غولتوغراق يېزىسى

ئورنى Wikipedia

غولتوغراق يېزىسى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىر بولۇپ، يۇرت بىنا بولغان تارىىخى تەخمىنەن 500يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە سوزۇلىدۇ. غولتوغراق يېزىسى دەپ مەمۇرى نام قويۇلغان ۋاقتى ، پەيزاۋات ناھىيىسى قۇرۇلغان 1902-يىلى 8-ئايدىكى ۋاقىت بىلەن تەڭ ھىساپلىنىدۇ .

ھازىرقى غولتوغراق يېزىسىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش تەۋەلىك چېگرا ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 300كىلومېتىرچە كېلىدۇ .بۇ چېگرا سىزىقى شىمالدا شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاتۇش شەھرىگە تەۋە قارا جۈل يېزىسى بىلەن؛ جەنۇپتا مارالبېشى ۋە يوپۇرغا ناھىيىلىرى بىلەن؛ قالغان شەرقى ۋە غەرىبي قىسمىدا پەيزاۋات ناھىيىسىگە تەۋە ئۆدەكلىك ، شىكەركۆل ، گۈللۈك، قوشئاۋات ، يېڭى مەھەللە ، قىزىلبۇيى قاتارلىق يېزا –بازارلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ . شۇنىڭبىلەن بىر چاغدا يەنە يېزائىگىلىك 3-دېۋىزىيە پەيزاۋات دىھقانچىلىق باش مەيداننىڭ يەر ئىشلىتىش چېگرىسى بىلەنمۇ چېگرالىنىدۇ .

ئەگەر دۆلەت 314-نومۇرلۇق چوڭ تاشيول بىلەن كەلمەكچى بولسىڭىز شىكەركۆل بازىرىغا چۈشۈپ جەنۇپقا قاراپ 16كېلۇمېتىر ئىچكىرلىسىڭىز ساپ ھاۋالىق، توپرىقى مۇنبەت ، بوستانلىق بىلەن قاپلانغان گۈزەل يۇرت غولتوغراق يېزىسىنىڭ يېڭى قىياپەتتىكى چوڭ بازار مەركىزىگە يېتىپ كېلەلەيسىز.

يۇرتىىمىز دا نامى پۈتكۈل دۇنياغا تارالغان ، ئېسىل تەمى كىشىلەرنىڭ تىلىنى لال قىلغان «پەيزاۋات قوغۇنى» نىڭ شاھىنشاھى بولغان «جىياڭگۈەن » نامىدا تاۋار ماركىسىغا ئېرىشكەن ئەڭ ئېسىل قوغۇن يېتىشتۈرىلىدۇ . ھازىر يېزىمىزدا يەنە قاتار كەتكەن كۆلەملىك كۆكتات يېتىشتۈرۈش پارنىكلىق بازىلىرى ، 90مىڭ مو چىلانزارلىق ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ خەلق باياشات ، جەمىئېيەت مۇقىم ھالەتنى كۆرەلەيسىز.