قانداق قىلغاندا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر بىرىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد يۈسۈپ

شەكسىزكى، ھەرقانداق ئائىلىنى ياشارتىپ تۇرىدىغان نەرسە سۆيگۈ _ مۇھەببەتتۇر. چۈنكى سۆيگۈ _ مۇھەببەت ئائىلىنىڭ ھاياتىدۇر. شۇڭا، ئەزالىرى ئۆزئارا سۆيگۈ _ مۇھەببەتتىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالالمىغان ئائىلە جانسىز، مەنىسىز، خۇشاللىقسىز ۋە بەختسىز ئائىلىدۇر.

زامان تەرەققىي قىلىپ، پەن _ تېخنىكا ۋاسىتىلىرى سايىسىدا ھاياتتا كۆپ ئىشلار ئوڭايلاشقان بولسىمۇ، بەزى مۇھىم ئىشلار قىيىنلىشىپ قالدى. مەسىلەن: ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر _ بىرىگە سۆيگۈ _ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىش، بىر _ بىرىنىڭ دەردىگە يېتىش ۋە بىر _ بىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ھاياتلىقنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى يېنىكلىتىش ئىشلىرى قىيىنلىشىپ كەتتى. كىچىك ۋاقتىمىزدا بوش ۋاقىتلىرىمىزنى ئائىلىدىكىلەر بىلەن، خۇسۇسەن قېرىنداشلار بىلەن بىللە بولۇپ خۇشال ئۆتكۈزەتتۇق، بىر _ بىرىمىزدىن ئايرىلالمايتتۇق، خۇشاللىقىمىزنى بىللە ئويۇن ئويناش ياكى سۆھبەتلىشىشتىن تاپاتتۇق. ئەپسۇسكى، زامانىمىزدا بوش ۋاقتىمىز شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرىمىز بىلەن، خۇسۇسەن بالىلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقا پۇرسەت تاپالماي قېلىۋاتىمىز. بالىلارنىڭمۇ بىز بىلەن ئولتۇرۇشقا ۋاقتى يوق ۋە ھاجىتىمۇ يوق. چۈنكى ئائىلىدە ھەممە كىشىنىڭ قولىدا بىردىن يانفون بولغانلىقتىن، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقىدىغان، كۆڭلىنى شۇنىڭ بىلەن خۇشال قىلىدىغان، ئائىلە ئەزالىرىغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان بولۇپ قالماقتا.

ھەركىمنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى ۋە ھەممىدىن بۇرۇن قولغا ئالىدىغان نەرسىسى يانفون بولغانلىقتىن، بالىلار ئاتا _ ئانىسى بىلەن، ئاتا _ ئانىلار بالىلىرى بىلەن، ھەتتا ئەر _ ئاياللار بىر _ بىرى بىلەن كارى بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر _ مۇھەببەت، بىر _ بىرىنى سېغىنىش، بىر _ بىرىگە كۆيۈنۈش كەيپىياتلىرى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ بېرىپ، بىر _ بىرىنىڭ سۆزى قۇلىقىغا ياقمايدىغان، ئېھتىياج يۈزىسىدىن بىر _ بىرىگە گەپ قىلسىمۇ، ئالدىراپلا گېپىنى تۈگىتىپ يانفونىغا يۈزلىنىدىغان ئەھۋاللار شەكىللەنمەكتە.

كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆيىمىز تار، ئەمما كۆڭلىمىز بەكمۇ كەڭ ئىدى، ئاكا _ ئۇكىلار ھەممىمىز بىر ئېغىزلىق تار ئۆيدە خۇشال – خۇرام ۋە ناھايىتى ھۇزۇرلۇق ياتاتتۇق. زامانىمىزدا ئۆيىمىز كەڭ، ئەمما كۆڭلىمىز تار بولۇپ كەتتى، ئىككى قېرىنداش بىر ئۆيگە سىغمايدۇ، چۈنكى ئۇلار چىقىشالمايدۇ. شۇڭا ھەركىمنىڭ ئەڭ ياخشى سىردىشى ۋە دوستى يانفون، ئېنتېرنېت ۋە كۇمپىيۇتېر بولۇپ قالدى. بالىلارنىڭ ھەربىرى يالغۇز خانىدا يېتىشنى خالايدۇ ۋە يېنىغا ھېچكىم كىرمىسە دەيدۇ. ھەتتا بالىلار بىر ئۆيدە تۇرۇپ، بىر _ بىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا، ئۇچۇر يېزىشىدىغان دەرىجىگە يەتتى.

بىز بۇ ئەھۋالدا، ئائىلە ئەزالىرىمىزنى بىر _ بىرىگە يېقىن قىلىش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سۆيگۈ _ مۇھەببەتنى تىرىلدۈرۈش ۋە ئائىلىمىزنى جەننەت ئائىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا دىنىمىزنىن كۆرسەتمىسىگە موھتاجمىز. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسىگە چارە ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز دىنىمىزغا ئەمەل قىلساق، بۇ دۇنيادا بەختلىك ۋە ھۇزۇر _ ھالاۋەتلىك ھايات كەچۈرىمىز، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ مەڭگۈلۈك بەختلىك ۋە ھۇزۇر _ ھالاۋەتلىك ھاياتقا ئېرىشىمىز.

ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يېقىنلىقنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۆزئارا سۆيگۈ _ مۇھەببەتنى تىرىلدۇرۈشنىڭ ئامىللىرى ۋە چارىلىرى كۆپ. مەن ئەڭ ئوڭاي ۋە دەرھال قىلغىلى بولىدىغان بىرلا چارىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۇ بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى بىرلىشىپ ئىبادەت قىلىشتۇر.

بىرلىشىپ ئىبادەت قىلىش قانداق بولىدۇ؟

بۇ ناھايىتى ئوڭايدۇ. تۆۋەندىكى بەش ئىشنى بىرلىشىپ قىلساق، بىز ئائىلە ئەزالىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى، سۆيگۈ _ مۇھەببەتنى ئاشۇرالايمىز، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئائىلىمىز ئىللىق، ھۇزۇرلۇق، بەختلىك ۋە خۇشالىق چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئائىلىگە ئۆزگىرىدۇ.

1. بىللە قۇرئان ئوقۇش، بىرەر بەت بولسىمۇ ئوقۇش.

2. بىللە ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ناماز ئوقۇش.

3. بەش مىنۇت بولسىمۇ بىرلىكتە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىش.

4. بىللە دۇئا قىلىش (بۇ داستىخاندىن تۇرغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان دۇئادىن باشقا).

5. كۈندە بىرەر قېتىم بولسىمۇ تاماقنى بىللە يېيىش.

ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش ھەقىقەتەن ئادەمگە خۇشاللىق ۋە بەخت _ سائادەت بېغىشلايدىغان تولىمۇ ياخشى ئىشتۇر. ئائىلىنىڭ تېخى قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ بولالمىغان كىچىكلىرىنىمۇ چاقىرىپ كېلىپ قۇرئان ئوقۇشقا ئىشتىراك قىلدۇرۇش پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن كاتتا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر _ بىرىگە يېقىن قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇھەببىتىنى ئاشۇرىدۇ.

كۈندە ئىككى رەكئەت بولسىمۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن، مۇمكىن بولمىغاندا ئەر _ ئايال ئىككىەيلەن ئىككى رەكئەت بولسىمۇ بىللە ناماز ئوقۇشتىن كېلىدىغان سائادەتنى ۋە ئىللىقلىقنى تەسۋىرلەپ بولۇش قىيىن.

كۈندە بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ، ھەممە بىرلىكتە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، مەسىلەن: «سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى، سۇنھانەللاھۇل ئەزىم» دەپ تەسبىھ ئېيتىش ياكى «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھۇ، لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر» دەپ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە خۇشاللىقنى ۋە مېھىر _ مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ.

تائاملىنىپ داستىخاندىن تۇرۇش ئالدىدا دۇئا قىلىشتىن باشقا، مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ھەممە قولىمىزنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ بىرلىكتە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغىنىمىزدا قەلبىمىز گۈزەل ھېسلارغا تولغان بولىدۇ، قەلبىمىز يۇمشاپ، بىر _ بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ _ مۇھەببىتىمىز كۈچلىنىدۇ.

ئىمكانىيەت بولسا كۈندىلىك تائاملىنىشنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە قىلىش، ھېچبولمىغاندا، كۈندە بىر ۋاخ تامانى بولسىمۇ ھەممە بىرلىكتە يېيىش ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىقنى كۈچەيتىدۇ، سۆيگۈ _ مۇھەببەتنى ئاۋۇتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا داستىخاندا ئائىلە ئەزالىرى ئازراق بولسىمۇ مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، نەتىجىدە مەسلىھەتلىشىدىغان ئىشلىرى بولسا مەسلىھەتلىشىدۇ، بىرەرسىنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا بىللە ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ.

قەدىرلىك ئوقۇرمەن! يۇقىرىدا ئېتقانلىرىم ئۆزۈم تەجرىبە قىلىپ پايدىسىنى كۆرگەن ئىشلاردۇر. سىلەرنىڭمۇ تەجرىبە قىلىپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، چوقۇم خۇشال بولۇپ قالىسىلەر. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسىنى جەننەت ئائىلىلەردىن قىلغاي، ئامىن.

2020- يىلى 4- ئاپرىل