غۇسلى

ئورنى Wikipedia

”غۇسلى“ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش دېگەنلىك بولۇپ، ھەرگىز ئۆلۈك سۇدا يۇيۇشقا بولمايدۇ. غۇسلىنىڭ پەرزلىرى: 1) ئاغزىنى چايقاش؛ 2) بۇرنىنى تازىلاش، يەنى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ قېقىپ چىقىرىش؛ 3) پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش، ئەگەر چاچ ئۆرۈكلۈك بولسا ئۇنى چۇۋۇمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چاچنىڭ ئاستىغا چوقۇم سۇ ماڭدۇرۇش لازىم؛ غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى: 1) نىيەت قىلىش؛ 2) قوللىرىنى بېغىشىغىچە يۇيۇش؛ 3) ئىستىنجا قىلىش (يەنى ئالدى-ئارقا تاھارەت يوللىرىنى يۇيۇش)؛ 4) ئەگەر روزا تۇتمىغان بولسا ئاغزى ۋە بۇرنىغا كۆپ سۇ ئېلىپ چايقاش؛ 5) نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش؛ 6) پۈتۈن بەدەننى ئۈچ قېتىم يۇيۇش؛ 7) غۇسلى قىلىۋېتىپ ئېگىز- پەس گەپلەرنى قىلماسلىق؛ 8) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.