قارا بېسىش

ئورنى Wikipedia

ھەرخىل سەۋەبلەردىن روھىي نەفسانىنىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا ئۇخلىغاندا قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ، قاتتىق ئالاقىزەدە بولۇش، چۆچۈپ ئويغىنىش، ۋارقىراش، يۈرەك سېلىش، نەپەس قېيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.قارا بېسىش ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «كابوس» دەپ ئاتىلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

غەرب تېبابىتى نامى :قارا بېسىش


يۇقۇملىنىشى :يۇقۇملۇق ئەمەس

يۇقۇملىنىش يولى :يۇقمايدۇ

سەۋەبى[تەھرىرلەش]

قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشى[تەھرىرلەش]

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، قان تومۇر ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ توقۇلما ئارىلىقىغا چىقىشى ۋە توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ قان تومۇر ئىچىگە چىقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، روھىي نەفسانىيىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى كۈچىيىپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ مېڭىگە يېتىپ بارىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى تېخىمۇ ئازايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، مېڭە ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە قان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ قالايمىقانلاشقانلىقتىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى[تەھرىرلەش]

قارا بېسىشبۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىگە قان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، روھىي نەفسانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىدۇ. شۇنداقلا كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى زىيادە كۈچىيىپ، قان تومۇرنى تارايتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش تېخىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى[تەھرىرلەش]

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت قان تومۇرنى تارايتىپ، قان تومۇر ئىچىدە چۆكمىگە چۈشۈپ، روھىي نەپسانىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى كۈچەيگەچكە قان تومۇر تارىيىپ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەزىم ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن[تەھرىرلەش]

ھەزىم ئاجىزلىغاندا ئاشقازاندا ھاسىل بولغان گاز، بۇخاراتلار مېڭىگە ئۆرلەپ، روھىي نەپساننىڭ ئايلىنىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كچىدە تىنچ ئۇخلىغاندا مەددە قۇرتلار ئۈچەينى غىدىقلاپ. مېڭە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن[تەھرىرلەش]

نېرۋا ئاجىزلىقىدا چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىشى ۋە تورمۇزلىنىشى قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن كېچىدە تۇيۇقسىز ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى كۈچىيىپ، قان تومۇرنى تارايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كانايچىلارنىڭ سىپزامىلىنىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەپەس قىيىنلىشىش، ۋارقىراش، قورقۇش، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

زىيادە قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرۈش، زىيادە چارچاش، قورقۇش، قايغۇرۇش، غەم-ئەندىشە قىلىش سەۋەبىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئاداشقان نېرۋىنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • سەۋەبى
  • قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشى
  • بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
  • سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
  • ھەزىم ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن
  • نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن
  • باشقىلار
  • كېسەللىك ئالامىتى
  • دىئاگنوزى
  • سېلىشتۇرما دىئاگنوزى
  • داۋالاش پىرىنسىپى
  • داۋالاش ئۇسۇلى
  • دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشى[تەھرىرلەش]

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت ماددا ئالماشتۇرۇشنى سۇسلاشتۇرۇپ، قان تومۇر ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ توقۇلما ئارىلىقىغا چىقىشى ۋە توقۇلما ئارىلىقىدىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك ماددىلارنىڭ قان تومۇر ئىچىگە چىقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، روھىي نەفسانىيىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى كۈچىيىپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ مېڭىگە يېتىپ بارىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى تېخىمۇ ئازايتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، مېڭە ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە قان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي روھىي نەپسانىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ قالايمىقانلاشقانلىقتىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى[تەھرىرلەش]

قارا بېسىشبۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مېڭىگە قان ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، روھىي نەفسانىنىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىدۇ. شۇنداقلا كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى زىيادە كۈچىيىپ، قان تومۇرنى تارايتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش تېخىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى[تەھرىرلەش]

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت قان تومۇرنى تارايتىپ، قان تومۇر ئىچىدە چۆكمىگە چۈشۈپ، روھىي نەپسانىنىڭ ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېچىسى ئۇخلىغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى كۈچەيگەچكە قان تومۇر تارىيىپ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەزىم ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن[تەھرىرلەش]

ھەزىم ئاجىزلىغاندا ئاشقازاندا ھاسىل بولغان گاز، بۇخاراتلار مېڭىگە ئۆرلەپ، روھىي نەپساننىڭ ئايلىنىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، مېڭە ۋە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كچىدە تىنچ ئۇخلىغاندا مەددە قۇرتلار ئۈچەينى غىدىقلاپ. مېڭە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نېرۋا ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن[تەھرىرلەش]

نېرۋا ئاجىزلىقىدا چوڭ مېڭە پوستىلىقىنىڭ قوزغىلىشى ۋە تورمۇزلىنىشى قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن كېچىدە تۇيۇقسىز ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى كۈچىيىپ، قان تومۇرنى تارايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كانايچىلارنىڭ سىپزامىلىنىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەپەس قىيىنلىشىش، ۋارقىراش، قورقۇش، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

زىيادە قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرۈش، زىيادە چارچاش، قورقۇش، قايغۇرۇش، غەم-ئەندىشە قىلىش سەۋەبىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئاداشقان نېرۋىنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتى[تەھرىرلەش]

ئۇخلىغاندا قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ، ئېغىر نەرسىلەر بېسىۋالغاندەك سېزىم بولىدۇ، ئەمما سۆزلىيەلمەيدۇ، ھەرىكەت قىلالمايدۇ، ۋارقىرايدۇ، قاتتىق قورقىدۇ، ئالاقىزادە بولىدۇ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، يۈرەك سېلىپ نەپەس قىيىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت ياكى قايسى خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىك ۋە خىلىتقا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

دىئاگنوزى[تەھرىرلەش]

تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئۇخلىغاندا قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈش، ئېغىر نەرسىلەر بېسىۋالغاندەك ھېس قىلىش، ئەمما سۆزلىيەلمەسلىك، ھەرىكەت قىلالماسلىق ياكى قاتتىق ئالاقزادە بولۇش، قورقۇش، ۋارقىراش، چۆچۈپ ئويغىنىش، يۈرەك سېلىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى[تەھرىرلەش]

قارا بېسىشمېڭە پەردە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

مېڭە پەردە ياللۇغىدىكى قىزىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ۋە لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشتە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىننىڭ سانى كۆپىيىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى[تەھرىرلەش]

1.خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەبى يوقىتىلىدۇ.

3. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

قان خىلىتىنىڭ قويۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تۆۋەندىكى چارىلەر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ.

قىيفال تومۇردىن ياكى ئەكھەل تومۇردىن قان ئېلىنىدۇ.

ئەگەر قان ئېلىش مۇۋاپىق كەلمىسە، باشنىڭ ئارقا تەرىپى ياكى پاقالچاققا لوڭقا قويۇلىدۇ.

چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماق كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئاچچىق ئانار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ تەمرى ھىندى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ ئەينۇلا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ غورا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن 50~30مىللىلىتىردىن؛ مەتبۇخى ھېلىلە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن؛ ئىتىرفىل كەشنىز كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

سەندەلنى سىركىگە سۈرۈپ چېكە ۋە پېشانە ساھەسىگە چېپىلىدۇ.

15 دانە ئەينۇلىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا چىلاپ شىرىسىنى چىقىرىپ،  24مىللىلىتىر ئانار شەربىتىنى قوشۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

60 گرام تەمرى ھىندىنى 180 مىللىلىتىر ئەرقى گاۋزىبانغا چىلاپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، 24 مىللىلىتىر لىمون شەربىتى قوشۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30مىللىلىتىردىن بېرىلىدۇ.

شاھتەررە ئالتە گرام، بەدىيان تۆت گرام، سىركەنجىۋىل ساددەدىن 24 مىللىلىتىر ئېلىپ، شاھتەررە بىلەن بەدىياننى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سىركەنجىۋىل ساددە قوشۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئاسارۇن، ئۇدسەلىپ، ئۈستقۇددۇس، بادرەنجى بۇيا، پەرەنجىمىشكى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن، 9~7 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق بەلغەم خىلىتى تازىلىنىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا پەرەنجىمىشكى، ئۇد سەلىپ، ئاسارۇن، رەيھان ئۇرۇقى، بالەنگو ئۇرۇقى، سۇمبۇل، بىستىپايەج ھىندى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 15~10  كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىققا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىقى مۇنزىچقا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن بېرىپ، ئارتۇق سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

مېڭە ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەجۇنى نوجاھ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى داۋائىشمىكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جەۋھىرى مۇپەررىھ ئەبرىشىم كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، مۇپەررىھ ياقۇت كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن، ئۈستقۇددۇس شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا

50~30مىللىلىتىردىن؛ بادرەنجى بۇيا شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛ گاۋزىبان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50~30 مىللىلىتىردىن؛  خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~3 دانىدىن، مەجۇنى ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، مەجۇنى لوبوبى كەبىر ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىم، ئامىلە نۇشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش ئەنبەر كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، جاۋارىش جالىنۇس كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار[تەھرىرلەش]

1.تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن پاقلان گۆشى، كىيىك گۆشى، باچكا گۆشى، قۇشقاچ گۆشى، كەكلىك گۆشى، ئۆردەك گۆشى، غاز گۆشى، ياڭاق، ئۈزۈم، ئەنجۈر قاتارلىقلار مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ.

3. زىيادە چارچاشتىن، روھىي جىددىيلىكتىن، ئاچچىقلىنىشتىن، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، پەرىشان بولۇشتىن، قايغۇرۇشتىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە كەيىپ-ساپاغا بېرىلىشتىن، جەلەق قىلىشتىن، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن ھەددىدىن زىيادە شۇغۇللىنىشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، مۇۋاپىق دەم ئېلىش، تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش.