غۇلام ئەھمەد پەرۋىز

ئورنى Wikipedia
غۇلام ئەھمەد پەرۋىز
تۇغۇلغان ۋاقتى1903، بېرتانىيە ھىندىستانى
ۋاپاتى1985، پاكىستان


غۇلام ئەھمەد پەرۋىز (ئۇردۇچە: غلام احمد پرویز، ئىنگ: Ghulam Ahmed Perwez (ھ. 1321 – 1405 / م. 1903– 1985) ھىندىستاننىڭ شەرقى پەنجابتىكى گۇرداسپۇر ئۆلكىسىگە تەۋە قاديان ئەتراپىدىكى باتالا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.

قۇرئانچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ئەللامىسى. «ئەھلى قۇرئان جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، «تۇلۇئى ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ ۋە شۇ نامدىكى ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ (1938م) قۇرغۇچىسى.

دەسلەپتە بوۋىسىنىڭ تەسەۋۋۇف تەرىقىتىنىڭ تەسىرىگە، كېيىنچە ياۋروپا پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئىسلامغا ياۋروپا پىكرى بويىچە رەڭ بېرىشكە ئۇرۇنغان.

تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقىلاپ، مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇستازى ھافىز مۇھەممەد ئەسلەم جەيراجپۇرىي (م. 1808 – 1955) نىڭ تەسىرىدە قۇرئانچىلار سېپىگە قوشۇلغان.

پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كاراچىغا يۆتكەلگەن. ئۇنىڭ قاراشلىرىغا ئىمام مەۋدۇدىي قاتارلىق ئالىملار تاقابىل تۇرغان ۋە 1961 - يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كاراچىغا كەلگەن مىڭ ئالىم تەرىپىدىن ئۇنىڭ قاراشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئۇنىڭ دىندىن چىقىپ كاپىر بولغانلىقىغا ھۆكۈم بېرىلگەن.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  • «تبويب القرآن»(3 توم)،
  • «قرآني فيصلي»(3 توم)،
  • «قرآني قوانين»،
  • «لغات القرآن»(4 توم)،
  • «مفهوم القرآن»(3 توم)،
  • «مطالب القرآن»(7 توم)
  • «كتاب التقدير» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ قۇرغان «تۇلۇئى ئىسلام جەمئىيىتى» ھازىرمۇ ئەڭ كۈچلۈك قۇرئانچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]