Jump to content

غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى

ئورنى Wikipedia

ئادەم دېگەن قىزىق بولىدىكەن. يۇرتۇڭدا، قېرىنداشلار ئارىسىدا تۇرغۇنۇڭدا خەلئارا خەۋەرلەرگە مەستانە بولىدىغان گەپكەن. دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنى سېنىڭ ئەڭ دىققىتىڭنى چېكىدىكەن. يىراق قىرلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگىنىڭدە يۈرتۇڭغا دائىر پىچىرلاشلارغا قەدەر دىققەت قىلىدىكەنسەن. كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلسەڭ يۇرتۇڭغا دائىر خەۋەرلەرنى ئاقتۇرىدىكەنسەن، كۇتۇپخانىغا كىرسەڭ ئۇيغۇرغا دائىر كىتابلارغا ئالدى بىلەن كۆز يۈگۈرتىدىكەنسەن. كىتابخانىلارنى ئارىلىساڭ ئۇيغۇرغا ئائىتلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى بىرەر كىتاب ياكى بىرەر پاچە رەسىممۇ سېنى بىر ۋاقىتقىچە ھاياجانلاندۇرايدىكەن. 2008- يىلى ئولۇمپىكنىڭ ئالدى كەينىدە دىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلار خەلقئارالىق گېزىت ژورناللاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن غەرپ مەتبۇئارلىرى ئۇيغۇر توپراقلىرىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغا قەدەر دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدا بولغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر، ماقالە ۋە مۇھاكىمىلەرنى ئىمتىھانلىرىمنى قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ كېتەتتىم. شۇنداق خەۋەرلەردىن مەن ھىچ ئۇنۇتالمغان بىرىنى يازغۇم كەلدى.

"سۆيۈملۈك ئۇيغۇر" نىڭ سىرداشلىرى

2009-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكىنىڭ غەرىبى جەنۇبىدىكى مايئەمىيدە ياشايدىغان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىندىم. دوستۇم بىلەن دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپلىنىۋاتساق ئۆمرۈمدە كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر ھايۋان پۇتۇمنىڭ يېنىدىلا پەيدا بولۇپ قورقۇتىۋەتتى. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە كىلەدىن سەل چوڭ، تىمساق بالىلىرىغىلا ئوخشايدىغان بۇ مەخلۇقنىڭ ئىسمى ئىگۋانا ئىكەن. ئادەتتە ئادەملەرگە چېقىلمايدىكەن. دوستۇم،

-مەن تېخى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى جانۋارلارنى يات كۆرمەيدىغان، ھايۋانلاردىن قورقمايدىغان، ھايۋانلار بىلەن ئەپلىشىشكە ماھىر كىشىلەر ئوخشايدۇ، دېسەم سەن ئەجەپ قورقۇپ كەتتىڭغۇ؟ دەپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا قىزىقارلىق بىلىندى. نېمىشقا ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورۇسام ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتىن ئوقۇغان مۇنۇ خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى.

ئامېرىكىنىڭ غەربى جەنۇبىغا تەۋە بىر شەھەردە بىر ئۇيغۇر ئىنجىنىر ياشايدىكەن. بۇ كىشى ئەسلى غۇلجىدىن بولۇپ 60-يىللاردا ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەتكەنىكەن. سوۋېت ئىمپىرىيىسى پارچىلىنىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندا ئۇيغۇر دىيارىغا قايتماقچى بولغان بولسىمۇ ئىجازەت ئالالماپتۇ. ئاخىرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ غەرىبى جەنۇپتىكى شۇ شەھەردە ياشاپ قاپتۇ. بوۋاي ئولتۇرۇشلۇق كوچىدىكى مەھەللىداشلار ئىچىدە بەزى بوۋاي مومايلاردىن باشقا كۆپىنچەيلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن پەقەت "سۆيۈملۈك ئۇيغۇر" دەپلا ئاتىشىدىكەن. بۇ كىشى مەھەللىدىكى ئەخلەت ۋاگۇنىنىڭ يېنىغا بىر تاختاي ئورنىتىپ "بۇزۇلمىغان يىمەكلىكلەرنى تاشلىماقچى بولسىڭىز ماڭا قالدۇرۇڭ. سىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستىڭىز بۇ يىمەكلىلەر بىلەن قۇشلارنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ" دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بوۋاينىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئاتىلىپ قېلىشى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىكەن.

ھەر كۈنى بوۋاي سەھەر تۇرۇپ قوشنىلار ئەخلەت ۋاگۇنىنىڭ قېشىغا قالدۇرغان يىمەكلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ مەھەللىدىكى چىملىق مەيدانغا "داستىخان" سېلىپ يايىدىكەن. كەپتەرلەر، قۇشقاچلار، تۇرنىلار داستىخاندىكى يىمەكلەردىن چۇۋۇرلاشقانچە ئوزۇقلىنىشقا باشلايدىكەن. قۇشلارنىڭ بەزىلىرى بوۋاينىڭ دولىسىغا، بەزىلىرى بېشىغا قونۇپ ئەركىلىشىدىكەن. قۇشلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، قۇشلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ بولغاندىن كېيىن بوۋاي داچىسىنىڭ ئالدىدىكى بېغىغا ئىشلەيدىكەن. قوشنىلارنىڭ ھەيران قالغىنى بوۋاينىڭ بېغىغا يۇلغۇن، تېرەك، ئۈجمە، جىگدە قاتارلىقلارنى تىكىۋالغىىنى بولۇپتۇ. ئامېرىكىدا بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ غەرىبى جەنۇبىدا بۇ دەرەخلەرنىڭ بەزىلىرى ئاسان ئاينىمايدىكەن. بوۋاي يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەجىر قىلىپ بەزى كۆچەتلەرنى نەچچە ئون رەت قايتا قايتا تىكىپ ئاخىرى ئەي قىلىپتۇ. دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ئۈجمىنىڭ ئىسمى نۇزۇگۇم، تىرەكنىڭ ئىسمى سادىر، يۇلغۇننىڭ ئىسمى شىراق، جىگدىنىڭ ئىسمى سۇتۇق ئىكەن. بوۋاي دائىم بۇ دەرەخلەر بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سىردىشىپ كېتىدىكەن.

بوۋاينىڭ ئىشتىن كەلگەندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشى دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ بىر ئىگۋانا بىلەن مۇڭدىشىش ئىكەن. بوۋاي بۇ ئىگۋاناغا ئىستىقلال دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ئەسلى بۇ ئۇنىڭ 2009-يىلى تومۇزدا تۇغۇلغان غۇلجىدىكى تۇنجى پەينەۋرىسىنىڭ ئىسمى ئىكەن. دوستۇمنىڭ ھىكايسى شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنى توختىتىۋالدىم ۋە خەۋەرنىڭ تور ئادرىسىنى يېزىۋېلىپ ئۇچقاندەك ياتاققا قاراپ چاپتىم. گېزىتتە بوۋاينىڭ ئىگۋانا بىلەن سۆھبىتى مۇنداق بېرىلىپتۇ:"ئىستىقلال، سەن قورقۇۋاتامسەن نېمە؟ ساڭا نېمە بولدى؟ بۈگۈن تۈگۈلۈپلا قاپسەنغۇ؟ قورقما. بىز يالغۇز ئەمەس، بىز كۈچسىز ئەمەس، بىز چارەسىز ئەمەسمىز. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى دەمسەن! قارا، ئۇيغۇرنى ئىسلامغا مۇيەسسەر قىلغان سۇتۇق يېنىمىزدا. سۇتۇق بىزگە يەتكۈزگەن مەشئەل قولۇمىزدا، ئۇلۇق بوۋىلىرىمىز قارىخانىلار زامانىسىدا ئانا تىلىمىزدا سۆزلىگەن قۇرئان باغرىمىزدا، يۈرىكىمىزگە ئەڭ يېقىن جايدا. بىز قاراڭغۇدىن قورقاتتۇقمۇ، ئېيتقىنا بىز زۇلمەتتىن قورقاتتۇقمۇ؟ مۇسۇلمان ئۆلەمدۇ؟ مۇسۇلمان قورقامدۇ؟ ياق، ماڭا باق، ئىستىقلال! ماڭا باق، سۇتۇق ئۆلدى دەمسەن؟ نۇزۇگۇمنى ئۆلدى دېمەكچىمۇسەن! ياق، ياق! ئۇلار ئاللاھنىڭ جامالىغا مۇشەررەپ بولدى. ئۇلار شەھىدلىك شەرىپىگە نائىل بولدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتى. سەن مېنى ئۆلمىدى دەمسەن، ياق! مەن ئۆلدۈم ئارسلىنىم. مەن ۋەتەن توپراقلىرىنى كۆزۈمگە سۈرەلمىگەن، ۋەتەن زىمىنىغا باغرىمنى ياقالمىغان، ۋەتەننىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدىكى مۇبارەك يېڭى ئايغا سالام بېرەلمىگەن كۈندىن باشلاپ ئۈلۈكمەن. سەن گەپ قىلىۋاتىسەن، ھاياتسەن دېمەكچىمۇ؟ ھەئە، مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەن، مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەنلا ئەمەس، ئۆلۈك قەلبىمگە ئاخىرقى نەپەسلىرىمگە قەدەر مەلھەم بولۇۋاتقان ۋەتىنىمنى زىكىر قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ بىرلار ئارزۇيۇم بار بۆرەم، پەقەت بىرلا. مۇشۇ دۇنياغا بىرلا سۆزۈم بار، پۈتۈن جاھانغا ئاڭلىتىپ بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم، ئەي دۇنيا ئاڭلا بۇ ۋەتەن ماڭا مەنسۇپ! دەپ ۋارقىرىغان پېتىم بىر ئۆمۈر قانمىغان ۋەتەننىڭ باغرىغا يۈرۈكۈم يېرىپ يىقىلسام دەيمەن."

مۇخبىر بوۋاينىڭ قۇشلارغا بۇ قەدەر ئامراقلىقىنىڭ سىرىنى مۇنداق ئىگىلەپتۇ. ئۇيغۇرلاردا ئىنسانلارغا ئاللاھ ئاتا قىلغان نىمەتلەردە پۈتۈن جانسىز جانلىق ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ھەققى بار دېگەن چۈشەنچە بار ئىكەن. شۇڭا بوۋاي ئېرىشكەن نىمەتلىرىدىن ئالدى بىلەن قوشنا قولۇملارنى بەھرىمەن قىلىدىكەن، ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە تاپشۇرىدىكەن، ئاخىرىدا جان- جانىۋارلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىكەن. بۇۋاي كىچىك چېغىدا تۇرنىلارنىڭ ۋەتىنىدىكى مەھەللە ئاسمىنىدا ئۇچقانلىرىنى دائىم ئەسلەيدىكەن. ئۇ ئامېرىكىدا ئۆزى كۆرۈۋاتقان بۇ قۇشلارنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەنلىكىگە ھەمدە ۋەتىنىگە ئۇچۇپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەپتۇ "قۇشلارغا پاسپورت كېرەك ئەمەس، ئۇلار خالىغان يەرلەردە ئۇچالايدۇ، ئىستىگەن ماكانغا بارالايدۇ. قۇشلارغا ئىنسانلار سىزغان چىگرا سىزىقلىرى كار قىلمايدۇ. ئۇلار بىزدەك ۋىزىغا، ئىجازەتكە مۇھتاج ئەمەس. مەن بۇ قۇشلارنىڭ قاناتلىرىدىن ۋەتىنىمنىڭ ھېدىنى پۇرايمەن. بۇ قۇشلارمۇ مېنىڭ ھېدىمنى ۋەتىنىمگە يەتكۈزىدۇ. مەن قۇشلار بىلەن قانچە يېقىن تۇرسام ئۆزۈمنى ئەركىنلىكىمگە شۇنچە قانغاندەك ھىس قىلىمەن. قۇشلار بىلەن ئۆتكەن دەقىقەلىرىمدە ئۆزەمنى قۇشتەك، ۋەتىنىمگە ئۇچۇۋاتقاندەك سېزىپ يۈرۈكۈم ۋەتەن ئاسمىنىدا تىپچەكلىگەندەك ھاياجانلىنىمەن."

بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ يادىمغا ئادىل تۇنىيازنىڭ "مۇساپىر قۇشلار، پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار" دېگەن مىسرالىرى كەلدى. توختىماي ياش قۇيۇلىۋاتقان كۆزلىرىم بىلەن گېزىتتىكى بوۋاينىڭ سۈرىتىگە قارىدىم. سۈرەتتە ۋىجىككىنە كەلگەن، قەشقەر كوچىلىرىدا، كۇچا رەستىلىرىدە، غۇلجا بازارلىرىدا دائىم كۆرگىلى بولىدىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر بوۋايلارغا ئوخشايدىغان بۇ بوۋاي بىر ئىگۋاناغا ئېڭىشىپ نېمىلەرنىدۇر دەۋاتقاندەك تۇراتتى. خەۋەردىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا چىقتىم. كۆز ئالدىمدا پايانسىز دېڭىز سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئالدىمدا ماڭا چەكسىزلىكنىڭ ھاياجىنىنى ھىس قىلدۇرىۋاتقان دېڭىزدا چىگرا يوق ئېدى. ئاسمانغا قارىدىم مەن ئامراق چەكسىزلىك، كەڭلىك، ئۇلۇغلۇق كۆكتە، كۆك رەڭدە ئېدى. دېڭىز كۆك، ئاسمانمۇ كۆك.، پەقەت زېمىنغىلا تۈرلۈك رەڭدىكى بايراقلار، چەكلەر تۇساقلار ھۆكۈمران ئېدى. ناخشا ئېيتماقچى بولدۇم، لېكىن ئاۋازىم بوغۇلۇپ "ئاسمان كۆپكۆك دېڭىز كۆك، مەن نېمىشقا زەپىران" دېگەننى ئاران دېيەلىدىم.



ئالدىنقى: ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار

كـىيىنكى: ئۇيغۇرلار- نەزەردىن يىراق كۆڭۈلگە يېقىن

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]