غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى
غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مەسچىتى. ئورنى غۇلجا شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدا.
1773 - يىلى سېلىنىپ، 1865 - يىلى بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن، 1981 - يىلى ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان. يەر كۆلىمى 6325 كىۋادىرات مېتىر. خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق، دەرۋازا راۋىقى ئۈچ قەۋەتلىك مۇنارسىمان راۋاقتىن ئىبارەت.
قۇرۇلۇش ئۆتمۈشچەسى
[تەھرىرلەش]ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺨﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﻳﯜﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ( ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ "ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﻰ" ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ) ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺳﻪﻛﻜﺎﻛﻰ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ... ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﻣوﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪىن بېرى "ﺋﯩﻠﻰ ﺑﺎﻟﯩﻖ" ("ﺑﺎﻟﯩﻖ" ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ "ﺷﻪﮬﻪﺭ" ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ) ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯧﯟاﻦ ﺋﺎﺭﺍﺑﺪﺍﻥ (1663 -- 1727) ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ جۇڭغارلارنى يوقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ 9 ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 1772 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ. چارﺭﻭﺳﯩﻴﻪ 1871 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.
1762 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯜﺭﻩﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﯩﺪﻯ. ﭼﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﻪ -- ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯘﯓ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﻚ) ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯕﻨﻰ ﮔﯘﯓ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﻏﻮﺟﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ، ﻣﺎﻧﺠﯘ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯓ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ <<ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯘﯓ-ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ>> ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. (ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "ﺷﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ"، "ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ) ﻣﯘﺳﺎ ﮔﯘﯓ 1766 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺑﻪﮒ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﯞﻩ ھېيت ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺟﺎﻣﻪ-ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ (ﻛﯩﭽﯩﻜﺮﻩﻙ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ). ﭼﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﭼﻴﻪﻧﻠﻮﯓ ﺧﺎﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﮬﺎﭘﯩﺰﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ. ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯕﻐﺎ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ﺟﺎﻣﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺳﻪﺭ ﻛﯜﻣﯜﺵ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﺭﺍﻧﺰﯨﭗ ﮔﯘﯓ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳېﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ <<ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼھ>> ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺯﺍﻝ (ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﺍ-ﭘﻪﺷﺘﺎﻕ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﭼﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﯖﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺟﺎﻣﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ 1773 - ﻳﯩﻠﻰ (ﮬىﺠﯩﺮى 1186) ﻳﺎﺳﺎﭖ چىققان.