قاسقانچىلىق
ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن تاش قوراللار دەۋرىگە نەزەر سالساق ، ئاتا–بوۋىلىرىمىز تاش بوقۇرسا ، تاش ئورغاق ، تاش كەتمەن قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندىن باشقا ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز . ئۇلار يەر ئاغدۇرۇشتا ئادەم كۈچىدىنلا ئەمەس ، ئات–ئۇلاغلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان . بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئاشلىقتىن ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يېيىشنى بىلگەن . قەدىمكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق قەبرىلەر ، شەھەر خارابىلىرىدىن تېپىلغان بۇغداي نان ، قوناق نانلىرى ، بوتقىلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ .
تائاملىرىمىزنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغىنىدەك ، تائام تەييارلاش سايمانلىرىمىز ۋە ئۇلارنى ياساش كەسپىمۇ ناھايىتى كۆپ . بۇلارنىڭ ئىچىدە قاسقانچىلىق ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . قاسقانچىلىقىمىز خاسلىققا ئىگە . خەلقىمىز ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، دېھقانچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن تارتىپلا قاسقانچىلىق كەسپىنى جارى قىلىشقا باشلىغان .
قاسقان ماتېرىيالى : يەرلىك قارا تېرەك ياغىچى ، شوينا ، يىپ ، ماتادىن ئىبارەت .
قاسقان ياساش ئەسۋابلىرى : رەندە ، كەكە ، قول ھەرىسى ، توغرا بىسلىق پىچاق ، يىڭنە ، ئۈچكە ، تانا ، تاختاي ئىگىدىغان چىغىرىق شەكىلدىكى مەشتىن ئىبارەت .
قاسقان ياساش ئۇسۇلى : قارا تېرەك ياغىچى قاسقان ئۆلچىمىگە لايىق قىلىپ تىلىنىدۇ . تاختاينىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئالتە مىللىمېتىر بولىدۇ . تاختاي ھۆل بولسا ، ئاپتاپقا قاقلاپ شىرىشىم قىلىنىدۇ . ئەگەر قۇرۇق بولسا بىر سوتكىچە سۇغا چىلاپ ھاۋىسى تەڭشىلىدۇ . ئادەتتە قاسقان چەمبىرىىنىڭ دىئامېتىرى 60 سانتىمېتىر بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تاختاي ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تىلىنىدۇ . تىلىنغان شىرىشىم تاختاي سۇس ئوت قالانغان چىغىرىق شەكىلدىكى مەشتە ئىگىلىدۇ . ئىگىشتە تاختاي ئۇچى چىغىرىق ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ ئوڭ قولدا تاختاي بېسىلىپ ، سول قولدا تاختاي ئايلاندۇرۇلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن شىرىشىم تاختاي ئوتنىڭ تەپتىدە چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ . قاسقان ئايلانمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئىككى بېشى شوينا بىلەن چېتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن قاسقان ئايلانمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى تەرەپتىىن 15 سانتىمېتىردىن ئۇچى چىقىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن تاختاي قويۇلىدۇ . ئۇنىڭ قاسقان ئىچىدىكى قىسمى قاسقان ئىچىگە قويۇلىدىغان شادا ياغاچلارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ، سىرتقا چىققان قىسمى قاسقاننىڭ تۇتقۇچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن قاسقان ئىچىگە تۆت مىللىمېتىر قېلىنلىقتا ، بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە تىلىنغان شادا ياغاچلار بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ شوينا بىلەن چېتىپ تۇرغۇزۇلىدۇ . شادىلار قاسقانغا تىزىلغان تائامنى كۆتۈرۈپ تۇرسا ، قالدۇرۇلغان ئارىلىقتىن ھور ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ . قاسقاننىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئايلانما چەمبىرەك قويۇلىدۇ . بۇ ئۈستىگە قويۇلغان دەستىلىمە قاسقاننى كۆتۈرۈپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . قاسقانلار يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىپ ، بىر–بىرىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلىدۇ . قاسقاننىڭ ئۈستى تاختاي بىلەن توسالغاندىن سىرت ماتا بىلەن قاپلىنىدۇ . بۇنىڭ ھورنى توسۇش ۋە ياغاچنى كىر قىلماسلىق رولى بار .
قاسقانلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار : تېرەك ياغىچى نەملىك سۈمۈرىدۇ . مانتا ، ھورنان ، يۇتازا قاسقاندا قانچىلىك ئۇزاق تۇرسىمۇ ياغاچنىڭ نەملىكى بىلەن نورمال نەملىكىنى ساقلىيالايدۇ . قومۇش سۇ سۈمۈرمىگەچكە نەملىك ساقلىيالمايدۇ . شۇڭا قومۇش قاسقاندا پىشۇرۇلغان مانتا ، ھورنان ، يۇتازىلار قۇرغاق بولۇپ قالىدۇ ، تەمى ياخشى بولمايدۇ . خەلقىمىز كېيىنكى چاغلاردا مىس بويۇملارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ جىمبىل ياساپ ئىشلىتىدىغانمۇ بولدى .[1]
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ مۇھەررىر : ئامانگۈل؛ مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى؛ ۋاقىت: 2009- 06- 01 16:28؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-06/01/content_199661.htm