قارلۇق

ئورنى Wikipedia

قارلۇق: قارلۇقلار بۇلاگ (谋落)، چىگىل(炽台)، تاشلىك(踏实力) قاتارلىق ئۈچ قەبىلدىن تەكىپ تاپقاچقا، ئورخۇن-يىنسەي مەڭگۈ تاش يادىكارلىلىرىدا «ئۈچ قارلۇق» دەپ ئاتالغان، قارلۇقلار يارىش يازىقى دەپ ئاتالغان جۇڭغار ۋادىسىدا، جۇمىلدىن بېشبالىقنىڭ غەربىي شىمالىي، ئالتاي تېغىنىڭ غەربى، تارباغاتاي تاغلىرى، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىكى جايلاردا ياشىغان. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «ئەسكەرلىرى قەيسەر، ئۇرۇشخۇمار ئىدى، بېشبالىقنىڭ غەربىدىكى ھەر قايسى تۈركىي قەبىلىلەر ئۇلاردىن بەكلا قورقاتتى» دېيىلگەن[19]. كېيىن قارلۇقلار ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنۈپ، سول تارمىقى ئۆتۈكەن تېغى بىلەن ئالتاي تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايلاردا ياشاپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارىغان، ئوڭ تارمىقى داۋاملىق ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدە ياشاپ غەربىي تۈرك خانلىقىغا قارىغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە قۇرۇلغاندا ئۇلار ئون ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقچىسى بولغان، توققۇز ئوغۇز ئىتىتىپاقى ئىچىدىمۇ ئەڭ جەڭگىۋار قەبىلە ھېسابىلانغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۆز سەلتەنەتىنى ئورخۇن ۋادىسىدا قايتا تىكلىگەندىن كېيىن، قارلۇقلارنىڭ سول تارمىقى تەدرىجىي ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن، ئوڭ تارمىقى نىسپىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپلىڭىنى (755-763-يىللار) باستۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتكەن يىللاردا، «قارلۇقلار كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن رىقابەتلەشكەن، ئون ئوق قاغاننىڭ بۇرۇنقى زېمىنلىرىگىچە بېرىپ، سۇياپ، تالاس قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان» ھەم تەدرىجىي ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدارە قىلىشىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» ۋە «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەردىن قارىغاندا، 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىنكى قارلۇقلار قىرغىز، تىبەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بېشبالىق قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلۋېلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ئىغىر تەھدىت سالغان. نەتىجىدە قۇتلۇق قاغان (795-805-يىللار) دىن ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان (808-821-يىللار) دەۋرىگىچە ئۇيغۇر قاغانلىرى قارلۇق، قىرغىز، تىبەت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىر قارلۇقلارنى باش ئەگدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاقساقىلىغا ئىدۇگ بىلگە يابغۇ دېگەن نامنى بەرگەن، ئىسسىقكۆل بويلىردىكى جايلارغا قوشۇن تۇرغۇزۇپ، قارلۇقلارنىڭ شۇ جايلاردا ئولتۇرۇشلۇق قەبىلىلىرىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلغان. يەنە ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىگە ئاشۇ جايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. بۇ خىل ئەھۋال تاكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكۈچە ئىزچىل داۋاملاشقان.