Jump to content

قاراخانلىلار دۆلىتى

ئورنى Wikipedia

قاراخانلىلار دۆلىتى، ھىجرى 225 - 609، مىلادى 840 - 1212 - يىللار ئارىسى بۇگۈنكى قەشغەر مەركەزلىك شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن بىر تۈرك دۆلىتىدۇر. بەزى تارىخىي مەنبەلەردە «ئىلكخانلار دۆلىتى» دەپمۇ قەيت قىلىنغان. بايقالغان تەڭگىلەردە تىپىك «الک (ئىلك، ئىلېك، ئەلىك دەپمۇ ئوقۇش مۇمكىن)» كەلىمىسى باردۇر. ئىسلام مەنبەلىرىدە « ئەل خاقەنىيە، ئەل خانىيە ياكى ئەل ئافراسىياب» دەپ تونۇلغان (تارىخى ئىبنۇلئەسر). زامانداش بەزى باشقا مەنبەلەردە بولسا ئادەتتە خانىدان نامى بىلەن آل أفراسياب (ئافراسىياب ئوغۇللىرى)، آل خاقان (خاقان ئوغۇللىرى، خاقانىيلەر)، ياكى الملك الخانيە الترك (ئەل مۈلكۇل خانىيەتۇل ئەتراك / تۈرك خانلىرىنىڭ مەملىكىتى) دېيىلگەن. ھۆكۈمدارلىرى قاراخان ياكى ئىلكخان نامى بىلەن مەشھۇردۇر.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]