۇپ قالىدۇ.

بىر نەرسىگە ئارزۇ قىلىش ياكى كېچە-كۈندۈز ئويلاش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ ئاندرۇ كارنىگى ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇنداق نادانمۇ؟ ناپولىيون خىل ئاشۇنداق بىر ئەخمىقانە ئىش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ 30 يىل ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانمۇ؟

ئارزۇ قىلغان نەرسىنىڭ ئۆزلىگىدىن رېئاللىققا ئايلىنىشى بىلەن بىر ئوينىڭ بىر رېئاللىقنىڭ نامايەندىسىگە ئايلىنىشى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور پەرق بار. بىر ئوي ياكى ئارزۇ يېڭىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن ۋاقىت بىلەن ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقىدا يۈز بەرمىسە بولمايدىغان بىر تالاي ئىشلار بار (مۇشۇ يەردە مېنىڭ «نىشان» ۋە «غايە» توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالەمنى ئەسلەپ بېقىڭ). بەزى ئادەملەر بىر نەرسىنى ئىنتايىن قاتتىق ئارزۇ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە كۈنى قايسى دەرىجىدە ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىماي ئۇخلىماي چۈش كۆرىدۇ، ياكى قۇرۇق خىيال قىلىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر بولسا بىر نەرسىنى ئىنتايىن قاتتىق ئارزۇ قىلىپ، قانداق قىلغاندا ئاشۇ نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختاۋسىز ئويلىنىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ. بۇ 2 خىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار.

ھەممە ئادەملەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن پۇل، بىر ياخشى خىزمەت ئورنى، نام-شۆھرەت ۋە يوقىرى ئىناۋەت قاتارلىق ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، كۆپۈنچە كىشىلەر ئارزۇ قىلىش باسقۇچىنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ. ئۆز ھاياتىدا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغان، ھەمدە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئارزۇلىرىنى بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بىر مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئېرىشكەن بايلىق ۋە ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دەسلىۋىدە ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسە توغرىسىدىكى بىر ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئىخچام كۆڭۈل مەنزىرىسى شەكلىدە باشلىنىدۇ. بۇ كۆڭۈل مەنزىرىسى چوڭايغاندا، ياكى ئۇ مەجبۇرى ھالدا ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالغان بىر خىيال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مانا شۇ نۇقتىدىن باشلاپ، ئادەم ئاشۇ كۆڭۈل مەنزىرىسىگە ماددىي جەھەتتىن ئېكۋىۋالېنت (تەڭداش) بولغان نەرسىگە تارتىلىدۇ، جەلب قىلىنىدۇ، ياكى يېتەكلىنىدۇ.

سىز ئىستەيدىغان نەرسە پۇل ياكى بىر ماشىنا بولسا، سىزنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز بىلەنلا ھەرگىزمۇ ئۇ پۇل يانچۇقىڭىزدا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، ياكى ئۇ ماشىنا ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ. سىز نۇرغۇن پۇل، بىر ماشىنا، ياكى باشقا بىر ماددىي نەرسىگە ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەندە، سىزنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلغان ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ئىشنى قىلىش قابىلىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەقىدىگە ئۆزىڭىزنى ئىشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكى توغرىسىدىكى بىر جانلىق تەسەۋۋۇرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندە، بۇ تەسەۋۋۇر سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا قاتتىق ئورناپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن باغلىنىدۇ، ۋە ئۇلار ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئاپتوماتىك ھالدا يىغىپ ماشىنا ئالىدىغان پۇلنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشىراق ئىدىيىلەرنى ئويلاپ چىقالايسىز. دېمەك، ئىستەكنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ كونكرېت نەرسىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەيدۇ. ئۇ پەقەت يېڭى ئىدىيە ۋە زۆرۈر پوزىتسىيەلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. سىز شۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيىسى بىلەن ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتكەندە، ئۆزىڭىزنىڭ خىيالى ئىچىدە ياشاش باسقۇچىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىش باسقۇچىغا ئۆتىسىز. ئاندىن سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز ئەمەس، سىز ئۆزىڭىز ھەرىكەت قوللىنىپ، كونكرېت ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىسىز.

4. ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدۇ؟[تەھرىرلەش]

ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «چەكسىز ئەقىل» ئۇقۇمى ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى مۇكەممەل چۈشىنىۋېلىش، مەزكۇر ماقالىنىڭ قالغان قىسمىنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن ناھايىتىمۇ زۆرۈر. شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ بۆلۈمدە ئاشۇ ئۇقۇم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم كېرەككى، ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى كام دېگەندىمۇ ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلىدىغان بىر دەرس بولالايدىغان ئىلىم بولۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇملارنى بىر قېتىم ئوقۇش بىلەنلا تولۇق چۈشىنىپ كېتىش بەزىدە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەزى ئۇقۇملار توغرىسىدىكى مەزمۇننى سەۋرچانلىق بىلەن بىر قانچە قېتىم ئوقۇشىنى، ئوقۇغاندا ئىشلىتىلگەن ھەر بىر سۆزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى سورايمەن.

ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئىككى خىل ئايرىم-ئايرىم فۇنكىسىيىنىڭ بىرلەشمىسى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىرى «چەكسىز ئەقىل»، يەنە بىرى بولسا «كائىنات ئادەت كۈچى». سىز كۆڭلىڭىزدە ساقلىغان بىر ئوي ئۆزى بىلەن ئېكۋىۋالېنت (تەڭداش) بولغان فىزىكىلىق نەرسىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. مۇشۇ جەرياندا كائىنات ئادەت كۈچى كۆڭلىڭىزنى ئاشۇنداق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، چەكسىز ئەقىل بولسا سىزنىڭ ئويىڭىزنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەمىنلەيدۇ.

مەن بۇ ماقالىنىڭ 1-قىسمىدا تىلغا ئەلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئاندرۇ ناپولىيونغا پۈتۈن زېھنىنى مۇۋەپپەقىيەت پەلسەپىسىنى قانداق قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى مەسىلىسىدىن قەتئىي ساقلىنىشنى ناھايىتى قاتتىق تاپىلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاندرۇ بۇ پەلسەپىنى ھەممە دىندىكىلەرنىڭ ئوخشاش يوسۇندا پايدىلىنىشىنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئۇنى بىرەر ئېتىقادقا باغلاپ قويغاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇ زامانلا نەچچىگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن. ئەمما، ناپولىيون «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر يەنىلا خىيالنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى مەلۇم بىر كۈچنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلگەن. شۇڭلاشقا ناپولىيون ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابىدىن كېيىن بەرگەن لېكسىيىلىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېنىق ۋە ئاشكارە چۈشەنچە بەرگەن.

(1) چەكسىز ئەقىل

ئىلىم-پەننىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلىشىچە، پۈتۈن كائىنات مۇنداق تۆت نەرسىدىن تۈزۈلگەن: ۋاقىت، بوشلۇق، ماددا، ۋە ئېنېرگىيە. شۇنداقلا يەر شارى، بەدىنىڭىزدىكى مىلياردلىغان ھۆجەيلەرنىڭ ھەر بىرى، ھەمدە جىسىملاردىكى ھەر بىر ئاتومدىنمۇ كىچىك بولغان زەررىچە قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ دەسلىۋىدە مەلۇم بىر شەكىلدىكى ئېنېرگىيە شەكلىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن. ئاسماندىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇزدىن تارتىپ ھەر بىر ئادەمگىچە بولغان ھەر بىر نەرسە ئېنېرگىيە بىلەن ماددىنىڭ بىرىكمىسى ئارقىلىق پەيدا بولغان.

ئىستەك دېگىنىمىز بىر تەپەككۈر ئىمپۇلسى (ئىلگىرى سۈرۈش كۈچى) بولۇپ، تەپەككۈر ئىمپۇلىسلىرى بولسا مەلۇم شەكىللەردىكى ئېنېرگىيىدىن ئىبارەتتۇر. سىز ئىستەكنىڭ تەپەككۈر ئىمپۇلسىدىن پايدىلىنىپ، بىر پۇل تېپىش جەريانىنى باشلىغاندا، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولغان «نەرسە» بىلەن تەبىئەت مۇشۇ يەر شارىنى، ھەمدە سىزنىڭ بەدىنىڭىز ۋە تەپەككۈر ئىمپۇلىسلىرى ئىش ئەلىپ بارىدىغان مېڭىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كائىناتتىكى ھەر بىر شەكىلدىكى جىسىملارنى بەرپا قىلىش ۋاقتىدا ئىشلەتكەن «نەرسە» لەر ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ. يەنى، ئېنېرگىيە بىلەن ماددا ئوخشاش نەرسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ شەكلىلا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. كائىناتتىكى ھەر بىر نەرسە بىلەن باشقا نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش «چەكسىز ئەقىل» دىن ئىبارەتتۇر.

(2) چەكسىز ئەقىل ۋە يوشۇرۇن ئاڭ

چەكسىز ئەقىلنى بىر يانفۇن سىستېمىسىغا ئوخشاش «سىستېما» دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ چاغدا يوشۇرۇن ئاڭ سىزنى ئاشۇ سىستېما بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان نەرسە بولىدۇ. يوشۇرۇن ئاڭ بۇنداق رولنى تۆۋەندىكى 3 خىل شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ:

--سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزغا نېمىنى تارتىپ ئەكەلمەكچى ئىكەنلىكىڭىز توغرىسىدىكى بىر ئىدىيىنى تارقاتقان ۋاقتىڭىزدا، يوشۇرۇن ئېڭىڭىز بىر «سىگنال تارقىتىش پونكىتى» بولىدۇ.

--چەكسىز ئەقىلدىن سىزگە قايتىپ كەلگەن ئىدىيىلەر ئۈچۈن، ئۇ سىزنىڭ «سىگنال قوبۇل قىلىش پونكىتى» ڭىز بولىدۇ.

--شۇنداقلا ئۇ سىزنىڭ يېڭى چارىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بارلىق ئۇچۇر ۋە ئىدىيىلىرىڭىزنى ساقلاپ بېرىدىغان ئۇچۇر ئىسكىلاتىڭىزمۇ بولىدۇ.

تۆۋەندە مەن يوشۇرۇن ئاڭنىڭ بۇ ئۈچ خىل رولىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

سىزنىڭ ئېڭىڭىز (ياكى ئاساسىي ئېڭىڭىز) ھەر خىل ئۇچۇرلارغا سىزنىڭ سىلاش، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش ۋە پۇراشتىن ئىبارەت بەش خىل سىزىمىڭىز ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى بىر قېتىم سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاساسىي ئېڭىڭىزگە كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزگىمۇ كىرىدىغان بولۇپ، يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇ ئۇچۇرلارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزمەيلا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ ساقلايدۇ. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى باھالىمايدۇ. ئۇلارنى ياخشى ۋە ناچار دېگەن، ياكى ئىجابىي ۋە سەلبىي دېگەن تۈرلەرگە ئايرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن قوبۇل قىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە، ئۇنىڭغا بىر ئىدىيىنى قاچىلىغان ۋاقىتتىكى سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزنىڭ دەرىجىسى بولۇپ، ئۇ ئىدىيىگە ھەمرا بولغان ھېسسىيات قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئىدىيىمۇ كۆزگە شۇنچە ئاسان چېلىقىدىغان ياكى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ شۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىدىغان بولىدۇ.

سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە بەرگەن ھەر قانداق تەكلىپ «ئاپتوماتىك تەكلىپ» («autosuggestion») دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ئائىت مەلۇم بىر نەرسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنى سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئويلاش ياكى ھەركەت قوللىنىش جەھەتتە ئاشۇنداق بىر ئۆزگىرىشنى ھاسىل قىلىشنى دەيدىغان بىر تەكلىپنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بۇ تەكلىپنى ئىجابىي ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ياكى ئىجادىي ھالدا كۆز ئالدىغا ئەكىلىش تەرىقىسىدە ئىچىڭىزدە قايتا-قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق، ئۇ يېڭى ئىستەك سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگۈزۈلگەن بىر نەرسىگە ئۆزگىرىپ، ئاپتوماتىك ھالدا چەكسىز ئەقىل سىستېمىسىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ تەپەككۈر دولقۇنىنى تارقىتىدىغان «تارقىتىش پونكىتى» ڭىز بولۇپ، ئاپتوماتىك-تەكلىپ بولسا سىزنىڭ «تارقىتىش پونكىتى» ڭىزنىڭ رولىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نەرسە بولىدۇ.

سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ «قوبۇل قىلىش پونكىتى» ڭىزمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ساقلىنىۋاتقان ئۇچۇر بىلەن ئىدىيىلەر بىر يەرگە كېلىپ، سىزنىڭ ئىجادىي تەپەككۈرىڭىزدا ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولۇپ قالغاندا، سىز يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى ئاشۇ ئوينى قوبۇل قىلىسىز. ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى سىزنىڭ ئاساسىي ئېڭىڭىز تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن ۋە ئۇنتۇلغان بولىدۇ. لېكىن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇچۇرلارنى ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان بولۇپ، ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ساقلاقلىق تۇرىدۇ. سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىر ئىدىيىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر سىگنال بەرگەندە، بۇ سىگنال سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى قوزغىتىپ، بىر يېڭى ئىدىيە بەرپا قىلىدۇ. بۇ يېڭى ئىدىيە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولىدۇ.

كۆڭلىڭىزدە پەيدا بولغان بەزى تۇيغۇلار سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ساقلىغان ئۇچۇرلاردىن كەلمەيدۇ. سىزنىڭ بەش سىزىمىڭىزدىنمۇ كەلمەيدۇ. بەلكى چەكسىز ئەقىلدىن كېلىدۇ. يەنى،

--ئىنسانلار مەلۇم بىر ئىدىيە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىپ، يېڭى ئىدىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندە، كۆڭۈل ۋە مېڭە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

--بىر ئىدىيە پەيدا قىلغان بۇ ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرى تەپەككۈر قىلغۇچىدىن سىرتقا قاراپ تارايدىغان دولقۇنلارنى تارقىتىدۇ. بۇ دولقۇن خۇددى بىر ئانتېننىدىن تارقالغان رادىئو دولقۇنلىرىغا ئوخشايدۇ.

--رادىئو دولقۇنلىرى ئېلېكتىر-ماگنىتلىق سپېكتر نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھەر ۋاقىت بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ۋە بىزنىڭ ئىچىمىزدە توختاۋسىز ئۇيان-بۇيان يۆتكىلىپلا تۇرىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، تەپەككۈر دولقۇنلىرىمۇ چەكسىز ئەقىلنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ۋە بىزنىڭ ئىچىمىزدە ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

--سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىلەن مېڭىڭىز پەيدا قىلغان ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرى مەلۇم بىر چاستوتا (ياكى دولقۇن ئۇزۇنلىقى) غا ئىگە بولىدۇ.

--باشقا بىر ئادەم چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق تارقاتقان ئىدىيىنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرىنىڭ چاستوتىسى سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىلەن مېڭىڭىز ئاشۇ ئىدىيىنى چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق قوبۇل قىلىدۇ.

--سىزنىڭ فىزىكىلىق مېڭىڭىز ئاشۇ دولقۇنلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئاشۇ دولقۇنلارغا يۈكلەنگەن ئىدىيە بىلەن ئۇچۇرلار سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ساقلىنىۋاتقان ئىدىيىلەرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ.

--سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ئىچىدە، ئەسلىدە بار بولغان ۋە سىرتتىن يېڭىدىن كىرگەن ئۇچۇر ۋە ئىدىيىلەر توختاۋسىز ھالدا ئۆز-ئارا باغلىنىپ ۋە گۇرۇپپىلىشىپ، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ئەسلىدە يوق بولغان يېڭى ئىدىيە ۋە چارىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىرتتىن كىرگەن نەرسىلەر تۇيغۇ، تەبىئىي خۇسۇسىيەت، گۇمان، ئاپىنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسى، ئالدىن تۇيغۇ، ئورتاقلىق، بىرىنچى تەسىر، بىر كۆرۈپلا ئۆچ بولۇپ قېلىش، ۋە بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىش قاتارلىقلار بولىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرىپ، كۆڭلىڭىزدە ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولۇپ قالغان ئۇچۇر سىز ئۈچۈن بىر نورمالسىز ئىشتەك تۇيغۇ بېرىپ، سىز ئۇ ئىدىيىنى نىمىشقا ئويلاپ تاپقانلىقىڭىزنى ئانچە چۈشىنەلمەي قالىسىز. ئۇ سىز بىلىدىغان ئىشلارغا ئاساسلانغان بىر لوگىكىلىق نەتىجە ئەمەستەك ھېسسىياتقا كېلىسىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ئىدىيە سىزنىڭ ئىدىيىڭىز ئەمەس بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۆز تەجرىبىڭىزلىرىدىن ياكى ئۆز كەچۈرمىشلىرىڭىزدىن كەلمىگەن. ئۇ ئەسلىدە چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق تارقىلىپ يۈرگەن تەپەككۈر دولقۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ چاستوتىسى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىلەن مېڭىڭىز پەيدا قىلغان ئېنېرگىيە ئىمپۇلىسلىرىنىڭكىگە توغۇرلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى ئۇچۇرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. سىزنىڭ ئاساسىي ئېڭىڭىز ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرگە مەركەزلەشكەندە، يوشۇرۇن ئېڭىڭىزگا سىرتتىن كىرگەن ئۇ ئىدىيە سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدا ۋال-ۋۇل قىلىپ پەيدا بولىدۇ.

(3) كائىنات ئادەت كۈچى

ناپولىيون ئۆزىنىڭ «ئويلاپ باي بولۇش» دېگەن كىتابىنى بېسىپ تارقىتىشتىن بۇرۇن «كائىنات ئادەت كۈچى» نى تەخى بايقىمىغان بولۇپ، ئۇنى كېيىن بايقاپ، ئۆز لېكسىيىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

كارنىگى سىرى، ياكى غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش قانۇنىيىتى كائىناتتىكى مەلۇم بىر كۈچنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۈنۈم بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىقتىن ئۈنۈم بېرىپ قالغان ئەمەس. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ھەرگىزمۇ بىر سىرلىق ياكى سېھرىي ئىشمۇ ئەمەس. بۇنىڭدا مۇتلەق رول ئوينىغىنى ئادەتتە «ئادەت كۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان كۈچتىن ئىبارەت.

كائىناتتىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي ئادىتى بار بولىدۇ. ھەر بىر جىسىم، ھەر بىر مەخلۇق ۋە ھەر بىر كۈچ باشقا بىر نەرسە كېلىپ ئۆزگەرتمىگىچە، ئۆزىنىڭ ئاشۇ تەبىئىي ئادىتى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسان كۆڭلىنىڭمۇ ئۆزگىچە تەبىئىي ئادىتى بار. ئۇ بولسىمۇ كۆڭۈلگە پۈككەن ھەر قانداق بىر ئوي ياكى ئىستەكنى ئۇنىڭ ماددىي نۇسخىسىغا، ياكى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش، بىر ئوينى بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

كانىئات ئادەت كۈچى بىر تەبىئەت قانۇنىيىتىدۇر. مەلۇم بىر قۆزغاتقۇچى كۈچ ھەر قېتىم، تەكرار ھالدا ئوخشاش بىر نەتىجىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندە، «ماۋۇ ئىش ئاۋۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ» دېگەن جەريان بىر تەبىئەت قانۇنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوينى ئەمەلىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇش كۆڭۈلنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ياكى كۆڭۈلنىڭ ئادىتىدۇر.

ناپولىيون 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەردىن نەچچە مىڭنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى بىلەن ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ ئىزچىل تۈردە بىر خىل بولغانلىقىنى بايقاپ، كۆڭۈلنىڭ ئۆزىگە پۈكۈلگەن بىر ئويغا كۆرسەتكەن ئىنكاسى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىقتىن يۈز بەرگەن بولماستىن، بەلكى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بىر تەبىئەت قانۇنىيىتى بويىچە نەتىجىلەنگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنگەن.

ئادەمدىن تۆۋەن تۇرىدىغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز «تەبىئىي پرىنسىپ» دەپ ئاتايدىغان كائىنات ئادەت كۈچىنىڭ بىۋاستە تەسىرى بىلەن ياشايدۇ، كۆپىيىدۇ، ۋە دۇنيالىق ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىدۇ. پەقەت ئىنسانلارغىلا تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ياشاش ئادىتى تەڭ ۋە ئۆز-ئارا باغلانغان ئاساستا ئاتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەتنى ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئويىنى ئۆزىڭىز تۇرغۇزۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىمتىيازىڭىزنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىقلا ئۆز تەقدىرىڭىزنى جاھاننى زىل-زىلگە سالىدىغان دەرىجىدە كونترول قىلالايسىز. سىزنىڭ ئويلىرىڭىز بىر ئېنىق شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ھامان، ئۇنى كانىئات ئادەت كۈچى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بىر مەڭگۇلۇق ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەت باشقا كۈچلۈكرەك ئوي شەكىللىرى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغىچە ئۆز پېتىچە ساقلىنىپ ماڭىدۇ.

كائىنات ئادەت كۈچى بىر تەبىئەت قانۇنىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىزنىڭ بىر ئادىتىڭىز كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندا ئۇ سىزنىڭ بىر تەبىئىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ئىدىيىلەرنى ئۆز كۆڭلىڭىزدە تەكرارلاۋېرىدىكەنسىز، ئۇلارنى كائىنات ئادەت كۈچى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇلارنى سىزنىڭ تەبىئىتىڭىزگە ئايلاندۇرىدۇ.

ئادەت سىزگە پايدىلىق ئۈنۈممۇ بېرىدۇ، زىيانلىق ئۈنۈممۇ بېرىدۇ. سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۆزىگە كەلگەن ھەر قانداق ئىدىيىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر كۆڭلىڭىز مەغلۇپ بولۇش ئەندىشىسى بىلەن تولغان بولسا، كۆڭلىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىغىنىمۇ دەل ئاشۇ مەغلۇبىيەت بولىدۇ. ئەمما سىز مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ ئويىنى ئۆزگەرتىپ، كۆڭلىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدىگە مەركەزلەشتۈرىدىكەنسىز، كۆڭلىڭىز سىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئادا قىلىش يولىدا تىرىشىدۇ. سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئۆزىگە مەيلى مەغلۇبىيەتنى تارتسۇن ياكى مۇۋەپپەقىيەتنى تارتسۇن، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئوينى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى سەۋەب كانىئات ئادەت كۈچىدىن ئىبارەتتۇر.

مەزكۇر بۆلۈمنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:

--ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ دېيىشىچە، سىز بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، سىز ئىستىگەن ۋە كۆڭلىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئۆزىڭىزگە تارتىسىز.

--كۆڭلىڭىزدىكى بىر ئوي ياكى ئىستەك ئۆزىڭىزگە سىز ئىستىگەن رېئال نەرسىنى تارتىپ ئەكىلىشتىكى سەۋەب، ئوي بىلەن رېئاللىق ئۆز-ئارا باغلانغان بولىدۇ.

--بۇنداق باغلىنىش چەكسىز ئەقىل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئۆز-ئارا باغلاپ تۇرىدىغان نەرسىمۇ دەل ئاشۇ چەكسىز ئەقىلدۇر.

--ھەر بىر ئىندىۋىدۇئال نەرسە ئېنېرگىيىنىڭ بىر خىل شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر ئۆز-ئارا باغلانغان بولىدۇ. ھەر بىر جىسىم، ھەر بىر مەخلۇق، ۋە ھەر بىر كۈچ ئوخشاش بىر نەرسە—ئېنېرگىيىنىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىسىدىنلا ئىبارەت.

--ھەر بىر ئىندىۋىدۇئال نەرسىنىڭ بىر ئۆزىگە خاس مايىللىقى، تەبىئىي ئادىتى ياكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھالىتى بولىدۇ. ھەر بىر مەخلۇق، جىسىم، ياكى كۈچ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئادىتى ياكى تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىش تۇتىدىغان بولۇپ، پەقەت باشقا بىر نەرسە كېلىپ ئۆزگەرتكەندىلا بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىدۇ.

--ئىنسان كۆڭلىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس تەبىئىي ئادىتى ياكى مايىللىقى بار. ئۇ بولسىمۇ ھەر قانداق بىر ئوي ياكى ئىستەكنى ئاشۇ ئوينىڭ فىزىكىلىق نۇسخىسىغا ئايلاندۇرۇش. بۇ مايىللىق كائىنات ئادەت كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ.

--ئىنسانلار ئۆز ئويىنى ئۆزى ئاڭلىق ھالدا ئۆزگەرتەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بويىچە ئىش تۇتىدىغان باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا كۆڭلىڭىزنى نېمىگە مەركەزلەشتۈرۈشنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلالايسىز. شۇ ئارقىلىق كائىنات ئادەت كۈچىدىن ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ھالدا پايدىلىنالايسىز.

قىسقىسى، سىز كۆڭلىڭىزگە قايسى ئىدىيىنى تۇرغۇزۇشنى ئۆزىڭىز كونترول قىلالايدىغان بولۇپ، كۆڭلىڭىزنىڭ تەبىئىي ئادىتى كۆڭلىڭىزدىكى ئاشۇ ئوينى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز بىر ئوينى ئاڭلىق ھالدا كۆڭلىڭىزگە پۈكىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا كۆڭلىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئاماللاردىن پايدىلىنىپ ئاشۇ ئوينى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

5. ئىستەك ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان[تەھرىرلەش]

خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلاپ چىققان ئىنتايىن ئېنىق ئىدىيە بولۇشتىن ئىبارەت. بۇنى ناپولىيون ئۆزىنىڭ 1-كىتابىدا «ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان» (ئىنگلىزچە «definite chief aim»)، دەپ ئاتاپ، ئىككىنچى كىتابىدا بولسا «ئىستەك» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابىدىكى 1-پرىنسىپ مانا مۇشۇ ئۇقۇمدىن ئىبارەت بولغان. «ئىستەك» دېگەن سۆز ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىنگلىزچە سۆز «desire» بولۇپ، يۇلغۇن لوغۇتىدە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئارزۇ، ئۈمىد، ئىستەك، تىلەك» دەپ ئېلىنغان. لېكىن، ئىنگلىزچىدە «ئارزۇ» ئۈچۈن «wish»، «ئۈمىد» ئۈچۈن «hope» ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى «desire» دېگەن سۆز پەقەت «ئىستەك» دېگەن مەنادىلا ئىشلىتىلگەن. بۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىدا ئوينايدىغان رولى بەك مۇھىم بولغاچقا، مەن بۇ يەردە ئازراق ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم.

(1) كەشپىياتچى بىلەن سەرگەردان

ناپولىيون ئۆزىنىڭ كىتابلىرىدا ئۆزى كۆرۈشكەن دانلىق شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ناھايىتى كۆپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئىستەك» ھەققىدىكى بايانىدا ئىشلەتكىنى دۇنياغا مەشھۇر كەشپىياتچى توماس ئېدىسون بىلەن بىر سەرگەردان ئېدۋىن بارنېس ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە بولغان. ئۇ مۇشۇ ھېكايە ئارقىلىق مۇنداق بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن: ئەگەر سىز مەلۇم بايلىق ياكى باشقا ماددىي نەرسىگە ئېرىشىش توغرىسىدىكى بىر خىيالىڭىزنى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىنتايىن ئېنىق مەقسەت، ئىزچىللىق ۋە كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك بىلەن بىرلەشتۈرسىڭىز، ئۇ خىيالىڭىز بىر ئەمەلىي نەرسىگە، بولۇپمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك نەرسىگە ئايلىنىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا، ئېدۋىن بارنېس ئىسىملىك بىر سەرگەردان توماس ئېدىسونغا شېرىك بولۇش نىيىتىگە كېلىپتۇ. لېكىن، ئۇ دەسلىپىدىلا مۇنداق ئىككى مەسىلىگە دۇچ كېلىپتۇ: بىرى، بارنېس توماس ئېدىسوننى تونۇمايدىكەن. يەنە بىرى بولسا، ئۇنىڭ پويىز بېلىتى ئېلىپ، توماس ئېدىسوننىڭ قېشىغا بارغىدەك پۇلى يوق ئىكەن. كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆز نىيىتىدىن يانغان بولاتتى. لېكىن بارنېس ئۇنداق قىلماپتۇ. ئۇ توماس ئېدىسوننىڭ شىركىتى جايلاشقان شەھەرگە يۈك پويىزىغا چۈشۈپ بېرىپتۇ. پويىزدىن چۈشكەندە، بارنېس بىر سەرگەردان تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىيالى بولسا بىر پادىشاھنىڭ تۈسىنى ئالغان—ئۇنىڭ ئىستىكى بىر ئادەتتىكى ئىستەك ئەمەس، بىر ئارزۇ ئەمەس، بىر ئۈمىدمۇ ئەمەس بولۇپ، ئۇ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان ئىدى. ئۇ بارلىقىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىيي ئىرادە باغلىغان.

بارنېس ئالدىن دىيىشىپ قويمايلا ئېدىسوننىڭ ئىشخانىسىغا كەلگەن. سېكرىتار ئۇنىڭدىن نېمىشقا كەلگەنلىكىنى سورىغاندا، بۇ ياش يىگىت ھېچ قانداق ئەيمىنمەستىنلا «مەن ئېدىسونغا شېرىك بولغىلى كەلدىم»، دەپ جاۋاب بەرگەن. بارنېس ئېدىسون بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر سائەت سۆزلەشكەن. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئېدىسوننىڭ زاۋۇتىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىش باشلىغان. يىللار ئۆتكەن. ئەمما بارنېس ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان نەرسىگە يېقىنمۇ كېلەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر ئىش توختىماي يۈز بېرىپ تۇرغان: ئۇ ئۆزىنىڭ ئېدىسونغا شېرىك بولۇش ئىستىكىنى كۈنسايىن كۈچەيتىپ ماڭغان. ئۆز ئىرادىسىدىن قىلچىمۇ يانماي، بىرەر پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن، ۋە ئۇنىڭغا تەييار بولۇپ تۇرغان. ئۇ ئۆزىگە: «بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ مەن پىلانىمنى ئۆزگەرتىپ، بىر مال ساتقۇچى بولۇپ سىناپ باقاي»، دېمىگەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، «مەن بۇ يەرگە ئېدىسونغا شېرىك بولۇش ئۈچۈن كەلدىم. مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۆمرۈمنىڭ قالگان قىسمى سەرپ بولسىمۇ بولسۇنكى، مەن چوقۇم ئۆز نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن»، دېگەن. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن. بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنى كۆڭۈلدە تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالىدىغان دەرىجىگە كەلگىچە كۆڭۈلدە ساقلاپ، ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلغاندا، ئادەم ھەقىقەتەنمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.

بارنېس ئېدىسونغا شېرىك بولۇش پۇرسىتىنى كۈتۈپ، ئېدىسوننىڭ زاۋۇتىدا جەمى 5 يىل تازىلىق ئىشچىسى بولغان. 1888-يىلى ئېدىسون بىر ئۈنئالغۇ ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغاندا، ئۇنىڭ شىركىتىدىكى بازارلاشقا مەسئۇل بولغان كىشىلەر «بۇ ماشىنا سېتىلمايدۇ»، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىغان. بارنېس بولسا «ئۇنى مەن ساتالايمەن»، دەپ ئويلاپ، بۇ خىيالىنى ئېدىسونغا ئېيتقان. ئېدىسون بولسا ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بېرىشنى قارار قىلغان. بارنېس ئۇ ماشىنىنى سېتىشتا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇ ماشىنىنى پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا سېتىش ۋە تارقىتىش مۇلازىمىتىنى بارنېسقا بەرگەن. شۇنداق قىلىپ بارنېس ئېدىسونغا ھەقىقەتەنمۇ شېرىك بولغان. شۇ ئارقىلىق «ئويلاپ باي بولۇش» قانۇنىيىتىنى بىر قەتىم ئىسپاتلىغان. ئۇ باي بولۇپ، 2-3 مىليون دوللار پۇلغا ئېرىشكەن بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى بۇ 2-3 مىليون پۇل سېتىۋېلىش قىممىتى جەھەتتە 21-ئەسىرنىڭ بەشىدىكى 60 مىليون دوللاردىن كۆپرەك پۇلغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە ئاشۇ پۇلدىنمۇ مۇھىمراق ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە، بارنېسنىڭ مۇنداق بىر ئىشنى ئىسپاتلىغىنىدىن ئىبارەت: ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقالغان، ئىنتايىن ئېنىق بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، بىر خىيالنى ئەمەلىي نەرسىگە ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ بىلىم تۆۋەندە تونۇشتۇرۇلىدىغان «ئىستەك ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان پرىنسىپى» دىن ئىبارەت.

(2) ئىستەك

سىز مەيلى بىر چوڭ نەرسىنى ئارزۇ قىلىڭ، ياكى بىر كىچىك نەرسىنى ئارزۇ قىلىڭ، ئۇنىڭ چوقۇم بىر ئاساسىي مەقسىتى بار بولۇپ، بۇ مەقسەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن ئېنىق ۋە كونكرېت بولىشى كېرەك. سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بىر كونكرېت نىشان بولىشى، بىر چوڭراق ئوبيېكتىپ بولىشى، ياكى سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر پەلسەپىۋىلىك ھېكمەتلىك سۆز بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۇنى بىر خىيالدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇنىڭ نامايەندىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چوقۇم ئىنتايىن ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك.

پىسخولوگىيىلىك پرىنسىپلار مۇنداق دەيدۇ:

بىرىنچى، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر ئىختىيارى ھەرىكىتىنى ئىنساننىڭ خىيالى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كونترول قىلىدۇ، ۋە يېتەكلەيدۇ. بۇنداق جەريان كۆڭۈلنىڭ رولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.

ئىككىنچى، سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا مەلۇم بىر خىيال ياكى ئىدىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر خىل ھېسسىياتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، سىزنى ئاشۇ ھېسسىياتنى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بەدەن ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا قىستايدۇ. بۇ ھەرىكەت سىزنىڭ خىيالىڭىزغا تەلتۆكۈس ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ.

بۇ پرىنسىپنى باشقىچىرەك بايان قىلساق، سىز بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتنى تاللاپ، ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىسىڭىز، ئاشۇ تاللاشنى قىلغان پەيتتىن باشلاپلا، بۇ مەقسەت سىزنىڭ ئېڭىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان خىيالغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەقىقىي ئەھۋاللارغا، ئۇچۇرلارغا، ۋە بىلىملەرگە سەزگۈر بولۇپ تۇرىسىز. سىز كۆڭلىڭىزگە بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنى ئورناتقان پەيتتىن باشلاپلا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى يىغىدۇ، ۋە ئۇلارنى ئۆزىدە ساقلايدۇ.

ئىستەك سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ئېنىق مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر. سىزنىڭ ئاساسىي ئىستىكىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقا ھېچ كىم بەلگىلەپ بەرمەيدۇ. ئۇنى سىز ئۆزىڭىز تاللىغان ھامان، ئۇ سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزغا ئايلىنىپ، ئۇ بىر رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغىچە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدۇ. باشقا بىر زىددىيەتلىك ئىستەك كۆڭلىڭىزگە كىرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئىستەك ئۆز ئورنىنى بوشاتمايدۇ.

ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىز ئۈچۈن بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننى تاللىمايدىكەنسىز، سىز ئۆز ئېنېرگىيىڭىز بىلەن ئۆز تەپەككۈرىڭىزنى ئىنتايىن كۆپ ئىشلارغا ۋە ھەر خىل يۆنىلىشلەرگە چېچىۋېتىپ، كۈچىڭىزنى بىر يەرگە يىغالمايسىز، ھەمدە قارارسىز ۋە ئاجىز ھالەتتە ياشايسىز. بۇ خۇددى بىر چوڭايتقۇچى ئەينەك ياكى لېنزغا ئوخشاش. سىز كۈن نۇرىنى ئاشۇنداق بىر ئەينەك بىلەن بىر نۇقتىغا ئىنتايىن كۈچلۈك ھالدا يىغىش ئارقىلىق، بىر پەننى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى تېشىۋېتەلەيسىز. ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنىڭ رولى ئەنە شۇ چوڭايتقۇچى ئەينەكنىڭكى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر سىز ئۇ ئەينەكنى ئېلىۋېتىپ، ئوخشاش مىقتاردىكى كۈن نۇرىنى ھېلىقى پەنگە بىرەر مىليون يىل چۈشۈرسىڭىزمۇ، ئۇنى ھەرگىز كۆيدۈرەلمەيسىز.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىشىڭىز، ھەمدە ئۇنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ھەر كۈنى كام دېگەندە بىر قېتىم كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر جايغا چاپلاپ قويۇشىڭىز كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئاساسى بار. يەنى، مۇشۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، بۇ مەقسەتنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىنتايىن قاتتىق ئورنىتىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بىر ئادەت ياكى بىر لاھىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىڭىزگە ئاشۇ مەقسەت ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، سىزنى ئاشۇ مەقسەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان نەرسىگە قەدەممۇ-دەقەم يېتەكلەيدىغان بىر ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

سىزنىڭ ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىنتايىن قاتتىق ئورنۇتالىشىڭىزنىڭ پىسخولوگىيىلىك پرىنسىپى «ئاپتوماتىك تەكلىب» تىن ئىبارەت. ئۇ سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتا بېرىدىغان تەكلىبتۇر. ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئىلىم-پەن تولۇق ئىسپاتلىغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئىنتايىن چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بىر ئىستەك سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىز بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ئۆزى بىلەن تويۇندۇرۇپ، كۆڭلىڭىزنى بىر ئىنتايىن كۈچلۈك ماگنىتقا ئايلاندۇرىدۇ. سىزنىڭ ئىستەيدىغىنىڭىز بىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن نەرسىلا بولىدىكەن، ماگنىتقا ئوخشاپ قالغان كۆڭلىڭىز سىز ئىستىگەن نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىدۇ. توماس ئېدىسون مانا شۇ پرىنسىپتىن بايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئورنىدىن ئامېرىكا ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن تارىختىكى ئەڭ داڭلىق كەشپىياتچى بولۇش ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن. بارنېسمۇ ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، بىر سەرگەرداندىن بىر چوڭ بايغا ئايلانغان. ئېيبرىخام لىنكولنمۇ ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسىدىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق پرېزىدېنتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.

ئىلاۋە: مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن ھاياتىمدا ئاساسىي رول ئوينىغان نەرسىمۇ دەل ئاشۇ ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن ئىبارەت.

يۇقۇرىدىكى ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، سىزگە مۇنداق بىر مىسال كۆرسىتەي. ئەگەر سىزنىڭ ئىستەيدىغىنىڭىز بىر يېڭى ئاپتوموبىل بولسا، سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر ئىستىكىڭىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇ ماشىنا سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئاشۇ ماشىنىغا بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستىكىڭىز بار بولىدىكەن، بۇ ئىستەك سىزنى ئاشۇ ماشىنىنى ئېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلغا ئېرىشىش يولىدا قوللىنىدىغان توغرا ھەرىكەتلەرگە يېتەكلەيدۇ.

(3) بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ 6 قەدەم-باسقۇچلىرى

ئەگەر سىزنىڭ بىر باي بولۇش ئىستىكىڭىز بولسا، ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 6 ئېنىق، ئەمەلىي قەدەم-باسقۇچلارنى بېسىشىڭىز كېرەك:

1-كۆڭلىڭىزدە سىز قانچىلىك پۇل ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ: مەسىلەن، 50 مىڭ دوللار.

2-سىز ئاشۇ پۇلنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىدىغانلىقانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ—بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئالىدىغان ئىش يوق.

3-ئاشۇ پۇلغا ئېرىشمەكچى بولغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىڭ.

4-سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىقىڭ. شۇنداقلا سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز بولسۇن-بولمىسۇن، شۇ زاماتلا ئىش باشلاڭ.

5-بىر ۋاراق قەغەزگە يۇقۇرىقى 4 نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئىخچام قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.

6-قەغەزگە يېزىلغان بۇ نەرسىنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن قوپقاندىن كېيىنلا بىر قېتىم، ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىڭ. سىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، سىز «ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشىمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، ئاشۇ پۇلغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ.

بۇ 6 قەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك» سىزگە ئىنتايىن زور ياردەم قىلالايدۇ. ئەگەر ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىش ئىستىكى سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى چىرمىۋالىدىكەن، سىزنىڭ ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئۆز-ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىشىڭىز ھەرگىز تەسكە توختىمايدۇ. سىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىڭىزغا يېتىش يولىدا تىرىشىشىڭىز، سىزنىڭ بىر ئادىتىڭىزگە ئايلانسۇن. سىز ئۇ ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلماڭ: ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇخلاڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاڭ، ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويلاڭ.

6. ئۆزىگە بولغان ئېتىقاد ۋە ئادەت قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

ئالدىنقى بۆلۈملەردە مەن مۇنداق ئۇقۇملارنى تونۇشتۇردۇم: سىز قايتا-قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قاتتىق ئورناتقان ھەر قانداق بىر ئىدىيە ئاپتوماتىك ھالدا بىر پىلان ياكى لاھىيىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر خىل كۆرۈنمەس كۈچ مۇشۇ لاھىيىدىن پايدىلىنىپ، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى ئاشۇ پىلاندىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرىلايدۇ. سىز ئۆزىڭىز تاللىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورنىتىشقا پايدىلىنىدىغان پرىنسىپ «ئاپتوماتىك تەكلىب»، دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ سىز ئۆزىڭىز ئۆز كۆڭلىڭىزگە بېرىدىغان تەكلىپتىن ئىبارەت.

خۇددى ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى زاۋۇت-كارخانىلاردىكى چاقلارنى چۆگىلىتىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مىڭلىغان-مىليونلىغان شەكىلدە خىزمەت قىلىدىغىنىغا، ياكى بولمىسا توغرا پايدىلانمىغاندا ھاياتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغىنىغا ئوخشاش، ئەگەر توغرا پايدىلانسىڭىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىمۇ سىزنى تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ ئېگىز چوققىلىرىغا چىقىرالايدۇ. شۇنداقلا، ئەگەر توغرا پايدىلىنالمىسىڭىز، ئۇ سىزنى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە كەمبەغەلچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئويمىنىغا چۈشۈرىۋېتەلەيدۇ. ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنىڭ بۇنداق رولى بىر ئىدىيىنى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئورنىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەن مەزكۇر بۆلۈمدە بىر ئىدىيىنى يوشۇرۇن ئاڭغا ئورنىتىشتا كام بولسا بولمايدىغان بىر قانچە ئېلېمېنتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

(1) ئېتىقاد بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش

ھازىرقى زاماندا كۆپۈنچە كىشىلەر «ئېتىقاد» دېگەن سۆزنى «دىنىي ئېتىقاد، دىنىي ئەقىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش مەنادا ئىشلىتىدۇ. لېكىن، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا بۇ سۆز «سىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ، قاراش، مۇتلەق ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئەقىدە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.

ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنىڭ بىر ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى چۈشىنىشتە، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى باياناتنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم: ئېتىقاد كۆڭۈلنىڭ بىر خىل ھالىتى بولۇپ، ئۇنى ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، يوشۇرۇن ئاڭغا تەكرار ئۆگىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تەكرار مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەرىكىتى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بۇيرۇق بەرگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىڭىزدە ئېتىقاد ھېسسىياتىنى ئۆزلىگىدىن يېتىلدۈرۈشنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان بىردىن-بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر.

سىزنىڭ ئەقىدىڭىز، ياكى ئېتىقادىڭىز، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىغان ئېلېمېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز ھەر قانداق بىر ئىستەكنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا «ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن تۇرغۇزغاندا، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ ئەمەلىي يوللاردىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئايلاندۇرىدۇ. يەنى، بۇنى باشقىچىرەك بايان قىلساق، سىز بىر ئىستەكنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئورناتقان ۋاقىتتا، ئۇنى چوقۇم «بۇ ئىستىكىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ»، دېگەن ئەقىدە ياكى ئېتىقاد بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ياكى ئۇ ئىستەكنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ئاشۇنداق بىر ئەقىدە ياكى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئورنىتىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، ئۇ ئىستەك ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ.

(2) «بىتەلەيلىك» نى كىشىلەر ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

دۇنيادا مىليونلىغان ئادەملەر باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر كەمبەغەل ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى، ياكى مەغلۇپ بولىشىنى «بىتەلەيلىك» ياكى «تەلەيسىزلىك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل غەلىتە كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغان، دەپ قارايدۇ. ھەمدە «ئۇنى بىز ئۆزىمىز كونترول قىلالمايمىز»، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ كۈلپىتى بىلەن نەس بەسىشىنى ئۇلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنى، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا «مەن بىر بىتەلەي ئادەم»، دېگەن سەلبىي قاراش ئورناپ كەتكەن بولۇپ، يوشۇرۇن ئاڭ بىر سەلبىي ماھىيەتلىك قاراشقا خۇددى بىر ئىجابىي ماھىيەتلىك قاراشقا ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئاشۇ سەلبىي تونۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان. ئەگەر سىز بىر سەلبىي ئىدىيىنى كاللىڭىزدا نۇرغۇن قېتىم تەكرارلاپ ئويلاۋېرىدىكەنسىز، يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇنى ئۆزىگە ئاخىرى قوبۇل قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەڭ ئەمەلىي قەدەم-باسقۇچلار بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىدۇ.

بىتەلەيلىك ئېڭىدىن ساقلىنىشتىن باشقا، سىز ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن بىر ئىشەنچ تۇرغۇزغاندا، ئۇنى چوقۇم يوشۇرۇن ئاڭ دەرىجىسىدە تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغان قابىلىيىتىگە نىسبەتەن كاللىڭىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسىمۇ ئازراقلا گۇماندا بولىدىكەنسىز، ياكى سىز يالغاندىن ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن بىر قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەنسىز، قىلماقچى بولغان ئىشىڭىز ھەرگىزمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

(3) ھېسسىيات بىلەن بىرلەشكەن تەپەككۈر

پەقەت ھېسسىياتلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئوي-خىياللارلا يۇشۇرۇن ئاڭغا ھەقىقىي تۈردە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەيپىيات ۋە ھېسسىيات تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھېسسىياتلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىنى ئوبدان بىلىۋېلىش ناھايىتى زۆرۈر. ئاساسلىق ھېسسىياتلاردىن 7 ئىجابىي ۋە 7 سەلبىي ھېسسىياتلار بار بولۇپ، سەلبىي ھېسسىياتلار سىزنىڭ خىيالىڭىزغا تەبىئىي ھالدا كىرىپ، سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە تايانمايلا توپ-توغرا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ بارىدۇ. ئىجابىي ھېسسىياتلارنى بولسا، سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، خۇددى ئوكۇل ئۇرغاندەك ئۆز كۆڭلىڭىزگە كىرگۈزمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇ ئىجابىي ھېسسىياتلار سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ بارالايدۇ.

بۇ ھېسسىياتلار، ياكى تۇيغۇ ئىمپۇلىسلىرى، خۇددى خېمىرغا سالىدىغان خېمىرتۇرۇچقا ئوخشاش بولۇپ، خىيال ئىمپۇلىسلىرىنى بىر پاسسىپ ھالەتتىن بىر ئاكتىپ ھالەتكە ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەت ئېلېمېنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھېسسىيات بىلەن ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەن خىيال ئىمپۇلىسلىرى «سوغاق سەۋەبلەر» تۈپەيلىدىن باشلانغان خىيال ئىمپۇلىسلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئاسان ئۈنۈم بېرىدۇ.

يەتتە ئاساسلىق ئىجابىي ھېسسىياتلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1-ئىستەك ھېسسىياتى

2-ئېتىقاد ھېسسىياتى

3-مۇھەببەت ھېسسىياتى

4-جىنسىي مۇناسىۋەت ھېسسىياتى

5-قىزغىنلىق ھېسسىياتى

6-رومانتىك ئىشلار ھېسسىياتى

7-ئۈمىد ھېسسىياتى

ئىجابىي ھېسسىياتلاردىن بۇلاردىن باشقىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ يەتتىسى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىجادىي تىرىشچانلىقتا كىشىلەر ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھېسسىياتلاردۇر.

يەتتە ئاساسلىق سەلبىي ھېسسىياتلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1-قورقۇش ھېسسىياتى

2-قىزغىنىش ھېسسىياتى

3-ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى

4-ئىنتىقام ئېلىش ھېسسىياتى

5-ئاچ كۆزلۈك (بېخىللىق) ھېسسىياتى

6-خۇراپاتلىق ھېسسىياتى

7-ئاغرىنىش ھېسسىياتى


ئىنسان كۆڭلىدە ئىجابىي ۋە سەلبىي ھېسسىياتلار بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ—چوقۇم ئۇلارنىڭ بىرسى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىجابىي ھېسسىياتنى كۆڭلىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇش سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز بولۇپ، بۇ ئىشتا ئادەت قانۇنىيىتى سىزگە زور دەرىجىدە ياردەم قىلالايدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆزىڭىزدە ئىجابىي ھېسسىياتلارنى قوللىنىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىز قەلبىڭىزنى ئىجابىي ھېسسىياتلار بىلەن تەلتۈكۈس تولدۇرۇپ، سەلبىي ھېسسىياتلارنى كۆڭلىڭىزگە زادىلا كىرەلمەس قىلىۋېتەلەيسىز. سىز مۇشۇ ئۇسۇلدىن ئەينەن ۋە داۋاملىق پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىيەلەيسىز. يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا بىرلا سەلبىي ھېسسىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئىجابىي ياردەملەرنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىۋېتەلەيدۇ.

قىسقىسى، سىزنىڭ خىياللىرىڭىزنىڭ ھېسسىيات ياكى تۇيغۇ قىسمى سىزنىڭ خىياللىرىڭىزغا جۇشقۇنلۇق، ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەت ئاتا قىلىدىغان نەرسە بولۇپ، ھېس-تۇيغۇ بېرىلگەن ۋە ئېتىقاد بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن خىياللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

ئىلاۋە: ئەگەر سىزنى ئونلىغان-يۈزلىگەن كىشىلەر قوللاپ ۋە ئالقىشلاپ، پەقەت بىرلا ئادەم سىزگە تۆھمەت چاپلاپ، ئادالەتسىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە زەربە بەرگەن بولسا، سىزگە قالغان ئونلىغان-يۈزلىگەن ئادەملەرنىڭ قىلغىنىغا قارىغاندا ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ قىلغىنى بەكراق تەسىر قىلىدۇ. بۇ تەسىرنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈنمۇ خېلە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، بىر سەلبىي ھېسسىيات بىلەن بىرلەشكەن خىيال سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا ھېچ قانداق توسالغۇ يوقلا ئۇدۇل يېتىپ بارىدىغانلىقىدۇر. ھازىرقى مىسالدا، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزگە كىرگەن خىيالغا ئۆچمەنلىك ۋە ئىنتىقام ئېلىش ھېسسىياتلىرى قوشۇلغان بولىدۇ.

(4) ھەر قانداق بىر تەپەككۈر ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەپەككۈرلەرنى تارتىدۇ

بىر باياناتنىڭ راس ياكى يالغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنى سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتا تەكرارلاپ دەۋېرىدىكەنسىز، سىز ئاخىرى ئۇنىڭغا «بۇ راس»، دەپ ئىشىنىدىغان بولۇپ قالىسىز. بىر يالغان گەپنى ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتىلاپ دەۋەرسىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ يالغانلىقىنى ئۇنتۇپ، ئۇنى راس، دەپ قوبۇل قىلىسىز. ھەتتا «ئۇ راس»، دەپ رەسمىي ئىشىنىسىز. سىزنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىڭىزنى سىز كۆڭلىڭىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا يول قويغان ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىياللار بەلگىلىگەن. سىز ئۆز كۆڭلىڭىزگە مەقسەتلىك ھالدا ئورناتقان، ئالقىشلاش تۇيغۇسى بىلەن مەدەت بەرگەن، ھەمدە بىر ياكى بىر قانچە ھېسسىياتلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر خىيال سىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭىز، ھەر بىر پائالىيىتىڭىز، ۋە ھەر بىر قىلىقىڭىزنى يېتەكلەيدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان قوزغاتقۇچ كۈچكە ئايلىنىدۇ.

ئىلاۋە: ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتلەر مەخسۇس لاھىيىلەنگەن رادىئو، تېلېۋىزور، ۋە گېزىت-يورنال تەشۋىقاتلىرى، مەخسۇس پىلانلانغان مەكتەپ تەربىيىسى ۋە سىياسىي ئۆگىنىشلەر، ۋە پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدىكى تەشۋىقاتلاردىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرگە پەقەت مەقسەتلىك ھالدا ئالدىن تاللانغان ئۇچۇرلارنىلا يەتكۈزۈپ، يۇقىرىدىكى قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، بېقىندا مىللەت خەلقلىرىنىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلايدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى مۇستەملىكە قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بېقىندا مىللەت خەلقلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارغا بولغان پۇزۇتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئەقىلگە تايىنىپ ئەمەس، ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان قىلىپ، ئۇلارنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدىغان ئادەملەرگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

تۆۋەندىكى جۈملە بىر ھەقىقەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەسۋىرىدۇر: ھېسسىياتلارنىڭ بىرسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىيال بىر ماگنىتلىق كۈچكە ئايلىنىپ، ئۆزىگە باشقا ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىياللارنى تارتىدۇ.

ھېسسىياتلارنىڭ بىرى بىلەن ماگنىتلاشتۇرۇلغان بىر خىيالنى بىر دانە ئۇرۇققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بۇ ئۇرۇقنى بىر مۇنبەت يەرگە تېرىسىڭىز، ئۇ بىخلىنىدۇ، چوڭىيىدۇ، ئاندىن قايتا-قايتا كۆپىيىدۇ. ئەسلىدىكى بىر دانە كىچىك ئۇرۇق ئوخشاش خىلدىكى سان-ساناقسىز، مىڭلىغان-مىليونلىغان دانچىلارغا ئايلىنىدۇ.

ئىنسان كۆڭلى ئۆزىدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان خىيالغا ماس كېلىدىغان باشقا خىيال ئىمپۇلىسلىرىنى توختاۋسىز ھالدا ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. سىز كۆڭلىڭىزدە ساقلاۋاتقان ھەر قانداق بىر خىيال، ئىدىيە، پىلان ۋە مەقسەت ئۆزىنىڭ باشقا تۇغقانلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. بۇ تۇغقانلىرىنى ئۆزىنىڭ كۈچىگە قوشۇپ، ئۆزلۈكسىز چوڭۇيۇپ، ئۇ ئەڭ ئاخىرى ئەسلىدىكى خىيالنى كۆڭلىدە ساقلىغان كىشىنىڭ ئاساسىي قوزغاتقۇچى كۈچىگە ئايلىنىدۇ.

ئۇنداقتا ئەسلىدىكى ئىدىيە، پىلان، ياكى مەقسەت ئۇرۇقىنى كۆڭلىڭىزگە قانداق ئورناتقىلى بولىدۇ؟ ئۇنى ئۆز ئىچىڭىزدە قايتا-قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىڭىزگە ئورناتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىنىڭ باياننامىسىنى ئېنىق يېزىپ چىقىپ، ئۇنى يادلىۋېلىپ، ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا يېتىپ بارغىچە ھەر كۈنى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك.

سىز كۆڭلىڭىزنى ئىگىلەپ تۇرۇشقا يول قويغان ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىيال سىزنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر سىز شۇنداق تاللاش قىلسىڭىز، سىز بۇرۇنقى يامان ئىشلار تۈپەيلىدىن كۆڭلىڭىزگە كىرىپ قالغان ناچار تەسىرلەرنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان بويىچە ئورۇنلاشتۇرالايسىز. مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىنى بىر قېتىم ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. بۇنى سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپى ئارقىلىق يېڭەلەيسىز، ھەمدە ئۇنى غەيرەت-جاسارەتكە ئايلاندۇرالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر قىسىم ئىجابىي خىيال ئىمپۇلىسلىرىنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى يادلىۋېلىڭ، ئاندىن ئۇلارنى بۇ خىياللار سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزنىڭ ئىش بېجىرىش قورالىغا ئايلانغىچە ئۆز ئىچىڭىزدە قايتا-قايتا تەكرارلاڭ.

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولغان كىشىلەر تۆۋەندىكى فورمۇلادىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزسا بولىدۇ.

(5) ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش فورمۇلاسى

1-مەن ئۆز ھاياتىمنىڭ ئىنتايىن ئېنىق مەقسىتىگە يەتەلەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن. شۇڭ ئۈچۈن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ھالدا ئەڭ ئاخىرغىچە ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمەن، ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىمەن.

2-مەن ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئويلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سىرتقا قارىتىلغان فىزىكىلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىنى ماددىي رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر كۈنى 30 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ خىيالىمنى بىر يەرگە يىغىپ، «مېنىڭ مۇنداق مۇنداق بىر ئادەم بولغۇم بار» دەپ ئارزۇ قىلىدىغان ئاشۇ ئادەمنى كۆز ئالدىمدا نامايان قىلىمەن. مۇشۇ ئارقىلىق مەن كۆڭلۈمدە بىر ئىنتايىن ئېنىق كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىمەن.

3-مەن ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپى ئارقىلىق كۆڭلۈمدە داۋاملىق ساقلىغان ئىستەكنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ مەقسىتىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي چارىلەرنى تاپالايدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر كۈنى 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزۈمدىن ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن.

4-مەن ئۆز ھاياتىمنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىنى ناھايىتى ئېنىق يېزىپ چىقتىم. مەن ئۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزۈمگە نىسبەتەن يېتەرلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ بولغىچە توختىماي تىرىشىمەن.

5-مەن ھەر قانداق بايلىق ياكى بىر خىزمەت ئورنىنىڭ پەقەت ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت ئۇستىگە قۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ تۇرالايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەقەت قىلغان ئىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىلا قىلىپ، باشقا ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمايمەن. مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈچلەرنى جەلب قىلىش، ۋە باشقا كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق غەلىبە قازىنىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىش روھىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ياردىمىنى قولغا كەلتۈرىمەن. مەن ئۆزۈمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزۈمدىكى ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق، شەخسىيەتچىلىك، ۋە كۆرەلمەسلىكنى يوقىتىمەن. چۈنكى مەن باشقىلارغا قارىتىلغان سەلبىي پوزىتسىيىنىڭ ئۆزۈمگە ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. مەن باشقىلارغىمۇ ۋە ئۆزۈمگىمۇ ئىشىنىمەن، شۇڭلاشقا باشقىلارنىمۇ ئۆزۈمگە ئىشەندۈرەلەيمەن.

6-مەن بۇ فورمۇلاغا ئىمزا قويۇپ، ھەمدە ئۇنى يادلىۋېلىپ، ئۇنى ھەر كۈنى بىر قېتىم تولۇق ئېتىقادىم بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇيمەن. شۇ ئارقىلىق مەن ئۇنىڭ تەدرىجى ھالدا مېنىڭ تەپەككۈرىمگە ۋە ئىش-ھەرىكىتىمگە تەسىر كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقىمەن.

(6) ئادەت قانۇنىيىتى

سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى كۆپ قېتىم تەكرارلىشىڭىزدىكى مەقسەت، ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ئاساسلىق ئويغا ئىشىنىشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇش. سىز بۇنى ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىيالىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىسىز.

سىز خەت يېزىشنى يېڭى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا، دەسلىۋىدە قەغەزدىكى ھەرپنىڭ ئۈستىگە شۇ ھەرپنى ئۇچۇقلاش تەرىقىسىدە يازىسىز. ئاندىن ئۇ ھەرپنى بىر نەچچە قۇر، ھەتتا بىر قانچە ۋاراق تەكرارلاپ يازىسىز. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ھەر قېتىم ئاشۇ بىر ھەرىپنى يازغاندا، ئۇنى ئوخشاش شەكىلدە يازىدىغان، ئۇنى بارغانسەرى ئاسان ۋە تېز يازىدىغان بولۇپ كېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ھەرىپنى يېزىش سىزنىڭ بىر ئادىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ.

ئادەت پرىنسىپى سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى فىزىكىلىق مۇسكۇللارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ھەر خىل ئىقتىدارلارنىمۇ شۇنداق تىزگىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان، ئۆزىدە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدۇر. ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەكرار-تەكرار دېگەن بىر بايانات، ياكى نۇرغۇن قېتىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەكرار دېيىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە پۈككەن بىر ئىستەك، ئەڭ ئاخىرىدا بەدىنىڭىزنىڭ سىرتقا قاراتقان فىزىكىلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى تەرىقىسىدە نامايان بولىدۇ.

ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئادەت بويىچە ئىش كۆرىدىغان جانلىقلار. ئادەت بولسا بىر تال تانىغا ئوخشاش بولۇپ، بىز ھەر كۈنى ئۇ تانىنى ئازراق-ئازراقتىن ئۆرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئۈزگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى بىر پىششىق نەرسىگە ئايلاندۇرىمىز.

ئادەت سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسى، ئىستىكى ۋە مايىللىقىغا قارىمۇ-قارشى كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ۋە خاراكتېرىڭىزنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، سىز ئۇنى ئىگىلىيەلەيسىز، ئىدارە قىلالايسىز، ھەمدە ئۆزىڭىزگە پايدىلىق تەرەپكە باشلىيالايسىز. مىڭلىغان كىشىلەر مۇشۇ بىلىمدىن پايدىلىنىپ، ئادەت كۈچىنى يېڭى يۆنىلىشكە باشلىغان.

ئادەت بىر خىل «روھىي يول» بولۇپ، سىز قوللانغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئاشۇ يولدا ماڭغىلى خەلە ئۇزۇن بولغان، ھەمدە ئۇ يولدا ھەر قېتىم ماڭغاندا ئۇنى تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كەڭرى قىلغان بولىدۇ. سىز بىر چېدىرلىق ياكى ئورمانلىقتا ماڭغاندا، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئەڭ ئوچۇق يولنى تاللاپ ماڭىسىز. ئادەمنىڭ روھىي ئىش-ھەرىكىتىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش—ئادەمنىڭ روھىي ئىش-ھەرىكىتىمۇ توسقۇنلۇق ئەڭ ئاز بولغان سىزىقنى ۋە ئەڭ ياخشى ئېچىلغان يولنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئادەت تەكرارلاش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدۇ، ھەمدە بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. كونا ئادەتنى بۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭغا قارشى بىر يېڭى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى كونا ئادەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش. سىز بىر يېڭى ئادەتنى تۇرغۇزۇپ، ياكى بىر يېڭى روھىي يولنى تاللاپ، ئۇنىڭدا ھەر قېتىم ماڭغاندا، سىز ئۇنى بارغانسەرى چوڭقۇرلاشتۇرىسىز ۋە كېڭەيتىسىز. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدا مېڭىش ناھايىتىمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق روھىي يول ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنى قانچىلىك تەكىتلىسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

(7) يېڭى ئادەت يەتىلدۈرۈش قائىدىلىرى

سىز تۆۋەندىكى قائىدىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىز ئىستەيدىغان يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيسىز:

1-يېڭى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئۆزىڭىزگە ناھايىتى كۈچلۈك مەجبۇرلاش كۈچى ۋە ناھايىتى يوقۇرى قىزغىنلىق ئىشلىتىڭ. تەپەككۈرىڭىزدىن كېلىپ چىققان ھېس-تۇيغۇلارنى بىلىپ تۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ھازىر ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر روھىي يول ئېچىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق قىلىش دەسلىۋىدە ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ، ئەمما تەدرىجى ھالدا ئاسانلىشىدۇ. دەسلىۋىدە ھەر بىر يولنى ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بېرىچە ئوچۇق ۋە چوڭقۇر ياساڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ يولدا كېيىنكى قېتىم ماڭغاندا سىز ئۇنى ئاسانلا كۆرەلەيسىز.

2-پۈتۈن زېھنىڭىزنى مۇشۇ يېڭى-يول ياساشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق كونا يوللارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىڭ. سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىڭىز پەقەت سىز ھازىر ياساۋاتقان يېڭى يوللا بولسۇن.

3-يېڭى ياسىغان يولىڭىزدا ئىمكانقەدەر كۆپرەك مېڭىڭ. تەلەي ۋە پۇرسەتلەرنىڭ ئۆزلىگىدىن كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، شۇنداق قىلىشقا ئۆزىڭىز پۇرسەت يارىتىڭ. يېڭى يولدا قانچە كۆپ ماڭسىڭىز، ئۇ يول شۇنچە بالدۇر ئاسانلىشىدۇ.

4-سىز بۇرۇندىن مېڭىپ كېلىۋاتقان كونا ۋە ئاسانراق يولدا مېڭىشقا بولغان قىزىقتۇرۇشقا پۈتۈنلەي قارشى تۇرۇڭ. سىز ھەر قېتىم ئاشۇنداق قىلغاندا، سىز تېخىمۇ ئىرادىلىك بولۇپ، سىزنىڭ كېيىنكى قېتىمدا كونا يولدا ماڭماسلىقىڭىز تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن، سىز كونا يولدا مېڭىش پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ، كونا يولدىن ۋاز كېچىشىڭىز بارغانسەرى قىيىنغا توختايدۇ. بۇ بىر ئىنتايىن ھالقىلىق پەيت بولۇپ، ئىشنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئۆزىڭىزنىڭ يۈكسەك جاسارىتى، بىر ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش روھى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىسپاتلاڭ.

5-سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بولالايدىغان توغرا يولنى تاللاپ چىقىشقا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ قانداق قورقماي ۋە ھېچ قانداق ئىككىلەنمەي تاللىغان يولىڭىزنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەڭ. ئۆز نىشانىڭىزنى ئوبدان تاللاپ، ئاندىن سىزنى ئاشۇ نىشانغا ئېلىپ بارىدىغان ياخشى، چوڭقۇر ۋە كەڭرى روھىي يولنى ياساپ چىقىڭ.

7. قىزغىنلىق، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

(1) قىزغىنلىق

قىزغىنلىق بىر خىل كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى باشقا ھېچ قانداق نەرسىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بار بولىدىكەن، سىزنىڭ ھازىر ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تەييارلىنىپ بولغان-بولمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، سىز ئاشۇ ئاساسىي نىشانىڭىزغا نىسبەتەن چوڭقۇر قىزغىنلىق يېتىلدۈرەلەيسىز. سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ناھايىتى يىراق بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز قەلبىڭىزدە قىزغىنلىق ئوتىنى تۇتاشتۇرسىڭىز، ھەمدە ئۇنى توختىتىپ قويماي كۆيدۈرۈپ تۇرسىڭىز، ھازىر سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇپ تۇرغان بارلىق توسالغۇلار خۇددى بىر سېھرى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغاندەكلا غايىپ بولۇپ، ئۆزىڭىز بۇرۇن ھېس قىلمىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.

قىزغىنلىقنىڭ قوزغۇتىشى بىلەن قەلبىڭىز بىر يوقىرى تەكرارلىقتا تىترىگەندە، بۇ تىترەشنى سىزنىڭ چۆرىڭىزدىكى بەلگىلىك بىر رادىئوس ئىچىدە تۇرغان كىشىلەر، بولۇپمۇ سىزگە يېقىن تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلى قوبۇل قىلىدۇ. سىز بىر ئادەم توپىغا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز تىڭشىغۇچىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ سۆزلىگۈچىنىڭ قەلبىگە ماسلاشقان ھالدا تىترەيدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەم بىلەن سودىلاشقاندا، بەزىدە بىر سودىدا كېلىشىشنىڭ «پىسخولوگىيىلىك پەيتى» يېتىپ كەلدى، دېگەننى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ چاغدا ساتقۇچىنىڭ قىزغىنلىقى ئالغۇچىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئالغۇچىنىڭ قەلبىنى ساتقۇچىنىڭكىگە مايىل كەلتۈرگەن.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننىڭ ياردىمى بىلەن، كۆڭلىڭىزگە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىنى ئورنىتىپ باقىدىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇرۇنقى كەچۈرمىش-تەسىراتلىرىڭىزغا دەرھاللا جان كىرىپ، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر سىز قەلبىڭىزگە بىر ئارزۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر ئورناتماقچى بولسىڭىز، ئۇنى چوقۇم مەرتلەرچە قىزغىنلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈڭ. چۈنكى، قىزغىنلىق ئارزۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئوغۇتتۇر.

(2) روھىي سېزىم تېلېپاتىيە قانۇنىيىتى

تېلېپاتىيە پرىنسىپى دېگىنىمىز بەلگە، سىمۋول ياكى ئاۋازنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپلا تەپەككۈرنى بىر قەلبدىن باشقا بىر قەلبگە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. روھىي سېزىم تېلېپاتىيىسى تۈپەيلىدىن، سىز پەقەت ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ۋاقىتتىلا، باشقىلارمۇ سىزگە ئىشىنىدۇ. باشقىلار ئۆزىنى سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزغا «تەڭشەپ»، سىز ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن قانداق تۇيغۇدا بولسىڭىز ئۇلارمۇ سىزگە نىسبەتەن سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدا بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىز توغرىسىدىكى ئويلىرىڭىزنى توختىماي سىرتقا تارقىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن بىر ئېتىقاد بولمايدىكەن، سىزنىڭ بۇ خىيالىڭىزنى باشقىلار قوبۇل قىلىپ، ئۇلارمۇ سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ.

(3) بىر ئوينى باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئەكس ئەتتۈرۈش

تەكلىپ بېرىش سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز ھەمدە سىزنىڭ كۆڭۈل ھالىتىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپى بولۇپ، ئۇ پىسخولوگىيىنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر ۋە ئەڭ كۈچلۈك پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى. سىز ئىش قىلغاندا، سۆزلىگەندە ۋە ئويلىغاندا ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىسىز. ئەمما، ئەگەر سىز سەلبىي تەكلىپ بىلەن ئىجابىي تەكلىپنىڭ پەرقىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز، سىز بۇ پرىنسىپتىن ئۆزىڭىزگە غەلىبە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشىڭىز مۇمكىن.

ئىنسانلارنىڭ قەلبى بىر كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ماشىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىلىك خاراكتېرلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ تاشقى تەكلىپ ياكى ئاپتوماتىك تەكلىپ ئارقىلىق ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن تەسىراتلارنى تەبىئەتكە ماسلاشتۇرغان ھالدا گۇرۇپپىغا ئايرىپ، سەلبىي تەسىراتلارنى مېڭىنىڭ بىر يېرىدە، ئىجابىي تەسىراتلارنى بولسا مېڭىنىڭ باشقا بىر يېرىدە ساقلايدۇ. بۇ تەسىراتلار ياكى بۇرۇنقى كەچۈرمىشلەرنىڭ بىرى ئەسلىمە پرىنسىپى ئارقىلىق ئاساسىي ئاڭغا چاقىرىپ كېلىنگەندە، ئاشۇ تەسىرات بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك باشقا بارلىق تەسىراتلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىدۇ. بۇ خۇددى زەنجىرنىڭ بىر ئۇچىنى كۆتۈرسە يەنە بىر ئۇچىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەنگە ئوخشاش. مەسىلەن، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى گۇمان تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بىر ئىش ئاشۇ ئادەمگە ئۆزىدە بۇرۇن گۇمان تۇغدۇرغان باشقا بارلىق كەچۈرمىشلەرنى ئەسلىتىدۇ. ئەگەر بىرسى سىزدىن پۇل سورىسا، شۇ زاماتلا يادىڭىزغا سىز بۇرۇن باشقىلارغا پۇل بېرىپ تۇرۇپ يولۇققان ناچار كەچۈرمىشلەر كېلىدۇ. بىرلىشىش قانۇنىيىتى (ئىنگلىزچە «Law of association») گە ئاساسەن، كۆڭۈلگە يېتىپ كەلگەن بارلىق ئوخشاش ھېسسىياتلار، كەچۈرمىشلەر، ۋە سېزىم تەسىراتلىرى مېڭىنىڭ بىر جايىدا ساقلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنى ئەسلىسىڭىز، كاللىڭىزدا ئۇلارنىڭ قالغانلىرىمۇ پەيدا بولىدۇ.

بۇ پرىنسىپ ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سېزىم تەسىراتىغا ماس كېلىدۇ ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىدۇ. مەسىلەن، قورقۇش تۇيغۇسىغا قاراپ باقايلى. بىز قورقۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھېسسىياتنىڭ ئاساسىي ئېڭىمىزغا يېتىپ كېلىشىگە يول قويىدىغان بولساق، بۇ ھېسسىيات ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بارلىق يىرگىنچلىك ھېسسىياتلارنى چاقىرىپ كېلىدۇ. كۆڭۈلدە مۇشۇنداق بىر قورقۇش ھېسسىياتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭدا بىر جۈرئەت تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چوقۇم بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇشى شەرت. ئۇلار ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولغاچقا، بىر-بىرى بىلەن بىللە تۇرالمايدۇ. ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىنى تارتىدۇ. ئاساسىي ئاڭدا تۇتۇپ تۇرغان ھەر بىر تەپەككۈر ئۆزىگە باشقا ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك تەپەككۈرلارنى تارتىدۇ.

(4) ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش

بۇ سۆزنى ناپولىيون ئىنگلىزچە self-control دەپ ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش» دىن ئىبارەت. لېكىن، مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنغا ئاساسلىنىپ، بۇ سۆزنى «ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش»، دەپ ئېلىشنى بەكراق مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئىنسانلارغا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار باشقا ھېچ قانداق جانلىقلارغا ئاتا قىلىنمىغان. يەنى، ئىنسانلارغا ھازىرغىچە بايقالغان، ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە رەتلەنگەن ئېنېرگىيە—تەپەككۈر ئېنېرگىيىسىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان. شۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇكى، تەپەككۈر مۇشۇ ماتېرىيال ۋە فىزىكىلىق نەرسىلەر دۇنياسى بىلەن ئىلاھىي (Divinity) دۇنيانى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ يېقىن باغلىنىشتۇر.

سىز ئويلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ ھەسسە مۇھىم بولغان ئۆزىڭىزنىڭ خىيال-تەپەككۈرىنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىش، ۋە ئۇلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە. بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى مۇۋاپىق سەۋىيىدە تۇرۇپ چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. سىزنىڭ مېڭىڭىز بىر دىنام ياكى گېنېراتورغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ «تەپەككۈر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىرلىق ئېنېرگىيىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئىشقا سالىدۇ. سىزنىڭ مېڭىڭىزنى ئىشقا سالىدىغان قوزغاتقۇچىدىن مۇنداق ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرى ئاپتوماتىك تەكلىپ، يەنە بىرى بولسا تەكلىپ. سىز بىر تەپەككۇرنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تاللىسىڭىز بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ «ئاپتوماتىك تەكلىپ» ياكى «ئۆز-ئۆزىگە بېرىلگەن تەكلىپ» دەپ ئاتىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىز بىر تەپەككۈرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ماتېرىيالنى باشقىلارنىڭ تاللاپ بېرىشىگە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ «تەكلىپ»، دەپ ئاتىلىدۇ.

ئادەمنى ئۇياتلاندۇرىدىغان بىر ئەمەلىيەت شۇكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەپەككۈرلەر باشقىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن. ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان تېخىمۇ بەكراق نومۇسلۇق ئىش شۇكى، كۆپۈنچىلىرىمىز ئاشۇنداق باشقىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن تەپەككۈرلەرنى ھېچ قانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي، ياكى ئۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە ھېچ قانداق گۇمانلانمايلا ئەينەن قوبۇل قىلىمىز. بىز كۈنلۈك گېزىتنى ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتەكلا ئوقۇيمىز. باشقىلارنىڭ غەيۋەتلىرىگە ۋە قۇرۇق گەپتانلىقىغا خۇددى ھەقىقەتكە ئىشەنگەندەك ئىشىنىمىز. تەپەككۈر بىز مۇتلەق ھالدا كونترول قىلالايدىغان بىردىن-بىر نەرسە تۇرۇقلۇقمۇ، بىز باشقىلارنىڭ ئۆز كۆڭۈل سارىيىمىزغا كىرىپ، «تەكلىپ بېرىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ يەرگە ئۆزلىرىنىڭ چاتاقلىرىنى، قىيىن ئەھۋاللىرىنى، كېلىشمەسلىكلىرىنى، ۋە يالغان سۆزلىرىنى ئەكىرىپ قويۇشىغا يول قويۇپ، خۇددى بىزنىڭ ئىشىكنى تاقاپ ئۇلارنى كىرگۈزمەسلىك قابىلىيىتىمىز يوقتەك بىر ئىشنى قىلىمىز.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىدىغان تەپەككۇرنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئاشۇ تەپەككۈر ئىجابىي تەپەككۈر بولىدىكەن، ئۇ سىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئۇ سەلبىي تەپەككۈر بولىدىكەن، ئۇ سىزنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش دېگىنىمىز ئۆزىنىڭ تەپەككۈرىنى باشقۇرۇش، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ جۈملىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا-قايتا ئوقۇڭ. چۈنكى، بۇ بىر جۈملە سۆز ماقالىنىڭ مەزكۇر بۆلۈمىدىكى ئەڭ مۇھىم جۈملە.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، قەلبىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئىجابىي، ئاكتىپ ۋە پايدىلىق تەپەككۈرلەرنى تۇرغۇزۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئاشۇ تەپەككۈرلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى سىزگە بىر پۈتكەن مەھسۇلات تەرىقىسىدە ئەكىلىپ بېرىدۇ. مانا بۇ تەپەككۇرنى باشقۇرۇشتۇر. سىز كۆڭلىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان تەپەككۇرنى مەقسەتلىك ھالدا تاللاپ، تاشقى تەكلىپلەرنى قەتئىي رەت قىلسىڭىز، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىدىن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغان بولىسىز. ئىنسانلار مانا مۇشۇنداق قىلالايدىغان بىردىن-بىر جانلىقلاردۇر.

(5) تەنقىتكە ئۇچراشتىن قورقۇش يېڭى ئىدىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ

سىز مەلۇم بىر چوڭ ئىشنى قىلىش ھەققىدە يېڭى ئىدىيىگە كەلگەندە، كۆڭلىڭىزدە «باشقىلار بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغاندۇ؟» دېگەن ئەندىشە پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزىدە سىز ئۇ ئىشنى قىلماسلىققا باھانە ئىزدەيسىز. ئوبدان تەھلىل قىلىپ باقسىڭىز، سىزدە پەيدا بولغىنى تەنقىتتىن قورقۇش ھېسسىياتى بولۇپ، ئۇ كۆڭلىڭىزدىكى مۇنداق سوئاللار ئارقىلىق ئەكس ئېتىدۇ:

--سەن ئۇنى قىلالمايسەن.

--بۇ ئىش بەك چوڭ بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ.

--بۇ ئىشقا تۇغقانلار قانداق قارار؟

--بۇ ئىشنى قىلىپ بولغىچە سەن جېنىڭنى قانداق باقارسەن؟

--بۇ ئىشنى بۇرۇن باشقىلار قىلىپ باقمىغان، ئۇنى سەن قىلالايسەن، دەپ ئوتتۇرىغا چىقساڭ بولارمۇ؟

--بۇنداق چوڭ نىشاننى تاللايدىغانغا سەن كىمتىڭ؟

--ئۆزەڭنىڭ بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما.

--سەن بۇ ئىش توغرىسىدا قانچىلىك نەرسە بىلەتتىڭ؟

--كىشىلەر سېنى «ساراڭ بولۇپ قاپتۇ»، دېيىشى مۇمكىن.

--بۇ ئىشنى بۇرۇن باشقىلار نەمە ئۈچۈن قىلمىغان؟

كۆڭلىڭىزدە مۇشۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولۇپ، بىردىنلا پۈتۈن دۇنيا ئۆز دىققىتىنى سىزگە بۇراپ، سىزنى مازاك قىلىپ، سىزنى ئۆز ئىستىكىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، كاللىڭىزدىكى يېڭى ئىدىيە تېخى تولۇق تۇغۇلۇپ بولالمىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىر ئىنتايىن ئېنىق پىلان تۈزۈش ئارقىلىق، بۇ ئىدىيىگە ھاياتلىق ئاتا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر ئىدىيىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ۋاقىت دەل ئاشۇ ئىدىيە يېڭىدىن تۇغۇلغان ۋاقىتتۇر. ئۇ بىر مىنۇت ھايات تۇرالايدىكەن، ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يوقىرى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ئىدىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان نەرسە تەنقىدكە بولغان ئەندىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەم تەنقىدكە ئۇچراشتىن قورقىدىكەن، بىر ئىدىيىنى پىلان تۈزۈش ۋە ئىش ئېلىپ بېرىش باسقۇچىغا ئېلىپ بارالمايدۇ.

ئۆز نىشانىغا يېتىشكە ئىشەنچىسى بار كىشىلەر «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇلار ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەتكىمۇ تەن بەرمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە چوقۇم ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىر پىلانى ئۈنۈم بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا دەرھال باشقا بىر يېڭى پىلاننى دەسسىتىدۇ. ھەر بىر مەلۇم قىممەتكە ئىگە نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن بۇرۇن مەلۇم دەرىجىدىكى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. توماس ئېدىسون 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلەپ، ئاندىن ئۆزى ئىجات قىلغان ئۈنئالغۇ ماشىنىسىغا «مەرى خانىمنىڭ بىر پاخلانى بارتى» دېگەن ئاۋازنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدۇرغان.

(5) قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش

سىز ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك يەنە بىر سۆز «قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت. ھەر بىر نەتىجە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئېلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىرەر ئىشنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش خۇددى تەبىئەت بىلەن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە ۋە ئەڭ ئالىجاناپ شەكىلدە سودىلاشقان بىلەن ئوخشاش. تەبىئەتنى گوللىغىلى ۋە ئالدىغىلى بولمايدۇ. سىز پەقەت تەبىئەتكە تېگىشلىك بەدەل تۆلىگەندىلا، ئۇ ئاندىن سىزگە ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىنى بېرىدۇ. بۇ يەردىكى بەدەل توختاۋسىز، ئېگىلمەس، ۋە قەتئىي رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇلغان تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت.

قىلىۋاتقان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ 4 ئاددىي قەدەم-باسقۇچلىرى بار. ئۇلار سىزدىن ناھايىتى كۆپ ئەقىل ۋە ئالاھىدە ئۇنۋان تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، سىزدىن پەقەت ئازراق ۋاقىت بىلەن ئازراق تىرىشچانلىقلا تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قەدەم-باسقۇچلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەت بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستەككە ئىگە بولۇش.

2-توختاۋسىز قوللىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ئىنتايىن ئېنىق پىلانى بار بولۇش.

3-تۇغقانلارنىڭ، دوستارنىڭ ۋە تونۇشلارنىڭ سەلبىي تەكلىپلىرىنى، ۋە باشقا بارلىق سەلبىي ۋە سوغۇق سۇ چېچىش خاراكتېرىدىكى تەسىرلەرنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان ئىرادىگە ئىگە بولۇش.

4-ئۆز پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە داۋاملىق مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان بىر ياكى بىر قانچە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بار بولۇش.

بىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلەردە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان بىرەر سىرلىق قابىلىيەت بار بولامدۇ؟ بىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلىك سۈپەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مەلۇم شەكىلدىكى روھىي، مەنىۋىي، ياكى خىمىيىلىك ھەرىكەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىزگە بەزى تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچلەرنى ئاتا قىلامدۇ؟ ناپولىيوننىڭ خەنري فورد بىلەن توماس ئېدىسون ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئانالىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان نەرسە، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىدىنلا ئىبارەت. ئەگەر سىز پەيغەمبەرلەر، پەيلاسوپلار ۋە دىنىي لىدېرلار ئۈستىدە ئادىل تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولسىڭىز، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، تىرىشچانلىقنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ۋە ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتكە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى ئىكەن، دېگەن مۇقەررەر خۇلاسىگە كېلىسىز.

8. تەسەۋۋۇر ۋە چەكسىز ئەقىل[تەھرىرلەش]

تەسەۋۋۇر ئادەم قەلبىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بولۇپ، ئۇ يەردە كونا ئىدىيىلەر ۋە جەزملەشكەن پاكىتلار قايتىدىن تۈرلەرگە ئايرىۋېلىنىدۇ، ۋە ئۇلار يېڭى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشقا سېلىنىدۇ. سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىياللارمۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدا قوراشتۇرىلىدۇ ۋە بىرلەشتۈرۈلىدۇ. سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى، يېڭى ئىدىيلىرىڭىزنى، ۋە لىدېرلىقىڭىزنىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىسىز. سىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئىشقا سېلىپ، ئېنىق نىشان، ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچ، يېڭى ئىدىيە ۋە لىدېرلىق قابىلىيىتى قاتارلىق زۆرۈر بولغان سۈپەتلەرنى بەرپا قىلىسىز. خۇددى بىر قۇشقاچنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى تۇخۇمدىكى مىكرو ئورگانىزمدىن باشلىنىدىغىنىغا ئوخشاش، سىزنىڭ ماددىي نەتىجىلىرىڭىزمۇ سىز ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان، ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلانىڭىزدىن تەرەققىي قىلىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ. تەسەۋۋۇر ئەڭ ئاۋال پەيدا بولىدۇ. ئاندىن ئۇ تەسەۋۋۇر ئىدىيە ۋە پىلانغا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ پىلانلار رېئاللاشتۇرىلىدۇ. بۇ جەريان سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن باشلىنىدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، سىز تەسەۋۋۇر قىلالىغان ھەر قانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.

ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. ئۇنىڭ بىرى «ياسالما تەسەۋۋۇر» (ئىنگلىزچەsynthetic imagination) بولۇپ، يەنە بىرى بولسا «ئىجادچان تەسەۋۋۇر» (ئىنگلىزچە creative imagination) دىن ئىبارەت.

(1) ياسالما تەسەۋۋۇر

مۇشۇ قابىلىيەتتىن پايدىلىنىپ، سىز كونا ئۇقۇم، كونا ئىدىيە ۋە كونا پىلانلارنى يېڭى بىرىكمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرىسىز. ياسالما تەسەۋۋۇر بۇرۇنقى كەچۈرمىش، بىلىم ۋە كۆزەتمە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئىجادچان كىشىلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ياسالما تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى ئىدىيىلەرنى ئويلاپ چىقىدۇ. سىز ياسالما تەسەۋۋۇرىڭىزدىن پايدىلىنىپ، كاللىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى ياخشى رەتلەپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، شۇ ئارقىلىق بىر ئىدىيە ياكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلنى ئويلاپ چىقىسىز. بۇ يەردىكى «ياساش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇۋاپىق ياكى مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى توغرا ئۇسۇل بىلەن بىر يەرگە ئەكىلىپ قۇراشتۇرۇش، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىجاتچانلىقنىڭ دەرىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالىملار، ئاشپەزلەر، كەشپىياتچىلار، رېمونتچىلار، يازغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، شىركەت باشلىقلىرى، ھەمدە باشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرغاندا قىلىدىغان ئىشى دەل ئاشۇ «ياساش» تىن ئىبارەتتۇر.

(2) ئىجادچان تەسەۋۋۇر

ئىنسانلارنىڭ چەكلىك قەلبى چەكسىز ئەقىل بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشتا، يېڭى ھېس-تۇيغۇ ۋە يېڭى ئىلھاملارغا ئېرىشىشتە پايدىلىنىدىغان قابىلىيەت ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت. سىز ئىجادچان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدە ھازىرغىچە يوق بولغان، ئەمما ئاقىۋىتى توغرا بولۇپ چىقىدىغان يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى تاپىسىز. سىز بىر يېڭى خىيال ياكى يېڭى ئىلھامغا تەسسادىپىي ئىگە بولغاندا، ئاشۇ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىسىز. ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار بۇرۇن تېخى بايقالمىغان نەرسىلەرنى بايقاش ياكى بەرپا قىلىشتا پايدىلىنىدىغان قابىلىيەتمۇ دەل ئاشۇ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.

ئىنسان كۆڭلى ئىجادچان تەسەۋۋۇر ئارقىلىق چەكسىز ئەقىل بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بولغاچقا، تەسەۋۋۇر ئۇقۇمى كارنىگىنىڭ سىرى بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىنىڭ تەتقىقاتىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى بەزى جايلاردا «ئىجادچان تەسەۋۋۇر» نىڭ ئورنىدا «ئىجادچان تەپەككۈر» (ئىنگلىزچە creative thought) مۇ ئىشلىتىلگەن.

(3) ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

كارخانا، سانائەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇلۇغ لىدېرلىرى، ھەمدە ئۇلۇغ ئارتىسلار، مۇزىكانتلار، شائىرلار ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ بولالىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئىجادىي تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىدۇر.

ئوتتۇراھال كىشىلەر كۆرۈش، ئاڭلاش، تۇيۇش، پۇراش ۋە تېتىشتىن ئىبارەت 5 خىل فىزىكىلىق سېزىمنىڭ ياردىمى ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر نەرسىگە دۇچ كەلگەن ھامان، ئۇ نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاڭقىرالمايدۇ. چەكسىز ئەقىل بۇ 5 خىل سېزىم ئارقىلىق ئىش كۆرمەيدىغان بولۇپ، سىز ئاشۇ 5 تۈرلۈك تۇيغۇ ئارقىلىق چەكسىز ئەقىلنىڭ ياردىمىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەيسىز. چەكسىز ئەقىلنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن پايدىلىنىشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئىجادچان تەپەككۇرنى ئىشقا سېلىشتىن ئىبارەت.

ئىنسانلارنىڭ 6-سېزىمى ئۇلارنىڭ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت. ئۇ ئىنسانلارنىڭ چەكلىك كۆڭلى بىلەن چەكسىز ئەقىلنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئالاقە لىنىيىسى بولۇپ، كەشپىيات ساھەسىدىكى ئاساسىي ياكى يېڭى پرىنسىپلىق ئاشكارىلىنىش ۋە بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ئىجادچان تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئۇقۇم، ۋە يېڭى تۇيغۇ تۆۋەندىكى 4 مەنبەنىڭ بىرسىدىن كېلىدۇ:

1-باشقا بىر ئادەمنىڭ بىلىپ تۇرۇپ سىزگە ئاشكارىلىشى.

2-سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىز. ئۇ سىزنىڭ 5 خىل سېزىمىڭىز ئارقىلىق مېڭىڭىزگە يېتىپ كەلگەن ھەممە ئوي ۋە تەسىراتلارنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

3-باشقا بىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ ئىسكىلاتى.

4-چەكسىز ئەقىل.

ناپولىيوننىڭ قارىشىچە «مۆجىزە» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلالمايدۇ. تەبىئەت ئۆزىنىڭ جەزملەشكەن قانۇنىيەتلىرىدىن ھەرگىزمۇ چەتنەپ كەتمەيدۇ. ئەمما، تەبىئەتنىڭ بەزى قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئۇلار خۇددى بىر «مۆجىزە» دەك كۆرىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجادچان تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت 6-سېزىمىنى مانا ئاشۇنداق مۆجىزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر نەرسە، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەرگىزمۇ موجىزىگە تايانماي، چەكسىز ئەقىلنىڭ سىزنى تەبىئىي يوللار ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يېتەكلىشىگە تايىنىڭ. ھەرگىزمۇ «چەكسىز ئەقىل مەن نىشانلىغان نەرسىنى ماڭا ئەكىلىپ بېرىدۇ»، دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۇنىڭ ئورنىغا، «چەكسىز ئەقىل مېنى ئۆزەم تىكلىگەن نىشانغا يېتەكلەپ ماڭىدۇ»، دەپ ئويلاڭ.

ئىجادچان تەپەككۈر سىزدىن ھەر ۋاقىت «مەن ئۆز غايەمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن»، دېگەن ئويدا بولۇشنى، ئۆز غايىڭىزنى توغرا يول ۋە توغرا تەرتىپ بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن ئۆزىڭىزدە كۈچلۈك ئېتىقاد ۋە تولۇق ئىشەنچ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئاڭلىق ۋۇجۇدىڭىزنىڭ سىرتىدا باشلانغان ئامىللارغا شۇنچە سەزگۈر بولىدۇ، ھەمدە ئۇ ئامىللارنى قانچە ئاسان قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ. شۇنداقلا سىز بۇ ئىجادىي قابىلىيىتىڭىزنى قانچە كۆپ ئىشلەتسىڭىز، يېڭى تەپەككۈر ۋە يېڭى ئىدىيە يارىتىشتا سىز ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ تايىنىدىغان بولىسىز. بۇ قابىلىيەتنى سىز پەقەت ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئارقىلىقلا يېتىلدۈرەلەيسىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايسىز.

ئىلاۋە: بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى» دېگەن ئىسىم بىلەن 2 قىسىم قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى ئالما تور كىتابخانىسى https://web.archive.org/web/20130712054654/http://book/. alma. cn دىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

9. مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىجادىي كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش[تەھرىرلەش]

«مەركەزلەشتۈرۈش» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە concentration دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، «ئىداجىي كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش» بولسا ئىنگلىزچە creative visualization دەپ ئاتىلىدۇ. مەركەزلەشتۈرۈش دېگەن سۆز ناپولىيوننىڭ كىتابىدا «بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى بىلەن ۋاستىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنى رەسمىي ئىشقا سالغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، زېھىن ۋە ئىش-پائالىيەتنى ئاشۇ ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. زېھىن ۋە ئىش-پائالىيەتنى مەلۇم بىر ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈشتە مۇنداق ئىككى قانۇنىيەت مۇھىم رول ئوينايدۇ: بىرى ئاپتوماتىك تەكلىب قانۇنىيىتى، يەنە بىرى بولسا ئادەت قانۇنىيىتى.

ئادەت مۇھىتنىڭ ئىچىدە يېتىلىدۇ. ئۇ سىزنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تۇيۇشتىن ئىبارەت 5 سېزىمىڭىز ئارقىلىق سىزگە تەسىر كۆرسەتكەن ھەممە مەنبەلەر ئارقىلىق، ئوخشاش ئىشنى ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتا-قايتا قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش خىيالنى قايتا-قايتىلاپ تەكرار قىلىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قەلبى مەلۇم بىر ئىدىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇھىتتىن يىغىدۇ. ئادەت بۇ ئىدىيىنى بىر مۇقىم قۇرۇلما شەكلىدە ئۇيۇتۇپ، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىچىگە تۈرگە ئايرىپ ئەكىرىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىدىيە سىزنىڭ مىجەزىڭىزنىڭ كام بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە جىمجىت ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزنىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە ئاغما كۆز-قاراشلىرىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ پىكرىڭىزنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىتنى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، مۇھىت سىزنىڭ كاللىڭىزغا كىرىدىغان ئۇزۇقنى تەمىنلەيدىغان مەنىۋىي ماكاندىن ئىبارەتتۇر.

(1) «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىدىن بىر ئۈزۈندە

مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-بۆلۈمىدە تىلغا ئالغان «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىنى ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇن ئۇ ماقالىدىكىدىن جىق ئەتراپلىق ۋە تولۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ماقالىدىكى ئەقىدە بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇن يۇقىرىدىكى ئادەت بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر ئاز كېڭەيتىپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇ ماقالىنىڭ ئەقىدە بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى قىسمىنى بۇ يەرگە بىر نەقىل شەكلىدە قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. تۆۋەندىكىسى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ماقالىنىڭ بىر قىسمى:

ئەمدى بىز قايتا ئەسلەپ كۆرەيلى، ئەقىدە دېگەن نېمە؟ ئەقىدە بولسا ئالدىن تەشكىللەپ قويۇلغان، بىزنى ئۆز – ئۆزىمىز بىلەن ئالماشتۇرۇش قىلىشقا ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتەكلەيدىغان بىر خىل ھېس – تۇيغۇ ئۇسۇلىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا، ئەقىدە قەيەردىن كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولسا، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسى ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ؟ ئەگەر بىز مۇۋەپپەقىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەقىدىلەرگە تەقلىد قىلماقچى بولساق، ئۇ چاغدا ئالدى بىلەن ئاشۇ خىل ئەقىدىلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇنلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

بىرىنچى كېلىش مەنبىيى مۇھىتتۇر. قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، دەيدىغان گەپ بار. بۇ رەھىمسىز ئەمەلىيەتلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھەقىقەتتۇر. تۇرمۇشتىكى ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان نەرسە پەرىشانلىق ۋە بېسىمغا ئۇچراش تۇيغۇسى ئەمەس، ئادەملەر بۇلارنى تامامەن يېڭىپ كېتەلەيدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەقىقى قورقۇنچلۇق نەرسە بولسا مۇھىتنىڭ ئەقىدە ۋە ئارزۇغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىزنىڭ ئۆز ئەتراپىڭىزدا كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت بولغان بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان ئىچكى تەسەۋۋۇرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىڭىز ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. ئالدىنقى بىر بابتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى توختاۋسىز ھالدا تەقلىد قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر سىز باي ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ناھايىتى ئاسانلا بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە تەقلىد قىلىسىز. ئەگەر سىز نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزدە ناھايىتى ئاسانلا نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش ئەقىدىسى شەكىللىنىدۇ. ئالبىرىت ئېينىشتېيىن مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتقا ئوخشىمايدىغان نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇئىرىغا قويالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز چىقىدۇ. كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇنداق نۇقتىنەزەرلەرنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.


[بۇ يەردىكى ئىككى ئابزاس مەزمۇن قىسقارتىلدى. ]

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىنجامىن بىراند دېگەن كىشى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۈز نەپەر ياش تەنھەرىكەتچى، مۇزىكانت ۋە ئالىمغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا بۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ باشتىن باشلاپلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەسلىكىنى بايقىغان. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگەنلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ تالانت ئالامىتى پەقەت ئۇلاردا مەن تالانت ئىگىسى بولالايمەن دەيدىغان ئەقىدە پەيدا بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن نامايان بولغان ئىكەن.

مۇھىت بەلكىم ئەقىدىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوزغاتقۇچىسى بولۇش مۇمكىن، لېكىن، ئۇ ئەقىدىنىڭ بىردىن-بىر قوزغاتقۇچىسى ئەمەس، ئەگەر ئۇ بىر دىنبىر قوزغاتقۇچ بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز مەڭگۈ ئۆزگەرمەس مۇھىت ئىچىدە ياشىغان بولاتتۇق. باي بالىلار پەقەت باي مۇھىتنىلا بىلگەن، نامرات بالىلار بولسا پەقەت نامراتلىقنىلا بىلگەن بولاتتى. ئەكسىچە، باشقا خىل كەچۈرمىش ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىلىرىمۇ ئەقىدىنىڭ كېلىش مەنبىيى بولالايدۇ.

تۇرمۇشتىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدە پەيدا قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدا، بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. جون ف كىننىدى قەستكە ئۇچرىغان شۇ كۈننى ئەسلىيەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كۈنى قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بىلەلەيسىز. نۇرغۇن ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى مەڭگۈگە ئۆزگەرگەن بىر كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاشلا، كۆپ قىسىم ئادەملەر مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان كەچۈرمىشلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كەچۈرمىشلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دەل مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەقىدىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

مەن 13 ياش ۋاقتىمدىلا ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلاندىم. ھەم تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى بولۇشنى قارار قىلدىم. مەلۇم بىر كۈنى، مەن گېزىتتىن خوخاد كىسارنىڭ مەلۇم بىر كىتابخانىدا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابلىرىنى ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن مەن، ئەگەر مەن تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى يازغۇچىسى ياكى تەنتەربىيە پروگراممىسى دىكتورى بولۇشنى ئويلايدىكەنمە، ئالدى بىلەن چوقۇم زىيارەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ھەم ئىشنى مۇشۇ يەردىنلا باشلاشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، كىچىك ئۈنئالغۇدىن بىرنى ئارىيەت ئالدىم، ئاپام مېنى پىكاۋى بىلەن ھېلىقى كىتابخانىغا ئاپىرىپ قويدى. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، كىسار ئەپەندىم كېتىشكە تەمشىلىپ تۇرغان ئىكەن. مەن بىر ئاز قورقتۇم. بىر توپ مۇخبىرلار ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن توختىماي سوئال سوراۋاتاتتى. مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ، بىر قانچە مۇخبىرلارنىڭ قولتۇقلىرى ئاستىدىن ئۆتۈپ كىسار ئەپەندىمنىڭ ئالدىغا باردىم. مەن دەرھال ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ئاددىيغىنا ئۈنئالغۇ زىيارىتى قىلغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ھېلىقى بىر توپ مۇخبىرلارنى توختىتىپ قويۇپ، ماڭا شەخسەن زىيارەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇ كەچۈرمىش مېنىڭ ئەقىدەمنى ئۆزگەرتتى، ماڭا نېمىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشتا كىملەرگە يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقى ۋە ئۆزۈم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئىنتىلىشنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى. كېيىن مەن كىسار ئەپەندىمنىڭ شۇ قېتىملىق ئىلھاملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن، مەلۇم بىر گېزىتكە توختىماي ماقالە ئەۋەتتىم. بۇ مېنى مۇشۇ ساھەدە ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشكە ئىگە قىلدى.

(2) مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى

ناپولىيون مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك شەكىلدە مۇناسىۋەتلىك بولغان پرىنسىپلارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سېھرىي ئاچقۇچى» دەپ ئاتىغان. بۇرۇنقى كىشىلەر مۇشۇ سېھرىي ئاچقۇچنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ مەخپىي ئىشىكىنى ئاچقان. ھەمدە بۇرۇنقى بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە تالانتلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئاچقۇچنىڭ سېھرىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېتىلدۈرۈلگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ مۇقىم ئادەت ۋە ئەمەلىيەتتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم بىر نەرسىنى تەلتۆكۈس چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ بولغىچە، كۆڭلىڭىزنى ئاشۇ نەرسىگە يىغىپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز دىققىتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى مەلۇم بىر مەسىلىگە ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغىچە مەركەزلەشتۈرۈپ تۇرۇش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىز تاشلىۋېتىشنى ئىستەيدىغان ئادەتلەرنىڭ تەسىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇش ئىقتىدارىڭىز بىلەن يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش كۈچ-قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەلتۆكۈس تىزگىنلەش قابىلىيىتىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز سىزنىڭ ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ئويلاش ئىقتىدارىنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-تەپەككۇرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتكە توغرىلاش ئىقتىدارىنى، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىملىرىنى بىر ساغلام ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت پىلانى قىلىپ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىستىكىڭىزگە مەركەزلەشتۈرۈشتە، ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ۋە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى زىچ باغلانغان باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدىمۇ باش قاتۇرۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرمەكچى بولغان ئاساسىي نەرسىنى تاماملىشىڭىز كېرەك. چوڭ پىلان (ئىنگلىزچە ambition) بىلەن ئىستەك ئوڭۇشلۇق مەركەزلەشتۈرۈش جەريانىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشتە كام بولسا بولمايدىغان ئىككى ئاساسىي ئامىلدۇر. بۇ ئامىللار بولمايدىكەن، سېھرىي ئاچقۇچمۇ ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بۇ ئاچقۇچتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىشىدىكى سەۋەب، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ چوڭ پىلانى يوق بولۇپ، ھاياتىدا بىرەر ئالاھىدە نەرسىنىمۇ ئىستىمەيدۇ.

سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلالايدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىستەك قىلىپ تاللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدىكەن، مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سېھرىي ئاچقۇچ ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ. نۇرغۇن ئالىم ۋە پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، تىلاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈچى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.

ئىنسانلار بەرپا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن ئىستەك ئارقىلىق تەسەۋۋۇردا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغان.

مەركەزلەشتۈرۈش سېھرىي ئاچقۇچىدىن پايدىلىنىشتا، سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزدىكى گۇمانىي قاراش ۋە ئىشەنمەسلىكنى پۈتۈنلەي يوقىتىشىڭىز كېرەك. ھازىرغىچە بۇ ئاچقۇچتىن ئوڭۇشلۇق پايدىلىنالىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسىدە بولغانلاردىن بىرسىمۇ يوق.

تۆۋەندە بىز بۇ سېھرىي ئاچقۇچنى بىر مۇقىم فورمۇلا ئارقىلىق سىناپ باقايلى. سىزنىڭ غايىڭىز بىر داڭلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولۇش، دەپ پەرەز قىلايلى. ئۇنداقتا سىز بىر ۋاراق قەغەزگە تۆۋەندىكى ۋەدىنى يېزىڭ:

مېنىڭ بىر ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغۇم بار. چۈنكى مەن شۇ ئارقىلىق دۇنياغا زۆرۈر بولغان خىزمەتلەردىن بىرىنى قىلىپ بېرەلەيمەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق مەن ئۆز تۇرمۇشۇمغا زۆرۈر بولغان ماددىي نەرسىلەرگە ئىگە بولالايدىغان ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشەلەيمەن.

مەن ئۆز كۆڭلۈمنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 10 مىنۇت، ۋە ئەتىگىنى ئورنۇمدىن ئەمدىلا تۇرغاندا 10 مىنۇت مۇشۇ ئىستەككە مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تېپىپ چىقىمەن.

مەن ئۆزەمنىڭ بىر ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئىنتايىن جەلب قىلارلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭلاشقا مەن ھەر قانداق نەرسىنىڭ مېنىڭ مۇشۇ يولدىكى تىرىشچانلىقىمغا دەخلى قىلىشىغا يول قويمايمەن. ئىمزا:________

سىز مۇشۇ ۋەدىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا دېيىلگەن بويىچە ئىش تۇتۇڭ. ھەمدە سىز ئىستىگەن نەتىجىگە ئېرىشىپ بولغىچە ھەرگىزمۇ بوشۇشۇپ قالماڭ.

سىز مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بىر يىل، ئۈچ يىل، بەش يىل، ۋە ھەتتا ئون يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالغا نەزەر سېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغاندىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ. ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىق كىرىمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆز ئالدىڭىزغا ئەكىلىڭ. سىز نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىم بىلەن ئالغان ئۆيىڭىزدە تۇرغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. سىزنىڭ نۇتۇقلارنى ئىنتايىن ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق بىر تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەمگە ئايلانغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، مۇشۇنداق بىر كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ناھايىتى ئېنىق سىزىپ چىقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىستەكنىڭ بىر گۈزەل سۈرىتىگە ئايلىنىدۇ.

سىز مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ قانداق قىلىپ بىر سېھرىي ئاچقۇچلۇق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئاچقۇچ سىزگە بىر سىرلىق ساندۇقنىڭ ئىچىدە يېتىپ كەلمىگەنلىكى، ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈنلا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تۆۋەن چاغلاپ سالماڭ. بارلىق ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرقى ئانالىزدا ئاددىي نەرسىلەرگە، ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر بولالمايدۇ.

بۇ سېھرىي ئاچقۇچنى ئاقىلانە ئىشلىتىڭ. ئۇنى پەقەت قىممىتى بار مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىلا ئىشلىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزگە بەخت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئادا قىلىدۇ.

بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى ۋە بۇرۇن ئۇچرىغان مەغلۇبىيەتلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ئۆتۈپ كەتكەن زامانلاردا ياشاشنى توختىتىڭ، چۈنكى ئۇ زامانلار ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ. سىزنىڭ بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىڭىز سىزگە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسا، ئىشنى قايتىدىن باشلاپ، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقتىڭىزنى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى بىلەن تولغان مەزگىلگە ئايلاندۇرۇڭ. چوڭ پىلان، ئۇلۇغ ئىستەك ۋە مەركەزلەشتۈرۈلگەن تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئۇلۇغ نام يارىتىڭ، ھەمدە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى كۆرسىتىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، بۇ ئىشلارنى چوقۇم قىلالايسىز.

(3) مەركەزلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىش

مەزكۇر ماقالىنىڭ 3-بۆلۈمىدە «بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالتە قەدەم-باسقۇچلىرى» تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. يەنى،

بىر ئىستەكنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئالتە قەدەم-باسقۇچى:

1-كۆڭلىڭىزدە سىز قانچىلىك پۇل ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ: مەسىلەن، 50 مىڭ دوللار.

2-سىز ئاشۇ پۇلنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ—بۇ دۇنيادا ھېچنىمە بەرمەي، پەقەتلا ئالىدىغان ئىش يوق.

3-ئاشۇ پۇلغا ئېرىشمەكچى بولغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىڭ.

4-سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىقىڭ. شۇنداقلا سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز بولسۇن-بولمىسۇن، شۇ زاماتلا ئىش باشلاڭ.

5-بىر ۋاراق قەغەزگە يۇقىرىقى 4 نەرسىنى ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئىخچام قىلىپ يېزىپ چىقىڭ.

6-قەغەزگە يېزىلغان بۇ نەرسىنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن قوپقاندىن كېيىنلا بىر قېتىم، ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىڭ. سىز ئۇنى ئوقۇۋاتقاندا، سىز «ئاشۇ پۇلغا چوقۇم ئېرىشىمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ، ئاشۇ پۇلغا ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ.

ئەگەر بۇ كۆرسەتمىلەرنى ھازىرقى پرىنسىپ بىلەن بىرلەشتۈرسەك، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىسىغا كېلىمىز:

1) باشقىلارنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغان بىر جىمجىت يەرگە بېرىڭ. كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، سىز يىغماقچى بولغان پۇل ھەققىدىكى يازما باياناتنى ئۆزىڭىز ئاڭلىيالىغۇدەك ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا-قايتا ئوقۇڭ (ئىلاۋە: ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ كۆپۈنچە جايلىرىدا پۇل تېپىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلگەن. ناپولىيوننىڭ ئىككىنچى كىتابى 1937-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاشۇ زامانلاردا كۆپۈنچە كىشىلەر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى ئاشۇ ئادەم تاپقان پۇل بىلەن ئۆلچىگەن ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەھۋالىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار غەربلىكلەردەك ئاند جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەردەك پۇل تېپىش ۋە بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەردىن بۇ يەردىكى مەزمۇنلاردىن جانلىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن). ئاشۇ پۇلنى يىغىپ بولىدىغان ۋاقىتنى، ھەمدە ئۇ پۇلنى سىز قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق تاپىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەڭ. مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلگەن يول بويىچە ئىش ئېلىپ بارغاندا، سىز ئاشۇ پۇلغا ئېرىشىپ بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇڭ.

2) سىز ئۆزىڭىز يىغماقچى بولغان ئاشۇ پۇلنى ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدا كۆرەلەيدىغان بولغىچە، يۇقىرىدىكى 1-قەدەمنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى بىلەن ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر قېتىمدىن تەكرارلاڭ.

3) سىز بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىلغان پىلانىڭىزنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ھەر كۈنى كەچتە كۆرەلەيدىغان بىر يەرگە قويۇپ قويۇڭ، ھەمدە ئۇنى ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئوقۇپ، ئۇنى تولۇق يادلىۋېلىڭ.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز يۇقىرىدىكى تەلىم بويىچە ئىش كۆرگەندە سىزنىڭ قىلغىنىڭىز ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى ئىشقا سېلىش بولىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بۇيرۇق بېرىشتىن ئىبارەت. سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا بىر تەلەپنى يوللىغاندا، ئۇ تەلەپ مەلۇم ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشكەن چاغدىلا سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز ئۇنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەقىدە بولسا بارلىق ھېسسىياتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان بىرىدۇر.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلار دەسلىۋىدە ناھايىتى ئابستراكت بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن. بۇ سىزگە دەخلى قىلمىسۇن. ئۇ ئىشلار قانچىلىك ئابستراكت ياكى ئەمەلىيەتكە قانچىلىك ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇيۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى قىلىۋېرىڭ. ئەگەر سىز روھىي ۋە ھەرىكەت جەھەتنىڭ ھەر ئىككىسىدە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، بىردەمدىلا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بىر يېڭى ھاياتىي كۈچ پەيدا بولىدۇ.

بارلىق يېڭى ئىدىيىلەرگە قارىتا گومانخورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خاراكتېرى. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى كۆرسەتمە بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، سىزنىڭ گۇمانىڭىزنىڭ ئورنىنى بىر ئەقىدە ئىگىلەپ، ئۇ ئەقىدە بىر مۇتلەق ئېتىقات بولۇپ ئۇيۇيدۇ.

نۇرغۇن پەيلاسوپلار «ئادەم ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەقدىرىنىڭ خوجايىنى»، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇلار نىمىشقا شۇنداق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن. بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ مۇھىتىغا خوجايىن بولالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىي جەريانى ئاپتوماتىك تەكلىب ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. مانا بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىش پرىنسىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، قالغان پرىنسىپلار بولسا ئاپتوماتىك تەكلىب پرىنسىپىنى قوللۇنۇشتىكى قوراللاردىنلا ئىبارەت، خالاس.

10. باش كۆڭۈل قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

ناپولىيون خىل تۇنجى قېتىم ئاندرۇ كارنىگى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئاندرۇنىڭ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى سىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ئادنرۇ ئۇنىڭغا ئۆز شىركىتىدە بىر «باش كۆڭۈل» نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ناپولىيون نۇرغۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «باش كۆڭۈل» دېگەن بىر پىسخولوگىيە پرىنسىپىنى بايقىغان.

بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى «Master Mind» بولۇپ، بۇ يەردىكى «Master» دېگەن سۆز يۇلغۇن لوغىتىدە « ئىگە، خوجايىن، ياللىغۇچى، باشقۇرغۇچى، مۇئەللىم، ئۇستاز، ئۇستا، پىر، بەگزادە، مۇدىر» دەپ تەرىپلەنگەن. لېكىن مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن، بۇ ئۇقۇمنى ئۇيغۇرچە «باش كۆڭۈل»، دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

باش كۆڭۈل دېگەن ئۇقۇمغا «بىر ئېنىق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ماسلىشىش روھى بىلەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا بىلىم ۋە تىرىشچانلىقنى ماسلاشتۇرۇش»، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

ئاندرۇ كارنىگىنىڭ ئادەملىرى ئاشۇنداق بىر باش كۆڭۈلنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈل ئىنتايىن ياخشى تەشكىللەنگەن، ۋە ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ھەممىگە قادىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار پولات سانائىتىدىن باشقا ھەر قانداق سانائەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، خۇددى پولات سانائىتىدىكىسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولار ئىدى.

يۇقىرىقى قۇرلارنى بىرىنچى قېتىم ئوقۇغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر باش كۆڭۈلنىڭ بېرىدىغان پايدىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ۋە كۈچنى بىر يەرگە توپلاپ بىللە ئىشلىگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىدىن ئانچە پەرقى يوقتەك ھېسسىياتتا بولىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە باش كۆڭۈلنىڭ يەتكۈزىدىغان پايدىسى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىگى ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

سىزنىڭ خەۋرىڭىزدە بولغىنىدەك، سىز كۆڭلىڭىزنى مەلۇم بىر ئىدىيىگە يىغسىڭىز، ئۇ ئىدىيە خۇددى بىر ماگنىتتەك رول ئويناپ، ئۆزىگە باشقا ئوخشاش ماھىيەتلىك ئىدىيىلەرنى جەلب قىلىدۇ. بىر باش كۆڭۈل ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر بىر يەرگە كېلىپ، كۆڭلىنى ئوخشاش بىر نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەندە ئاندىن بارلىققا كېلىدىغان بولۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ بىرلەشمىسى ئىجادىي ئىدىيىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ. باش كۆڭۈلنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە، باش كۆڭۈلنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئوخشاش بىر پەلسەپىگە ئاتىغان بولىدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر ئورتاق، ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ، ھەمدە بارلىق ئەزالار ئايرىم-ئايرىم شەخسلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كەڭرەك ۋە چوڭقۇرراق چەكسىز ئەقىل مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ بىرلەشكەن كۆڭۈل ھەر بىر شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان يېڭى بىلىم ۋە يېڭى ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىگە تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشقاندا، ھەر بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسى ئۆزىگە يەنە بىر كۆڭۈلنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قوشۇۋالىدۇ.

ئىنسان مېڭىسىنى بىر ئېلېكتىر باتارىيىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆپ ساندىكى باتارىيىنى بىرلەشتۈرگەندە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ بىر ئايرىم باتارىيىنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر باتارىيە چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئۇنىڭدىكى تارماق باتارىيىنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ. ئىنسان مېڭىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ. يەنى، بىر قىسىم مېڭىنىڭ ئىش ئۈنۈمى يەنە بىر قىسىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا ئۈستۈنرەك بولىدۇ. بىر توپ مېڭىنى ئۆز-ئارا تەڭكەش بولۇش روھى بىلەن ماسلاشتۇرغاندا، ئۇلار ھاسىل قىلىدىغان تەپەككۈر بىلەن ئېنېرگىيە بىر ئايرىم مېڭىنىڭكىگە قارىغاندا زور بولىدۇ. يەنى، باش كۆڭۈل سىزنىڭ ئىجاتچانلىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.

ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا بىر بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر باش كۆڭۈل ئىتتىپاقداشلىقىنى ھاسىل قىلىشتىكى مەقسەت، مەركەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللىنىشتىن ئىبارەت. يەنى، باش كۆڭۈل پرىنسىپى بىر توپ ئادەم كۆڭلىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئاساسىي مەقسەتكە توپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


11. ئالتۇن قائىدە[تەھرىرلەش]

تۆت مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر بىر «ئالتۇن قائىدە» نى باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق قائىدە، دەپ تەلىم بېرىپ كەلدى. ئەمما، گەرچە كىشىلەر بۇ پەلسەپىنى ئەخلاقلىق ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىر توغرا قائىدىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قانداق بىر قانۇنىيەتكە ئاساسلانغانلىقىنى چۈشەنمەي كەلدى. بۇ ئالتۇن قائىدىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىزگە قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ.

--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق سۆزلەرنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارغا ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىڭ.

--سىز باشقىلاردىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا قانداق ئويلاشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلار توغرىسىدا ئاشۇنداق ئويلاڭ.

ئەگەر سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى، يەنى، بىر ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى ئاشۇ ئوي-خىيالنىڭ ماھىيىتى بويىچە رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بولسىڭىز، يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى ئاسانلا ئاڭقىرتالايسىز. يەنى، سىز باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئويلىنىشىڭىز ياكى تەپەككۈر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك. شۇڭلاشقا سىزنىڭ باشقىلارغا بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىزگىمۇ ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرىشىڭىز ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىر ئىنتايىن ياخشى مىسالىدۇر. يەنى ئالتۇن قائىدە بىلەن ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر نەرسىدىن ئىبارەت.

سىز يۇقىرىقى ئالتۇن قائىدىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر رەت قىلغىلى بولمايدىغان كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇنىڭسىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش سىزنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىڭىزنىڭ بىرى. ئەمما سىز مەزكۇر قائىدىنى چۈشەنسىڭىز، ئاخىرىدا باشقىلارمۇ سىزگە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. بۇ قانۇنىيەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن رەزىللىكلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىشى بىلەنلا توختاپ قالماي، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنى ئۇ سىز بۇرۇن قىلغان ئوي-خىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى سىزگە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىز باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىشلارنىلا قىلىپ قالماي، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق ئويلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ باشقىلارنى ئاشۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك.

سىز باشقىلارغا قارىتا بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاشۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۆز تەپەككۈرىڭىزدە ھاسىل قىلىسىز. ھەمدە ئاشۇ ئىشنىڭ يىغىندىسى، ئاساسى ۋە ماھىيىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشۇ ئىش توغرىسىدىكى تەپەككۈرىڭىزنى سىرتقا تارقىتىسىز. سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا كىرگەن ئۇ نەرسىلەر سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز ياكى تەپەككۈرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

مۇشۇ ئاددىي پرىنسىپنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئادەمنى ئۆچ كۆرسىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، سىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئادالەتسىزلىك قىلغان كىشىلەردىن ئۆچ ئالسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا نېمە ئۈچۈن «يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش» كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيسىز.

ئەگەر سىز ئالتۇن قائىدىگە ئاساس بولىدىغان قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىرلا دوستلۇق رىشتىسى بىلەن ئەبەدىي باغلاپ تۇرىدىغان قانۇنىيەتنىمۇ چۈشىنىپ، مەيلى تەپەككۈر جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى زەخمىلەندۈرمەي تۇرۇپ باشقا بىر ئادەمنى زەخمىلەندۈرىشىڭىز قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن قىلغان ھەر بىر تەپەككۈر ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت سىزنىڭ ئۆز خاراكتېرىڭىزگە پايدىلىق يوسۇندا قوشۇلىدۇ.

بۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنسىڭىز سىز قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماي تۇرۇپ شۇنىمۇ بىلىسىزكى، باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر يامانلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىمۇ جازالايسىز، شۇنداقلا باشقىلارغا قىلغان ھەر بىر ياخشىلىقىڭىز ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزىسىز.

(1) باشقىلاردىن ئىستىگەن ئىشنى باشقىلارغا قىلىش

باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ياكى ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشەلمىگەن، ياكى ئۇلارنىڭ رەخمىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ باققان. بۇنداق ئىشلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئاشۇنداق ئىشلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى «ئالتۇن قائىدە پەلسەپىسى پەقەت بىر نەزىرىيىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بىرەر ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت بىلەن باغلانغان ئەمەس»، دەپ قارىشى مۇمكىن. سىزمۇ ھەرگىز ئاشۇنداق قاراشتا بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى توختىتىپ قويماڭ. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

باشقىلارغا بىرەر ياخشىلىق قىلغاندا، سىز ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ تەسىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا قاچىلاپ قويىسىز. بۇ خۇددى بىر باتارىيىگە توك قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش. سىز چىن كۆڭلىڭىز ۋە پۈتۈن ئىشتىياقىڭىز بىلەن باشقىلارغا يېتەرلىك ساندا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزدە بىر خىل ئىجابىي ۋە روھلۇق خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىڭىزگە سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى ياكى سىزگە ھەممە جەھەتلەردە تەڭكەش بولالايدىغان كىشىلەرنى تارتىسىز. مانا ئاشۇ كىشىلەر سىزگە بۇرۇن باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى قايتۇرىدۇ. «تۆلەپ بېرىش قانۇنىيىتى» مۇشۇ تەرىقىدە سىز ئۈچۈن ئادالەتلىكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سىز بىر مەنبە ئارقىلىق قىلغان ياخشىلىقلارنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مەنبە ئارقىلىق سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

سىز خۇددى بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە ناھايىتى ئوخشايدىغان كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە تارتىپ، خاراكتېر جەھەتتىن سىزگە تەڭكەش بولالمايدىغان كىشىلەرنى بولسا ئۆزىڭىزدىن يىراققا ئىتتىرىسىز. بۇ ماگنىتنى ياسىغۇچى سىز ئۆزىڭىز بولۇپ، سىز ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىڭىز بوي سۇنماقچى بولغان بىر ئىدىيىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەر سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىز ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز سىزنىڭ بارلىق تەپەككۈرىڭىز بىلەن سىزنىڭ بارلىق ئىش-ئىزلىرىڭىزنىڭ يىغىندىسىدىنلا ئىبارەت، خالاس.

مۇشۇنداق بىر ھەقىقەتنىڭ بولغىنىدىن، سىز ئۆزىڭىزگىمۇ پايدا يەتكۈزمەي تۇرۇپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالمايسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئۆزىڭىز ئوخشاش دەرىجىدە زىيان تارتماي تۇرۇپ باشقىلارغا تەپەككۈر ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت جەھەتتە يامانلىقمۇ قىلالمايسىز. دېمەك، ئالتۇن قائىدە پەلسەپىسىنى قوللىنىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىز باشقىلارغا بىر مەنبە ئارقىلىق مەنپەئەت بېرىپ، ئۆزىڭىز باشقا بىر مەنبە ئارقىلىق مەنپەئەت ئالىسىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ ياخشى نامىڭىزنى باشقىلار يارىتىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزنى بولسا سىز ئۆزىڭىز يېتىلدۈرىسىز.

(2) ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى

«ئۆچ ئېلىش» نىڭ ئادەتتىكى مەنىسى «يامانلىققا يامانلىق قايتۇرۇش» تىن ئىبارەت. لېكىن، ناپولىيوننىڭ كىتابىدا بۇ سۆز «ھەر بىر نەرسە ياكى ئىش ئۈچۈن شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە ياكى ئىش قايتۇرۇش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن.

ئەگەر مەن سىزنى زەخمىلەندۈرسەم، سىز بىرىنچى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەندىن ئۆچ ئالىسىز. ئەگەر مەن سىز توغرىسىدا ئادالەتسىز گەپلەرنى قىلسام، سىز شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يوقىرى دەرىجىدە مەندىن ئۆچ ئالىسىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر مەن سىزگە ياخشىلىق قىلسام، سىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مېنىڭ ياخشىلىقىمنى مېنىڭ قىلغىنىمدىن ئاشۇرۇپ قايتۇرىسىز.

مەن مۇشۇ قانۇنىيەتتىن مۇۋاپىق پايدىلانسام، سىزنى ئۆزەم ئىستەيدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلدۇرالايمەن. ئەگەر مەن سىزنى ئۆزۈمگە ئۆچ قىلدۇرماقچى بولسام، مەن سىزگە قوپال ۋە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، سىزنى ئۆچ ئېلىشقا قىستاش ئارقىلىق سىزنى ئاشۇنداق قىلدۇرالايمەن.

ئەگەر مەن سىزدىن ھۆرمەت، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىستىسەم، مەن ئۇلارغا سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە سىز بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيمەن.

ئەگەر سىز يۇقىرىقى بايانلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

سىز بەزىدە بىر ئادەمگە قارىتا «بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى نېمە دېگەن ئېسىل؟» دەيسىز. «مېنىڭ مىجەزىممۇ ئاشۇ ئادەمنىڭكىدەك بولغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟» دەپ ئويلايدىغان كىشىلەرنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەزى ئارقىلىق سىزنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بىلەن، ياكى بولمىسا ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى بىلەن ئاشۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئوبدان ئانالىز قىلىپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسى «ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىنى تارتىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

بۇ قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگىلەشتە ئالىدىغان بىرىنچى ۋە ھەممىدىن مۇھىم قەدەم ئۆز-ئۆزىنى تولۇق تىزگىنلەشتىن ئىبارەت. سىز ئۆچ ئالماي تۇرۇپ ھەممە خىلدىكى جازا ۋە خارلاشلارنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. مانا بۇ سىز ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۆلىمىسىڭىز بولمايدىغان بەدەلدۇر.

ئاچچىقلىنىپ قالغان بىر ئادەم سىزگە مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىق ھالدا تۆھمەت چاپلىغان ۋە سىزنى خارلىغان ۋاقىتتا، ئەگەر سىز ئۇ ئادەمدىن ئوخشاش تەرىقىدە ئۆچ ئالسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ ئادەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى روھىي ھالەتتە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇ ئادەم سىزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتۈپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر سىز ئۇنىڭ قىلغىنىغا ئاچچىقلانماي، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، جىمجىت ۋە بىخارامان تۇرسىڭىز، سىز ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىسىز. سىز ئۇ كىشىدىن ئۆزىگە ناتونۇش بولغان بىر خىل قورال بىلەن ئۆچ ئالىسىز، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتىۋالىسىز.

راستىنى ئېيتقاندا، سىز كۆرۈشكەن ھەر بىر ئادەم سىز ئۈچۈن بىر روھىي ئەينەك بولۇپ، ئۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھىي پوزىتسىيىسىنى كۆرەلەيسىز.

ئۆچ ئېلىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، سىز دۈشمىنىڭىزنى دوستۇڭىزغا ئايلاندۇرالايسىز. ئەگەر سىز بوينىڭىزغا ئېسىقلىق تۇرغان «غۇرۇر» ياكى «جاھىللىق» دەپ ئاتىلىدىغان خەتەرلىك تاشنى ئۇنتۇلۇپ كېتەلەيدىكەنسىز، بىر دۈشمىنىڭىزنى بىر دوستۇڭىزغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرىقى باياننى ئىسپاتلىيالايسىز. سىز ئاشۇ دۈشمىنىڭىزگە ئادەتتىن تاشقىرى كەمتەرلىك بىلەن سۆز قىلىشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىڭ. ئىمكانلا بولىدىكەن، ھەممە ئىشتا ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ ياكى ئۇنىڭغا يول بېرىڭ. ئۇ كىشىنى ئۆزگەرتىش دەسلىۋىدە خېلە تەستەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن تەدرىجى ھالدا ئۇ كىشى سىزنىڭ تەسىرىڭىزدە ئېرىپ، سىزدىن «ياخشىلىق بىلەن ئۆچ ئالىدۇ».

بەزىدە كۈچكە كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، قارشى تەرەپنى كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پۈتۈنلەي بېسىپ چۈشۈش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئاجىز كېلىپ قالغان ۋاقىت ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش ئارقىلىق «ئۆچ ئېلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشىراق يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتتىمۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باشقىلار سىزگە قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق ئاشۇ ئىشلارنى باشقىلارغا سىز ئۆزىڭىز قىلغۇزالايسىز.

(3) ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى

بىر دېھقان تۇپراقنى ئوبدان تەييارلاپ، ئۇنىڭغا بۇغداي ئۇرۇقىنى چېچىپ قويسا، «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى» بويىچە ئۇ تۇپراق كۈزدە يالغۇز دېھقان چاچقان ئۇرۇقنىڭ ئۆزىنىلا ئەمەس، ئۇرۇقنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ساندىكى بۇغداينى قايتۇرىدۇ.

ئەگەر ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى بولمىغان بولسا، يەر شارىدىكى تۇپراق ئىنسانلار ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىپ بېرەلمەي، پۈتۈن ئىنسانىيەت غايىپ بولغان بولاتتى. ئەگەر تۇپراق چاچقان ئۇرۇقنى كۆپەيتىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، يەرگە ئۇرۇق سېلىشنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى قالمىغان بولاتتى.

يۇقىرىدىكىسى تەبىئەتتىن كەلگەن «ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتى» توغرىسىدىكى بىر «يىپ ئۇچى» دۇر. ئەمدى بىز ئاشۇ قانۇنىيەت بويىچە، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىمىزنىڭ قانداق قىلىپ ھەسسىلەپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

ئەينى ۋاقىتتا، ناپولىيون ئامېرىكىنىڭ ئايۋا (ئىنگلىزچە «Iowa») شتاتىدىكى بىر مەكتەپكە بېرىپ، بىر قېتىم سېمىنار بېرىپتۇ. مەكتەپ ئۇنىڭ بارلىق يول كىراسى قاتارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، ئۇنىڭغا يەنە 100 دوللار نۇتۇق ھەققى بەرمەكچى بولۇپتۇ. لېكىن، ناپولىيون ئۇ مەكتەپتە ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، خېلە كۆپ يېڭى بىلىملەرگە ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە پايدىلىق بولغان نۇرغۇن پاكىتلارغا ئېرىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ناپولىيون ئۇ مەكتەبتىكىلەرگە «مەن بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئۆگىنىۋالغان نەرسىلەر ئارقىلىق، ئۆزەم سۆزلىگەن نۇتۇق ئۈچۈن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىش ھەققىگە ئېرىشىپ بولدۇم»، دەپ جاۋاب بېرىپ، ئۇ 100 دوللار پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلىپ، قايتىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە، مەكتەپنىڭ مۇدىرى 2000 ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ناپولىيوننىڭ دېگەن سۆزىنى دەپ، يەنە مۇنداق دەپتۇ: «مۇشۇ مەكتەپنى باشقۇرۇپ كەلگەن 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە، مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە بەرگۈزدۈم. لېكىن، بۇ قېتىم 1-قېتىم ئۆزىنىڭ نۇتۇق ھەققىگە باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، بىز بەرگەن نۇتۇق ھەققىنى رەت قىلغان كىشىنى ئۇچراتتىم. بۇ كىشى بىر مەملىكەتلىك يورنالنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ، مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلەرگە ئاشۇ يورنالغا مۇشتىر بولۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا ئۆگىتىپ قويىدىغان، سىلەرنىڭ مەكتەپتىن چىققاندىن كېيىنكى ھاياتىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان نۇرغۇن نەرسىلىرى چوقۇم بار. » بۇ ئىشتىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ناپولىيوننىڭ يورنىلىغا يېڭىدىن مۇشتىر بولغانلارنىڭ مۇشتىرلىق ھەققى 6000 دوللاردىن ئېشىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە بولسا بۇ سان 50 مىڭ دوللارغا كۆپىيىپتۇ. ئەگەر ناپولىيون ئاشۇ 100 دوللار پۇلنى باشقا بىر ئىش ئۈچۈن مەبلەغ قىلىپ سالغان بولسا، يۇقىرىقىدەك پايدا ئېلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتىنى ناپولىيون ئىجاد قىلغان ئەمەس بولۇپ، «ئالغان ئىش ھەققىدىن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش پرىنسىپى» نىمۇ ئۇ بايقىمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا رول ئوينايدىغان كۈچلەر ئۈستىدە ئۇزۇن يىللار تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىقى قانۇنىيەتلەرنى يېڭىچە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئەگەر ئۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىزمۇ تولۇق چۈشەنسىڭىز، سىزمۇ ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايسىز.

سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئىگىلەپ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇننى ھازىر بىر تاغ ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ تاغ قانداق تاغ؟ ئۇ بولسىمۇ سىزدىكى «ئەگەر مەن قىلغان ئىشقا ئىش ھەققى ئالمىسام، مەن ئالدانغان بولىمەن»، دېگەن تۇيغۇدىن ئىبارەت. ھازىر ئاشۇ تۇيغۇ ئاڭسىز ھالدا ئۆزىنى نامايان قىلىپ، سىز تېخى ھېس قىلمىغان ھەر خىل يوللار بىلەن سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنىڭ ئاساسىنى يىمىرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

بۇ خىل تۇيغۇنىڭ سىرتقا نامايان بولىدىغان ئەڭ ئاددىي شەكلى مۇنداق بولىدۇ: «مەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققى ئالمايمەن، شۇڭا ئەگەر ئۇنى قىلسام، مەن ئالدانغان بولىمەن. »

سىز مۇۋەپپەقىيەتنى خۇددى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىگە ئوخشاش ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تارتىپ كېلىشىڭىز كېرەك. ھەسسىلەپ قايتۇرۇش قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىيەتنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن، سىز تۆۋەندىكى تەجرىبىنى ئىشلەپ بېقىڭ:

بۇنىڭدىن كېيىنكى 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ھەر كۈنى بىر ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى قىلىڭ. ئۇ ئادەمدىن ياخشىلىقنى قايتۇرۇۋېلىشنى ھەرگىزمۇ ئويلىماڭ، ھەمدە قىلغان ئىشىڭىز ئۈچۈن ھەق بەرسىمۇ ئالماڭ. بۇ ئىشنى «ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ»، دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيسىز. بۇ ياخشىلىق قانداق شەكىل ئالسا بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇ ياخشىلىقنى سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر ياكى بىر قانچە شەخسلەرگە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى سىز ھەر كۈنى ئۆز ئىدارىڭىز ياكى ئۆز شىركىتىڭىز ئۈچۈن بىر سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا سىز تونۇمايدىغان، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى كۆرمەيدىغان بىر ئادەمگە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىقنى كىمگە قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنى سىز چىن كۆڭلىڭىزدىن ۋە تولۇق رازى بولغان ھالدا پەقەت باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈنلا قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز بۇ تەجرىبىنى مۇۋاپىق پۇزىتسىيە بىلەن ئۆتكۈزىدىكەنسىز، مەزكۇر قانۇنىيەتنى چۈشىنىدىغان باشقا بارلىق كىشىلەر بايقىغان بىر نەرسىنى سىزمۇ بايقىيالايسىز. ئۇ بولسىمۇ، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ؛ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلماي تۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان پايدىغىمۇ ھەرگىز ئېرىشەلمەيسىز—بۇ جەرياننى سىز ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز.

يۇقىرىدىكىسى بىر ئۇلۇغ پرىنسىپ بولۇپ، ئۇ پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم پرىنسىپى بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى، بىز باشقىلارغا قاراتقان تەپەككۈر بىلەن ئىش-ھەرىكەتلەر بىر ماگنىتقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىزگە ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش تىپتىكى تەپەككۈر بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى تارتىپ كېلىدۇ. ئىنسان كۆڭلى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان تەپەككۈر تەسىراتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تىپتىكى تەپەككۈر بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئىنسان كۆڭلى ئانا تۇپراققا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىدە تۇرغۇزۇلغان سەزگۈ جەھەتتىكى تەسىرگە ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك ئاق كۆڭۈللۈكنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا قارا كۆڭۈللۈك بىلەن ئادالەتسىزلىك قارا كۆڭۈللۈك بىلەن ئادالەتسىزلىكنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

بىز باشقىلارغا قىلغان ئاق كۆڭۈللۈك، قارا كۆڭۈللۈك، ئادالەتلىك ۋە ئادالەتسىزلىك قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە تېخىمۇ چوڭراق مىقداردا قايتىپ كېلىدۇ. ئىنسان كۆڭلى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالغان سەزگۈ جەھەتتىكى تەسىرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش تىپتىكى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، بىز باشقىلارغا ئۆزىمىز ئىستىگەن ئىشنى قىلدۇرالايمىز. ئۆچ ئېلىش قانۇنىيىتىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى غۇرۇر بىلەن جاھىللىقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرىشىمىز كېرەك.

12. خۇلاسە: مەن ئۆز قەلبىمنىڭ كاپىتانى (يول باشلىغۇچىسى)[تەھرىرلەش]

ھازىرغىچە بايقالغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر ئىش بار: ئىنسان بەدىنى مىليونلىغان جانلىق، ئەقىللىق، ۋە ئايرىم-ئايرىم ھۆجەيلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن ئېنىق ۋە ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ ۋەزىپىلەر ئادەم بەدىنىنى قۇرۇپ چىقىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھۆجەيلەرنى ئىنساننىڭ كۆڭلى ئۆزىنىڭ ئاپتوماتىك ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر خىل ئىشلارغا سالىدۇ. ئادەم كۆڭلىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى (ياكى يوشۇرۇن ئاڭ) نى ئادەمنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى كونترول قىلىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. بىر ئادەم تەكرارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆڭلىگە سىڭدۇرگەن ۋە ئۇ يەردە ساقلىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيە ياكى ئوي-خىيال ئاشۇ ئادەمنىڭ جىسمانىي بەدىنىنى يېتەكلەپ، ھېلىقى ئىدىيە ياكى ئوي-خىيالنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا (تەڭداش نەرسىسىگە) ئايلاندۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئاپتوماتىك تەكلىپ قانۇنىيىتى ئارقىلىق كۆڭۈلنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا يەتكۈزۈلگەن ھەر قانداق بۇيرۇق، ئەگەر باشقا بىر كۈچلۈكرەك بۇيرۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالمايدىكەن، شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. يوشۇرۇن ئاڭ بۇيرۇقنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، بەلكى بەدەننى ئاشۇ بۇيرۇقنى شۇ پېتى ئىجرا قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

بۇ ئەھۋال بىزنىڭ قانداق تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز، ۋە تەكلىپلەرنى قايسى مەنبەلەردىن قوبۇل قىلىشىمىزنى ئىنتايىن پۇختا كونترول قىلىشىمىزنىڭ ناھايىتىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇ نەرسە ئىنتايىن ئېنىقكى، بىز قاچان ۋە قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەسىرىگە جىم-جېت ھالدا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى ئۆزىمىز سەزمەي قېلىشىمىز مۇمكىن.

ئىنسان بەدىنى ئاڭلىق كۆڭۈل ياكى تۆۋەنكى كۆڭۈل (يوشۇرۇن ئاڭ) دىن بىرسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ، كۆڭۈلنىڭ ئاشۇ ئىككى قىسمىنىڭ بىرسىدىن بۇيرۇق ئالمىغۇچە، ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى ھەرگىزمۇ ھەرىكەت قىلمايدۇ.

بىز بىر ئىدىيە ياكى خىيالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۆزىگە تولۇق ئۆتكۈزىۋالغىچە ئۆز كۆڭلىمىزدە ساقلىساق، يوشۇرۇن ئېڭىمىز ئۇ ئىدىيە ياكى خىيالنى ئۆزىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىش باشلايدۇ. بىز مۇشۇ پرىنسىپنى تولۇق چۈشەنگەندە، مەكەزلەشتۈرۈش قانۇنىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان تەلىمىگە ئېرىشكەن بولىمىز.

(1) بىر ئاساسىي نىشان تۇرغۇزۇشنىڭ قىممىتى

بىز مەزكۇر ماقالىدە بىر ئېنىق ئاساسىي نىشان ياكى ئىستەكنى تۇرغۇزۇشتىكى ھەقىقىي مەقسەت بىلەن ئاشۇنداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ ئۆتتۇق.

سىز ئالدى بىلەن كۆڭلىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سىز كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق تىرىشچانلىقنىڭ ئوبيېكتىپىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈڭ، ئاندىن بىر ۋاراق قەغەزگە بۇ ئوبيېكتىپنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن ئاساستا يېزىپ چىقىڭ. سىز بۇ قەغەزگە يېزىلغان باياننى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ياكى نىشاننى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىڭدۈرۈسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئاشۇ ئىستەكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قاراپ يېتەكلەيدۇ.

(2) ئىستەك

كۈچلۈك، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىستەك بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئۇرۇقى. ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان دېگىنىمىز ئىستەكنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر. ئەگەر بىر نىشان ئاشۇ نىشاننىڭ ئوبيېكتىگە بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستەكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر مەنىسى بولمايدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئارزۇ بىلەن كۈچلۈك ئىستەك بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئەگەر ئارزۇ ئىنتايىن ئېنىق شەكىلدىكى ئىستەك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ.

بارلىق ئېنېرگىيىلەر بىلەن ھەممە جىسىملار ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى بويىچە ئۆزىدىكى بىر مەركەزگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتلىك ئېلېمېنتلار بىلەن كۈچلەرنى توپلايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر بىر مۇقىم، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىستەك ئىستىگەن نەرسىنىڭ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىنى، ياكى بولمىسا ئاشۇ ماددىي ئېكۋېۋالېنتىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىلىرىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

(3) تەكلىپ ۋە ئاپتوماتىك تەكلىپ

بىر ئادەمنىڭ مۇھىتى، ياكى باشقا ئادەملەرنىڭ بايانلىرى ياكى ئىش-پائالىيەتلىرىدىن كېلىپ چىققان تۇيغۇ-ھېسسىيات تەسىراتلىرى تەكلىپ، دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ئۆز كۆڭلىمىزگە سىڭدۈرىدىغان تۇيغۇ-ھېسسىيات تەسىرلىرىنى ئۆز كۆڭلىمىزگە ئاپتوماتىك تەكلىپ ياكى ئۆز-ئۆزىگە بەرگەن تەكلىپ ئارقىلىق كىرگۈزىمىز.

باشقىلاردىن ياكى تاشقى مۇھىتتىن كەلگەن تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا كىرگۈزگەندىن كېيىنلا ئاندىن بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بىر تەكلىپ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى كىشىنىڭ كۆڭلىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر ئاپتوماتىك تەكلىپكە ئۆزگىرىشى كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى ئاپتوماتىك تەكلىپنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولغاچقا، تەسىرگە ئۇچرىغۇچى كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقىلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بىر ئادەم ئويغاق ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى بىر قاراۋۇللۇق رولىنى ئويناپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇنى سىرتتىن كەلگەن بارلىق تەكلىپلەردىن ساقلايدۇ. ئادەمنىڭ ئاڭلىق كۆڭلى سىرتتىن كەلگەن تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭغا كىرىشىگە يول قويىدۇ. بۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنى ئوغۇرلۇقچە بۆسۈپ كىرگۈچىلەردىن قوغداش ئۇسۇلى بولۇپ، ئەگەر مۇشۇنداق بىر جەريان مەۋجۇت بولمىغان بولسا، بۆسۈپ كىرگۈچىلەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خالىغانچە كونترول قىلىۋالىدىغان بولاتتى. شۇڭلاشقا بۇ بىر دانا ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(4) ئاپتوماتىك تەكلىپنىڭ بىر ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرىشتىكى قىممىتى

سىز ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىزغا قارىتىش ئارقىلىق، بۇ پرىنسىپتىن ئىنتايىن زور دەرىجىدە پايدىلىنالايسىز. بۇ ئىشنى قىلىش ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، سىز مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە بايان قىلىنغان فورمۇلا بويىچە ئىش كۆرسىڭىزلا كۇپايە. شۇنداق بولسىمۇ، بىز بۇ يەردە مەزكۇر فورمۇلاغا ئاساس بولۇدىغان پرىنسىپلارنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ ئۆتىمىز.

سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە، مەسىلەن، بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانى سۈپىتىدە ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنى ئېنىق ۋە ئاددىي قىلىپ يېزىپ چىقىڭ. ھەمدە ئۇ يازمىنى كام دېگەندە ئىككى نۇسخا قىلىپ، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسىنى كۈندۈزى خىزمەت جەريانىدا بىر قانچە قېتىم كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ، يەنە بىر نۇسخىسىنى سىز ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئەمدىلا ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر قانچە قېتىم كۆرەلەيدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇڭ.

گەرچە دەسلىۋىدە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ رەسمىيەتنىڭ تەكلىپ بېرىش تەسىرى سىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنىڭ مەقسىتىنى سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا سىڭدۈرىدۇ. بىر ئىنتايىن قىسقا مۇددەتنىڭ ئىچىدە، سىز ئۆزىڭىزنى ئۆز نىشانىڭىزغا بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا قاتتىق ئىستەيدىغان نەرسە، شەرت-شارائىت، ياكى ئورۇن ھەققىدە ئۆز كۆڭلىڭىزدە بىر ئېنىق قارارغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ئەگەر سىز كىتاب، گېزىت ۋە جۇرنال ئوقۇسىڭىز، سىزنىڭ دىققىتىڭىز ئۇلاردىكى سىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنىڭ مەقسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىز ئۆزىڭىزگە سىزنى ئۆز ئىستىكىڭىزگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدىغان يېڭى پۇرسەتلەرمۇ ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز.

پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ ئىشلار دەسلىۋىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن ئەمەستەك ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ. ئەمما، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ چىققىچە، بۇ پرىنسىپنى تەكرار تەجرىبە قىلىشتىن ئىبارەت.

ئىنسانىيەتنىڭ بۇرۇنقى تارىخىدىكى ھەر قانداق مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنىڭ كۈچى ھازىر ئەڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتى. بىر قىسىم كىشىلەر بىز تەسەۋۋۇر قىلالىغان ۋە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ھەر قانداق ئىشنى بىز چوقۇم قىلالايمىز، دەپ ئويلاپ، «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى ئۆزىنىڭ سۆز-ئىبارىلەر جۇغلانمىسىدىن چىقىرىۋەتتى.

كائىنات ماددا بىلەن ئېنېرگىيىدىن تەركىب تاپقان. سەۋرچانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى، ھازىر بىر ماددا تۈسىنى ئالغان ۋە بۇرۇن بىر ماددا تۈسىنى ئېلىپ باققان ھەر بىر نەرسىنى ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك نۇقتىسىغىچە تەھلىل قىلسا، ئۇ بىر خىل شەكىلدىكى ئېنېرگىيىدىن باشقا نەرسە بولۇپ چىقمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار بەرپا قىلغان ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە، ئىنسان كۆڭلىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىدىن چىققان بىر ئىدىيە ئارقىلىق باشلانغان. يەنى، ھەر بىر ماددىي نەرسە بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە باشلانغان بولۇپ، ئوخشاشلا بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلىدە ئاخىرلىشىدۇ.

بارلىق جىسىملار مەلۇم بىر خىل ئېنېرگىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنىدۇ. ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئىنسان كۆڭلى بولۇپ رول ئۆتەيدىغان ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئىنسانلار ياراتقان ھەر بىر نەرسىنىڭ يېتەكلىگۈچى كۈچى ئىنسان كۆڭلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسانلار بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ كۈچتىن پايدىلىنىپ بەرپا قىلالايدىغان نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن نەرسىلەر كىچىك ۋە ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بىز ھازىرغىچە شۇنى ئېنىق بىلىپ بولدۇقكى، كۆڭۈلگە سىڭدۈرۈپ، شۇ يەردە ساقلىغان ھەر قانداق بىر ئىدىيە، نىشان، ياكى مەقسەت بىلەن ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسى يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىشقا سالىدۇ. رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان كۈچلۈك ئىستەكنى يوشۇرۇن ئاڭغا سىڭدۈرۈشنى ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزىگە تولۇق ئۆتكۈزۋالغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئىشنى بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە ھەپتە ئېلىپ بېرىش كۇپايە قىلمايدۇ. قىلچە بوشاشماسلىق ئىرادىسى بىلەن ئىستەكنى كۆڭۈلدە ھاسىل قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭ ئۆزىگە ئۆتكۈزىۋالغىچە ئۆز كۆڭلىدە ساقلاش كېرەك. مۇشۇ نۇقتىغىچە، سىز ئىستەكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئاڭغا قارىتىپ ئىتتىرىشىڭىز كېرەك. بۇ نۇقتىدىن كېيىن بولسا ئىستەك سىزنىڭ ئارقىڭىزدا تۇرۇپ، سىزنى ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىتتىرىدۇ.

قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش خۇددى ئەڭ قاتتىق تاشلاردىن بىرسىنىڭ ئۈستىگە سۇ تېمىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇ تاشنى ئۇپرىتىپ يوقاتقانلىق بىلەن باراۋەر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھايات داستانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سەھىپىسىنى پۈتتۈرگەندە، سىز ئۆزىڭىزدە بىر ئىشنى ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش خاراكتېرىنىڭ بولغانلىقى ياكى ئۇنىڭ كەمچىل بولغانلىقى، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىڭىزدا ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايقايسىز.

تەپەككۈر بىر نەرسىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر پىشقان تەپەككۈر بىر مەڭگۈ توختىماس دولقۇننى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ دولقۇننى تارقاتقان كىشى كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ دولقۇن بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئادەم چەكسىز ئەقىل تەرىپىدىن ھەرىكەتكە قويۇلغان تەپەككۈرنىڭ جىسمانىي نامايەندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھەممە تەپەككۈر ئىجادىي بولىدۇ. ئەمما، تەپەككۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئىجابىي ياكى پايدىلىق بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئازاب-ئوقۇبەتنى ۋە نامراتلىقنى تەپەككۈر قىلىپ، ئۇلاردىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز دەل ئاشۇنداق ئەھۋالنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. لېكىن سىز بۇنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىجابىي ۋە ئۈمىدۋار ماھىيەتلىك خىياللارنى تەپەككۈر قىلسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز دەل ئاشۇنداق شەرت-شارائىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.

سىزنىڭ تەپەككۈرلىرىڭىز سىزنىڭ مىجەزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، سىزگە ئۆز تەپەككۈرلىرىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان ماددىي نەرسىلەرنى تارتىپ ئەكىلىدۇ. كۆڭۈل ئىلمىنى ئۆگىنىشنى يېڭىدىن باشلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇ ئاساسىي ھەقىقەتكە سەل قارايدۇ.

سىز يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بىر ئېنىق ئىستەكنى تەكلىپ قىلغاندا، سىز خۇددى ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئېتىقاد ۋە ئىشەنچ بىلەن شۇنداق قىلىڭ. سىز ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا تەكلىپ قىلغان پەيتتىن باشلاپلا، سىز خۇددى ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئەلەمگە ئاشۇرۇپ بولغاندەك ئويلاڭ. سىز ئۆز ئىستىكىڭىزنى «ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ماڭا چەكسىز ئەقىل ياردەم قىلىدۇ» دېگەن ئەقىدە بىلەن كۈچلەندۈرۈڭ. ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق دەرىجىدىكى ئەقىدە بولمايدىكەن، كېيىنچە ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز.

ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنىڭ ئۈنۈم بېرىش-بەرمەسلىكىدىن ھەرگىزمۇ گۇمانلانماڭ. ئۆز ئارزۇيىڭىز بويىچە تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى سىز ئۆزىڭىز مۇتلەق كونترول قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئىقتىداردۇر. (ئىلاۋە: مەن ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى بىر ماقالىسىدا، ياراتقۇچى ئىنسانلارغا تۇغۇلغاندىلا ئاتا قىلغان بىرىنچى نەرسە جان، ئىككىنچى نەرسە بولسا ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاللاش ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ ئۇقۇم يۇقىرىدىكى بايان بىلەن ئوخشاش. )

يۇقىرىقى جۈملە ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقمىسۇن. ئۆز تەپەككۈرىڭىزنى كونترول قىلىش كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىڭىزدە بولغانىكەن، سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي بولۇش مەسئۇلىيىتى سىزنىڭ زىممىڭىزدە بولىدۇ. «سىز ئۆز تەقدىرىڭىزنىڭ خوجايىنى. سىز ئۆز قەلبىڭىزنىڭ كاپىتانى. » بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، تەپەككۈرىڭىزنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلىسىز. سىز ئۆز تەپەككۈرىڭىزنىڭ ياردىمى بىلەن، ئۆزىڭىز ئىستىگەن ھەر قانداق نەرسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيسىز. ناپولىيوننىڭ كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەنگلىيە شائىرى ۋىلىيام خېنلىي (ئىنگلىزچە William Ernest Henley، 1849-1903) يازغان «يېڭىلمەس» دېگەن بىر ئىنگلىزچە شېئىر بار بولۇپ، ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويدۇم:

Invictus

Out of the night that covers me,

Black as the Pit from pole to pole,

I thank whatever gods may be

For my unconquerable soul.

In the fell clutch of circumstance

I have not winced nor cried aloud.

Under the bludgeonings of chance

My head is bloody, but unbowed.

Beyond this place of wrath and tears

Looms but the Horror of the shade,

And yet the menace of the years

Finds, and shall find, me unafraid.

It matters not how strait the gate,

How charged with punishments the scroll.

I am the master of my fate:

I am the captain of my soul.

William Ernest Henley


13. ئاخىرقى سۆز[تەھرىرلەش]

مەن 2008-يىلى يازغان «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش» دېگەن تېمىدىكى ماقالەمدە ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن قىلىشىغا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم:


مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ۋە مىللىي ئاڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش


مەن يېقىندىن بۇيان «بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالغا بارغانسېرى كۆپ دۇچ كەلگەنسېرى، يۇقىرىقى ئۈچ ئىش ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەيدىغان، ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى چەت ئەللەردە بولسۇن يەنىلا ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن. مېنىڭچە بۇ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتا، مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى ناھايىتى زور ياردەمدە بولالايدۇ. بىرىنچىدىن، بۇ قانۇنىيەت يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن نەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى ئۆزىنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئامىللاردىن بىرى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى، نىشانى ۋە غايىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئۆز ھاياتىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىدە ۋە قىلغان ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭالاشقا مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش ئۇلار قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچىدىن، كۆڭۈلنىڭ مۇستەملىكە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆڭۈلنىڭ باشقىچە پروگراممىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە شۇ ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ھەر بىر ئادەمدىن مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ئۆز قەلبىگە ئۆزى كاپىتان بولۇش بىلىملىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشنى، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ماھارىتىنى تولۇق يېتىلدۈرۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ ئۆزەمنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي پەيت بولغان بۈگۈنكىدەك كۈندە مۇشۇنداق بىر تېمىنى تاللىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

ھازىر بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خوجايىنى. ھازىرقى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىلەر ئاسانلا ئورۇنلىغىلى بولىدىغان ئىشلار ئەمەس. لەكىن بۇ ۋەزىپىلەر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئازابلىرى بىلەن جاپالىرى بىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىمىزنىڭ سىرتىدىمۇ ئەمەس. بىزنىڭ پەقەت بۇ ۋەزىپىلەرگە نىسبەتەن ئېتىقاتىمىزلا بولىدىكەن، ھەمدە ھېچ نېمىگە باش ئەگمەيدىغان ئىرادە-جاسارىتىمىزلا بار بولىدىكەن، بىزنىڭ يولىمىزنى ھېچ قانداق نەرسە توسۇپ قالالمايدۇ—يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ھازىر «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئۆز قىممىتىنى يوقاتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-322 يىللىرى ياشىغان گرىتسىيەلىك تەنقىدچى، پەيلاسوپ، فىزىكات، ۋە زوئولوگ ئارىستوتۇل (ئىنگلىزچە «Aristotle») مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆزىمىز قايتا-قايتا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەھسۇلى. ئۇنداق بولىدىكەن، مۇنەۋۋەرلىك بىر خىل ئىش-پائالىيەت ئەمەس، بەلكى بىر ئادەت» (ئىنگلىزچە We are what we repeatedly do. Excellence then, is not an act, but a habit). مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغىنىدەك، بىز ھەر قانداق كونا ئادىتىمىزنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر قانداق يېڭى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق يەر ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا، قىلىدىغان ھەر بىر ئىشىدا ئۆز تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش، ياراتقۇچى بەرگەن ئىنسان كۆڭلىنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئادىتى قىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ نۇقتىنى مەن قانچىلىك تەكىتلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ.

مەن بارلىق قېرىنداشلاردىن مەزكۇر ماقالىنى كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، مەن يۇقىرىدا قايتا تىلغا ئالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى» نى ئورۇنلاش يولىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.‏