قابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى

ئورنى Wikipedia

كونىلاردا «بىلگەنگە قىيىن ئەمەس، بىلمىگەنگە قىيىن» دېگەن گەپ بار. بىلىشنىڭ ئۆزى قابىلىيەت دېگەن گەپ. قابىلىيەت بىر خىل ئىندىۋىدۇئال پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ مەلۇم پائالىيەتنى ئورۇندىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىل. رەسىم سىزىش قابىلىيىتى بولسا، چىرايلىق رەسىملەرنى سىزىپ چىقالايدۇ، مۇزىكا چېلىش قابىلىيىتى بولسا، يېقىملىق مۇزىكىلارنى چالالايدۇ.

قابىلىيەتنى ئاساس قابىلىيەت ۋە مەخسۇس قابىلىيەت دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئاساس قابىلىيەت نۇرغۇن پائالىيەتلەردە ئىپادىلىنىدىغان قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، كۆزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى، ئابستراكت ئومۇملاشتۇرۇش قابىلىيىتى قاتارلىقلار، يەنى بىز ئادەتتە دەيدىغان ئەقلىي قابىلىيەتتىن ئىبارەت. مەخسۇس قابىلىيەت مەلۇم كەسپىي پائالىيەتلەردە ئىپادىلىنىدىغان قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ماتېماتىكا قابىلىيىتى، مۇزىكا قابىلىيىتى قاتارلىقلار. بۇ ئىككى قابىلىيەت بىر - بىرىگە ئورگانىك باغلانغان بولۇپ، ئاساس قابىلىيەت قانچە تەرەققىي قىلسا، مەخسۇس قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى ئىچكى شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، مەخسۇس قابىلىيەت تەرەققىي قىلسا، مۇئەييەن شەرت ئاستىدا، ئاساس قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قابىلىيەت تۇغما بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. ئادەتتە، ئادەم تۇغۇلۇپ ياشلىق دەۋرگە يېتىپ بارغىچە، ئەقلىي قابىلىيەت داۋاملىق ئېشىپ بارىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئادەملەر ئارىسىدىكى قابىلىيەتتىمۇ پەرق بولىدۇ، بەزى ئادەملەرنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ؛ بەزى ئادەملەرنىڭ پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ ماھىر كېلىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا، ئىرسىي ساپا، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە تەربىيىلىنىش شارائىتلىرىدىن باشقا، شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. «شەمشەر بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى قەھرىتان سوغۇقتىن كېلىدۇ» دېگەندەك، ئالاھىدە قابىلىيەت شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىدىن كېلىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگولۇقتىن چەت ئەللىككىچە بولغان سىياسىئونلار، ئالىملار، كەشپىياتچىلارنىڭ ئالاھىدە قابىلىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇزاققىچە بوشاشماستىن تىرىشقانلىقىدىن قولغا كەلگەن، ئۇلار بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپا ‐ مۇشەققەتكە تىز پۈكمەي، جاپالىق ئىزدىنىپ ئاخىرى تالانتلىقلارغا ئايلانغان. چايكوۋسكىي: «بىر ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئۇ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشمىسا، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارماق تۈگۈل، ئادەتتىكى نەتىجىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەنىدى. مەملىكىتىمىزنىڭ جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن خەتتات ۋاڭ يىجى قېتىرقىنىپ جاپالىق ئۆگىنىپ، بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئاخىر ئاتاقلىق خەتتاتقا ئايلانغان.

ئادەمنىڭ قابىلىيىتىدە يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولىدۇ، بىراق ھەرقايسى كەسىپ - ھۈنەرنىڭ ئۆز ئۇستىسى بولىدۇ.