قالپاق

ئورنى Wikipedia

قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپاق

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كىيىم – كىچەك سەنئىتى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . تارىخ چاقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇيغۇر كىيىم – كىچەكلىرى ئىچىدىكى باش كىيىمنىڭ تۈرلىرىمۇ تىنىمسىز دولقۇن ئىچىدە يېڭىدىن – يېڭى شەكىللەرگە ئىگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ ، يەنىلا ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىمىزدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرى ھېلىمۇ تۇرمۇشىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە . قالپاق ئەنە شۇلارنىڭ بىرى .

1979 – يىلى لوپنۇر كۆلىنىڭ شىمالىدىن قېزىۋىلىنغان جەسەتنىڭ بېشىغا بىر نەچچە تال پەي قىستۇرۇلغان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرىكى باش كىيىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان . چەرچەندىكى زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كانايسىمان كېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ، ھەر بىر قالپاققا يەتتە ياكى توققۇز تالدىن قۇش پېيى قادالغان ، ئىلىدىن تېپىلغان مىس لەشكەر قونچاقنىڭ قالپىقى ئۇچلۇق بولۇپلا قالماستىن ئىككى ھەسسە ئېگىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن 3000 يىللار ئىلگىرىكى بويۇملار ، كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيىدىكى تام رەسىملىرىدە بېشىغا تاجىسىمان گۈللۈك قالپاقلارنى كىيىپ ، ھەر خىل چالغۇلارنى چېلىۋاتقان سازەندىلەر تەسۋىرلەنگەن . تۇرپاندىكى بېزەكلىك مىڭ ئۆيىدىمۇ بېشىغا كەينى ئېگىز ، ئالدى پەس ، ئۇچى ئۇچلۇق باش كىيىمى كىيگەن قوچۇ خانىنىڭ رەسىمى بار . ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» دا : «ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا ، تۈرك قاغانى ئۇنىڭغا قارىشى 4000 ئادەم ئەۋەتكەن ، ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن ...»دېگەن مەلۇماتنى قالدۇرغان . بۇ پاكىتلاردىن قالپاقنىڭ قەدىمكى باش كىيىم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى سەنئەتچىلەر ، ئەسكەرلەر ۋە پادىشاھ – ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئارزۇلىنىدىغان سەلتەنەتلىك كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز .

ھازىرقى زامان قالپاقلىرى قەدىمكى زامان قالپاقلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ . ئەمما زور تۈركۈمدىكى قالپاقسىمان باش كىيىملەر (تەلپەك ، ئاق تۇماق ، كۆرپە تۇماق ، سەرپۇش تۇماق قاتارلىقلار) خەلقىمىز تەرىپىدىن ھېلھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، قالپاقتىن ئىبارەت بۇ باش كىيىم ئانا دىيارىمىزدا يېڭلانماي ، چەت ئەللەردە ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىپ نازايىتى تېزلا يەنە بىزنىڭ بازارلىرىمىزغا كىردى . بۇ يېڭى قالپاقلارنىڭ پاسۇنى ئۆزگىچە بولۇپ ، كۆركەم ، نەپىس ، كىيىشكە ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئىستىمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

مەنبە:قەدىمكى ئۇيغۇر باش كىيىمى – قالپاق،مۇختار قادىر