قانداق قىلغاندا پەرزەنتلەردە ۋەتەن سۆيگۈسىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەممە بىلىدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، تەربىيە ئەسلىدە ئۆيدە باشلىنىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئالغان تۇنجى تەربىيە ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تەربىيەدۇر. يەنە شۇ ھەقىقەتنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ھەرقانداق ئادەم پەرزەنتلىرىمنى تەربىيەلەيمەن دەيدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەربىيەلىشى شەرت. ئەگەر شۇنداق قىلمىغاندا، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەردە ۋەتەنپەۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئاپپاق قەلبىگە ۋەتەن سۆيگۈسىنى سېلىش ئالدى بىلەن بۇلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋەتەندە بىغەم ياشىغان بولسىمۇ، چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىن ۋەتەن سۆيگۈسى دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قەدىر- قىممىتى قانچىلىك دېگەنلەرنى چۈشەنمىگەن ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك؟ بىز ئەجدادلىرىمىزدىن باشلاپ ۋەتەننىڭ قەدرىنى بىلمەي ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمدىلىكتە ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقاندىن كېيىن، ۋەتەن قەدرىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتىمىز.

ئەپسۇسكى، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، ۋەتەننى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىم پەرز ئىكەنلىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆگىتىلمەي كەلدى. مەدرىسىلەردىكى دەرسلىكلەردىن ئورۇن ئالالماي كەلدى. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنداش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزىزلىقىنى، ھۆرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مۇستەقىل ۋەتەننىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلمەي كەلدى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، كېيىن بىر قانچە يۈز يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارلىرى كاپىرلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى، بايلىقلىرى تالان-تاراج قىلىندى، ئۆزلىرى خارلاندى. ھازىرمۇ نۇرغۇنلىرى مۇستەملىكە ھاياتىدا، يەنە كۆپلىرى بېقىندىلىق ھاياتىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ۋەتەننى قوغداشنىڭ دىننى قوغداشقا ئوخشاشلا زۆرۈر مەجبۇرىيەت، بەلكى دىننى قوغداشنىڭ قالقىنى ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل ۋەتەن بولمىسا دىننىڭ پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمىدى ۋە چۈشەندۈرۈلمىدى. بۇنىڭدا ئەڭ ئارقىدا قالغان ۋە ئەڭ چوڭ زىيان تارتقان خەلق شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا ئىسلام دىنىمىز كىرگەنگە مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، دىنىمىزنىڭ ۋەتەنپەۋەرلىك روھى، ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكى، مۇستەقىل ۋەتەننىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى پىرىنسىپلار ۋە تەلىماتلار خەلقىمىزگە يېتىپ كەلمىگەن، ئۇلارغا ئۆگىتىلمىگەن، مەكتەپ-مەدرىسلىرىمىزدىمۇ بۇ ماۋزۇدا دەرسلىك بولمىغان، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ۋەز-تەبلىغلىرىدىمۇ مۇنداق بىر ماۋزۇغا ئورۇن بېرىلمىگەن. نەتىجىدە، خەلقىمىز دىنىمىزنىڭ ئەمەل-ئىبادەت قىسمىنىلا ئۆگەنگەن، ئەمما دىنىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى قوغداپ قېلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇتقۇسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. شۇڭا بىزدە ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ ۋەتەننى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش ئېڭى يېتىلمەي كەلدى. دۇنيا ئۆزگەردى. بىز چوڭ بىلىدىغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە يېقىنقى يىللارغا قەدەر ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇستەقىللىق بايرىمى، جۇمھۇرىيەت بايرىمى دېگەنلەر بىدئەت قاتارىدىن سانىلاتتى. ھازىرقى پەيتتە ئۇلارنىڭمۇ پىكرى ئۆزگەردى، توغرىسى ئۇلار دىننىڭ روھىنى چۈشەندى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مىللىي بايرام كۈنى ناھايىتى ھەشەمەتلىك تەبرىكلىنىدىغان، ھەممە جاي بايراق بىلەن توشۇپ كېتىدىغان، ئىنسانلار ھاياجان بىلەن بايرامنى تەبرىكلەيدىغان، دۆلەت رەسمىي دەم ئېلىش ئېلان قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.

ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟

ئۆتكەن ئۆتتى، كەتكەن كەتتى، ئەمدى ئۇيقۇمىزنى ئاچىدىغان زامان كەلدى. ئەگەر بىز ئويغانمىساق، ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك تىلىمىزدىنمۇ ۋە دىنىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مەيلى قايسى دۆلەتتە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ئاز-تولا تەسىرات ئالمايدىغىنى يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ياۋروپالىقلارنىڭ زېمىن تالىشىپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىنى چىقارغانلىقى، تۈركلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدا چاناققەلئە ۋە باشقا جايلاردا يۈز مىڭلارچە شېھىت بەرگەنلىكى، ئەرەبلەرنىڭ ئالجىرىيەدە ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىككى مىليون ئادىمىنى شېھىت بەرگەنلىكى ھەرقانداق بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرىنى، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆگىنىشى ئەڭ ئەقىللىي تەلەپتۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تۇرغۇزۇشى، ۋەتەن ئۈچۈن قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى تەقدىم قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىشى پەرزەنتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدۇر. شۇڭا، ئانا ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتكەن ھەربىر ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قەلبىگە نەقىش قىلىشى، ئائىلىسىدە ۋەتەنگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆپرەك ئوقۇشى، ۋەتەننىڭ تارىخىنى ئوبدان ئۆگىنىشى ۋە پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بېرىشى، ئاندىن پەرزەنتلىرىنى شۇنداق ۋەتەنپەرۋەر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى ئىنتايىن زۆرۈر.

مەدرىسىلەرنىڭ دەرسلىكى ئۆزگىرىشى لازىم

تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مەدرىسىلەر، قۇرئان كۇرسىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دەرسلىك پروگراممىسىغا ئۇيغۇر تىلى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشى ۋە بۇلارنى ئۆگىتىشنىڭ قۇرئان ئۆگىتىشكە ئوخشاشلا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ مەدرىسىلەردىكى ۋە قۇرئان كۇرسىلىرىدىكى ئۇستازلار ئىدىيەسىنى ۋەتەندىكى قاراڭغۇلۇق ھالەتتىن ئازاد قىلىشى ۋە بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى مەيلى تۈركىيەدە بولسۇن، مەيلى ياۋروپادا بولسۇن، مەيلى ئاۋۇستىرالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسۇن، شۇ جايلاردا ئەرەبلەر ۋە تۈركلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان مەدرىسىلەر ۋە قۇرئان كۇرسلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىگە قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ئىلغار ھەم مۇكەممەل ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ناۋادا بىز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان بۇ مەدرىسە ۋە قۇرئان كۇرسلىرىدا ئەگەر دىنىي دەرسلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن ھەر ساھە ئالىملار، قوماندانلار ۋە ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىش –ئىزلىرى قاتارلىقلار ئوقۇتۇلمىسا، بۇ مەدرىسىلەرنى ۋە قۇرئان كۇرسلىرىنى ئاچقاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بىزنىڭ ئۆزگىچىلىكىمىز نەدە؟ ئەگەر ئۇيغۇرلار ئاچقان مەدرىسىلەردە ۋە قۇرئان كۇرسلىرىدا بۇ دەرسلىكلەر ئوقۇتۇلمىسا، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئاچقان مەدرسىلەردە ۋە قۇرئان كۇرسلىرىدا ئوقۇغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىك ۋە تېخىمۇ تەجرىبىلىك بولىدۇ.

2020- يىلى 6- ئاپرىل