قايماق چۆپ

ئورنى Wikipedia

قايماق چۆپ بولسا ئاق ئۇن ، تۇز ، ياش قايماق ، سۇ ، تۇخۇم قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ناھايىتى ياخشى .

 

لازىملىق ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

4پارچەلازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياش قايماق 140 گرام، سۇ 280 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. قاچىدىكى ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ، 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، ئۇزۇنلۇقى ئالىقاننىڭ يېرىمىدەك، كەڭلىكى ئۈچ قولدەك قىلىپ كېسىلىدۇ.

2. كېسىلگەن چۆپنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ ئىلمان سۇدا چايقاپ، لېگەنگە بىر قەۋەت چۆپنى تىزىپ ئۈستىنى قايماق بىلەن ياغلاپ، يەنە چۆپنى تىزىپ ئۈستىنى ياغلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى