قارلىق تاشلاش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

     ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تۇنجى ياغقان قارنىڭ شەرىپىگە ئاتاپ مەخسۇس مەشرەپلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خاسىيەتلىك قارغا بولغان ئىنتىزارلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. قارلىق ئويۇننىڭ شەكىللىنىشىمۇ رايونىمىزنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئىقلىم ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئاق رەڭنى ئۇلۇغلاش ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭدىن سىرت، رايونىمىز قۇرغاق، ھۆل – يىغىن مىقدارى ئاز ماكان بولۇپ، كىشىلەر يازدا يامغۇرغا، قىشتا قارغا تەشنا بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ياغقان تۇنجى قار، كېلەر يىللىق مول ھوسۇلنىڭ بېشارىتى دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ شەرىپىگە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شادلىق، ئىشەنچ – ئارزۇلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

    قارلىق تاشلاش ئويۇنى مۇنداق باشلىنىدۇ: تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلا ‹‹قارلىق››تاشلىنىدىغان ئۆي نىشانلىنىدۇ. تۇنجى قار يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ توختىغان ھامان:

   قاردا قارلىق تاشلىدۇق،

   يامغۇردا ياغلىق تاشلىدۇق.

   يېڭى قارنىڭ خوشلىقىدا،

   سىزگە قارلىق تاشلىدۇق.

                              قاردا قارلىق تاشلىدۇق،

                              يامغۇردا ياغلىق تاشلىدۇق.

                              تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،

                              تاپمىغىنى بىر باش پىياز.

    شۇ كۆڭۈللەر تىنچلىقىدىن،

     قار ئويۇنىنى باشلىدۇق.

    قوينى توققۇز ، غازنى ئوتتۇز،

    ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق.

                               تاڭ سەھەردە چىللىغاي دەپ،

                               بىر جۈپ خورازنى راسلىدۇق.

                               بىر جۈپ جۇۋان سانچىغاي دەپ،

                              قىزىل گۈلنى راسلىدۇق.

     قارلىق ئېلىپ بارغان كىشىنى،

     پەم بىلەن چىڭ تۇتسىلا.

     قېشىغا ئوسما قويۇپ،

     پەرداز قىلىپ ياندۇرسىلا.

                              قار ئېلىپ بارغان كىشى،

                              كەلسە سالامەت يېتىپ.

                             قار ئېلىپ قالغان كىشى،

                             جابدۇق قىلۇر ئاتنى چېپىپ.

    قارلىقنى ئېلىۋېلىپ،

    بەخىرامان ياتسىلا.

    ئۈچ ئوق مۆھلەت بەردۇق،

    چارشەنبە ئويۇن باشلىسىلا.

    ..... دېگەندەك قارلىق بېيىتلىرىنى (يۇقىرىقىسى قۇمۇل بېيىتلىرى بولۇپ، ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئوخشىمايدۇ) يازغان قەغەزنى، نىشانلىغان ئۆي يېقىن بولسا پىيادە، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ‹‹پالانى يەرگە قارلىق تاشلاپ قويدۇم››دەپلا قاچىدۇ. قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم ئۇنى قوغلايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭ يۈز – كۆزىنى كۈيىدە بوياپ، جۇۋىنى تەتۈر مىندۈرۈپ، مەھەللىمۇ مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي، قېچىپ كەتسە، قارلىق تاشلانغان ئۆي ئىگىسى قائىدە بويىچە قۇدرىتىنىڭ يەتكىنىچە داستىخان سېلىپ، مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدۇ.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 13 16:29؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/21/content_130640.htm؛