Jump to content

قاراكۆل كۆلى

ئورنى Wikipedia

قاراكۆل كۆلى، مۇز تاغ ئاتىسى − مۇز تاغ چوققىسىنىڭ تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، قەشقەر بىلەن بولغان ئارلىقى 191 كىلومېتىر، جۇڭگو ـ پاكىستان تاشيولى كۆل بويىدىن ئۆتىدۇ، بۇ يەردىن مۇزتاغ چوققىسىغا يامىشىش لاگىرى يىراق ئەمەس (پىيادە ياكى تۆگە مىنىپ ماڭغاندا، 5 سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ). «قاراكۆل»، «قارا دېڭىز» دېگەن مەنىدە، بىر ئېگىز تاغ مۇزلىرىنىڭ ئېرىشىدىن شەكىللەنگەن مۇز كۆل. كۆل ئۈستىگە ھەيۋەتلىك ھەم سىرلىق بولغان مۇزتاغ چوققىسى كۆلەڭگىسىنى تاشلاپ تۇرىدۇ، ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، تاغ بىلەن رەڭگى ئوخشاش، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

كۆل بويىدىكى سۇ بېشى يايلىقىدا ئوت-چۆپ مول، توپ-توپ كالا، قوي لار بار. تاجىك لارنىڭ كىگىز ئۆي ۋە ياغاچ ئۆيلىرى بار، يەنە مەخسۇس تاغقا چىقىش لاگېرى بار، كۆلنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بۇلۇڭكۆل قاتناش بېكىتى بار، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى ياتاق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

قاراكۆل كۆلى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇز تاغ باغرىدا، كۆل ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، كۆل بويىنىڭ سۇ ۋە ئوتلىرى مول، دائىم قىرغىز چارۋىچىلار بۇ يەردە تۇرىدۇ. ھاۋا شۇنداق ئوچۇق، سۈزۈك كۈمۈش چوققىسى شولىسى كۆلدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، تاغ ۋە كۆللەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى بىر گەۋدە، مەنزىرىسى سۈرەتتەك، ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ، كۆل ئەتىراپىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش پونكىتى تەييارلانغان، كىگىز ئۆي، سەيلە قولۋىقى، تۆگە، ئات قاتارلىق ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ياخشى مۇھىت شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.