قارلۇق شىركىتى

ئورنى Wikipedia

شېركەت نامى: قارلۇق مېدىياپەن-تېخنىكا چەكلىك شېركىتى

تىجارەت دائىرىسى: يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى،جانلاندۇرۇم،ئېنتىرنېت،ICT ...

قانۇنىي ۋەكىلى: پەخرىدىن شېرىپ (قارلۇق)

تىزىملاتقان كاپىتال: 20 مىليۇن خەلق پۇلى

خادىملارسانى: 258 نەپەر

كۆلىمى: 3800 كۋدىرات مېتىر

باش شىركەت ئورنى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شامالباغ (يەنئەن) يولى 4- نومۇر 3-،4- قەۋەت شېركەت تارماقلىرى:

قارلۇق ئالما تەتقىقات تەجرىبىخانىسى

شاڭخەي قارلۇق يۇمشاق دېتال شېركىتى

شىنجاڭ قارلۇق كومپيۇتېر كەسپلىرى تەربىيىلەش مەكتىپى



     شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا-پەن تېخنىكا چەكلىك شېركىتى 2008-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئېنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش، جانلاندۇرۇم، مېدىيا مەھسۇلاتلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.قارلۇق شېركىتى يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە مېدىيا تېخنىكا شېركىتى بولۇپ، شېركەتنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم جانلاندۇرۇم، يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇنلىرى بار.   شېركەت ھازىرغا قەدەر 26 قوللىنىش يۇمشاق دېتال، 57 جانلاندۇرۇم، 500 دىن ئارتۇق 3D مودىل، 5000 پارچىدىن كۆپرەك رەقەملىك سۈرەتلەرنىڭ ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 360 گىرادۇسلۇق تەسۋىر بېرىكتۈرۈش تېخنىكىسى، ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىم ئىشلەش، ئۈچ ئۆلچەملىك ئېنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش شېركەتنىڭ يادرولۇق تېخنىكىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارلۇق شېركىتى ئامېرىكا ئ‍الما شېركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر يۇمشاق دېتال تەتقىقات تەجىرىبخانىسىدۇر. شېركەتنىڭ "خاتىرەم"، "ئېلىپبە"، "ئوكيان خەۋەرلىرى"، "سالام ئەلى"،"دەستەرپىچ"،"لۇغەت" تىن ئىبارەت كۆچمە يۇمشاق دېتاللىرى تاماملىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
   شېركەتتە سەككىز بۆلۈم، 258 خادىم بار. شېركەتتىكى خادىملار قوشۇنى قاتتىق تاللاشتىن ئۆتكەن، تەجرىبىلىك، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردۇر. شېركەت ئىجادىيەت، سەنئەت ۋە مېدىيا تەتقىقات ئىشلىرىدا  ئاپتونوم رايونىمىزدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە

www.okyan.com