فېمىنىزىم ۋە فېمىنىزىم ھەرىكەتلىرى
ئايال تەرەپشۇناسلىق ياكى فېمىنىزىم(feminism)غا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بىرىلگەن: فىمىنىزىم مەلۇم گۇرۇپ ئىچىدىكى چۈشەنچە سىستىمىسى بۇلۇپ، مەقسىتى ئاياللارنىڭ ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقۇقىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتىن ئىبارەت.[1]
20-ئەسىرىنىڭ 60-، 70-يىللىرىدا غەرپ ئەللىرىدە، بۇلۇپمۇ ئامېرىكىدا ئاياللار ھەرىكىتى يۈز بىرىشكە باشلىدى ۋە بۇ ھەرىكەتلەر دۆلەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىش بىجىرىش ئورگانلىرىغا تەسىر قىلدى. بەزى نەزىرىيەچىلەر ئاياللار ھەرىكەتلىرىنىڭ 19-ئەسىردىلا ياۋرۇپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا باشلانغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.[2] ناۋمى 1889-يىلى نەشىر قىلىنغان ئوكىسفورد ئىنگىلىز تىلى لوغىتىتىنىڭ فىمىنىزىمغا بەرگەن تەبىرىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى دەلىللەيدۇ.[3] بىز ”فىمىنىزىمنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش“ ناملىق كىتابنى ۋاراقلىنىغىنىمىزدا ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ ياۋرۇپادا ئۇزاق بىر تارىخنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى، 19-، 20-ئەسىردىكى ئاياللار ھەرىكەتلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ دەھرىيلىشىش، دىموكراتىيەلىشىش قاتارلىق ئىدىوئولوگىيىلىك جەريانلارنىڭ تەسىرىدە پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ كىتابتا 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئەنگىلىيەدە ئاياللارنىڭ مائارىپ ھۇقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە نىكاھ ھۇقۇقلىرىدىكى شارائىتلارنى ياخشىلاشنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان بەزى تەشكىلاتلارنى تىلغا ئالغان.[4]
ئاياللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈپىنچىسى ئاياللارنىڭ سايلاش ھۇقۇقىنىڭ بۇلۇش مەسىلىسى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، ئەنگىلىيە پارلامىنتى 1873-يىلى رەسمىي ھالدا ئاياللارنىڭ سايلاش ھۇقۇقى بۇلىدىغانلقىغا قۇشۇلغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاياللار نۇرۇغۇن سىياسەتشۇناسلار تەرىپىدىن ئۆينىڭ ئادىمى، دەپ چۈشىنىلگەن ئىدى.[5] ئاياللارنىڭ سايلاش ھۇقۇقى كىيىنچە يىڭى زىللاندىيە، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەمىللەشتى. ئامېرىكىدا بولسا 1915-يىللىرى ئەتراپىدا ئىشقا ئېشىشقا باشلىدى. ئەمما، مەلۇم ياش ياكى ئىرق چەكلىمىسى بار ئىدى. نۇرغۇن جايلاردا 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىلاشقۇچە بولغان مەزگىلگىچە ئاياللارنىڭ سايلام ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقانلار تۈرمىگە تاشلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولغان.
ۋەھالەنكى ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىي ھەرىكەتلىرى مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نۇقۇل ھالدا ئاياللارنىڭ ئۈزىنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى بۇلۇپ قالماي، سىياسىي ۋە ئىدىئولوگىيلىك مەسىلە ئىدى. ”ئايال تەرەپشۇناسلىق ئاياللارنىڭ شەخسىي دىشۋارچىلىقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي يىلتىزى بار دەپ قارايتتى“.[6] ئايال تەرەپشۇناسلىقنىڭ بەزى رادىكال چۈشەنچىلىرىدە ئاياللارنىڭ گۈزەل ياكى سەت ھىسابلىنىشى پەقەت ئەرلەرنىڭ چۈشەنچىسىدىكىلا بىر ئىش. ئاياللارنىڭ ئۆيدە بالا باقىدىغان، تاماق ئىتىدىغان رۇلىنى پەقەت جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئاياللار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىلا كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاياللار بۇ خىل قاراشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. پەقەت ئەرلەرنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئۆزگەرسىلا بىر مەزگىلدىن كىيىن ئاياللارنىڭمۇ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارايتتى.
ئايال تەرەپشۇناسلىق نەزىريەسى ئاياللار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بۇلۇپ، مەقسەت ئاياللارنىڭ ئۈزى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ۋە جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ئايال تەرەپشۇناسلىقنىڭ نەزىرىيەسىدە ئاياللار تارىختىن بۇيان جەمئىيەتتىن ئۈزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىغا ئىگە بۇلالمىغان، ئەكىسچە ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدىكى روللارنى ئۈتەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قالغان، دەپ قارالغان. فىمىنىزىم ھەرىكەتلىرى ئاياللارنىڭ رۇلى، ئائىلە، كاپىتالىزىم، ئەرلەرنىڭ قىممەت-قارىشى، ئەرلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقى، ئىش تەقسىماتى، يات جىنىس مۇھەببىتى… قاتارلىق تىمىلارغا مەركەزلەشكەن.[7]
ئاياللار ھەرىكەتلىرى ئۈچ باسقۇچقا بۈلۈنگەن بۇلۇپ، بىرىجى قېتىملىق ئاياللار ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئاياللار ھەرىكىتى 20دەك دۆلەتكە تارقالغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئاياللارنىڭ سايلام ھۇقۇقى بۇلۇش، مائارىپ ھۇقۇقى بۇلۇش دىگەندەك بىر قانچە نوقتىغا مەركەزلەشكەن.
ئىككىنجى قېتىملىق ئاياللار ھەرىكىتى 1960-يىللار بىلەن 1980-يىللار ئارىسىدا يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئاياللار ھەرىكەتلىرى بالا چۈشۈرۈش، جەمئىيەتتە تېخىمۇ كەڭ ھۇقۇقلارغا ئىگە بۇلۇش، جىنسىيەت جەھەتتىن ئەركىن بۇلۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە چتىلغان. ئىككىنجى قېتىملىق ئاياللار ھەرىكەتلىرى رادىكال فىمىنىزىم دەپمۇ ئاتالغان. بۇ قېتىمقى ئاياللار ھەرىكەتلىرىدە يىڭى ماركىسىزىم نەزىرىيەسى ۋە پىسخولوگىيىلىك ئانالىزى تەلىماتلىرىنىڭ نەزرىيەلىرى ئاياللارنىڭ ئۈزىنى رادىكال ئازات قىلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن نەزىرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.[8]
ئۈچىنجى قېتىملىق ئاياللار ھەرىكىتى 1990-يىللاردىن مەيدانغا كەلگەن بۇلۇپ، ئاساسلىقى يەرشارى نوقتىسىدىن ئاياللارنىڭ بىرلىك ھاسىل قىلىشى، يەر شارى خاراكتىرلىك ئاياللار مەسىلىسى، ھەمجىنىسلىق، جىنىسي ئەزا كۈچۈرۈش…. قاتارلىق بىر قاتار سىياسىي نوقتىلارغا مەركەزلەشكەن. بۇ قېتىملىق فىمىنىزىم ھەرىكەتلىرى كىيىنكى قۇرۇلمىچىلىق نەزىرىيەسىنىڭ تەھلىللىرىدىن پايدىلانغان.[9]
ئايال تەرەپشۇناسلىقنىڭ نەزرىيەلىرىگە ئاساسلانغاندا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئەر ۋە ئايال دىگەن ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ كەتكەن. مەسىلەن، ھىسيات، ئارزۇ، ھەرىكەت، ئىجتىمائىي رول، كەسىپ… قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەردە ئەرلەر بىلەن ئاياللار پەرقلىق ئورۇن تۇتقان. مەسىلەن، ئاياللار دائىم ھىسياتچان، يىراقنى ئويلىيالمايدىغان، ئەقلىي تەپەككۇر قىلىشى ئاجىز، دائىم كىچىك ئىشلارنىلا قىلىشنى ياخشى كۈرىدىغان ياكى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلارغا ئارىلىشىشنى ياخشى كۈرىدىغان، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەرلەر بولسا سىياسىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىغان، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان، ئەقلىي ئويلايدىغان جىنىس دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ھەققىدە بۇ چۈشەنچىلەر پۈتۈنلەي خاتا.
قىسقىسى، فېمىنىزىم چۈشەنچىسى ۋە ئاياللار ھەرىكىتى جەمئىيەتتە ئىككى ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىجىتمائىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە پىسخولوگىيەلىك پەرقنى ئىنكار قىلىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتتە ھېچقانداق جىنسىي ئايرىمىچىلىق بولمىغان بىر ھالەتنىڭ كىلىش چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]
[1] Margaret Walters, Feminism: a very short introduction, OXFORD University press, p73
[2] Steven Seidman, Contested knowledge(Fifth Edition), 2013, p205
[3] Naomi Black: social feminism, Cornell university press, 1989,p22
[4] Charlotte Krolokke, Gender Communication Theories and Analyses: From Silence to Performance, 2006, p9
[5] http://en.wikipedia.org/wiki/Feminism#Third-wave_feminism
[6] Naomi Black: social feminism, Cornell university press, 1989,p15
[7] Naomi Black: social feminism, Cornell university press, 1989,p15
[8] Naomi Black: social feminism, Cornell university press, 1989,p19
[9] Margaret Walters, Feminism: a very short introduction, OXFORD University press, p56