فاتىمە بىنت قەيس

ئورنى Wikipedia

قەيسنىڭ قىزى فاتىمە (فَاطِمَةُ بِنْتُ قَيْسٍ الْفِهْرِيَّةُ) رەزىيەللاھۇ ئەنھا: قەيس ئىبنى خالىدنىڭ قىزى فاتىمە ئەلفىھرىييە ئەلقۇرەشىييە. (ھ. ؟ – 50 / م. ؟ – 670 - يىلدىن كېيىن) دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مەشھۇر ساھابە زاتلاردىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەگكەن. ھەزرىتى ئۆمەر شەھىد قىلىنغاندا، «شۇرا ھەيئىتى» ئۇنىڭ ئۆيىدە توپلانغان.