فىرانسىيە قورغىنى

ئورنى Wikipedia

غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مارتىنىك ئارىلىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر شۇ ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى فرانسۇزبۇرگ قولتۇق بويىغا، مادام دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان.

قولاي تىزىملىك[تەھرىرلەش]

  • قامۇس باشبېتى
  • سۈرەتلەر

مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈك[تەھرىرلەش]

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :فرانسىيە قورغىنى


نوپۇسى :99 مىڭ 844 دىن ئاشىدۇ(1982-يىل 3-ئاي)

چەتئەلچە نامى :FORTDEFRANCE

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

12پارچەفرانسىيە قورغىنىغەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مارتىنىك ئارىلىنىڭ مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر شۇ ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز ياقىسىدىكى فرانسۇزبۇرگ قولتۇق بويىغا، مادام دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 99 مىڭ 844 دىن ئاشىدۇ(1982-يىل 3-ئاي) . بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1638-يىلى سېلىنغان بولۇپ، رويالبۇرگ دەپ ئاتالغان. 1680-يىلى مەركەز بولغان، 1681-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىنىڭ مەركىزى بولغان. 1890-يىلى چوڭ ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

12پارچەفرانسىيە قورغىنى ھازىر ئۇ گرامسىيىگە قاراشلىق ھەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەم سانائەت مەركىزى، پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، دائىرىسى كەڭ، دېڭىزغا چىقىش ئاغزى تار. بۇ جايغا ئېكسپورت ھەم ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللار توپلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شېكەر، بانان، ئاناناس، كاكائو، كوفى، تاتلىق ھاراق قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە شېكەر زاۋۇتى، ھاراق زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش سانائەت ئورۇنلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، كونسېرۋا زاۋۇتى، سېمونت زاۋۇتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئورۇنلىرى بار. شەھەردە يەنە ئالىي مەكتەپلەر، كۇتۇپخانىلار، موزېي، شەھەر ئەتراپىدا مېنېرال بۇلاقلار، خەلقئارا ئايرودرومى، فرانسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىلىرى بار.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى