قوشماق ئاداش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

قوشماق ئاداش ئوينى بىلەن توپۇق ئويۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوستلۇق، ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇن. قوشماق ئاداش ئويۇنى - خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىككى ياشنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئويۇن ئۆرۈك ئۈچكىسىدىن جۈپ (قوشماق) چىققان مېغىز تاللىنىپ قوشماق ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ بىردىن يەيدۇ. يېيىش ۋاقتىدا، ۋاقىت بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىم بالدۇر <ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش> دەۋالسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ. ئۇتتۇرغۇچى ۋەدىلەشكەن نەرسىنى ئۇتقۇچىغا بېرىدۇ. بۇ ئويۇن كۆرۈنۈشتە ئاددىي بولغان بىلەن ئىككى دوستنىڭ بىر ئۈچكە ئىچىگە سىغقان قوشماق مېغىزدەك دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]