قازان يۇغۇچ

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

   خەلقىمىز ئۇزاقتىن بۇيان قازان يۇغۇچنى تېرىپ، ئىشلىتىپ كەلگەن، ئۇنى ھويلا – ئاراملارغا، كۆكتاتلىق، ئېتىز قىرلىرىغا تېرىيدۇ. قازان يۇغۇچ يەنە دەسمال، ئاغچا خېنىم دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇ ‹‹بەدرەڭ››، دەپ ئاتىلىدۇ.

  قازان يۇغۇچ ئالاھىدە يىپتىن توقۇلغاندەك چىداملىق، ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. قازان يۇغۇچ سۇدا يۇمشايدۇ، ئۇنى خېلى ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە چىنە – قاچا، قازان – قۇمۇچ قاتارلىقلارنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىپ يۇغاندەك پاكىز يۇغىلى بولىدۇ. ئۇ قازان، قاچا – قۇچىلاردىكى ياغ ۋە باشقا داغلارنى پاكىز چىقارغاندىن سىرت، يەنە ئۆزىدە كىر توختاتمايدۇ، يۇيۇپ بولغان قاچا – قۇچىلاردا غەيرىي پۇراق قالدۇرمايدۇ.

  قازان يۇغۇچ، ئادەتتە، 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە تېرىلىدۇ. قازان يۇغۇچ پىلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولغاچقا، چۆنەك تارتىپ چۆنەك قىرىغا تېرىلىدۇ. مايسا ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىن، يەرلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىنىدۇ. ئۇ تېزلا پىلەك تارتىپ ئۆسۈپ، سېرىق رەڭدە چېچەكلەيدۇ. پىلەك باراڭغا ياماشتۇرۇپ قويۇلىدۇ، باراڭغا ئېلىنمىسا سۈپىتى ياخشى، يوغان قازان يۇغۇچ چۈشمەيدۇ. مايسا ئوبدان پەرۋىش قىلىنسا، بىر تۈپ پىلەكتىن 30دىن ئارتۇق قازان يۇغۇچ چۈشىدۇ. پىشقان قازان يۇغۇچنىڭ سىرتى قاپاقتەك چىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ پىلەكتىن ئۈزۈلگەن تەرىپىدىن ئېغىز ئېچىلسا ئۇرۇقى چۈشىدۇ، ئاندىن قايناقسۇغا بېسىلسا، سىرتىدىكى قاسراق سويۇلۇپ، تورسىمان يۇغۇچ تەييار بولىدۇ.

  تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، قازان يۇغۇچ تەركىبىدە ئاقسىل، كراخمال، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بولغاندىن سىرت، يەنە ئاز مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلارمۇ بولىدىكەن. قازان يۇغۇچنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ،  ئۇنىڭ قىزىتمىنى پەسەيتىپ، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار ئىكەن.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 08- 12 16:22 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-08/12/content_101468.htm؛