Jump to content

قانۇن ئىلمى

ئورنى Wikipedia

قانۇن ئىلمى قانۇن ۋە قانۇنىي ھادىسىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان، قانۇنغا دائىر بىلىم ۋە نەزەرىيە سىستېمىسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدىكى مۇھىم بولغان ئىلىمدۇر.

قىسقىچ تونۇشتۇرۇش

[تەھرىرلەش]

قانۇن ئىلمى-قانۇن ۋە قانۇنىي ھادىسىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان، قانۇنغا دائىر بىلىم ۋە نەزەرىيە سىستېمىسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي پەنلەر ئىچىدىكى مۇھىم بولغان ئىلىمدۇر. قانۇنىي ئىدىيە ئەڭ ئاۋۋال چۈنچىيۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، قانۇن دېگەن ئاتالغۇ جۇڭگودا چىن سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى دەۋرلىرىدە ‹‹ جىنايەت ئىلمى ›› دەپ ئاتىلاتتى. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، ‹‹ قائىدە ئىلمى ›› دەپ ئاتالغان.

غەربتە بولسا، قەدىمكى رىم قانۇنشۇناسى ئوربىيان ‹‹ قانۇن ئىلمى ›› دېگەن بۇ سۆزگە مۇنداق تەبىر بەرگەن: ئۇ ئادەم بىلەن روھنىڭ پائالىيەتلىرى دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، ھەق ۋە ناھەقنى ئايرىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. ھازىرقى قانۇن ئىلمى بولسا قانۇننى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

قانۇنشۇناسلىق

[تەھرىرلەش]

قانۇنشۇناسلىق ئىنىگلىزتىلىدا science of law دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبېيكتى ئالدى بىلەن قانۇن. بۇ يەردە ئېيتىلغان قانۇن ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ھەر خىل قانۇن،قائىدە-نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىستېما نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي قانۇن، ھەق-تەلەپ ۋە سودا قانۇنى، ئىقتىسادىي قانۇن، ئىجتىمائىي قانۇن، جازا قانۇنى، تەرتىپ قانۇنى ۋە باشقا ھەر خىل تارماق قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋاقىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قەدىمكى دەۋر قانۇنى، يېقىنقى زامان قانۇنى، ھازىرقى زامان قانۇنى ۋە بۈگۈنكى زامان قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بوشلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر دۆلەت قانۇنى، چەتئەل قانۇنى، يەرلىك قانۇن ۋە باشقا يەرلىك قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخىي تۈر نۇقتىسىدىن، قۇلدارلىق تۈزۈمى قانۇنى، فېئوداللىق تۈزۈمى قانۇنى، كاپىتالىزىم قانۇنى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكى تۈرگە بۆلۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئىچكى قانۇنى ۋە خەلقئارالىق قانۇن، تۈپ قانۇن، ئومۇمىي قانۇن، ئادەتتىكى قانۇن ۋە ئالاھىدە قانۇن، سۇبسىتانتىۋ قانۇنى ۋە تەرتىپ قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىپادىلىنىش شەكلى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرىكەتچان قانۇن، تۇراقلىق قانۇن، كونكىرت قانۇن ۋە ئابىستىراكىت قانۇن، قەغەز يۈزىدىكى قانۇن ۋە تۇرمۇشتىكى قانۇن، ئېدىئالىزىملىق قانۇن ۋە ئەمەلىيەتچان قانۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قانۇنشۇناسلىق

[تەھرىرلەش]

قانۇنشۇناسلىق ئىنىگلىزتىلىدا science of law دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبېيكتى ئالدى بىلەن قانۇن. بۇ يەردە ئېيتىلغان قانۇن ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ھەر خىل قانۇن،قائىدە-نىزامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىستېما نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي قانۇن، ھەق-تەلەپ ۋە سودا قانۇنى، ئىقتىسادىي قانۇن، ئىجتىمائىي قانۇن، جازا قانۇنى، تەرتىپ قانۇنى ۋە باشقا ھەر خىل تارماق قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋاقىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قەدىمكى دەۋر قانۇنى، يېقىنقى زامان قانۇنى، ھازىرقى زامان قانۇنى ۋە بۈگۈنكى زامان قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بوشلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر دۆلەت قانۇنى، چەتئەل قانۇنى، يەرلىك قانۇن ۋە باشقا يەرلىك قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخىي تۈر نۇقتىسىدىن، قۇلدارلىق تۈزۈمى قانۇنى، فېئوداللىق تۈزۈمى قانۇنى، كاپىتالىزىم قانۇنى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكى تۈرگە بۆلۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئىچكى قانۇنى ۋە خەلقئارالىق قانۇن، تۈپ قانۇن، ئومۇمىي قانۇن، ئادەتتىكى قانۇن ۋە ئالاھىدە قانۇن، سۇبسىتانتىۋ قانۇنى ۋە تەرتىپ قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىپادىلىنىش شەكلى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرىكەتچان قانۇن، تۇراقلىق قانۇن، كونكىرت قانۇن ۋە ئابىستىراكىت قانۇن، قەغەز يۈزىدىكى قانۇن ۋە تۇرمۇشتىكى قانۇن، ئېدىئالىزىملىق قانۇن ۋە ئەمەلىيەتچان قانۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قانۇن ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى

[تەھرىرلەش]

قانۇن ئىلمى پەقەت بۇ ئوخشاش بولمىغان مەنىلەردىكى قانۇنلارنى مۇجەسسەملەپ تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىلمى بولالايدۇ.

ھەر خىل قانۇنىي ھادىسىلەر

[تەھرىرلەش]

قانۇن پەيدا بولغان چاغدىكى ھەر خىل ھادىسىلەر، مەسىلەن: قانۇن تۈزۈش، ئەدلىيە، قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، قانۇننىڭ كېلىش مەنبەسى، تەرەققىياتى، كۆچۈشى، ۋارىسلىق قىلىش، زامانىۋىلىشىش، قانۇنىي تەرتىپ، مەنپەئەت، قانۇنىي كۆز-قاراش، ئىدىيە، تۈزۈم، پاكىت، قانۇنىيەت قاتارلىقلار.

قانۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

[تەھرىرلەش]

قانۇن بىلەن قانۇنىي ھادىسىلەر يالغۇز ئەمەس، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتى باشقا ماددىلار بولۇپمۇ ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغاندا، قانۇن ئىلمىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. سىنپىي جەمئىيەتتە، قانۇن ئىلمى سىنپىيلىق ۋە ئەمەلىيەتچىلدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە.

تارىختا، تۆت خىل ئوخشاش بولمىغان سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئوخشاش بولمىغان ئاڭ فورماتسىيىدىكى قانۇن ئىلمى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار قۇلدارلارنىڭ، پومشىچىكلارنىڭ،كاپىتالىستلارنىڭ ۋە پرۇلتارىياتلارنىڭ قانۇن ئىلىملىرى ئىدى.

قانۇن بولسا كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان قائىدە-نىزاملارنى تەتقىق ئوبيېكتى قىلغان قانۇن ئىلمى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىيەتچىلىككە ئىگە بولىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كەلگەن، يەنە ئايلىنىپ كېلىپ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

قانۇن ئىلمىنىڭ ئالاھىدىلىكى

[تەھرىرلەش]

قانۇن ئىلمى بولسا تارىخ بىلەن دۆلەت ئىلمىنىڭ دائىرىسى.

ئوخشاش بولمىغان دەۋر بوشلۇق شارائىتىدىكى قانۇن ئىلمى، ھەمىشە ئالاھىدە بولغان ئىزلارنى قالدۇرغان، ئۇ مەزمۇن ۋە كېڭىيىش، مەزمۇن ۋە سىستېما قاتارلىقلاردا ئوخشىمىغان پەرقلەرگە ئىگە.

قانۇن ئىلمىنىڭ تارماق ئىلىملىرى

[تەھرىرلەش]

قانۇن ئىلمىنى تارماق ئىلىملەرگە بۆلۈشتە چىڭ تۇرىدىغان قاتتىق ئۆلچەم:

1. ئوبيېكىت بىلەن ئۇسۇلنىڭ بىرلىشىشى 2. تۈر بىلەن قاتلامنىڭ بىرلىشىشى 3. ئەمەلىيەت بىلەن غايىنىڭ بىرلىشىشى قانۇن سىستېمىسىدىكى تۆت چوڭ تارماق ئىلىم نەزىرىيىۋىي قانۇن-ئومۇمىي جەھەتتىن قانۇننىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ ھەر خىل ئاساسىي ئۇقۇم، ئاساسىي پرىنسىپ، ئاساسىي قائىدە ۋە نىزاملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق قانۇننىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ئەسكەرتىش: نەزىرىيىۋى قانۇن ئاساسلىقى تونۇش نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى قانۇن ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ۋە ئۇسۇلىغا ئاساسەن بۆلۈنگەن. تەتقىقات ئوبيېكتى بىر قەدەر ئابىستىراكىت، تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن نەزىرىيىۋى تەھلىلى كۈچلۈكرەك بولغان تارماق ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى نەزىرىيىۋى قانۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق ۋەكىلى بولسا، يەنى ۋەكىل خاراكتىرلىك بولسا، قانۇنى نەزىرىيە ئاساسىي ئىلمىدۇر.

تۈرلىرى

[تەھرىرلەش]

ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ سىستېمىسىدا ئۇنىۋېرسال قانۇندىن ئىبارەت بۇ چوڭ قانۇننى تىكلەنمىسە، (مەسىلەن، قانۇن تۈزۈش، قانۇن سوتسىلوگىيىسى، قانۇننى چۈشەندۈرۈش ئىلمى، سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق قاتارلىقلارمۇ نەزىرىيىۋى قانۇن دەپ قارىلىدۇ. قانۇن ئىلمىنىڭ ئارىلىق پەنلەر ئىچىدە يەنە نەزىرىيە تەتقىقاتى كۈچلۈك بولغاچقا، نەزىرىۋى قانۇن ئىلمى دەپ قارىلىدۇ.) ئۇ ھالدا ئۇ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى، تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ.

قوللىنىشچان قانۇن

[تەھرىرلەش]

يەنى، بىۋاستە قانۇننىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇنىي ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىۋاستە تايىنىدىغان قانۇن تارماق ئىلىملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر.

ئەسكەرتىش: قوللىنىشچان قانۇننىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى ئاساسلىىقى قانۇن ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدىكى تەجرىبە ماتېرىياللىرى ئىچىدە نەزىرىيىۋى قانۇن تېخىمۇ ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە. ئۇ نەزىرىيىۋى قانۇننىڭ كونكىرتلىشىشى ۋە نەزىرىيە قانۇنىنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى. بىراق قوللىنىشچان قانۇندا نەزىرىيە قىسمى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پەن ئاتلاشقا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ، بەلكى قوللىنىشچان ئىلىمنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. قوللىنىشچان قانۇننىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرى بولسا، ئۇ ھەر قايسى قانۇنلار، مەسىلەن، ئاساسىي قانۇن، جىنايى جازا قانۇنى، ھەق-تەلەپ ۋە سودا قانۇنى، تەرتىپ قانۇنى قاتارلىقلار. قانۇن خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تارماق ئىلىم، قانۇن ئارىلىق پېنىدە بولسا ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان تارماق ئىلىملەرمۇ قوللىنىشچان قانۇننىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.

تارىخىي قانۇن

[تەھرىرلەش]

يەنى، مەخسۇس قانۇن، قانۇنىي ھادىسە ھەتتا قانۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىچىدە تارىخىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق پەنلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى.

ئەسكەرتىش: تارىخىي قانۇن ئىلمىي قانۇن سىستېمىسىدىكى مخسۇس بىر تۈر بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى نەزىرىيە قىسمى ۋە قوللىنىلىشچان قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخىي قانۇن ئىلمى ئاساسلىقى تارىخىتىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان تارىختىكى قانۇنىي تۈزۈملەرنى ھەمدە بۇ ئىدىيىلەرنىڭ ماھىيىتى، مەزمۇنى، شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇنداقلا پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى،يوقىلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. تارىخىي قانۇن ئىلمى ئاساسلىقى جۇڭگو-چەتئەل قانۇن-تۈزۈم تارىخى ئىلمى، جۇڭگو-چەتئەل ئىدىيە تارىخىي ئىلمى، قانۇن تارىخى ئىلمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇنىۋېرسال قانۇن

[تەھرىرلەش]

يەنى، نىسبەتەن چوڭ بولغان ئاتلاش خاراكتىرىدىكى تارماق پەنلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

ئەسكەرتىش: ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىككى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1. ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىكتى كۆپ خىل ھەتتا ھەر خىل قانۇن تارماق پەنلىرىگە تۇتىشىدۇ. 2. نەزىرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ ئەھمىيىتى يەككە ھالدا تەكىتلەنمەستىن، بەلكى ئۇلار بىرلەشكەندىلا ھەقىقىي كۈچىنى نامايەن قىلالايدۇ. قانۇن ئومۇمىي نەزىرىيىسى ۋە ئومۇمىي بايان ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بولغان ئۇنىۋېرسال قانۇن بولۇپ، ئۇ يەنە قانۇن تۇرغۇزۇش ئىلمى، ئىجتىمائىي قانۇن ئىلمى، قانۇن يەشمىسى ئىلمى، سېلىشتۇرما قانۇن ئىلمى ۋە خەلقئارالىق قانۇن ئىلمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.