غول ھۈجەيرە

ئورنى Wikipedia

ئىنسان بەدىنى كۈندىلىك ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەچچە يۈز خىل ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھۈجەيرىلەر بىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنىڭ كاپالىتى. مەسىلەن، ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن يۈرەك سوقۇپ تۇرىدۇ، مېڭە ئويلايدۇ، بۆرەك قاننى تازىلايدۇ، يەنە بەزى ھۈجەيرىلەر چۈشۈپ كەتكەن تېرىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دىگەندەك. غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى بولسا ئۇلار بەدەندىكى باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. غول ھۈجەيرىلەر بەدەندىكى يېڭى ھاسىل بولۇپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ مەنبەسىدۇر. غول ھۈجەيرىلەر بۆلۈنگەندە ئۆزىگە ئوخشاش ھۈجەيرىلەر ۋە ياكى بەدەندىكى باشقا تىپتىكى ھۈجەيرىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، تېرە غول ھۈجەيرىلىرى بۆلۈنۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تېرە غول ھۈجەيرىلىرىنى ياكى قارا پېگمىنت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە فۇنكىسىيىلىك تېرە ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

غول ھۈجەيرىلەر نېمىشقا ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن مۇھىم؟[تەھرىرلەش]

بىز زەخمىلەنگەندە ياكى كېسەل بولغاندا، بىزنىڭ مەلۇم ھۈجەيرىلىرىمىزمۇ زەخمىلەنگەن ياكى ئۆلگەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا غول ھۈجەيرىلەر ئاكتىپلىشىدۇ. غول ھۈجەيرىلەرنىڭ خىزمىتى بولسا زەخمىلەنگەن توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دائىم ئۆلۈپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىپ سەپلەشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق غول ھۈجەيرىلەر بىزنىڭ ساغلام تۇرۇشىمىز ۋە بالدۇر قېرىپ كەتمەسلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، غول ھۈجەيرىلەرنى بىزنىڭ «مېكروسكوپتا كۆرگىلى بولىدىغان دوختۇرىمىز» دەپ ئېيتساق بولىدۇ.

غول ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟[تەھرىرلەش]

غول ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئالىملار بەدىنىمىزدىكى ھەر قايسى ئەزالاردا ئۆزىگە خاس غول ھۈجەيرىلەر مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. مەسىلەن بىزنىڭ قېنىمىزدا «قان غول ھۈجەيرىلىرى» مەۋجۇت بولىدۇ. بىراق، غول ھۈجەيرىلەر يەنە ئىنسان يېتىلىش باسقۇچىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىمۇ مەۋجۇت. ئالىملار بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ ئۆستۈرگەندە، ئۇلار «تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالىملارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا ناھايتى ھاياجانلىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇغما خىزمىتى - دەل بەدىنىمىزدىكى بارلىق ئەزا-ئورگانلارنى ھاسىل قىلىش بولغانلىقىدا. بۇ دىگەنلىك تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى چوڭلار تېنىدىكى غول ھۈجەيرىلەرگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىز بۇ خىل ھۈجەيرىلەرنى «ئالداش» ئارقىلىق نەزەرىيە جەھەتتىن لازىم بولغان بەدىنىمىزدىكى نەچچە يۈز خىل ھۈجەيرىلەرنىڭ خالىغىنىغا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، بىر قان غول ھۈجەيرىسى پەقەت يېڭى قان ھۈجەيرىلىرىنىلا ھاسىل قىلالايدۇ؛ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى بولسا تېنمىزدىكى قان، تېرە، سۆڭەك، مېڭە، يۈرەك… دىگەندەك بارلىق ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلەر تۇغما ھالدا بەدىنمىزدىكى ھەر قايسى توقۇلما، ھەتتا ئەزالارنى شەكىللەندۈرۈشكە خاس قىلىپ «پىراگروممىلانغان»؛ ئەمما چوڭلار غول ھۈخەيرىلىرى ئۇنداق ئەمەس. بۇ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېسەل تەگكەن ئەزالارنى داۋالاشتىكى يوشۇرۇن كۈچىىنىڭ تېخىمۇ زور ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى ئادەتتە تۇغماسلىقنى داۋالاش ئورۇنلىرى ئىشلەتمەي ئېشىپ قالغان بىر نەچچە كۈنلۈك تۆرەلمىلەردىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرى ئايرىۋىلىنمىسا بۇ تۆرەلمىلەر بەرىبىر تاشلىۋىتىلىدۇ.