غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبى

بىلىمخۇمار

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بىر كەسكىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن يېقىندا بەزى تورداشلار سورىغان "مەن قانداق قىلىمەن؟"، "بىز قانداق قىلىمىز؟" دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ، بىر ئاز ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، تاشقى سەۋەبنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھازىر ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىۋاتقان چېكىنىشلەرنى ئۇلارنىڭ مۇنداق 4 چوڭ ناچار ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم: (1) كىتاب ئوقۇماسلىق، (2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، (3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق، ۋە (4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىش. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق 3 ئىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم: مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش. مەن بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىگە ۋە ناخشا-ئۇسۇلغا ئەمەس، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىپ تەربىيىلەش، يەنە بىرى بولسا، ھازىرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سورۇن پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى، مەسىلەن، يېرىمىنى، كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتىدىغان قىلىش، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب - جۇرناللارنىڭ ئەھۋالىنى مەن ياخشى بىلمەيمەن. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 175 مىليوندىن كۆپ تۈردىكى كىتاب نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ھەر يىلىغا نەشر قىلىنىدىغان كىتابنىڭ تۈرى بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن.

2006- ۋە 2007-يىلى يازدا، مەن ئۇيغۇر دىيارىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغان ۋاقىتتا، ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر خىل كىتابنىڭ سېتىلىش مىقدارى 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇيغۇرنىڭ نوپۇس سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ سان "پەقەتلا يوق" دېگەندىن سەللا ياخشىراق بولۇپ، مەن بۇ ئەھۋالدىن چۆچۈپ كەتتىم. شۇنىڭدىن تارتىپ مېنىڭ كاللامدىن مۇنداق بىر سوئال زادىلا كەتمىدى: "ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدۇ؟".

مەن كىچىك ۋاقتىمدا كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدىم. لېكىن، ئوقۇيدىغانغا كىتاب يوق ئىدى. 1971-1976-يىللىرى مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان 5 يىل جەريانىدا، خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ياش - ئۆسمۈرلەر كىتابىدىن پەقەت بىر قانچىسىلا چىققان ئىدى. يېقىنقى زاماندىكى تۇنجى ئۇيغۇر رومانىمۇ قېيۇم تۇردى تەرىپىدىن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان كىتاب-جۇرناللارنىڭ سانى ھازىر ئۇ چاغدىكىدىن جىق كۆپەيدى، دەپ ئويلايمەن. لېكىن، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ؟ يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب ئىزدەپ، مەن چەت ئەلدە چىقىدىغان كىتاب - ماقالىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئازراق سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. ھەمدە بىر قانچە چوڭ پەرقلەرنى بايقىدىم. بۇ يازمامدا، ئۆزۈم بايقىغان ئاشۇ پەرقلەرنى تەسۋىرلەپ ئۆتمەكچىمەن. يەنى، بۇ يازمىدا مەن ھەرگىزمۇ غەربلىكلەرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىنى ئىلمىي ئاساستا تەپسىلىي ياكى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ چىقمايمەن. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلاردا بار، ئەمما بىزدە يوق بەزى ياخشى ئۇسلۇبلارنى كۆرسىتىپ ئوتىمەن. مەقسىتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ياش يازغۇچىلارغا ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يازغۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلماقچى بولغانلارغا غەرب ئەللىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ كىتاب - ماقالە يېزىش ئۇسلۇبىدىكى بەزى ياخشى نەرسىلەرنى تونۇشتۇرۇپ بېرىش. ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسىدە 1983-يىلىدىن كېيىن ھېچ قانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە چەت ئەلدە ياشاپ يۈرۈپ خېلى زور چېكىنىش بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى يازغۇچىمۇ ئەمەس. لېكىن، مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. دوكتۇرئاشتىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىللەردە، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە يۇقىرى تېخنولوگىيىلىك شىركەتلەردە ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان بىر قانچە ئىلمىي تەتقىقات جۇرناللىرىغا "تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى" مۇ بولۇپ باققان ئىدىم. يېقىندا ئۇ ئىشنى يەنە قايتا باشلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن داۋاملىق ئىنگلىز تىلىدىكى ھەر خىل نەرسىلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرىمەن. شۇڭا مەن بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مەن ئۆزۈم ئويلاپ يېتەلىگەنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

(1) ئۇيغۇر ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىتاب ئوقۇش ئومۇملاشماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مېھماندارچىلىق ئەۋج ئالغان.

(2) بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا كىتابقا قىزىقىدىغان قىلىپ تەربىيىلەنمىگەن.

(3) كىتاب - جۇرناللاردىكى مەزمۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.

(4) كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى تېز چىقمايدۇ. شۇڭا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەرنى كىتاب ئانچە جەلپ قىلالمايدۇ.

(5) خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتتە ئۆسۈش ئىشلىرى كىتاب ئوقۇپ ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئانچە ئوڭ تاناسىپ ئەمەس. بىلىمنى ئىشلىتەلمەسلىك ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئېغىر.

(6) بەزىدە ئادەم قانچە كۆپنى بىلسە شۇنچە ئاسان بالاغا قالىدۇ.

مەن بۇ يازمىنى يۇقىرىدىكى 3- سەۋەبتە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ يازمىدا ئاشۇ بىر مەسىلىنى تاللىشىم ھەرگىز ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئۇيغۇرلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، قىلالايدىغان، لېكىن تېخىچە قىلمىغان بۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما بىز ھەممىمىز ناچارلىشىشقا يۈزلىنىپ، بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشكە قاراپ ئۇھ تارتىپ ئولتۇرساق، ياكى پەقەت سەۋەبلەر ئۈستىدە سۆزلەپ ۋە شىكايەت قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىچىمىزنىلا بوشىتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىش قىلماي قاراپ ئولتۇرساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇپ قالمايدۇ. "ئۇنداق بولۇپ كەتتى، بۇنداق بولۇپ كەتتى"، دەپ قاراپ تۇرۇشنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق. شۇنداق دەپ چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ مېڭىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئۇنداق قىلىش بىر چوڭ ھاماقەتلىك. ئۇنىڭ ئورنىغا، خۇددى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرغانغا ئوخشاش، ھەسرەتنى، نەپرەتنى ۋە غەزەپنىمۇ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلغاچ تۇرغىنىمىز ياخشى. مەن بۇ يازمىنى دەل ئاشۇنداق بىر مەنتىقىدە تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانى ۋە غۇرۇرى بىلەن ياشاش يولىنى تاللىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇرلار كىتابنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىلىقلار ئېرىشكەن پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ھازىرچە ئۇيغۇرلار ئامېرىكىلىقلار ئېرىشىدىغان ئۇنۇمنىڭ 50 پىرسەنتى ئەمەس، 10 پىرسەنتىگىمۇ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئېرىشەلەيدىغان ئۈنۈم چوقۇم نۆل بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار ھازىرقى ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان قىزىقىشى بىلەن سورۇن ئادىتىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمەي (ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغىمۇ ئېھتىياجلىق؛ ئۇ نەرسىلەرمۇ مىللىي كىملىكنىڭ بىر قىسمى)، ئۇ قىزىقىش ۋە ئادەت ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان پۇلى بىلەن ۋاقتىنىڭ پەقەت يېرىمىنىلا كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتالىسا، ئۇيغۇرنىڭ كۈنى ھازىرقىدىن جىق ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھازىرقى ناچار ئەھۋالىنى ئاشۇنداق كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ تەكلىپلىرىنى بايان قىلىشنى باشلايمەن.

1. بۆلۈملەرگە ئايرىپ، كىچىك تېما قويۇش

غەربلىكلەر يازمىلىرىنى مەزمۇنغا قاراپ كۆپلىگەن بۆلۈملەرگە ئايرىپ، ھەر بىر بۆلۈمگە بىردىن كىچىك تېما قويىدۇ. مەسىلەن، 1.، 2.، 3. دېگەندەك. ئەگەر ھەر بۆلۇمنىڭ ئۆزى بىر قانچە تارماقلارغا بۆلۈنسە، ئۇلارغا تارماق تېما قويىدۇ. مەسىلەن، 3.1، 3.2، 3.3 دېگەندەك. مەن بىرەر ماقالە ئوقۇماقچى بولسام، ئۇ ماقالىنى ئۇنىڭ باش تېمىسىغا قاراپ تاللىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىچىك تېمىلىرىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىمەن. شۇ ئارقىلىق بۇ ماقالە قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمەن. شۇ ئاساستا بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىقنى قارار قىلىمەن. بەزىدە پەقەت ئۆزۈم قىزىقىدىغان بۆلۈمنىلا ئوقۇيمەن. ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، "بۇ ماقالىدە قانداق مەزمۇنلار بار ئىكەن؟ مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار نەرسە نېمە ئىكەن؟" دېگەن سوئاللارنى سورايمەن. كۆپىنچە ھالدا مېنىڭ ئېسىمدە قالىدىغىنى بۇ ماقالىنىڭ كىچىك تېمىلىرى بولۇپ، ئۆزۈم مۇھىم دەپ ئويلىغان بەزى تېمىلار ئېسىمگە كەلمىسە، مەن ئۇنى دەرھال يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىمەن. دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ بۇ بىر ماقالىدىن ئۈنۈمگە ئېرىشىشىمدە، ئۇنىڭغا قويۇلغان كىچىك تېمىلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەن ھازىر ئۆز يازمىلىرىمدا مۇشۇ ئۇسلۇبنى كۆپ قوللىنىۋاتىمەن. ئەگەر قىزىقىدىغانلار بولسا، مېنىڭ http://www.meripet.com/Sohbet/ دېگەن تور بېتىدىكى يازمىلىرىمنىڭ لاتىن يېزىقى نۇسخىلىرىغا بىر قاراپ باقسا بولىدۇ.

مەن ئىشلەتكەن ئۇ ماقالە قۇرۇلمىسى يازمىلىرىمنىڭ ئىنتېرنېتتا كونا يېزىقتا چىقىرىلغان نۇسخىلىرىدا ئانچە ياخشى ئىپادىلەنمەي قالدى. سەۋەبى، بىر قىسىم كونا يېزىق تور بەتلىرى ئىشلەتكەن بېكەت سېستىمىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە چەكلىمىسى بار ئىكەن.

مەن يېقىندا "شىنجاڭ مەدەنىيىتى"، "ئاقسۇ ئەدەبىياتى" ۋە "ئىلى دەرياسى" دېگەن جۇرناللارنىڭ بىردىن سانىغا قاراپ باقتىم. ھەمدە ئۇلاردىكى بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇپ باقتىم. بۇ جۇرناللاردىكى ماقالىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 5 بەتتىن 10 بەتكىچە بولىدىكەن. خېتى ئۇششاق بولغاچقا، 5 بەتلىك ماقالىدىمۇ ناھايىتى كۆپ مەزمۇن بار ئىكەن. لېكىن، بۇ ماقالىلەردە ئاساسەن باش تېمىدىن باشقا تېما يوق ئىكەن. شۇڭا مېنىڭ چەت ئەلدىكى ماقالە ئوقۇش ئۇسۇلۇم ئۇ ماقالىلەرگە زادىلا ئىشلىمىدى. بۇ جۇرناللاردىكى ماقالىلەرنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، مەن دەسلەپتە بۇ ماقالىلارنىڭ كۆرۈنىشى (مەزمۇنى ئەمەس) توغرىسىدا ئېرىشكەن تەسىرات "بۇ ماقالىلەر نېمە دېگەن زېرىكىشلىك؟" دېگەندىن ئىبارەت بولدى، يەنى قايسى بەتنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭ كۆرۈنىشى باشقا بەتلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن. مەن بىر قېتىم تېلېۋىزوردا بىر ئەرەب شەھىرىنى كۆرگەندە ئاشۇنداق ھېسسىياتقا كەلگەن ئىدىم: ھەممە ئۆيلەرنىڭ ياسىلىش شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشاش، ھەمدە ھەممە ئۆيلەرنىڭ رەڭگى ئاق. مەن يۇقىرىقى جۇرناللاردىكى ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرىنى بىر-ئىككى ئابزاس ئوقۇپ بېقىپلا زېرىكتىم. قالغان قىسمىدا نېمە مەزمۇن بارلىقىنى ئىنتايىن بىلگۈم بار ئىدى. لېكىن ئۇنداق قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش. لېكىن، مېنىڭ ئۇنىڭغا ۋاقتىم ۋە تاقىتىم بولمىدى. دېمەك، كىچىك تېمىلارنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن، مەن بەزى ماقالىلەردىن پايدىلىنالمىدىم، ھەمدە ئۇ ماقالىلەرمۇ ئەسلىدە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى.

يۇقىرىقى جۇرناللاردىكى ماقالىلەردىن بىرەرىنى ئوقۇپ، بۈگۈن تۈگىتىپ بولالماي، ئەتە داۋامىنى ئوقۇماقچى بولسا، قەلەم بىلەن بەلگە ئۇرۇپ قويمىغان ئەھۋالدا، تۈنۈگۈن كەلگەن يېرىنى تېپىشمۇ ئانچە ئاسان ئەمەسكەن.

يۇقىرىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەن كۆرىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى كىتاب - ماقالىلەر كالىفورنىيىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى بىنالارغا ئوخشايدۇ: بىر يەردىكى 10 بىناغا قارىسىڭىز ئۇلار 10 خىل لايىھىدە سېلىنغان، ھەمدە 10 خىل رەڭدە سىرلانغان. سان فرانسىسكوغا ساياھەتكە كەلگەنلەر ئاشۇ بىنالارنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىدىنلا خېلى ھۇزۇرلىنىپ قايتىشىدۇ. ئەگەر سىز ئامېرىكىدا نەشر قىلىنغان ئىجتىمائىي - پەن كىتابلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ بىر بەتتىن 3 بەتكىچە بولغان ئارىلىقىدا چوقۇم بىر كىچىك تېما بارلىقىنى بايقايسىز. ئەگەر بىز كىتاب - ماقالە ئوقۇشنى بىر سەپەرگە ئوخشاتساق، كىتابتىكى كىچىك تېمىلار خۇددى بىر يول خەرىتىسىگە ئوخشايدۇ. سىز بىر كىتابنى ۋاراقلاپ، ئۆزىڭىز بارماقچى بولغان يەرگە قانداق مېڭىشنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.

مەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ كىچىك تېما قويۇش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشىنى سورايمەن. بۇ ئۇسۇلنى كىتاب ۋە ماقالىلەردىلا ئەمەس، مېنىڭچە ھېكايە ۋە رومانلاردا ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر ھېكايىدىكى ۋەقەلىك قەشقەر، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئۇنىڭغا "1. قەشقەردىكى ۋەقە"، "2. ئاقسۇدىكى ئوقۇش"، "3. ئۈرۈمچىدىكى توي" دېگەندەك تېمىلارنى قويسا بولۇۋېرىدۇ. كىچىك تېما قويۇش بىلەن ماقالىنىڭ يول قويۇلغان ئۇزۇنلۇقىغا ئازراق تەسىر يېتىشى مۇمكىن. لېكىن، ئەگەر ئۇ ماقالىنى باشقىلار ئوقۇمىسا، ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئۈنۈمى نۆل بولىدۇ. شۇڭا بىر-ئىككى ئابزاسنى قۇربان قىلىپ، ماقالىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ياخشى لايىھىلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىشنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ.

2. جۈملىنى قىسقا ئېلىش

جۈملىنى قىسقا ئېلىش ئامېرىكىدىكى يېزىقچىلىق توغرىسىدىكى بارلىق دەرس ۋە كىتابلاردا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن بىر ئىش. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەيلى تەبىئىي - پەن كىتاب - ماقالىلىرىدا بولسۇن، ياكى ئىجتىمائىي - پەن كىتاب ماقالىلىرىدا بولسۇن، ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئىش. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ يازمىلىرىدا بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن. مەن بۇنىڭدىن بىرەر يىل بۇرۇن بىر ئامېرىكىلىق تونۇشۇمغا بىر ئۇيغۇرچە ماقالىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ ماقالىنىڭ بىر يېرىدە جۇرنال بېتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن بىر ئابزاستا چېكىتتىن جەمئىي ئۈچىلا بار ئىكەن. يەنى يېرىم بەتلىك بىر ئابزاستا جەمئىي 3 جۈملە سۆز بار ئىكەن. مەن ئۇ مەزمۇن ئۈستىدە بىر "ئومۇميۈزلۈك ئوپېراتسىيە" ئېلىپ بېرىپ، ئۇ 3 جۈملە سۆزنى 20-30 جۈملە سۆز قىلىپ تەرجىمە قىلدىم. جۈملە بۇنداق ئۇزۇن بولسا، ئۇنىڭ ئاخىرىسىنى ئوقۇپ بولغۇچە، ئالدىنقى قىسمىدىكى مەزمۇننى ئادەم ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى كاللىغا كىرگۈزەلمەي، ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز بىر يازغۇچى بولسىڭىز، ئوقۇرمەنلەرنى بۇنداق قىينىماڭ. پۈتۈن يېزىش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىڭىزدىن "مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتىمەنمۇ؟" دەپ سوراپ تۇرۇڭ. ئىمكان قەدەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېڭىسىنى ئاسراڭ. كاللا ئىشلىتىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئورۇنسىز ئىسراپچىلىقتىن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ساقلىنىش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى، جۈملە بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئۇ ھەرگىزمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

3. ئاددىي سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىش

ئۇيغۇرچىدىكى "رۇخسەت سوراش" بىلەن "ئىجازەت ئېلىش" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئوخشاش. لېكىن، "رۇخسەت سوراش" دېگەن سۆزنى باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىنىڭ بالىلىرىمۇ چۈشىنەلىشى مۇمكىن. لېكىن، "ئىجازەت ئېلىش" نى بولسا ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىزغا چىققاندا ئاندىن چۈشىنىدىغان بولۇشى مۇمكىن. كىتاب ۋە ماقالە يازغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى، شۇ سەۋىيىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى نوپۇسنىڭ قانچىلىك نىسبىتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئوبدان ئويلىنىش كېرەك. مەن ئۇيغۇرلار نەشر قىلغان ناھايىتى ياخشى مەزمۇنلۇق كىتاب - ئەسەرلەردىن بىر قىسمىنى كۆردۈم. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، پۈتۈن خەلق دائىرىسىدە مەجبۇرى ئۆگىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئوقۇشقا ئەرزىيدىكەن. لېكىن، بەزىلىرىنىڭ تىلى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىدە ئاپتورنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش قىيىن ئىكەن.

ئۆتكەندە مېنىڭ بىر تونۇشۇم ئۆزى بىلەن باشقا بىر زىيالىي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتېرنېتتىكى بىر مۇنازىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى تەكلىپ قىلىپتىكەن. ئۇ تونۇشۇمغا بولغان ھۆرمىتىمنىڭ كۈچى بىلەن بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇ مۇنازىرىنى ئوقۇپ بېقىشقا تىرىشتىم. لېكىن، مۇنازىرە بىر پەلسەپىلىك مەسىلە ئۈستىدە بولۇپ، تىلى بەكلا مۇرەككەپ ئىكەن. شۇڭا ئۇ بىر تېمىنىڭ چېكىلىش سانى 50 كىمۇ بارماپتۇ. يەنى، ئۇ تېمىنى چېكىدىغانلار ئاساسەن مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئاشۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزى ئىكەن. مەن ئۇلار دەۋاتقان بەزى گەپلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ چۈشىنىۋاتقانلىقىغا ئانچە ئىشەنگۈم كەلمىدى. بۇنداق سەۋىيە سىناش مۇنازىرىلىرىنى بارلىق ئادەملەر كىرىدىغان تور بېتىدە ئېلىپ بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئۇنى بىر ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا قىلىش كېرەك. ياكى بولمىسا ئۆز كەسپىي ساھەسىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان بىر مۇنبەر قۇرۇپ، شۇ يەردە ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇنىڭ نېمە قىممىتى بار؟

يەنە بىر ئىش، سانلىق قىممەتلەرنى قانداق يېزىش مەسىلىسى. مەن بۈگۈن (2008-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى)

http://www.census.gov/main/www/popclock.html

دېگەن تور بېتىدىكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ سانىغا قاراپ باقسام، ئۇ 6660904010 ئىكەن (بۇ سان توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن). بۇ ساننى بىر ئوقۇپ بېقىڭ. ئەگەر سىز بىر چوڭ يىغىندا بىر نەرسە ئوقۇۋېتىپ، ئۇ نەرسىدە يۇقىرىقى سان چىقىپ قالسا، ئۇنى توغرا ئوقۇش ئۈچۈن سىزگە قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟ ئۇيغۇرچە ماقالىلەردە سانلىق قىممەتلەر يۇقىرىقىدەك يېزىلىدىكەن. ياكى بولمىسا پۈتۈنلەي سۆز بىلەن يېزىلىدىكەن. ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردا يۇقىرىقى سان 6، 660، 904، 010 دەپ يېزىلىدۇ. يەنى، ھەر 3 خانىلىق سانغا بىردىن پەش قويۇلىدۇ. ساننىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئالدىغا قاراپ ماڭسىڭىز، 1-پەش مىڭنى، 2-پەش مىليوننى، 3-پەش بولسا مىلياردنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا سىز ھېچ قانداق ئاۋارە بولمايلا ھازىرقى دۇنيا نوپۇسى 6.7 مىلياردقا يېقىن ئىكەن، دېگەننى بىلىۋالالايسىز. سىزنىڭ 12345 سوم پۇلىڭىز بار بولسىمۇ، ئۇ ئىنگلىزچىدا 12، 345 $ دەپ يېزىلىدۇ. ئەڭ ئالدىدىكى بەلگە "دوللار" دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىنگلىز تىلىدىكى كىتاب ۋە ماقالىلەردە ھەممە نەرسە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىش ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولىدۇ.

مەيلى باشقىلارغا بىلىم بېرىش بولسۇن، باشقىلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش بولسۇن، ياكى ئۆز سەۋىيىسىنى نامايان قىلىش بولسۇن، بۇ مەقسەتلەرگە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، يازغان نەرسىسى باشقىلارنى جەلپ قىلىش، يازغان نەرسىسىنى باشقىلارغا ئوقۇتۇش. ئەگەر باشقىلار ئوقۇمىسا، يازغان نەرسىنىڭ ھېچ بىر ئۈنۈمى ۋە قىممىتى بولمايدۇ. بىر كىتاب يازالايدىغان سەۋىيىگە يەتمەك بەك تەس. ئاشۇ سەۋىيىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، ھازىرقى شارائىتتا بىرەر كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرماق تېخىمۇ تەس. شۇنداق بولغاچقا، ھەر بىر جۈملىنى يازغاندا ئىشلەتكەن سۆزلۈكلەرنى ئىنتايىن ئەستايىدىل تاللاش كېرەك. ئەگەر بىر مەنىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدىن 4-5 بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىيسىنى تاللاش كېرەك. شۇ ئارقىلىق كىتاب ۋە ماقالىدىن ئەڭ زور ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئەگەر خەۋىرى بارلار بولسا، مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرىسىغا ئىنكاس تەرىقىسىدە مۇنداق بىر نەرسىنى يېزىپ قويساڭلار: ئۇيغۇر نوپۇسى ئىچىدە ھازىر باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن، تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن، تولۇقنى پۈتتۈرگەن ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ نىسبىتى قانچىلىك؟ ئۇلارنىڭ سانىچۇ؟ يازغۇچىلار مۇشۇ نەرسىلەرنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، شۇ ئاساستا يازماقچى بولغان مەزمۇن، سەۋىيە ۋە ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى تاللىشى كېرەك. بولمىسا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ.

4. رەسىم ۋە جەدۋەللەردىن پايدىلىنىش

ئىنگلىز تىلىدىكىلەرنىڭ "بىر سۈرەتنىڭ مىڭ سۆزگە باراۋەر قىممىتى بار" دېگەن بىر سۆزى بار. ئامېرىكىدا يالغۇز تەبىئىي - پەن كىتاب - ماقالىلىرىدا رەسىم ۋە جەدۋەل قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىشلىتىپلا قالماي، ئىجتىمائىي - پەن كىتاب - ماقالىلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ ئىش ھازىر بىر رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنى "كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىش قوراللىرى" دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن ئۇقۇملىرىنى رەسىم بىلەن چۈشەندۈرىدىغان بىر تارماق بار بولۇپ، ئۇنى "رەسىملىك تەشكىللىگۈچىلەر" دەپ ئاتايدۇ. بەزىلەر ئۇنى "ئۇقۇم خەرىتىسى" دەپمۇ ئاتايدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، رەسىملىك تەشكىللىگۈچىلەر ھەممە كەسىپتىكى ئۆگىنىش جەريانى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ رولى ئوقۇش، چۈشىنىش ۋە بىلىدىغان سۆزلۈكنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. كىشىلەر رەسىملىك تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، ئوقۇۋاتقان مەزمۇننىڭ ئارقىسىدىكى ئۇقۇمنى ئاسان چۈشىنىۋالالايدۇ، ھەمدە مۇھىم ئەمەس مەزمۇنلارنى ئاسانلا پەرق ئېتەلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ خىل قورالدىن قانچىلىك كۆپ پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، مەن ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى تور بېتىگە ئۇلىنىشىنى قويۇپ قويغان كىتابنى ئۆز كومپيۇتېرسىغا چۈشۈرۈۋېلىپ، ئۇنى بىر ۋاراقلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن:

http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=17172&extra=page%3D1

بۇ كىتاب كوۋەي ئەپەندىنىڭ "ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى" دېگەن كىتابىنىڭ PDF شەكلى بولۇپ، ئۇنى ئۆزىگە "Uyghuronline" دېگەن ئىنتېرنېت ئىسمىنى قويۇۋالغان قېرىندىشىمىز تەمىنلىدى (سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت).

تۆۋەندىكىسى مەن ئۆزۈم تەييارلىغان ئىككى پارچە رەسىم. ئۇنىڭ بىرىنچىسىدە كىرىشىپ ئۆگىنىدىغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى چۈشەندۈرۈلگەن. ئىككىنچىسىدە بولسا ئادەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇلنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. 1-رەسىمنى مەن ئىنتېرنېتتىن تاپقان "رەسىملىك تەشكىللىگۈچىلەر" گە ئائىت بىر ماتېرىيالدىكى بىر رەسىمگە ئاساسەن تەييارلىدىم. ئىككىنچى رەسىمنى بولسا ئالدىنقى ئىككى يازمامدا تونۇشتۇرغان كوۋەي ئەپەندىنىڭ كىتابىدىكى بىر رەسىمگە ئاساسەن تەييارلىدىم. ئەگەر خالىسىڭىز، سىناق تەرىقىسىدە سىز مۇشۇ ئىككى رەسىمدىكى ئۇقۇمنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ يېزىپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىز يازغان تېكىست بىلەن بۇ رەسىمنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. سىزچە ئوقۇرمەنلەر قايسىسىنى ئوبدانراق چۈشىنىدۇ؟ قايسىسىنى ئېسىدە ئاسانراق قالدۇرالايدۇ؟ بۇ يەردىكى مىساللار رەڭلىك بولۇپ، كىتاب-جۇرناللارغا چىقىرىدىغان رەسىملەر رەڭلىك بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى كىتاب-جۇرناللاردا ئىشلىتىلگەن رەسىملەرنىڭ ئىچىدە رەڭلىكلىرى ناھايىتى ئاز.


1-رەسىم: كىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلارنىڭ خاراكتېرى.


2-رەسىم: ئادەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى.

5. ئابستراكت بىلەن خۇلاسە قىسىملىرى بولۇش

مەيلى تەبىئىي پەن بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي - پەن بولسۇن، ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا يېزىلغان، ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن ئابستراكتى ۋە بىردىن خۇلاسىسى بولىدۇ. بۇ "ئابستراكت" قىسمىدا بۇ ماقالە نېمە توغرۇلۇق ئىكەنلىكى، نېمىلەر بايان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ. كۆپىنچە جۇرناللارنىڭ ئابستراكت قىسمىدىكى سۆزلۈكنىڭ ئەڭ يۇقىرى سانى توغرىسىدا چەكلىمىسى بولىدۇ. ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدا بىر "خۇلاسە" قىسمى بولىدۇ. ئۇنىڭدا بۇ ماقالىدا نېمە بايان قىلىنغانلىقى ۋە بۇ تەتقىقات بىلەن ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر بىلەن ئېرىشكەن مۇھىم يەكۈنلەر خۇلاسىلىنىدۇ. ئىلمىي جۇرنالدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە ئەمەس، "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" بىلەن ئوخشاش جۇرنالغا چىققان ئۇزۇن ھەجىملىك ماقالىلەردىمۇ ئاشۇنداق ئابستراكت بىلەن خۇلاسە قىسمى بولىدۇ. مەن ئۇنداق ئۇزۇن ماقالىلەرنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئابستراكتى بىلەن خۇلاسىسىنى ئوقۇيمەن. شۇ ئارقىلىق بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇش-ئوقۇماسلىقنى قارار قىلىمەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا، كىشىلەر بۇنداق ئۇزۇن ماقالىلەرنى تولۇق ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە قالىدىغىنى ئاشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى "خۇلاسە" قىسمىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار بولىدۇ.

مېنىڭ پەرىزىمچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جۇرناللاردا چىقىدىغان 5 بەتلىك ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ماقالىلەرنى مۇشۇنداق "ئۇزۇن ماقالە" دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بىر ئابستراكت بىلەن بىر خۇلاسە قىسمىنى كىرگۈزۈپ قويۇشنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن زور پايدىسى بار، دەپ ئويلايمەن.

6. ئاخىرقى سۆز

مەن 1988-يىلى ياپونىيىدىكى ئوقۇشتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى بىر مۇلازىمەت ئورنىغا شاڭخەيدىن ماڭدۇرىۋەتكەن بىر-ئىككى ساندۇق نەرسىلىرىمنى ئېلىۋېلىشقا باردىم. مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا سائەت چۈش ۋاقتى 12 دىن 5 مىنۇت ئوتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ياپونىيىدە بۇنداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى چۈشتە دەم ئالمايدىغان بولغاچقا، مەن ئۇنداق بولۇشىنى بىلمەپتىمەن. مەن قالغان 15 دەك كىشىلەر بىلەن ئۇ يەردىكى بىر كىچىك ئۆيدە 2 سائەتكە يېقىن ئۆچىرەت تۇرۇپ ساقلىدىم. سائەت چۈشتىن كېيىن 2 بولغاندا، ئۇ شىركەتنىڭ بىر ئادىمى چىقىپ، "بۈگۈن چارشەنبە، چۈشتىن كېيىن سىياسىي ئۆگىنىش بار. شۇڭا بىز ئىشلىمەيمىز. ئەتە كېلىڭلار." دېدى. مېنىڭ بۇ ئىشقا دەھشەت غەزىپىم كەلدى. "ئۆزۈڭنى دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ بىرسى، دەپ ھېسابلايسەن. ئۇنداق بولمىساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟ بىر ۋاراق قەغەزگە ئىككى جۈملە سۆز يېزىپ، دېرىزەڭگە چاپلاپ قويساڭ بولماسمىدى؟" دەپ ئويلىدىم. ئامېرىكىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خېرىدارلار تىزىلىپ ساقلايدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى چۈش ۋاقتى ئارام ئالمايدۇ، ھەمدە ھەر خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشىنى ناھايىتى قولايلىقلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇلنىڭ بىرسى مۇنداق، بىر چۆگىلەيدىغان كىچىك چاقتا نومۇرى بار قەغەز يۆگەكلىك بولۇپ، بۇنداق ئورۇنغا كىرگەن كىرگەن خېرىدارلار ئالدى بىلەن ئاشۇ نومۇردىن بىرنى ئالىدۇ، ئاندىن خېرىدارلار تەييارلانغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ساقلايدۇ. مۇلازىمەت ئورنىنىڭ خادىمى ياكى نۆۋىتى كەلگەن نومۇرنى چاقىرىدۇ، ياكى بولمىسا نۆۋىتى كەلگەن نومۇر بىر كىچىك ئېلىكتىرونلۇق ئېكراندا كۆرۈنىدۇ. سىز شۇ چاغدا مۇلازىمەت پوكىيىگە بارىسىز. چارچاش يوق، ئارقا ئىشىك يوق، ئۆچىرەتكە قوشۇلىۋالىدىغانلار يوق، ھەمدە ئۇرۇشۇشمۇ يوق. دىمەك ئامېرىكىدا بىر كىچىككىنە ئىشنى ئارتۇق قىلىش ئارقىلىق، خېرىدارلارغا يۈكسەك دەرىجىدە ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىلگەن. يۇقۇرىقىدەك بىر مۇلازىمەت جەريانى بىر قالاق جەرياندىن بىر مەدەنىيەتلىك جەريانغا ئۆزگەرتىلگەن.

نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىتىدىغان بىر نەرسىنى ياساپ چىقىرىدىغانلار چوقۇم ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى قاتارىدا ئىشلەپ چىقارغان نەرسىسىنىڭ ئىشلىتىشكە قۇلايلىق ئىكەنلىكى - ئەمەسلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر باش قاتۇرۇشى كېرەك. مەھسۇلاتىنىڭ لايىھىسىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىر قېتىم "بۇنى ئىشلىتىشكە قۇلايلىق قىلغىلى بولىدىغان يەنە بىرەر تەرىپى بارمۇ؟" دەپ قاتتىق ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك. ئەگەر سىز تۇتقۇچى يوق ئىشىكتىن بىرنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن 10 مىڭ دانە ساتسىڭىز (بۇ ساننى ئىنگلىز تىلىدىكىلەر 10، 000 دەپلا يازىدۇ، سۆز بىلەن يازمايدۇ)، ئۇنى ئالغان 10 مىڭ كىشىنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن تۇتقۇچ، مىخ ۋە ئۈشكە سېتىۋېلىپ، ئۇ تۇتقۇچنى ئۆز ئىشىكلىرىگە بېكىتىپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز ئۇ تۇتقۇچنى ئۆز زاۋۇتىڭىزدىلا بېكىتىپ، ئاندىن ساتسىڭىز، سىزگە ئانچە كۆپ ئىش كەتمەيدۇ، لېكىن سىز ئاشۇ 10 مىڭ ئادەمنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى بىلەن پۇلىنى تېجەپ قالىسىز. دۇنيادا تۇتقۇچى يوق ئىشىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت يوق. مەن بۇنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۈرۈمچىدە بولغان ئىشنى پەقەت بىر مىسال سۈپىتىدە دەۋاتىمەن. ئوقۇرمەنلەر يازغۇچىلارنىڭ خېرىدارلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سىز بىر يازغۇچى بولسىڭىز، بىر ماقالە ياكى كىتابنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ، مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ئاساسىدا، "ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى، چۈشىنىشى، ئەستە قالدۇرۇشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن قىلىپ بېرەلەيدىغان يەنە بىرەر ئىش بارمىدۇ؟" دەپ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بۇرۇنقىدىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشالايسىز.

مەن بۇ يازمىدا ھازىرغىچە پەقەت يازغۇچىلار توغرىسىدىلا سۆزلىدىم. ئەمدى ئوقۇرمەنلەر توغرىسىدىمۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاي. ئۇيغۇرچىدا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ يەنە بىر نامى بار. ئۇ بولسىمۇ "ئىزباسارلار". ئۇلار كىمنىڭ ئىزىنى باسىدۇ بىلەمسىز؟ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگىچە ئاساسەن ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكا-ھەدىلىرىنىڭ ئىزىنى باسىدۇ. ھەممە ئىشنى ئاشۇلاردىن ئۆگىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاتا-ئانا ۋە ھەدە-سىڭىللار ھەر بىر بالا ئۈچۈن ھەممە جەھەتتە ئۈلگىلىك رولىنى ئوينايدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئۈلگىلىك رولى تەدرىجىي ئاجىزلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا كىتاب ئوقۇشتا سىز بالىڭىزغا بالىڭىز ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ياخشى ئۈلگە بولۇڭ. "بالىڭىز كۆپ كىتاب ئوقۇسۇن" دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ "بالىڭىز ئۆيدە كىتاب ئوقۇسۇن، سىز ئولتۇرۇشقا بېرىۋېرىڭ" دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر سىز بالىڭىزغا ئاشۇنداق تۇزۇم چىقارسىڭىز، ياكى ئۇلارغا ئاشۇنداق تەلەپ قويسىڭىز، سىز بالىڭىزغا ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىسىز. ئانچە ياخشى ئۈنۈمگىمۇ ئېرىشەلمەيسىز. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىز قىلالمىغان ئىشتا ھەرگىز بالىڭىزدىن ئۈمىد كۈتمەڭ. "ئىزباسارلار" ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى "يول باشلامچى" بولۇشىغا موھتاج.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

2008-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى‏