فېرمى

ئورنى Wikipedia


تۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنىڭ لايھەلىگۈچىسى فېرمى 1901-يىلى، ئىتالىيە نىڭ رىم شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، 21 يېشىدا فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :فېرمى


باشقا نامى :Enrico Fermi

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

يۇرتى :ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1901-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1954-يىلى

كەسپى :ئالىم

شەخىسلەر ئانكلىتى[تەھرىرلەش]

فېرمىتۇنجى ئاتوم يادرو رېئاكتورىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى فېرمى 1190-يىلى، ئىتالىيە نىڭ رىم شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ، 21 يېشىدا فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 26 يېشىدىلا رىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى بولغان، بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ فىزىكا تەتقىقاتىغا ئائىت تۇنجى ئەسىرى «كۋانت ستاتىستىكىسى» نى ئېلان قىلغان.

ئۇ نېيترون بىلەن بومباردىمان قىلغاندا ھاسىل بولىدىغان نۇرغۇن يېڭى رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنتلارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن ھەمدە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولغان نېيتروندىن پايدىلىنىپ يادرو رېئاكسىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كەشپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 1938-يىلى، فىزىكا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مەزگىللەردە ئۇ ئۆز ۋەتىنى ئىتالىيىدە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كەلگەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى يەھۇدىي ئىدى، مۇسسولىن باشچىلىقىدىكى فاشىست ھۆكۈمەت يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

فېرمى مۇسسولىننىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە نەپرەتلىنەتتى. 1938-يىلى 12-ئايدا، ئۇ ستوكھولمغا بېرىپ، مۇكاپات ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىتالىيىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، نيۇ-يوركقا بېرىپ، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. 1944-يىلى فېرمى ئامېرىكا پۇقراسى بولىدۇ.