قاراباغلىقلار

ئورنى Wikipedia

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قاراباغلىقلارنى ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم قىلدى.

يۇسۇف شاھسۇۋارئوغلۇ بىلەن مەھمەت بىن جەيلان ھەر ئىككىسى قاراباغلىق بولۇپ، بىرى ئافيونقاراھىسارنىڭ بولۋادىن ناھىيەسىدە، يەنە بىرى باكۇدا ياشايدۇ. ئۆز ۋاتىدا ئەرمەنلەر تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغان قاراباغلىقلار، نۆۋەتتە باشقا - باشقا جايلاردا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بولۋادىننىڭ بۈيۈكقاراباغ يېزىسى ۋە ئوتتۇراقاراباغ يېزىسىدا ياشايدىغان قاباغلىقلار، 1971 - يىللىرى تۈركىيەگە كەلگەن. يۇرتلىرىدىن ئايرىلغىنىغا شۇنچە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. تۈركىيەدىكى قاراباغلىقلار، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئەزەربەيجاندا كۆچمەن سۈپىتىدە ياشاۋاتقان ۋە ۋەتەن ھەسرىتىدە يۈرىكى لەختە - لەختە قانغا ئايلىنىپ كەتكەن قاراباغلىقلارنى زىيارەت قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش... پايتەخت باكۇدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «بىزنىڭ قاراباغلىق قېرىنداشلىرىمىز» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، قاراباغ رايونىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى مۇھاكىمە قىلىندى، شېئىرلار ئوقۇلدى، ناخشىلار ئېيتىلدى. يىغىندا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەردار چام، قاراباغلىقلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى. چام مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇنداق پائالىيەتلەر بىزگە يول خەرىتىسى سىزىپ بەرمەكتە، ئاكادېمىكلىرىمىز دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.»