قاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر

ئورنى Wikipedia

840-يىلى قىرغىزلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرىز قىلدى . پان تىكىن ئۇيغۇرلانى باشلاپ غەرپتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېىنغا چىكىندى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە يەتتە سۇ رايۇنىغا چىكىنگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاراخانلار سۇلالىسىنى قۇردى .

850- يىلدىن 890- يىلغىچە بىلگە قادىرخان ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى چوڭ خاقان بولۇپ ، بالاساغۇننى ئىدارە قىلدى . ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان ئۈنىۋانى بىلەن تالاسنى ئىدارە قىلدى .

893- يلى ئوغۇلچاق قادىرخان قەشقەرنى پايتەخىت قىلدى .

900- يىللاردىن 930 - يىلغىچە ساتۇق تىكىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى . ئۇ مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم ساتۇق تىكىن دەپ ئاتالدى . ئابدۇكىرىم ساتۇق تىكىن ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ ، قەشقەردە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورناتقاندىن كىيىن ئۆزىنى " قاراخان " دەپ .ئېلان قىلىپ ، " بۇغراخان " ئۈنىۋانى بىلەن ئاتالدى .

942- يلى ساتۇق بۇغراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ ئۇ جايلارنى قارا خانلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقى ئاستىغا ئالدى .

955- يىلى ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولدى ، ئۇ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دىگەن يېرىگە دەپىن قىلىندى .

956- يىلى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئىبنى ئابدۇكىرىم ( بايتاش ) بۇغرا قارا خاقان بولدى .

960- يىلى قارا خانلار بالاساغۇننى قاراخانلار خانلىقنىڭ يەنە بىر پايتەختى قىلدى .

971- يلى مۇسا بۇغراخان خوتەنگە ھۇجۇم قىلدى . 992- يىلى مۇسا بۇغراخان ۋاپات بولدى . ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى .

992- يىلى ھارۇن بۇغرا قاراخان تەختتە ئولتۇردى . ئۇ زىمىن دائىرىسىنى پەرغانە ، سەمەرقەنىت ، ماۋرائۇننەرگىچە كىڭەيتىپ بۇ جايلانى ئىشغال قىلدى .997- يىلى ھارۇن بۇغراخان بۇخارادىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ۋاپات بولدى . يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۈنىۋانى بىلەن تەخىتتە ئولتۇردى .

999- يىلى قاراخانلار خانلىقى سامانىيلار خانلىقنى مۇنقەرىز قىلدى .


1000- يىلى غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت قاراخانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىۋىنى قويدى ، دوستلۇق كىلىشىمى ئىمزالاندى .

1002- يىلى خوتەندە قاراخانلار سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى .يۇسۇپ قادىرخان خوتەندە ئىسلام دىنىنى قايتىدىن ئومومىلاشتۇردى .

1007 - يىلى قاراخانلار سۇلالىسى بىلەن غەزىنە ( غەزىنىۋىلەر سۇلالىسى ) ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى . غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت سۈلىھ تەلەپ قىلدى .

1032- يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى .

1032- يىلدىن 1056- يىللارغىچە سۇلايمان تىكىن ئارىسلان قاراخان ئۈنىۋانى بىلەن قاراخانلار خانلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە قاراخانلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخىت ، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخىت قىلدى ، قەشقەرنى ئوردا كەنىت نامى بىلەن ئاتىدى .

1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبىراھىم خان ئۈنىۋانى قوللاندى .

1041- يىلى سالجۇقلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان قاراخانلار سۇلالىسىگە ئۇرۇش ئىلان قىلدى .

1056- يىلى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى . ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان قاراخنالار خانى بولۇپ " بۇغرا ئارىسلان قاراخان " ئۈنىۋانى بىلەن تەخىتتە ئولتۇردى .

1069- 1070- يىللىرى مۇتەپەككۇر ، پەيلاسوپ يۈسۈپ << قۇتاتقۇبىلىك >> نى تاماملاپ ، خاراخانلار خانى ئەبۇ ئىلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارىسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى ، قاراخان يۈسۈپكە " خاس ھاجىپ " ئۈنىۋانى بەردى .

1072- 1075- يىللىرى ئاتاقلىق تىلشۇناس ، ئالىم مەھمۇد قەشقىرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى تاماملاپ ، باغدات خەلپىسىگە تەقدىم قىلدى .

1070- 1080- يىللىرى تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقىرى << قەشقەر تارىخى >> دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى .

1105- يلى ئەھمەد ئىبنى ھەسەن قاراخان خانلىق تەختىدە ئولتۇردى .

1124- يىلى قاراخىتايلار خانى يەللىغ تاشىن قارا خىتايلارنى باشلاپ غەرپكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئىلان قىلدى . قاراخىتاي خانلىقى قۇرۇلدى .

1128- قاراخانلار خانى ئىبىراھىم ئىبنى ئەھمەد قاراخاننىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قارلۇق ، قىپچاق ۋە قاڭقىللار ئىسيان كۆتەردى . ئىبىراھىم قاراخان ئىسياننى تىنجىتىش ئۈچۈن قارا خىتايلاردىن يارىدەم سوراپ ئۇلارنى شىمالىي ئىلىك خان تەۋەسىدىكى يەتتە سۇ رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇردى . كىيىن قارا خىتايلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلدى .

1133- يلى غەرپتىكى قاراخىتايلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرلەپ ، قاراخانلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى .

1141- يىلى قاراخىتايلار سالجۇقلار سۇلتانى سەنجارغا ئۇرۇش ئىلان قىلدى . كاتىۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى . خارەزىم قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا ئۆتتى .

1156- يىلى ئىبىراھىم ئىبنى ئەھمەد ۋاپات بولدى . مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،قەشقەردە تەخىتتە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە ماۋرائۇننەھىر ، يەتتە سۇ رايۇنىدا قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى .

1200- يىلى غەرپتە قاراخانلاردىن ئىبىراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى . بۇ مەزگىللەردە ماۋرا ئۇننەرىز ، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا قاراخىتايلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتىلىدى . ئوسمان قاراخان قاراخىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەريا تاشلاپ ، قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى .

1204- يىلى نايمانلارنىڭ باشقىلىقى كۈچلۈك قەشقەرگە قېچىپ كىلىپ ، قارا خىتايلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىشقا ئۇرۇندى . قەشقەردىكى قاراخانلار خانى يۈسۈپ ئېبننى مۇھەممەت ۋاپات بولدى . ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى ۋە قاراخىتايلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى .

1211- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ، قاراخىتايلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ باشلىقى چورۇقتىين ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى ، قاراخىتاي خانلىقى يىمىرىلدى .

1211-1212- يىللىرى كۈچلۈك قاراخىتايلار ھۆكۈمىرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى .

1218- يىلى چىڭگىزخاننىڭ جۆبە باشچىلىقدىكى قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئۆتۈپ كۈچلۈك ھۆكىمىرانلىق قىلغان رايۇنلارغا ھۇجۇم قىلدى . قاراخانلار تەۋەسىدىكى ئاھلىلەر كۈچلۈكنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى .

1219- يىلى چىڭگىزخان قوشۇنى شەرقىي قاراخانلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلدى .

1221- يىلى شەرقىي قاراخانلار خانلىقى يىمىرىلدى . پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى .

ئىزاھاتلار[تەھرىرلەش]

<< قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >> ھاجى نۇر ھاجى 1984- يىلى 3- ئاي 1- نەشىرى .