قوقەند خانلىقى
قوقەند خانلىقى ياكى قوقەن خانلىقى (ئۆزبېكچە: Qoʻqon xonligi)، بۇگۈنكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۇدۇدلىرى ئىچىدە قالغان كەڭ جۇغراڧىيەدە، 1709-1876 يىللار ئارىسى مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن، بۇخارا خانلىقى (بۇخارا ئەمىرلىكى) ۋە خىۋە خانلىقى بىلەن بىرلىكتە "بۇخارا خانلىقلارى" دەپ ئاتىلىدۇ. پايتەختى بۇگۈنكى قوقەند شەھرىدە بولغان خانلىق تەۋەسىدە تاجىكلەر، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، قازاقلار، ڧارسلار، ئۇيغۇرلار بار ئىدى. خانلىققا تەۋە شەھەرلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ: قوقەند، تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەند، مەرغىلان، نەمەنگان، ڧەرغانە، ئەنجان، تۈركىستان، چىمكەنت، تاراز (تالاس)، بىشكەك، ئوش، كانىبادام، زەڧەرئاباد، ئىسڧارا، ئاقسۇ، كاشغەر، خوتەن ۋ.ب شەھەرلەر بولغان.
خانلىق؛ تىمۇر-بابۇر پۇستىدىن بولمىش شاھرۇخ بەگ بىلەن 1709 - يىلى باشلىدى. قوقەند، ڧەرغانە، نەمەنگان، مەرغىلان ئەتراپىدا دەستلەپكى بەگلىك چىگرىلىرىنى تەشكىل قىلاتتى. ئابدۇررەھىم بەگ دەۋرىدە بۇخارا ئەمىرلىكى ئۈستىگە سەپەر قىلىپ، سەمەرقەند (1732) ئالدى. ئابدۇررەھىم بەگ جەنۇبتا سەپەردە چاغدا قالماقلار، 1746- يىلى ڧەرغانە، ئوش، نەمەنگان ۋە مەرغىلانغا ھۇجۇم قىلدى. ئىككى ھەپتە ئىچىدە پايتەخت قوقەندنى ئىشغال قىلدى. قوقەند ئوردۇسى چېكىنىپ، ئۆرەتۆپە بېگى ڧازىل بەگ بىلەن بىرلىكتە قالماقلارنى چېكىندۈردى. نۇرباتۇ بەگ زامانىدا چۇست ۋە نەمەنگان بەگلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىسيانلىرى باستۇرۇلدى.
نۇرباتۇ بەگنىڭ ئوغلى ئالىمخان زامانىدا تاشكەنت، سايرام، چىمكەنت ۋە ئاھەنگەران بەگلىك چىگرىسى ئىچىگە ئېلىندى. بۇ كېڭىيىشتىن كېيىن قوقەند بەگلىكى "قىشلاق خوجالىقى" ئۇنۋانىغا قاۋۇشۇپ، تۇنجى خانلىق خاقانلىق بولدى (1805). ئالىمخاندىن ئىتىبارەن قوقەند بەگلىرى "خان" ئۇنۋانىنى ئالدى.
"ئەمىرى" تەخەللۇسى بىلەن شىئېرلەر يازغان، موللا ئۆمەرخان دەۋرىدە، قوقەند خانلىقى ئالتۇن دەۋرىنى ياشىدى. بۇخارا ئەمىرلىكىدىن تۈركىستان شەھرىنى ئالدى. ئۆرەتۆپە بەگلىكى قوقەند خانلىقىغا قوشۇلدى. ئۆمەرخان، سىر دەريا ئەتراپىدا قاناللار ئاچىپ، زىرائەتتە ئىنقىلاب قىلدى. مەسجىدلەر، دۇنياۋىي ۋە دىنىي مەدرىسلەر قۇرۇلدى. ئەدەبىيات قوللاندى. شائىرلەر مەجلىسى قۇرۇلدى. پۈتۈن بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا تۇنجى تۈركىي شائىرە دەپ تونۇلغان مەلىكە نادىرە بېگىمنىڭ تەئسىرى كاتتا ئىدى. ئۆمەرخان ئۆلگەندىن كېيىن 12 ياشلىق مۇھەممەد ئەلى خان تەختكە چقتى. لېكىن دۆلەتنى مەلىكە نادىرە بېگىم باشقۇردى.
مۇھەممەد ئەلى خان، دۆلەت باشقۇرغۇدەك ياشقا كەلگەندە تۇنجى بولۇپ دەۋراز، قاراتېكىن، ۋاخان، شۇنگەن، رەۋشەن بەگلىكلىرىنى بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئالدى. 1826- يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياركەند ئەمىرىجاھانگىر خوجا بېيجىڭغا قارشى ئىسيان قوزغىدى. دىن ۋە قان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىسيانىنى تۇيغان مۇھەممەد ئەلى خاننىڭ قېرىندىشى مەھمۇدخان، تۈركىستانغا مۇسۇلمانلارغا ياردەمگە كەلگەن. مەھمۇدخاننىڭ كېلىشى بىلەن خىتايلار تۈركىدتاندىن چېكىندى. قوقەند خانلىقىنىڭ ياردىمىنى كۆرگەن ئۇيغۇر دىيارى قوقەند خانىغا بەيئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاشغەر، ئاقسۇ، ياركەند، خوتەن بىلەن بىرگە ئالتىشەھەر قوقەند خانلىقىغا قېتىلدى. كاپىرلارغا قارشى ئىسلام ئۈچۈن قىلىنغان بۇ غازاتتىن سوڭرە سۇلتان غازى ئۇنۋانىنى ئالدى.
1840- يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسرۇللاھ خان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولدى.
مۇھەممەد ئەلى خان، نەسرۇللاھ خان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆزىنى ئەيىبدار كۆرۈپ تەختىنى قېرىندىشى سۇلتان مەھمۇدخانغا ئۆتۈنۈپ بەردى.
خانلىق، 19- ئەسرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يەنە قوشنا بىر تۈركىي دۆلەت بولمىش بۇخارا خانلىقى بىلەن ياشانغان توقۇنۇشلارنىڭ تەئسىرى بىلەن ئوبدانلا ئاجىزلىدى. پەقەت تاشكەنت شەھرى 1840-1865 ئارىسى 7 مەرتە ئىككى خانلىق ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتتى. بۇ ئاجىزلىقتىن سەبەب باشقا خانلىقلار سىنگەرى قوقەند خانلىقى ھەم 1860- يىللارنىڭ بېشىدىن ئىتىبارەن تۈركىستان تۈرك خانلىقلىرىغا قارشى ئەسكەرىي ھەرىكەت باشلىغان رۇسىيەنىڭ قارشىسىدا تۇرالمىدى.
1862- يىلى 10 - ئايدا تۇنجى بولۇپ قىرغىزىستاننىڭ بۇگۈنكى پايتەختى، زامانىسىدا كىچىك بىر بازار بولغان بىشكەك (پىشپەك) قولدىن كەتتى. 1864- يىلى 15- ئىيۇندا يەسى، 19-24 ئىيۇنلاردا ئەۋلىيا-ئاتا شەھرى رۇس ئىشغالى ئاستىدا قالدى. 1865- يىلى 7- مايدا تاشكەنت يېقىنىدىكى مەيدان ئۇرۇشىدا ئالەمقۇل قۇماندانلىقىدىكى قوقەند ئوردۇسى رۇس ئوردۇسى قارشىسىدا تارمار بولدى. بۇنىڭ ئۈستىگە گېنېرال ھېرنايېۋ قۇماندانلىقىدىكى رۇس ئوردۇسى 1865- يىلى 16- ئايدا تاشكەنتكە ئۇرۇشسىز كىرىپ كەلدى. تاشكەنت قولدىن كېتىپ خانلىق بەك زەئىپلەشتى.
بۇىارا خانلىقىنىڭ بولسا تاشكەنتنىڭ ئىشغالىدىن كېيىن رۇسياغا قارشى قوقەند خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزىشى كۈتۈلۋاتقاندا، 1865- يىلى 14- ئىيۇل قوقەند شەھرىنى ئىشغال قىلدى ۋە خان سەيىد مۇھەممەد خاننى ئەسىر ئالدى. بىر يىل كېيىن 1866- يىلى 1- ئىيۇن خوجەند شەھرى رۇسلارنىڭ قولغا ئۆتتى.
17 ئىيۇل 1867 دە رۇس چارى "تۈركىستان گوبېرناتۇرلىقى (ئۇمۇمىي ۋالىيلىكى)" نىڭ قۇرۇلىشىغا ئالاقەدار "ئۇكاز"نى ئىمزالىدى ۋە بۇ ماقامغا نېمىس ئەسىللىق گېنېرال كونىستانتىن ۈون كائوڧمان تەيىنلەندى. بۇ شەخس، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك خانلىقلارىغا ئۇرۇش ئاچماق، تېنچلىق كېلىشىمى تۈزەش ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەرنى ئاتقارىش ھوقۇقلىرى بىلەن تەمىنلەندى.
ماي 1868 دە ھەقىيقى تۈردە قوقەند شەھرى ئەسكىرى ھەرىكەتنى ئاتقارغان رۇس ئىشغالى ئاستىدا قالغان ۋە 2500 قوقەند ئەسكىرى ئۆلگەن. خانلىق، شۇنىڭ بىلەن رۇس ھاكىمىيىتىگە كىرىپ قورچاق دۆلەت ھالىغا كەلدى، خەلق ھۇقۇقنى قايتۇرۇپ ئېلېىش ئۈچۈن ئىسيان باشلاتتى. لېكىن رۇس ئوردۇسى 1875- يىلى 22- سىنتەبىردە، نەمەنگانغا كىردى ۋە ئىسياننى باستۇرۇشقا تىرىشتى. قوقەند قايتا تۈرك بىرلىكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ۋون كائوڧمان تەرىپىدىن تەيىنلىگەن پولكوۋنىك سكوبولېۋ 1876- يىلى 28- ڧېۋرال قوقەندنى تەلتۈكۈس ئىشغال قىلدى ۋە تىركەشكۈچى ئۆزبېك قۇماندان جانىبېك پولاتخان ئۆلتۈرۈلدى. (لېكىن ئۆزبېك تارىخچىلار، پولاتخانغا بەك ئوخشايدىغان بىر ئادەمنىڭ، جانىبېك پولاتخان سىياقىدا كىيىنىپ ئۆزىنى پولاتخانغا پىدا قىلغان، جانىبېك پولاتخان بولسا ئائىلىسىدىن قالغانلار بىلەن بىرگە ئەزەربەيجان - گۈرجىستاندىن ئۆتۈپ ئوسمانلى دۆلىتىگە سىغىنغان دەپ قارايدۇ) 1876- يىلى 28- ڧېۋرال رۇسلار تامامەن بېسىۋالدى ۋە 1876 - 1885 ئارىسى خانەدان ئەزالىرىدىن تۇتۇلغانلار رۇسلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
1915- يىلى قوقەند خانلىقىنى قايتا قۇرۇش مەقسىدى بىلەن ئىسيان باشلىدى ۋە 1916 دا ئىسيان پۈتۈن ڧەرغانىگە چاچرىدى. 1917 - يىلىدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن سوڭرە، 1917- يىلى 12- دېكابىردىن - 1918- يىلى 20- ڧېۋرالغىچە ئۈچ ئاي سۈرگەن قوقەند جۇمھۇرىيىتى ھەم رۇسلا تەرىپىدىن بىتجىت قىلىنغان.
بۇ خانلىقنىڭ زېمىنلىرىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن 1924- يىلى 27- ئۆكتەبىردە ئۆزبېك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە شۇ توپراقلاردا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئۆزبېكىستانغا قاراشلىق تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى 1929- يىلى تاجىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
قوقەند خانلىقىنىڭ خانلارى
[تەھرىرلەش]- II. شاھرۇخ بەگ 1709 — 1721
- ئابدۇرراھمان بەگ 1721 — 1739
- ئابدۇلكەرىم بەگ 1739 — 1746
- ئېردانى بەگ 1746 — 1770
- سۇلايمان بەگ 1770
- III. شاھرۇخ بەگ 1770
- نۇرباتۇ بەگ 1770 — 1800
- ئالىمخان 1800 — 1809
- مۇھەممەد ئۆمەرخان 1809 — 1822
- مۇھەممەد ئەلىخان 1822 — 1840
- سۇلتان مەھمۇد 1840-1842
- شىرئەلىخان 1842 — 1845
- مۇرات بەگ 1845
- مۇھەممەد خۇدايار خان 1845 — 1858
- مۇھەممەد موللا خان 1858 — 1862
- شاھ مۇراد 1862
- مۇھەممەد خۇدايار خان 1862 — 1863 (2. قېتىم)
- مۇھەممەد خان 1863 — 1866
- مەھەممەد خۇدايار خان 1866 — 1875 (3. قېتىم)
- نەسرىددىن خان 1875 — 1876
- پولات خان 1876