قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتى» نىڭ رەزىل ماھىيىتى

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: نەزەر

2020 – يىلى يانۋار

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە سانسىز جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلار قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن مىليونلىغان  بىگۇناھ كىشىلەرنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتۈمەي تۇتقۇن قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ تۈگەتمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ھەر تەرەپلىمە تۈرلۈك رەزىل سۇيىقەستلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، بۇ سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مىللىيلارنىمۇ جازا لاگېرلىرىدىكى بىگۇناھ مەھبۇسلاردەك باشقۇرۇپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمېلياتسىيە قىلىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  بۇ جەھەتتە  يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ۋە چارە – تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرىدىن بىرى بولسا سۇيىقەستلىك «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتىدىن ئىبارەت.

خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ قورچاق ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا باشتىن – ئاخىر بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئۇلارنى نامراتلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەدبىرىنى قوللاندى. ئۇلار بۇ تەدبىرنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشۈنۈپ يەتكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ نامرات مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىن كۈچلۈك مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسان ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش  ئەھۋالى تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن.

قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىڭ تەدبىرى بولغان قانۇنسىز جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر،قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى خەلقئارالىق قارشىلىققا ئۇچراپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ كەسكىن تەنقىد ۋە بۇ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشتەك جىددى تەلەپلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. كېيىن ھەم ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئىناۋىتىنى ساقلاپ قىلىش ھەم بۇ قاباھەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش نىشانىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتنى ئالداپ خىتايلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «شورپىسىنى ئالماشتۇرۇپ، دورىسىنى ئالماشتۇرماسلىق» دىن ئىبارەت تېخىمۇ رەزىل بىر ھىيلە- مىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەرنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دىن ئىبارەت بۇ قەبىھ سىياسىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە مەركەزلىشىدۇ:

1) بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى جازا لاگېرلىرىدا ياكى جازا لاگېرلىرىغا يانداش سېلىنغان فابرىكىلاردا قۇل ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

2) ھەر قايسى جايلاردا فابرىكىلارنى قۇرۇپ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئادەملەرنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

3) شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

4) يەرلىك ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى مىللىي يېزا- قىشلاقلاردىن چۆل- جەزىرلەردىكى ھەربىي گازارمىلەردەك سېلىنغان تۇرالغۇلارغا كۆچۈرۈپ، ئۆمۈر بويى نامرات ھالدا تۇتۇش.

5) ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۆت ئەتراپى خىتايلار بىلەن قورشالغان قاقاس جايلارغا يۆتكەپ ئۇلارنى ئۆمۈر بويى نامرات ھالدا ياشاشقا مەجبۇرلاش.

1- بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى جازا لاگېرلىرىدا ياكى جازا لاگېرلىرىغا يانداش سېلىنغان فابرىكىلاردا قۇل ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

خىتاي دائىرلىرى ھەر قايسى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى جازا لاگېرلىرىغا  يانداش سېلىنغان فابرىكىلاردا، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمەي تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى قۇللارچە ئىشلەتمەكتە. بۇ خىل فابرىكىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى كىيىم- كېچەك فابرىكىلىرى بولۇپ، بۇ فابرىكىلارنى ئامېرىكا قاتارلىق مەملىكەتلەردىكى شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىدىغان قىلىدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ چوك شىركەتلىرى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان ياكى خىتاي ئىچكى ئۆلكىلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن. بىگۇناھ تۇتقۇنلار بۇنداق فابرىكىلاردا ھەقسىز ئون نەچچە سائەتلەپ  قۇلدەك مەجبۇرىي ئىشلىمەكتە. ئادەتتە چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ خىل زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ يەرلەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق بولۇپ، ئۇلار ئۆمۈر بويى شۇ فابرىكىلاردا ئىشلەشكە مەھكۇم قىلىنغانلاردۇر.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ 2018- يىلى 17- دېكابردا  ئېلان قىلغان ماقالىسىغا قارىغاندا، «ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قامىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھەر كۈنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناشقا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر يېڭى خەۋەر تارقالدى. ئۇ بولسىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدۇر. دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى ۋە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ئىچىدە ياكى لاگېرغا يېقىن جايلاردا زور كۆلەملىك زاۋۇت- كارخانىلارنى سېلىش ئارقىلىق تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئەمگەككە سالماقتىكەن. تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەشنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن».

«نيۇيورك ۋاقتى» نىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى «بادجېر تەنھەرىكەت كىيىملىرى» شىركىتى خوتەندىكى «تەيدا» دەيدىغان بىر كىيىم- كېچەك زاۋۇتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىملەرنى كىرگۈزگەن. «تەيدا شىركىتى» دەل خىتاينىڭ دۆلەت قانىلىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش» مەركەزلىرىدە تەربىيلىنىپ چىققان «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان زاۋۇت ئىكەن. «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى شىمالىي كارولىنا شتاتىدىكى شىركەت دائىرىلىرى بىلەن بۇ توغرىسىدا ئالاقىلاشقان. شىركەتنىڭ باياناتچىسى سېس لېننون ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى بۇ زاۋۇت بىلەن تېخى يېقىندا ئالاقە قىلىپ، دەسلەپتە ئاز مىقداردا مال كىرگۈزگەنلىكىنى، بۇ شىركەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن تولۇق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن» .

«گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن بىر دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقىغانلىقىنى ۋە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا 40 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە چوڭ ياش كىشىلەر بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئاياللار ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆرسەتكەن».

2- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلاردا فابرىكىلارنى قۇرۇپ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئادەملەرنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت ۋە خىتاينىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەر شۇنداقلا خىتاي تور بەتلىرىدە زاۋۇتنىڭ ئادرېسىغا ئائىت تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، يېقىنقى ئايلاردىن بېرى بۇنداق زاۋۇت- فابرىكىلارنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەندە كۆپەيگەنلىكىنى بايقىغان. مەزكۇر گېزىت ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۆپى كىيىم- كېچەك فابرىكىلىرى ئىكەن. بۇ يەردە تۇتقۇنلار ئېيىغا 600 يۈەن ئەتراپىدا ئىنتايىن تۆۋەن مائاش بىلەن ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، ئاساسەن كىيىم – كېچەك فابرىكىلىرى بولغان بۇ زاۋۇتلارنى كىشىلەر ئادەتتە «قارا زاۋۇت» دەپ ئاتايدىكەن. بۇلارنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ناچار شارائىتى ۋە تۆۋەن مائاشلىق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن» .

«چەتئەللەردىكى نۇرغۇن مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەۋەر ئورگانلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق ئاتالمىش «كەنتكە ماكانلاشقان زاۋۇت- كارخانىلار» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە» .

يەرلىك خىتاي دائىرلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ چوك شىركەتلىرى بىرلىشىپ، جازا لاگېرلىرى ئىچىدە ياكى يېنىدا فابرىكىلارنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەسلىدە يەرلىك ئىشچىلار ئىشلەيدىغان زاۋۇت- فابرىكىلارنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاقاتقۇزماقتا.

2000- يىلى 5- مايدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاچقان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت- ناھىيەلەرنى خىتاينىڭ 19  ئۆلكە- شەھەرلىرىگە «نۇقتىلىق ياردەم» بېرىدىغان رايون دېگەن نامدا بۆلۈپ بەردى. شۇندىن باشلاپ، بۇ ئۆلكە- شەھەرلەردىن كەلگەن قاراقچىلار شەرقىي تۈركىستاندا خالىغىنىچە بۇلان- تاراجنى باشلاۋەتتى. كانلار،تەبىئىي بايلىقلار ۋە يەرلىك يىرىك شىركەتلەر بۇ ئۆلكىلەردىكى شىركەتلەرگە سېتىپ بېرىلدى ياكى كۆتۈرىگە بېرىلدى. ھەر تۈرلۈك باھانە- سەۋەپلەر بىلەن يەرلىك زاۋۇت- كارخانىلار ۋە كانلارنى تاقىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسىنىڭ ئاڭلىتىشىچە، «خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010- يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى 10 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى يەرلىك كۆمۈر كانلاردىن تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق كۆمۈر كان بۇيرۇق بىلەن تاقالغان…

خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۆمۈر كانلىرىدىن ئىلى دىيارىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى، ئۈرۈمچى تىكقۇدۇق كېنى، بۆرتالا كۆمۈر كېنى، قۇمۇلنىڭ تارانچى كۆمۈر كېنى ۋە چۆچەك كۆمۈر كېنى قاتارلىق كانلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن… ئۈرۈمچى ليۇداۋان رايونىغا قاراشلىق تىكقۇدۇق كۆمۈر كېنى 2010- يىلى بۇيرۇق بىلەن تاقالغاندىن بۇيان، مەزكۇر كاندىكى كۆمۈر كولاشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان 1500 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى ئىشسىز قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ھەر خىل تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر قالغان».

3- باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلىتىش

جەمئىيەتتىكى يەرلىك ھەر مىللەت تۈرك خەلقلىرىنى ئۆز يۇرتىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەپ، جازا لاگېرلىرىدەك  فابرىكىلاردا تۆۋەن مائاش بېرىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماقتا.

خىتاي كومپارتىيسى ۋە قورچاق ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى خىتايدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەھەتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىدىغان مىللەت ئاھالسىنى تارقاقلاشتۇرۇش يەنى بۇ مىللەتنى ئۆز ماكانىدىن ئايرىپ، خىتايلارنىڭ ئارىسىغا تارقىتىۋېتىش كېرەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.  شۇڭلاشقا، ئۇلار بۇ قېتىم قوزغىغان مۇسۇلمان تۈرك مىللەتلىرىنى دىن، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىدە ئۇلارنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، مىللىيلارنى خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ مەركەزلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيىلىك تاكتىكىسىنى قوللانماقتا. يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، مىللىيلارنى باي قىلىش» دىن ئىبارەت رەزىل پىلاننى ئىجرا قىلىپ، بۇ مىللەتلەردىن ياش قۇرامىدىكىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ۋە شۇ جايدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىش، يۇرتىدا قالغان قېرى – چۆرىلەرنى ئۆلۈمىنى كۈتۈشكە مەجبۇرلاش ۋە بوش قالغان جايلارغا بولسا خىتايلارنى تولدۇرۇش ئارقىلىق «شىنجاڭ» نىڭ دېموگرافىيىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئاساسلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى.

خىتاي قورچاق ھۆكۈمىتى «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا  ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن يىراق بولغان يات جايلارغا يۆتكىمەكتە. ««شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا (2019- يىلى)  ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا 2 مىليون 729 مىڭ ئادەم قېتىم ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى يۆتكەپ  ۋەزىپىسىنى بالدۇر ئورۇندىغان… بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن ئادەم سانىنىڭ ئۆزىلا 25 مىڭ نەپەردىن ئاشقان…  يېقىندا خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»  تارقاتقان بىر خەۋەردە «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» گە ئاساسەن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئادەم سانىنىڭ 25 مىڭ 199 نەپەرگە يېتىپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىن 7637 نەپەر كۆپەيگەنلىكىنى دېيىلگەن ئىدى… «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولۇپ، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىنقى 3 پەسىلدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئادەم سانى 9045 نەپەر ئىكەن… خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن 109 نەپەر ئاتالمىش ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن… خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يۆتكەش بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان خوتەنلىك ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 600 گە يەتكەن… خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ «ئېشىنچا» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي يۈز مىڭ خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان… «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ  6- نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە بۇ يىل ئىچىدە بىڭتۇەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى 100 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن». خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت – فابرىكىلاردا ئىشلەۋاتقان بۇ شەرقىي تۈركىستانلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئەر- ئايال ئىشچىلار، ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق شارائىت ۋە قاتتىق رېجىم ئاستىدا ئېيىغا 300 يۈەن مائاش بىلەن  ھەر كۈنى 13 سائەتتىن ئوشۇق ئىشلىمەكتە.

4- يەرلىك ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى مىللىي يېزا – قىشلاقلاردىن چۆل – جەزىرەلەردە ھەربىي گازارمىلەردەك سېلىنغان تۇرالغۇلارغا كۆچۈرۈپ، ئۆمۈر بويى نامرات ھالدا تۇتۇش.

قورچاق خىتاي  ھۆكۈمىتى «مىلليلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» تىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن مىللىيلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى مىللىي ئاھالىلارنى تارقاقلاشتۇرماقتا. چەت- ياقا جايلاردا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك مىللەت ئاھالىلىرىنى «تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش» باھانىسىدا ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىكىنى قەتئىي ئويلاشماي، مەجبۇرىي ھالدا كەنت- بازارنىڭ ئەتراپىغا سېلىنغان «ھەربىي گازارما» لارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يەر – زېمىنلىرىنى ئىگەللىمەكتە.

«قەشقەر نەزەرباغدا «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا» بەرپا قىلىش نامىدا مەۋجۇت قەدىمىي مەھەللىلەرنىڭ ۋە بوستانلىق كوچىلارنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ كاتەكچە شەكىلدە سېلىنغان قورۇلار بىلەن تولغان چەت- ياقىدىكى دەل- دەرەخسىز ئاھالىلەر رايونىغا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ يەنە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچكەندە ئىلگىرىكى مىللىي تۈستىكى ئۆي- سايمانلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى».

تاغلىق رايونلاردا «تەبىئىي مۇھىتنى قوغداش» دېگەندەك باھانىلار بىلەن چارۋىچى قازاق- قىرغىزلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى ئەسىرلەر بويى بېقىپ كەلگەن يايلاقلاردا بېقىشىغا يول قويماي، قوتانلاردا بېقىشقا مەجبۇرلىماقتا. چارۋىچىلارنى تاغلاردىن يىراق بولغان يەرلەرگە سېلىنغان كاتەكچىدەك  ئۆيلەرگە كۆچۈرمەكتە ۋە  مەجبۇرلىماقتا.

5- ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم – تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى تۆت ئەتراپى خىتايلار بىلەن قورشالغان قاقاس جايلارغا يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى نامرات ھالدا ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەھكۇم قىلىش.

ئاكتىپ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئاڭلاتقان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىر قانچىسىدە ئۇيغۇر يېزىلىرى پەيدا بولۇپتۇ. ئەھۋالغا قارىغاندا، نۆۋەتتە قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن شەرقىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاھالىلىرىنى باسقۇچلۇق ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈپ، بوش قالغان جايلارنى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن توشقۇزۇشنىڭ ئىستراتېگىيلىك پىلانىنى مەخپىي ھالدا تۈزۈپ بولدى.

گەپنىڭ قىسقىسى، «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دېگەندەك قورچاق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تىن ئىبارەت بىر يۈرۈش چارە- تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشىدىكى قەستى بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلىرىنى ئەبەدىي نامرات ھالدا تۇتۇپ، تەدرىجىي ھالدا يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىشىتىن ئىبارەت.

ئەسكەرتمە: مەزكۈر ماقالىدىكى « » قوش تىرناق ئىچىدىكى تېكىستنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلىمىگەنلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر تور بېتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى