غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى

ئورنى Wikipedia

غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى

بىلىمخۇمار

مەن ئۆزەمنىڭ 2010-يىلى 9-ئىيۇلدا يازغان «نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن ماقالىسىدا ئارزۇ، نىشان ۋە غايە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى، ھەمدە نىشاننى مۇۋاپىق تىكلەشنىڭ ئۆلچەملىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم. ئاشۇ تېمىغا يېقىن كېلىدىغان يەنە بىر مەزمۇن بار. ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلغاندا غايىنى مۇۋاپىق تاللىغىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىدۇر. بۇمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئەڭ كۆپ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، مەن ۋەتەندىكى ياشلاردىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئېلخەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرى تاللىغان غايىلەرنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. مەن يېقىندا قىزىم دىلنارەنىڭ قولىدا «غايىڭىزنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ» (ئىنگلىزچە Put your dream to the test) دېگەن بىر پارچە كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قىزىمدىن ئارىيەت ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە بىر قېتىم ۋاراقداپ چىقتىم. بۇ كىتاب مۇقەددىمە ۋە 10 باپتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇ 10 باپتا غايىنى سىنايدىغان 10 سىناق تەپسەلىي بايان قىلىنغان. ئۇ كىتاب جەمى 235 بەتلىك بولۇپ، پايدىلىنىش ماتەرىياللىرى تىزىملىكىنىڭ ئۆزىلا 8 بەت كېلىدىكەن. مەن ئۇشبۇ يازمامدا ئاشۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىكى مەزمۇنلارنى، يەنى غايىنى مۇۋاپىق تاللاشنىڭ 10 ئۆلچىمى ياكى بىر غايىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى باھالاپ كۆرۈشكە ئىشلىتىدىغان 10 سىناقنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ كام دېگەندە بىردىن غايىسى بار بولىدۇ. مېنىڭچە سىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق. سىز چوقۇم ئۆز غايىڭىزنى ئۆز ھاياتىڭىزدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيسىز. ئەمما ھازىر سىز تاللىغان پەللىڭىزنىڭ بەك ئېگىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ياكى مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھازىر تۇرغان يېرىڭىزدىن ئۇ پەللىگە قانداق يېتىپ بارالايدىغانلىقىڭىزنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ئەنە شۇنداق بولسا، ئۇشبۇ يازمىدا ۋە مەن كېيىن يازماقچى بولغان «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن قانۇنىيىتى» دېگەن مەزمۇندىكى يازمىلىرىمدا تونۇشتۇرۇلىدىغان ئىلمىي ئۇقۇملار سىزگە خېلىلا ياردەم قىلالايدۇ. سىز مەزكۇر يازمىدىكى بىلىملەرنى ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزدىن ئۆز غايىڭىز توغرىسىدا توغرا سوئاللارنى سوراشنى ئۆگىنىۋالىسىز. ئەگەر سىزنىڭ ئاشۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىڭىز بولۇشلۇق (يەنى «راست، شۇنداق، توغرا» دېگەن) جاۋابلار بولىدىكەن، سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەن سىزنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر نەرسە شۇكى، ئىنگلىزچىدە ئۇخلىغاندا كۆرىدىغان «چۈش» بىلەن ھازىر گېپىنى قىلىۋاتقان «غايە» ئۈچۈن ئوخشاش بىر سۆز، يەنى «dream» دېگەن سۆز، ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭلاشقا غايە توغرىسىدىكى كىتاب-ماقالىلاردىكى بايانلاردا «dream» دېگەن سۆزنى بىر دەم «چۈش» دېگەن مەنىدە، بىر دەم «غايە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ئىنگلىزچىدىكى «daydream» دېگەن سۆزنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «كۈندۇزدىكى چۈش» بولۇپ، ئۇ «قۇرۇق غايە» ياكى «ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايە» دېگەن مەنانىمۇ بىلدۇرىدۇ. ئىنگلىزچىدىكى «keep dreaming» دېگەن سۆزنى «غايىڭىزنى تەييارلاۋېرىڭ» دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ، ياكى «چۈشىڭىزنى كۆرىۋېرىڭ» دەپ چۈشەنسىمۇ بولىدۇ.

 

1. كىتابنىڭ ئاپتورى توغرىسىدا[تەھرىرلەش]

«غايىڭىزنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىسمى جون ماكسىۋېل («John C. Maxwell») بولۇپ، ئۇ بىر خەلقئارادا ئەتىراپ قىلىنغان لىدېرشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، نوتۇق سۆزلىگۈچى ۋە ئاپتوردۇر. ئۇ 50 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كوپىيسىدىن ھازىرغىچە 16 مىليوندىن ئارتۇقى سېتىلغان. دۇنيادىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق لىدېرلەرگە تەربىيىلەش سېمىنارلىرى بەرگەن. بىر قانچە مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى قۇرغان. ئۇنىڭ «لىدەرلىقنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولمايدىغان 21 قانۇنىيىتى»، «ئۆزىڭىزنىڭ ئىچىدىكى لىدېرلىقنى يېتىلدۈرۈڭ»، ۋە «بىر لىدېردە كام بولسا بولمايدىغان 21 سۈپەت» دېگەن 3 پارچە كىتابىنىڭ ھەر بىرسى بىر مىليون نۇسخىدىن كۆپرەك سېتىلغان.

 

2. غايە دېگەن نېمە[تەھرىرلەش]

دوكتۇر ماكسىۋېل مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ئۈستىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. يۈزلىگەن تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىنتايىن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەر بىلەن تونۇشقان. ئۆزىمۇ بىر قانچە چوڭ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇ جەرياندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غايە توغرىسىدا خاتا چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تۆۋەندىكىسى بىر قىسىم كىشىلەر «غايە» دەپ تاللايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسقا تىزىملىكى:

قۇرۇق غايىلەر (كۈندۈزدىكى چۈش)—ھازىرقى خىزمىتىدىن دىققىتىنى چاچىدىغان نەرسىلەر

ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەيدىغان غايىلەر—رېئاللىقتا ئىستراتېگىيىسى ياكى ئاساسى يوق قالايمىقان ئىدىيىلەر

ناچار غايىلەر—قايغۇ ۋە پالەچلىكنى كۆپەيتىدىغان ئەندىشىلەر

ئىدېئالىستىك غايىلەر—پەقەت سىز ھەممىگە قادىر بولغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدىغان دۇنيا

ۋاكالەتلىك غايىلەر—پەقەت باشقىلار ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان غايىلەر

رومانتىك غايىلەر— «مېنى باشقىلار بەخىتلىك قىلىدۇ» دەيدىغان ئەقىدە

خىزمەت غايىلىرى— «مېنى خىزمەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت بەخىتلىك قىلىدۇ» دەيدىغان ئەقىدە

مەنزىل غايىلىرى—«مېنى بىر خىزمەت ئورنى، بىر ھوقۇق، ياكى بىر مۇكاپات بەخىتلىك قىلىدۇ» دەيدىغان ئەقىدە.

ئەگەر يۇقىرىقى غايىلەر ئورۇنلۇق غايىلەر بولمىسا، قانداقلىرى ئورۇنلۇق بولغان بولىدۇ؟ سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان غايىنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: غايە دېگىنىمىز ئادەمگە ئىلھام بېغىشلايدىغان، كەلگۈسى توغرىسىدىكى بىر گۈزەل كۆڭۈل مەنزىرىسى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزغا، ئىرادىڭىزگە ۋە روھىيىتىڭىزگە كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىپ، سىزنى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىڭىزگە ئۈندەيدىغان ياكى چاقىرىدىغان نەرسە. بىر ئادەمنىڭ قوغلىشىشقا ئەرزىيدىغان بىر غايىسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ياشاش مەقسىدى بىلەن يوشۇرۇن كۈچىنىڭ كۆڭۈل مەنزىرىسى ۋە يول خەرىتىسىگە ئوخشاش بىر نەرسىدۇر.

3. ئادەمنىڭ غايىسى بولۇش نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟[تەھرىرلەش]

غايىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك تاۋارلار بولۇپ، ئۇلار بىزنى ئالغا قاراپ ئىتتىرىدۇ. بىزگە كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ. بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا بولغان قىزغىنلىقىمىزنى قوزغايدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئادەمنىڭ غايىسى بولىشى كېرەك. ئەمما، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستەيدىغان غايىنىڭ بار-يوقلىغىنى ئېنىق بىلمىسىڭىز قانداق قىلىش كېرەك؟ نۇرغۇن كىشىلەر غايە تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلمىگەن بولىدۇ. يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غايىسى بار بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز غايىسىگە بولغان ئۈمىدىنى يوقۇتۇپ، ئۇنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئەنسىرىمەڭ—سىز ئۆز غايىڭىزنى قايتىدىن تۇرغۇزالايسىز. غايە چوڭ بولسىمۇ، كىچىك بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. پەقەت چوڭ غايەلا غايە ھېسابلىنىپ، قالغانلىرى غايە ھېسابلانمايدىغان ئىش يوق. لېكىن، سىزنىڭ غايىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزدىن چوڭراق بولىشى كېرەك—كۆپۈنچە ۋاقىتتا سىز پەقەت ئۆزىڭىز تاللىغان پەللە بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان بالداققىلا چىقالايسىز.

4. بەزىلەرنىڭ غايە تىكلەشتىن ۋاز كېچىشنىڭ سەۋەبلىرى[تەھرىرلەش]

(1) باشقىلارنىڭ يامان تەسىرى

دۇنيادا باشقىلارنىڭ غايىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. ئۆزىنىڭ ھېچ قانداق غايىسى يوق كىشىلەر باشقىلارنىڭ غايىسى بار بولىشىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن راھەتسىزلىك ياكى بىخەتەرسىزلىك ھېس قىلىدۇ. ئېھتىمال غايە تىكلەشتە سىزمۇ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن. ئېھتىمال سىزنىڭ بىر غايە تىكلىشىڭىزگە باشقىلار سوغاق سۇ سەپكەن بولىشى مۇمكىن. سىزنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۆز ھاياتىڭىزدا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى يارىتىشىڭىزغا باشقىلار قارشى تۇرۇپ باققان بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى ئۇلار سىزنى بەزى ئازاب-ئوقۇبەت ياكى ئۈمىدسىزلىنىشلەردىن ساقلاپ قالماقچى بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن. سىزگە ئاشۇنداق ئەھۋالنىڭ قايسىسى يۈز بەرگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر سىز بىر غايە تىكلەشتىن بېلىڭىزنى قويۇۋەتكەن بولسىڭىز، روھىڭىزنى قايتا ئۇرغۇتۇڭ. سىز ھازىردىن باشلاپ بىر غايە تىكلەپ، ئاشۇ غايە ئۈچۈن تىرىشسىڭىزمۇ ھەرگىز كېچىككەن بولمايسىز.

(2) بۇرۇنقى ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازابلارنىڭ تەسىرى

ئۈمىدسىزلىك ئارزۇ بىلەن رېئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق بولۇپ، بىز ھەممىمىز ئاشۇنداق بوشلۇقنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. بىز ھەممىمىز ئالدىن مۆلچەرلىمىگەن ناچار سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. ئەمەلگە ئاشمىغان ئىستەكلەر ۋە بىتچىت بولغان ئۈمىدلەر بىلەن ياشاشقا مەجبۇرى بولۇپ باققان. بىز بەزى ئىشلارنى ياخشى قىلالمىغاندا، «ئۇنداق ئىشنى ئىككىنچى قىلمايمەن»، دەيمىز. بۇ بىر چوڭ خاتالىق، بولۇپمۇ غايىنىڭ ئىشىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن تۆلىمىسە بولمايدىغان بەدەلدۇر. بەزى كىشىلەر ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئوڭۇشلۇق قەدەملەرنى بېسىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. سابىق ئەنگلىيە باش مىنىستىرى مارگارېت ساچېر («Margaret Thatcher») خانىم مۇنداق دېگەن: «سەن بىر جەڭنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭدا ئۇتۇپ چىقالايسەن. » بىز بۇ سۆزنى ئەستە چىڭ تۇتىشىمىز، ئۆز كۆرەشلىرىمىزدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك.

(3) ئوتتۇراھال ئەھۋالغا قانائەتلىنىشكە ئادەتلىنىپ قېلىش

بىر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سىزدىن چەكتىن سەل ئاشۇرىۋېتىشنى، ئوتتۇراھال دەرىجىدىن يۇقىرىراق دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ ياشاشمۇ كىشىلىك تاللاشلارنىڭ بىرسى. كىشىنى ھاياجانغا سالالايدىغان دەرىجىدىكى غايىسى يوق ئادەملەر ئاسانلا ئۆز ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىزنى ئوتتۇراھال ئادەملەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئۆتكۈزۈشنى خالىمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن چوقۇم بىر غايە تىكلەڭ. پەقەت بىر غايىلا سىزنى ھازىر پېتىپ قالغان پاتقاقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايدۇ.

(4) ئۆز-ئۆزىگە ئىچەنچ قىلالماسلىق

غايىلىك ياشاش ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچ باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزىدە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئۆزى ئۈچۈن غايە تىكلەپ، ئاشۇ غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇنداق قىلمايدىغان كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان بىردىن-بىر ئامىل بولۇپ قالىدۇ. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز قانچە كۈچلۈك بولىدىكەن، سىزنىڭ ئۆز ئىستىكىڭىزدىن ۋاز كەچمەي، ئاداققىچە تىرىشىش ئېھتىماللىقىڭىزمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مەن ئۆز-ئۆزى ئۈچۈن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ كېيىنكى بىر ماقالىسىدا مەخسۇس توختىلىمەن.

(5) غايە تىكلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەسەۋۋۇرنىڭ كەمچىل بولۇشى

سىز پەقەت خىيال قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىقلا ئۆز غايىڭىزنى بايقىيالايسىز. بىر غايىگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان نەرسە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەتتۇر. دۇنياغا مەشۇر فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىستېين (Albert Einstein، 1879-1955) مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزەمنى ۋە ئۆزەمنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، مەن ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ فانتازىيىلىك خىياللارنى قىلىش تالانتىم ئىجابىي بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش تالانتىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن. » ئۇ ئۆز تەسەۋۋۇرىنى «مۇقەددەس ھەۋەس»، دەپ ئاتىغان. ياراتقۇچىمىز ئۆز غايىسىنى بايقاش ۋە يېتىلدۈرۈش قابىلىيىتىنى ھەممە ئادەملەرگە ئاتا قىلغان. سىزنىڭ ئۆز غايىڭىزنى بايقاش ۋە يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىڭىز سىزنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىڭىزنىڭ بىرسى. غايە تىكلەشنىڭ بىر ئالدىن بېكىتىلگەن ۋاقتى يوق. سىز غايە تاللاشنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېلىپ بارسىڭىز بولىۋېرىدۇ. سىز بىر غايە تىكلەشكە ھەرگىزمۇ كېچىكىپ قالمايسىز، ۋە ھازىرمۇ كېچىككەن بولمايسىز.

 

5. غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى[تەھرىرلەش]

سىزنىڭ بىر غايىڭىز بار بولسۇن. ھەمدە ئۇ غايە سىزنىڭ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئىنتىلىشىڭىزگە ياكى قوغلۇشىڭىزغا ئەرزىيدىغان بولسۇن. ئۇنداقتا سىز ئاشۇ غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالامسىز-يوق، ئۇنى قانداق بىلەلەيسىز؟ ئۇنى بىلىشنىڭ ئامالى بار. ئۇ بولسىمۇ سىز ئۆز غايىڭىزنى تۆۋەندىكى 10 ئۆلچەم بۇيىچە باھالاپ بېقىش. بۇ 10 ئۆلچەم 10 سوئال شەكلىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر سوئالغا قارىتا 3 خىل ئەھۋال تەسۋىرلەنگەن. سىز ئۆز غايىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاشۇ 10 سوئالغا قارىتا تەسۋىرلەنگەن 30 خىل ئەھۋاللار بىلەن سەمىمىي ھالدا سېلىشتۇرۇپ چىقىڭ. ئەگەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ئاشۇ 30 خىل ئەھۋالنىڭ مەلۇم بىرسىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭغا «توغرا» دېگەن نومۇرنى بىرىڭ. ئەگەر ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇنىڭغا «خاتا» دېگەن نومۇرنى بىرىڭ. ئەڭ ئاخىرىدا سىز جەمى قانچە «توغرا» دېگەن ۋە قانچە «خاتا» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ھېسابلاپ چىقىڭ. ئەگەر سىز ھەممە ئەھۋالغا قارىتا «توغرا» دېگەن جاۋابقا ئېرىشسىڭىز، جەمى 30 دانە «توغرا» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن، بىرمۇ «خاتا» دېگەن جاۋابقا ئېرىشمىگەن بولىسىز. سىز كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا «توغرا» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن بولسىڭىز، سىزنىڭ غايىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

ياكى بولمىسا، سىز ھەر بىر ئەھۋالغا 0 بىلەن 10 غىچە نومۇر بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ بىر ئەھۋالىڭىز تۆۋەندىكى ئۆلچەمدىكى بىر ئەھۋالغا تولۇق ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭغا 10 نومۇر بىرىڭ. پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇنىڭغا 0 بىرىڭ. ئەگەر 70 پىرسەنت ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنىڭغا 7 نومۇر بىرىڭ. ئەڭ ئاخىرىدا سىز ئېرىشكەن ھەممە نومۇرنى قوشۇپ چىقىڭ. تولۇق نومۇر جەمى 300 نومۇر بولۇپ، ئەگەر سىز 210 نومۇر ئالسىڭىز، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز تۆۋەندىكى 10 ئۆلچەمگە 70 پىرسەنت ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۆۋەندە مەن 10 سوئال ۋە ئۇلارغا ماس كېلىدىغان 30 خىل ئەھۋالنى بايان قىلىمەن.

(1) مېنىڭ غايەم ھەقىقەتەن ئۆزەمنىڭ غايىسىمۇ؟

ئا. ئەگەر مېنىڭ غايەم ئەمەلگە ئاشسا، بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ خوشال بولىدىغان ئادەم مەن ئۆزەم.

ب. مەن ئۆز غايەمنى باشقا كىشىلەر بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە ئورتاقلاشقان بولۇپ، ئۇ كىشىلەر مەن ئەڭ سۆيىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ك. مېنىڭ غايەم باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ باقتى، لېكىن مەن ئۇ غايەمنى يەنىلا قوبۇل قىلىمەن.

ئىلاۋە: ئۇيغۇرلاردا مەكتەپ تاللاش، كەسىپ تاللاش، توي قىلىدىغان جۆرىسىنى تاللاش، ئۆمۈرىنى ئۆتكۈزىدىغان جاينى تاللاش قاتارلىق ئىشلاردا، بالىسى ئۈچۈن ئاتا-ئانا قارار چىقىرىپ بەرىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئاشۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسى دېگىدەك ئاخىرسىدا بەخىتلىك بولالمايدۇ—مەن بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆزەمگە كېلىدىغان ئېلخەتلەردە داۋاملىق ئۇچۇرتۇپ تۇرىمەن.

(2) مەن ئۆز غايەمنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىمەممۇ؟

ئا. مەن ئۆز غايەمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بىر جۈملە سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمەن.

ب. مەن ئۆز غايەم توغرىسىدىكى ھەر قانداق «نېمە؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرەلەيمەن.

ك. مەن ئۆز غايەمنىڭ ئېنىق تەسۋىرىنى بىر قەغەزگە يېزىپ چىقتىم، ئۇ تەسۋىر مېنىڭ غايەمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى ياكى مەقسەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىلاۋە: ئەگەر تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ «نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار» دېگەن ماقالەم بىلەن «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن دوكلاد تېكىستىمنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ.

(3) مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پەقەت ئۆزەم كونترول قىلالايدىغان ئامىللارغىلا تايىنىمەممۇ؟

ئا. مەن ئۆزەمنىڭ ئەڭ يۈكسەك تالانتلىرىنى تولۇق چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەن ئاشۇ تالانتلىرىمغا ناھايىتى زور دەرىجىدە تايىنىمەن.

ب. مېنىڭ ھازىرقى ئادىتىم بىلەن كۈنلۈك ئىش-ئەمەلىيىتىم غايەمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە ھەسسە قوشىدۇ.

ك. مۇھىم كىشىلەرنىڭ مەنسىتمەسلىكى ياكى قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ياكى ناھايىتى چوڭ توسالغۇغا يولۇققان تەقدىردىمۇ مېنىڭ غايەم يەنىلا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

ئىلاۋە: ئادەم ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى تولۇق بايقاش، ئۆز-ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز مېنىڭ كىشىلىك سۋوت ئانالىز ئۇسۇلى بايان قىلىنغان «ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، پۇرسەت، ۋە تەھدىت » دېگەن ماقالەمنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ.

(4) مېنىڭ غايەم مېنى ئۇنى قوغلىشىشقا قىستامدۇ؟

ئا. مەن ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىشتىن باشقا ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايمەن.

ب. مەن ئۆز غايەمنى ھەر كۈنى ئويلايمەن، كۆپۈنچە كۈنلەرنىڭ ئەتىگىنى ئۇنى ئويلاپ تۇرۇپ ئويغىنىمەن، ۋە ئاخشىمى ئۇنى ئويلاپ تۇرۇپ ئۇخلاپ قالىمەن.

ك. بۇ غايە ماڭا باشتىن-ئاخىر بىردەك مۇھىم بولۇپ تۇيۇلغىلى كام دېگەندە بىر يىل بولدى.

ئىلاۋە: مېنىڭ «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن دوكلاد تېكىستىمدىمۇ مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس مەزمۇن بار.

(5) مەندە غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بارمۇ؟

ئا. غايەمنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا مېنىڭ بىر يېزىۋالغان پىلانىم بار.

ب. مەن پىلانىمنى ئۆزەم ھۆرمەت قىلىدىغان باشقا 3 كىشى بىلەن پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئورتاقلاشتىم.

ك. مەن ئۆز پىلانىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزەم قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار تىزىملىكىگە ۋە ئىش ئادىتىمگە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزدۈم.

(6) مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان كىشىلەرنى ئۆز پىلانىمغا كىرگۈزدۈممۇ؟

ئا. مەن ئەتىراپىمغا ماڭا ھەر ۋاقىت مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان، مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم بىلەن ئاجىزلىقىم ھەققىدە ماڭا سەمىمىي پىكىرلىرىنى بەرىپ تۇرىدىغان ئادەملەرنى توپلىدىم.

ب. مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىقتىدار جەھەتتىن مېنىڭ ئاجىزلىقلىرىمنى تولدۇرىدىغان ئىقتىدارلىرى بار ئادەملەرنى تېپىپ قويدۇم.

ك. مەن ئۆز غايەم توغرىسىدىكى ئۇلۇغۋار ئويلىرىمنى باشقىلارغا دەپ، ئۇلارنىڭ قوشۇلىشىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈپ بولدۇم.

(7) مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تېگىشلىك بەدەل تۆلەشنى خالايمەنمۇ؟

ئا. مەن ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئاللىقاچان تۆلەپ بولغان بەدەلنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن.

ب. مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىمنى ئويلىشىپ قويدۇم.

ك. مەن ھەرگىزمۇ ئۆزەمنىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلىش، سالامەتلىگىمگە زەخمە يەتكۈزۈش، ياكى ئائىلەمگە زىيان يەتكۈزۈش بەدىلىگە ئۆز غايەمنى قوغلاشمايمەن.

(8) مەن ئۆز غايەمگە يېقىنلىشىۋاتىمەنمۇ؟

ئا. مەن ئۆز غايەمنى قوغلىشىش جەريانىدا يېڭىپ بولغان توسالغۇلارنى دەپ بېرەلەيمەن.

ب. مەن ھەر كۈنى مېنى غايەمگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرىۋاتىمەن.

ك. مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە قىيىن ئىشلارنى قىلىپ ئۆسۈشنى ۋە ئۆزگىرىشنى خالايمەن.

(9) غايەم ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلار ماڭا رازىلىق ئېلىپ كېلەمدۇ؟

ئا. مەن غايەمنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىدېئالىزىمىدىن ۋاز كېچىشنى خالايمەن.

ب. غايەم مەن ئۈچۈن ئاشۇنداق دەرىجىدە مۇھىم بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يىل ياكى نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلىشقا رازى.

ك. مەن ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن شۇ دەرىجىدە ھوزۇرلىنىمەنكى، مەن ئاشۇ يولدا مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ھاياتىمنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم، دەپ ھېسابلايمەن.

(10) مېنىڭ غايەم باشقىلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلەمدۇ؟

a. ئەگەر مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسام ئۇنىڭدىن پايدا كۆرىدىغان باشقا كىشىلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن.

b. مەن غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزەم بىلەن ئوخشاش ئوي-پىكىردىكى كىشىلەرنى يىغىپ بىر قوشۇن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.

c. مەن ئۆز غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلار 5 يىلدىن كېيىن، 20 يىلدىن كېيىن، ياكى 100 يىلدىن كېيىن ئۆز قىممىتىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللاردا ئۆز غايىڭىزنى ئۆزىڭىزلا سىناپ بېقىشتىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ 3 دوستىنىڭ باھالىشىدىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. ئەگەر سىزنىڭ غايىڭىز ھەممە باھالاشلاردىن «توغرا» دېگەن جاۋاب بىلەن ئۆتەلەيدىكەن، سىزنىڭ غايىڭىز چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنالايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ غايىڭىز بەزى ئەھۋاللاردا «خاتا» دېگەن نومۇرغا ئېرىشىپ قالىدىكەن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ئەھۋالدا سەمىمىي بولغان-بولمىغانلىقى ئۈستىدە، ياكى ئاشۇ ئەھۋاللار توغرىسىدا قايسى ئىشلارنى قىلسىڭىز ئۇلاردا «توغرا» دېگەن نومۇرغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە ۋاقىت چىقىرىپ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ. دوستلىرىڭىزنىڭ باھاسىغىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەت بىرىڭ. ئەگەر ئۇلار مەلۇم بىر ئەھۋالدا سىزگە 10 نومۇر بەرمىگەن بولسا، سىز ئۇلاردىن «بۇنىڭدا مەن 10 نومۇر ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ، خاتىرە قالدۇرۇڭ، ھەمدە سوئاللارنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ. ئەمما ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا تىرىشماڭ. باشقۇرۇش ئىلمى مەسلىھەتچىسى جەك رۆزېنبلام («Jack Rosenblum») نىڭ ماۋۇ گېپىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ: «ئەگەر بىر ئادەم ساڭا ‘سەن بىر ئات’ دىسە، ئۇ ئادەم تەلۋە ئادەم بولىدۇ. ئەگەر 3 ئادەم ‘سەن بىر ئات’ دىسە، بىر سۈيىقەست پىلانلىنىۋاتقان بولىدۇ. ئەگەر 10 ئادەم ‘سەن بىر ئات’ دىسە، ئۇ چاغدا ساڭا بىر ئىگەر ئېلىش ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. »

6. ئاخىرقى سۆز[تەھرىرلەش]

مېنىڭ تەرجىمالىمنى، بىلىۋال تورى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەتنىڭ خاتىرىسىنى، ۋە مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئىش ئۈنۈمى ھەققىدىكى يازمىلىرىمنى ئوقۇپ باققان قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغۇنىدەك، مەن ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە ئۆزەم ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىشلارنى غايە قىلىپ تىكلەپ ماڭدىم. ھەمدە ئاشۇ غايىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بارلىقىنى سەرىپ قىلىپ، قاتتىق تىرىشتىم. نەتىجىدە ئۆز غايەمنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. مەسىلەن، 1985-88-يىللىرى ياپونىيىگە بېرىپ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇغۇچى بولالمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا بېرىپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانلىرىنى ئېلىشنى ئۆزەمگە غايە قىلىپ تۇرغۇزدۇم. بۇ غايە مەندىن مۇنداق ئىككى ئاساسىي نەرسىنى تەلەپ قىلاتتى. بىرىنچىسى، «توئەفل» دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگىلىزچە ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش. ئىككىنچىسى، ئۆز-ئۆزەمنى بېقىش ئۈچۈن يەتەرلىك ئىقتىساد بولۇش. ئۇ چاغدا ياپونىيىدىكى مەن ئوقۇغان ئالىي مەكتەپ ھەپتىسىگە 6 كۈن، كۈنىگە ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 6 گىچە 8 سائەت ئىشلەيتتى. مەن يۇقىرىقى ئىككى شەرتنى ھازىرلاش ئۈچۈن، ياپونىيىدىكى ئاخىرقى يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن بۇرۇن ئىشخانامغا كېلىپ بولدۇم. كەچ سائەت 5 تە ياتىقىمغا قايتىپ كېلىپ، 5 يېرىمغىچە كەچلىك تامىقىمنى يەپ، 6 گىچە يېرىم سائەت ۋېلىسپىت مىنىپ ماتسۇشىتا شىركىتىدە ئىشلىگىلى باردىم. ئۇ يەرگە پويىزدا ئولتۇرسا 6-7 مىنۇتتىلا بارغىلى بولسىمۇ، مەن پويىز كىراسىنىڭ پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن بىر كونا ۋېلىسپىت سېتىۋېلىپ، شۇنىڭ بىلەن قاتنىدىم. ئۇ شىركەتتە كېچە سائەت 11 گىچە ئىشلەپ، ياتاققا 11 يېرىمگىچە قايتىپ كەلدىم. ئىشقا بېرىپ-كەلگىچە ۋېلىسپىتنىڭ ئۈستىدە ئىنگلىزچە ئۈنئالغۇ ئاڭلاپ مېڭىپ، ۋېلىسىپت مىنىشكە كېتىدىغان ئۇ بىر سائەت ۋاقىتنى ئىنگلىزچە ئاڭلاشقىمۇ ئىشلەتتىم. كېچە سائەت 11 يېرىمدىن ئەتىگەن سائەت 2 گىچە ئىنگلىزچە ئۆگەندىم، ھەمدە ئەرتىسى ۋېلىسپىتتا ئاڭلايدىغان ئىنگلىزچە ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى تەييارلاپ قويدۇم. مانا شۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق، ياپونىيىدىن قايتىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ، 1988-يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلدىم.

مەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىشىشقا ئەرزىيدىغان غايىدىن بىرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تاپالايدىغان يوشۇرۇن قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىغا، ھەمدە كۆپۈنچە ئادەملەرنىڭ ئاشۇنداق غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. سىزنىڭ غايىڭىز مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئەگەر ئۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆلچەملەرگە تولۇق چۈشسە، ئۇنى چوقۇم رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن.

مەن ئەسلىدە يېقىندا «ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىلارنى يېزىشنى باشلاشنى پىلانلىغان ئىدىم. لېكىن، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلىدىن ئالدىنقى قېتىم پىلانىمنى ئۆزگەرتتىم. كېيىنكى قېتىممۇ ھەم شۇنداق بولىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن، غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «سىرلىق قانۇنىيەت» تىن بۇرۇن ئۆگىنىۋېلىش ناھايىتى پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن. ئۇ «قانۇنىيەت» نى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلارنى يېزىش پىلانىم ئۆزگىرىپ قالمىدى. خۇدايىم بۇيرىسا ئۇنى يېقىن كەلگۈسىدە باشلايمەن.

مەن مەزكۇر ماقالىدا «ئىلاۋە» شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكىنىمدەك، مۇشۇ ماقالىدىكى خېلە كۆپ ئۇقۇملار مەن بۇرۇن يازغان بىر قىسىم ماقالىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرسىتىلگەن باشقا ماقالىلارنىمۇ كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان 10-ئۆلچەمدە ھەر بىر ئادەمنىڭ غايىسىنىڭ باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان بولىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى بىر ئەڭ كەسكىن تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىلىرىدا ئايرىم توختىلىمەن. مېنىڭ ھازىر ئۆز غايىسىنى بايقاش ۋە تىكلەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىن كۈتىدىغىنىم، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى غايىڭىز ئۇيغۇر تەقدىرىنى ياخشىلاشقا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بولسۇن. ھازىر ئۇنىڭغا تېخىچە پۇرسەت بار. يەنە 20-30 يىلدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى ھېچ كىمگە ئايان ئەمەس.

 

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى‏