قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

قاراماي شەھەر مايتاغ مەخسۇت سودا چەكلىك شىركىتىمىز  1999-يىلىدىن باشلاپ ئاددىي كۆلەمدىن تەرەققىي قىلىپ يەتتە يىللىق تىجارەت مۇساپىسىنى تاماملاپ 2006-يىلى رەسمىي شىركەت بولۇپ  قۇرۇلدى . ھەر دەرىجىلىك ئورگان ۋە رەھبەرلەرنىڭ زور دەرىجىدە قوللىشى ئاستىدا شىركەت قارىمىقىدا يىلىغا  12مىڭ قوي  5مىڭ كالا  بېقىپ چىقىرالايدىغان  50مىڭ كۇۋادىرات مېتىر دائىرىدىكى باقمىچىلىق مەيدانى ۋە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھەمدە كۈنىگە500قوي ، 30كالا سويۇپ ، 5000توخۇ بوغۇزلاش ئىقتىدارىغا ئىگە 12مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى قوي ، كالا ، ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىمىز شۇنداقلا 10غا يېقىن سېتىش نۇقتىلىرىمىز قۇرۇلدى .  ھازىر ئومۇمىي تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىمىز 28مىڭ كۇۋادىرات مېتىر دائىرىگە ، 26 مىليۇنلۇق ئۇمۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسىغا ئىگە ھەمدە  40تىن ئارتۇق  ئىشچى – خىزمەتچى ۋە شىركەت خادىملىرى قوشۇنىغا ئىگە تەرەققىيات نىشانى زور بولغان شىركەتكە ئايلاندى .

مەخسۇت سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمىز قۇرۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان تار دائىرىدىكى  تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ، بىر نەچچە تارماق كىچىك دۇكانلار بىلەن سودا قىلىشتىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى غوللۇق شىركەت – گورۇھلار بىلەن  ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقە قىلىشقا يۈزلىنىپ ،ئەتىراپىمىزدىكى مايتاغ ، قاراماي ، ئۈرۈمچى ، شىخو ، كۈيتۈن ، ساۋەن ، بورىتالا ،جىڭ ، بىڭتۈەن ... قاتارلىق شەھەر -ناھىيە – يېزىلاردىكى كەڭ ھەرمىللەت خەلق ئامممىسىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە . شۇنداقلا يەنە 2010-يىلى «لەززەت » ماركىسىنى دۆلەتكە ئەنگە ئالدۇرۇپ ، مەھسۇلاتىمىز كاپالەتكە ئىگە قىلىندى .

ھازىر شىركىتىمىزدە مول تەجىرىبىگە ئىگە باشقۇرغۇچى خادىملار ، بازارلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان خادىملار ، ئىقتىسادىي تىجارەت يۆنىلىشكە ئىگە ماھىرلار بار بولۇپ ، بۇلار شىركىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى زور تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالماقتا .

ئۇندىن باشقا ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ، كىرىم – چىقىم ھېساباتلىرىمىزنى سېستىمىلاشتۇرۇش ، شىركەت تۈزۈملىرىمىزنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ، شىركەتنىڭ تۈرلۈك قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ۋە شىركەتنىڭ ماركا ئوبرازى ئىناۋىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئىشخانا  خادىملىرىمىزمۇ شىركىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئۇلار بۇندىن كېيىنمۇ يېڭى – يېڭى شىركەت باشقۇرۇش ئەندىزىلىرىنى يولغا قويۇپ شىركىتىمىزنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن شىركەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا .