قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى

ئورنى Wikipedia

قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى

Heading text[تەھرىرلەش]

چىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى يازما ماتېرىياللاردا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار كۆپىنچە «مۇسۇلمانلار» (回)دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تارىم ئويمانلىقى بولسا «مۇسۇلمانلار يۇرتى» (回疆)ياكى «ئۇيغۇرلار يۇرتى» (回部)دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى قومۇل ئۇيغۇر ئىنانچىخانلىرى بولسا «ئۇيغۇر ۋاڭلىرى»دەپ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى بولسا «ئۇيغۇر ۋاڭلىرى مەقبەرىسى» دەپ، ئۇلار تۇرغان شەھەر بولسا «مۇسۇلمانلار شەھىرى» دەپ ئاتالغان.

قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 1697-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتامانى ئەبەيدۇللاغا «قومۇلدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ 1-دەرىجىلىك جاساق تارخانى» دېگەن ئاتاقنى بەرگەندىن تارتىپ، 1931-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «يەرلىك تۇراقلىق ئەمەلدارلىقنى يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئەمەلدارلىققا ئۆزگەرتىش» نى يولغا قويۇپ، قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ سۇيۇرغال ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەنگە قەدەر توققۇز ئەۋالاد ۋاڭ ئۆتۈپ، جەمئىي 233 يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قومۇل ۋاڭلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىغاچقا، قومۇل ۋاڭلىرىمۇ ئۆز سۇيۇرغاللىق زېمىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالدى.

«ئۇيغۇر ۋاڭ» دەپ ئاتالغانلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پەرمانلىرىغا، لەشكىرىي يارلىقلىرىغا بويسۇنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى ئۇيغۇر جەئىيىتىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر يۈرۈش مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك ھاكىمەت شەكىللەندۈرگەنىدى. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتىدا، ئۇيغۇر ۋاڭدىن سىرت، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۇرغۇزغان بىر چوڭ تەيجى، بىر كىچىك تەيجى، ئىككى خاس مەسلىھەتچى بەگ، بىر ئامام ئاخون، بىر خەنزۇ بەگ بولۇپ، بۇ ئالتە كىشى ھوكۇمرانلىق يادروسىنى تەشكىل قىلاتتى. ھەر قېتىم ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار كېڭەشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋاڭ تەستىقلاپ يولغا قوياتتى.

قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭى ئالاھىدە تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشى ئۇزاق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. «قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى» دا مۇنداق بىر رىۋايەت خاتىرىلەنگەن . «مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە (تەخمىنەن 1605-يىلى) ئەرەبىستاندىكى ئالىي ئىسلام تەشكىلاتى ئۈچۈنچى پېشىۋا مۇھەممەد شاھ خوجىنى قومۇلغا ئەۋەتكەن.» مۇھەممەدشاھ خوجا ھەقىقەتەن ئۆتكەن كىشى، «قومۇل ۋاڭلىرى شەجەرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەدشاھ خوجا ئىلىدىن كەلگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ 7-ئەۋلاد نەۋىرىسى ئىكەن. مۇھەممەدشاھ خوجا قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ئقساقىلى بولۇپ قالغان.

مۇھەممەدشاھ خوجا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ كۈچى خېلى زورىيىپ كەتكەچكە، قومۇل رايۇنىغا ھەمىشە پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇراتتى. مال-مۈلۈك ۋە چارۋا ماللارنى بولاپ قويمايتتى. شۇڭا مۇھەممەدشاھ خوجا قۇمۇل خەلقىنى باشلاپ ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدى. كاڭشىنىڭ 9-يىلى (1668-يىلى)مۇھەممەدشاھ خوجا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى بەيدۇللا ئاقساقاللىق ئورنىغا چىقتى.

ئەبەيدۇللا سىياسى جەھەتتە بەك يىراقنى كۆرەر كىشى بولۇپ، قولىدىن خېلى ئىش كېلەتتى. ئۇ ئەمدىلا تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغاندا، قومۇل يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. كاڭشىنىڭ 19-يىلى (1678-يلى) يەكەن خانلىقى جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولدى. شۇنىڭ بىلەن قومۇل جوڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇيغۇرلار رايۇنىدا كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇشتەك تالان-تاراج تۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغانلىقتىن، ئۇيغۇر خەلقنىڭ كۈچلۈك ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى. ئەبەيدۇللا ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتۇپ، چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىش نىيىتىگە كەلدى. ئەينى چاغدا چىڭ سۇلالىسى ئاللىقاچان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ خوجىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق جوڭگۇنى تېخى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولالمىغانىدى. شىنجاڭ يەنىلا جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى.

كاڭشىنىڭ 35-يىلى )1696-يىلى) 5-ئايدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن جۇڭغار قوشۇنى زونمودتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. غالدان قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. چىڭ سۇلالىسى بىلەن جۇڭغارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۈرمىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان چاغدا، ئەبەيدۇللا «ئەل بولۇپ ئوليان تاپشۇرۇشقا ئەلچى ئەۋەتتى». قومۇلنىڭ ئەل بولغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقە «پادىشاھنىڭ شىمالىي قۇملۇقنى تىنىچتىش تەدبىرلىرى»ناملىق ئەسەردە تەپسىلى خاتىرىلەنگەن. ئەبەيدۇللانىڭ چىڭ سۇلالىسىگە يازغان مەكتۇبى ئىززەت-ئىكراملىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، «بىر ئاق تەقىيەلىك قوۋم ئەزەلدىن خان ئالىيلىرىغا تەلپۈنۈپ، ئولپان تاپشۇرۇپ ئىنئام ئېلىشنى ئويلاپ كەلگەن پۇقرالارمىز» دەپ باشلانغان، ئەبەيدۇللا بىر تارىخىي پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. غالداننىڭ كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەبەيدۇللانىڭ چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا تېخىمۇ ئىنىق پۇزىتسىيە بىلدۈرۈپ: «ناۋادا غالدان كەلسە، بىزلەر پۇرسەت تېپىپ ئۇنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە تۇتماي قويمايمىز؛ ناۋادا خەۋىرىنى ئالالىساق، داۋاملىق مەلۇمات يوللايمىز» دەپ مەلۇمات يوللىغان، كاڭشى ئۇنىڭ سەمىمىيىلىك بىلەن بەيئەت قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، «زەر بوغما يىلان سۈرىتى كەشتىلگەن مانجۇچە تون، سۆسەر تەلپەك، زەر كەمەر قاتارلىق بۇيۇملارنى ئالاھىدە تارتۇق قىلغان» ئەبەيدۇللا جۇڭغارلارنىڭ ئىش -ھەرىكىتىگە تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى)نىڭ بېشىدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا غالداننىڭ يار كۆلدىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «غالداننىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكى ئۆكسۈپ قېلىپ، ئىلاجىسىزلىقتىن ئوغلى سەبتون بارجۇرنى (باركۆلگە شىكارغا)ئەۋەتىپتۇ. قۇللىرى چوڭ ئوغلۇم گوپا بەگنى 350 لەشكەر بىلەن غالداننىڭ ئوغلىنى تۇتۇشقا ئەۋەتتىم.» چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى غالداننىڭ ئوغلىنى تۇتۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى ئوبدان تۇنۇپ يەتكەچكە، بۇ تەدبىردە «ئوغرىنى توخۇمىدىن قۇرۇتقىلى بولىدىكەن، غالدان ئۇ يەر، بۇ يەردە قېچىپ جان ساقلاپ يۈرگىنى بىلەن قېرىپ كەتتى. ئەمدى ھېچقانچە ئىشقا يارىمايدۇ. ناۋادا ئوغلى قولۇمغا چۈشسە، بۇمۇ تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان شاپائىتى ھېابلىنىدۇ» دەپ قارىدى. پادىشاھ كاڭشىنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قاتتىق خۇش بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

شۇ يىلى 3-ئايدا قومۇل «ئەتۈك قاشقانى تۇتۇپ»، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تاپشۇردى. شۇ يىلى 3-ئايدا (3-ئاينىڭ باشلىرى)يەنە «گۈنجاننىڭ خوتۇنى تۇخۇن دالاينىڭ قولچۇمىقى بولغان ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ئەنكە تارخانى زايسان»نى تۇتۇپ تاپشۇردى. بىراق بۇ چاغدا سېۋان ئارابداننىڭ قومۇلغا بولغان تەھدىتى ۋە بېسىمى كۈنسايىن كۈچيىۋاتاتتى. شۇڭا، ئەبەيدۇللا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا مەلۇمات يوللاپ:«ئوغلۇم گويا بەگ غالداننىڭ ئوغلىنى تىرىك تۇتۇۋالغان ھەم چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى، شۇڭا ئويراتلارنىڭ ئۆچ ئالغىلى كېلىشى تۇرغانلا گەپ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سول قانات قوشۇنىنىڭ ئۆچمەنلىكى كۈچلۈك پېقىرلىرى قومۇلدا ئاجىز كىلىپ قالىدىغىنىم تۈپەيلىدىن سېۋىن ئارابدانغا تەڭ كېلەلمەسلىكىم تۇرغانلا گەپ، ئالىيلىرىدىن ۋاسساللار مەھكمىسى ئارقىلىق كۆكنۇر *(چىڭخەي) دىكى تەيجىلەر ۋە سېۋان ئارابدانغا نامە يوللاپ، ئۇلارغا قومۇلنىڭ ئوردىغا بەيئەت قىلغانلىقىنى، تاجاۋۇز قىلىپ پاراكەندىچىلىك سالماسلىق لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى ئۆتۈنىمەن» دېدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەبەيدۇللا يەنە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا مەلۇمات يوللاپ: «مەن خان ئالىيلىرىغا بەيئەت قىلغانلىقىم ھەم ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كېلىپ ئوردىغا تارتۇق قىلغىنىم ئۈچۈن، سېۋان ئارابدان ماڭا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ماڭا ئارام بەرمەي كەلدى. ناۋادا ئارابدان بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالغۇدەك بولساق، ئالىيلىرىنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى. ئەبەيدۇللا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قوغدىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا مەلۇمات يوللاپ: «مەن سېۋان ئارابداننىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، خان ئالىيلىرى يارلىق چۈشۈرۈپ، پېقىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، پېقىرغا يارلىق ۋە مۆھۈر ئاتا قىلغان بولسىلا غەم-ئەندىشلىرىممۇ تۈگەيتتى. تېرىتورىيەمىزنى قوغداش ئۈچۈن...قوۋمىمنى باشلاپ سۇجۇۋغا كۆچۈشنى تېخىمۇ خالايتتىم. ئۇمۇمەن ئوردىغا سالامغا بېرىش-كېلىش ئىشلىرىدا سۇجۇۋ بىر ئۆتەڭ، پېقىر ئۇ يەردە خەۋەر ئۇقۇشۇپ، پەيتى كەلگەندە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا سالامغا بارىمەن»دېدى.

چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەبەيدۇللا «سەمىمىيىلىك بىلەن تەلپۈنۈۋېتىپتۇ» دەپ قاراپ، ئۇنى «رىغبەتلەندۈرۈش» مەقسىتىدە، ئەبەيدۇللاغا قومۇلنىڭ «1-دەرىجىلىك جاساق تارخانى» دەپ ئۇتۇغات بەردى. شۇنىڭ بىلەن قومۇل ھەر قايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش «خۇشۇن بۇيىچە تەۋەلىككە ئۆتكەن» جاي بولۇپ قالدى. ئەبەيدۇللانىڭ «يارلىق ۋە مۆھۈر» بېرىش ھەم «سۇجۇۋدا تۇرۇش» تەلىپىگىمۇ چىڭ سۇلالىسى رەسمىي ئۇتۇغات بەرگەن يەرلىك ئەمەلدارغا ئايلىنىپ، قومۇلدىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇر يۇرتى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى تەۋەلىك مۇناسىۋىتىمۇ رەسمىي ئورنىتىلدى. ئەبەيدۇللا جەمەتىنىڭ قومۇل دىيارىدىكى ئاتا مىراس ھۆكۈمرانلىقىمۇ رەسمىي تىكلەندى.

 ئەبەيدۇللا جەمەتىنىڭ ئاتا مىراس ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەنگەندىن كېيىن، «باشقۇرۇشىدىكى سۇيۇرغاللىق زېمىن شەرقتە ئارا يۇلتۇز (شىڭشىڭشىيا) غىچە، شىمالدا ئارا تۈرۈككىچە، غەربتە لياۋدۇنغىچە كېڭەيدى». تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشقا سېلىش، سېتىش ھوقوقىغا ئىگە بولۇپ، قومۇل دىيارىنىڭ ئاتا مىراس فېئودال خوجىسىغا ئايلاندى. ئەبەيدۇللاغا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى شەرىپىدىن تېخى ۋاڭ دەپ ئوتۇغات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئەبەيدۇللا 1-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى دېيىلىدۇ. 

ئەبەيدۇللا كاڭشىنىڭ 48-يىلى (1709-يىلى ) ئالەمدىن ئۆتتى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭ ئوغلى گوپا بەگنى تەخت ۋارىسى قىلدى. گوپا بەگ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە تىلغا ئالغۇدەك بىرەر چوڭ ئىش قىلالمىدى.

3-ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى ئىمىندۇر. ئۇ كاڭشىنىڭ 50-يىلى (1711-يىلى)تەخىتكە ۋارىسلىق قىلدى. 8-يىلى بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا سالامغا باردى. ئىمىننىڭ ئۆمرىدە كۆرسەتكەن چوڭ تۆھپىسى ئىككى بولۇپ، بىرى، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە قومۇلنى قوغداپ، جۇڭغارلارنىڭ ھوجۇمىنى توستى. يەنە بىرى: لەشكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ يەر تېرىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئىمىن چىيەنلۇڭنىڭ 5-يىلى (1740-يىلى) ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپ قائىدە بۇيىچە ئەلنى تىنچلاندۇرغۇچى بەگلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى.

يۈسۈپ ئەلنى تىنىچلاندۇرغۇچى بەگىلىك تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، قومۇل چېگراسىدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنالىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەش يىلنى نىسبەتەن تىنىچ ئۆتكۈزدى. چىيەنلۇڭنىڭ 10-يىلى (1745-يىلى)چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭ ئوغلىغا يېزىلىق ئوتۇغات بەردى.

1757-يىلى چوڭ -كىچىك خوجىلار توپىلىڭى يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. يۈسۈپ «100 نەپەر ئۇيغۇر ئەسكەرنى باشلاپ، قوشۇنغا ئەگىشىپ خىزمەت كۆرسىتىشنى ئىلتىماس قىلدى». چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى بۇ ئىشتىن كۈتكىنىدىن ئارتۇق ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قاتتىق خۇش بولدى. يۈسۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن خېلى چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغلاقچى ئامبال مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ، قوشۇن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، كۇچاغا ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۈسۈپنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، چىڭ سۇلالىسى «ئالتە قۇر كىمخاب-دۇردۇن ئىنئام قىلىپ، ئۇنىڭ لەشكىرىي كېڭەشكە قاتنىشىشىنى بۇيرۇدى»، يۈسۈپ لەشكىرىي ئىشلارنى ئوبدان بىر ياقلىق قىلغاچقا، چىيەنلۇڭ ئۇنىڭدىن بەك مىننەتدار بولۇپ، «يۈسۈپنىڭ لەشكىرىي بارگاھ قۇرۇپ ئۈچتۇرپاندا تۇرۇپ، كۆڭۈل قۇيۇپ مۇداپىئە كۆرگەنلىكى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش، شاپائەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا بېلى مەرتىۋىسى بېرىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈردى.

چىڭ سۇلالىسى يۈسۈپكە بارغانسېرى ئىشىنىدىغان بولدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى يەكەن، قەشقەردىكى دۈشمەن ئەھۋالىنى تىڭتىڭلاشقا ئەۋەتىلدىغان ئەسكەرلەرنىمۇ يۈسۈپنىڭ قولىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تاللىدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى يەكەن، قەشقەرنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى شەھەردە «يەنىلا ئۇيغۇرلار ئاساس» ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى. پادىشاھمۇ «ھاكىمبەگ قۇيۇشنىڭ بەك زۆرۆرلۈكىنى ھېس قىلىپ، مېنىڭچە ئىمىن خۇجا يەكەننى، يۈسۈپ قەشقەرنى باشقۇرسۇن» دېدى. چىيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى (1759-يىلى) 9-ئايدا، پادىشاھ چىيەنلۇڭ:«يۈسۈپ ئۈچتۈرپاندا قۇشۇنغا باش بولۇپ تۇرغاندىن بېرى نۇرغۇن ئىش قىلىپ، شاپائىتىمگە چىن كۆڭلىدىن جاۋاپ قايتۇرۇپ كەلدى، شۇڭا ئۇنىڭغا بېلى مەرتىۋىسى بېرىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈردى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى يەنە: «ئىمىن خۇجا، يۈسۈپلەر خېلى تۆھپە كۆرسەتتى... يۈسۈپكە شاپائەت قىلىپ ئىنانچىخانلىق مەرتىۋىسى بېرىلسۇن»دەپ يارلىق چۈشۈردى.

چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا سالامغا بېرىپ، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا خېلى ئىلتىپاتقا ئېرىشتى. يۈسۈپ قىزغىن كۈتۈۋېلىنغاندىن سىرت، مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇللامۇ ئۈچتۈرپاننىڭ ھاكىمبەگلىك مەرتىۋىسىگە نائىل بولدى. يۈسۈپ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىىن، قومۇلدا بىر يىلداىن ئارتۇق دەم ئېلىۋېلىپ، ئاندىن قەشقەرگە كېلىپ ئىمىننىڭ ئورنىغا ئالماشتى، ئىمىن قايتىپ دەم ئالدى. «يۈسۈپ مەسلىھەتچى ئامباللىق مەرتىۋىسىگە نائىل بولغاچقا، ھۆكۈمەتتىن ئالىدىغان تەمىناتى قائىدە بۇيىچە بېرىلدى.».

چىيەنلۇڭنىڭ 30-يىلى (1765-يىلى) ئۈچتۈرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. قوزغىلاڭغا يۈسۈپنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا قاتارلىقلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ كۈمۈشلىرىنى يۈتۈۋالغانلىقى»، خەلقنى ئېزىپ مۇشتۇمزورلۇق قىلغانلىقى سەۋەب بولغانىدى. پادىشاھ چىيەنلۇڭ بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئېغىر جازالاش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈردى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى گەرچە ئۈچتۈرپان ۋەقەسىدە يۈسۈپنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمىگەن بولىسىمۇ، بىراق بۇ ئىش يۈسۈپكىمۇ بىر زەربە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ غەم-غۇسسىگە پېتىپ، دەرد-ئەلەمدىن ئاغرىپ قالدى. پادىشاھ چىيەنلۇڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىپ، دورا تارتۇق قىلدى. يوقلاشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي يۈسۈپ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى باشلاپ بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا سالامغا ماڭدى. چىيەنلۇڭنىڭ 31-يىلى (1766-يىلى)سەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەندە كېسەل بىلەن ئۆلدى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭ دەپنە خىراجىتى ئۈچۈن 500 سەر كۆمۈش تارتۇق قىلدى ھەمدە قومۇلدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارغا:«پېقىرنىڭ يارلىقى بۇيىچە تارتۇق ۋە دەپنە قىلىڭ»دەپ ھاۋالە قىلدى، يەنە يولدا قايتقۇچە يۈسۈپنىڭ مېيىتىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ قومۇلغا يەتكۈزۈپ قۇيۇشقا يارلىق قىلدى.

يۈسۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئىبراھىممۇ قومۇلغا قايتىش يولىدا چېچەك چىقىپ ئۆلدى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭ دەپنە خىراجىتى ئۈچۈنمۇ 500 سەر كۆمۈش ئاجرىتىپ بەردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يۈسۈپكە ئىنتايىن يوقىرى باھا بەرگەچكە، زىگۇاڭ راۋىقىدىكى 50 تۆھپىكارنىڭ رەسىمى ئارىسىغا يۈسۈپنىڭ رەسىمىمۇ ئېسىلدى.

چىيەنلۇڭنىڭ 32-يىلى (1767-يىلى) يۈسۈپنىڭ كەنجى ئوغلى ئىسھاق ئىنانچىخان دەرىجىسىدىكى جاساق دورۇبېلى مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئىسھاق «ياش ھەم غەيرەتلىك، مۇداپىئەدە تۇرۇش يوللىرىنى بىلىدۇ» دەپ قاراپ، ئۇنى مەقسەتلىك تەربىيەلىدى. ئىسھاق چىيەنلۇڭنىڭ 38-يىلى (1773-يىلى) ئىلىغا بېرىپ تەلىم ئالدى. چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭغا ئاغلاقچى ئامبال مەرتىۋىسىنى بېرىپ، ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويدى. ئىسھاق ئىلىدا ئۈچ يىل تەلىم-تەربىيە ئېلىپ، 1776-يىلى قومۇلغا قايتىپ كەلدى. ئىسھاق تېخى بىرەر تۆھپە كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرمەيلا چىيەنلۇڭنىڭ 45-يىلى (1780-يىلى)بەخىتكە قارشى ياۋا چېچەك يوقۇپ كېسەلدىن ساقىيالماي ئالەمدىن ئۆتتى. چىڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا «پىشقان، ئېھتىياتچان كىشى ئىدى، تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئوبدان ئىدارە قىلالايتتى» دەپ باھا بەردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دەپنە خىراجىتىگە 300 سەر كۈمۈش ئاجراتتى.

ئىسھاق ئۆلگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى ئەردەشىر ئىنانچىخان دەرىجىلىك جاساق دورۇبېلى مەنسپىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئەردەشىر ئۆمرىدە تۆت قېتىم بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا سالامغا باردى. بىرىنچى قېتىم چىيەنلۇڭنىڭ 55-يىلى (1790-يىلى)، ئىككىنچى قېتىم چىيەنلۇڭنىڭ 60-يىلى (1795-يىلى)، 3-قېتىم جياچىڭنىڭ 7-يىلى (1802-يىلى)، تۆتىنچى قېتىم جيا چىڭنىڭ 14-يىلى (1809-يىلى) باردى. ئەردەشىر ھەر قېتىم خانبالىققا بارغىنىدا داغدۇغىلىق كۆتۈۋېلىندى. ئوردا كۆپ قېتىم زىياپەت بەردى ۋە ئىنئام بەردى. ئەردەشىر جياڭچىڭنىڭ 18-يىلى (1813-يىلى) كېسەل بىلەن ئۆلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دەپنە خىراجىتىگە 300 سەر كۆمۈش ئاجرىتىپ بەردى. شۇ يىلى ئەردەشىرنىڭ ئوغلى بەشىر ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلدى.

1820-يىلدىن كېيىن خوجا ئەۋلادلىرى كۆپ قېتىم توپىلاڭ كۆتۈردى چىڭ سۇلالىسى قوشۇن تارتىش ئىشىدا شىنجاڭغا ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى تۇشۇشتا يەنە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، بەشىر پائال تۈردە ھارۋا تەييارلاپ، ئۇيغۇرلاردىن كارۋان تەشكىللىدى. 1827-يىلى جاھانگىر خوجا توپىلىڭى دەسلەپكى قەدەمدە تىنچىتىلىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەشىر ئاكا-ئوكىلارنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلاپ:«قومۇل ئىنانچىخانى ئوتۇغاتىغا ئىگە بېلى بەشىر ھارۋا تەييارلاپ لەشكەر توشۇپ، جىددى پەيتتە ئوبدان خىزمەت كۆرسەتتى. ئىنئام بېرىشكە تىگىشلىك، ئۇنىڭغا ئاق قاشتاشتىن بىر دانە، گۇشيۇ كەشتىسى نۇسخىسىدىكى بوغما يىلان كەشتىلەنگەن توندىن بىرى، چوڭ ئەنلىك يىپەك دۇردۇندىن ئىككى توپ ئىنئام قىلىنسۇن، جاساق بەگ نەزەرمۇ بىللە خىزمەت قىلىپ، كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇنىڭغا پەي قادالغان قالپاق، كىچىك ئەنلىك يىپەك دۇردۇندىن ئىككى توپ ئىنئام قىلىنسۇن، پېقىرنىڭ ۋاسساللارنى ئەمى تاپتۇردىغانلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن شاپائەت، ئىنئام بېرىشتە بىخودلۇق قىلىنمىغاي» دەپ يارلىق چۈشۈردى.

بەشىر چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە تايىنىپ، قومۇلدا لەشكەر، سودىگەر، ئاددىي پۇقرا ۋە مۆتىۋەر دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە زۇلۇم سالدى. داۋگۇڭنىڭ 25-يىلى (1845-يىلى) لىن زېشۈ قومۇلدا ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى تەكشۈرگەندە، نەچچە يۈزلىگەن ئادەم ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋېلىپ ئەرز-شىكايەت قىلدى. بەشىر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، ئالدىراپ-تېنەپ 10 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى ھۆكۈمەتكە ھەدىيە قىلىۋەتتى. چېڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەشىرنىڭ قومۇلدىكى قوشۇن ۋە ئاۋام-پۇقراغا زۈلۇم سالغانلىقىدن بەك نارازى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قوشقان تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بەك تەپسىلىي سۈرۈشتۈپمۇ كەتمىدى.

تۇڭجىنىڭ 3-يىلى (1864-يىلى) بەشىر «ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ ياردەملىشىش» ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسىنىڭ قومۇلدا ئۆستەڭ چېپىش، يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئىشلىرىغا ھەمدەم بولدى. چىڭ سۇلالىسى «ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ، تۇز ۋە ئاشلىقنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى تۇسۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قومۇلنىڭ جاساق ئىنانچىخانى بەشىرگە چىنۋاڭ (شاھزادە)لىق ئوتۇغات ئىنئام قىلدى.» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، بەشىر چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بەشىرگە يەنە «زەر چۇلۋۇر» ئىنئام قىلدى. بەشىر كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغاچقا، قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن قەتل قىلىندى. چىڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن قومۇلدا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس تاۋاپگاھ ياساتتى.

تۇڭجىنىڭ 6-يىلى (1867-يىلى) بەشىرنىڭ ئوغلى مەھمۇت ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. مەھمۇتنىڭ ئىككى پۇتى باسماس بولغىنى بىلەن تىل، تەپەككۇرى جايىدا ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇنى «ئاق خان چىنۋاڭ» دەپ ئاتىسا، خەنزۇلار «پالەچ ۋاڭ» دەيتتى. ئۇنىڭ ۋاڭلىق ھوقوقى ئەمەلىيەتتە بەشىرنىڭ خوتۇنى پۇجۇڭ مەرى بانۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.

پۇجۇڭ مەرى بانۇ قومۇلدا كەڭ كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى بىر يەردە بېسىلسا، بىر يەردە ئەۋج ئېلىپ تۇرغان ۋەزىيەتتە باشتىن-ئاخىر چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ كەلگەچكە، ئۇنىڭغا چىنۋاڭ پۇجۇڭ بانۇ دېگەن ئوتۇغات بېرىلدى.

تۇڭجىنىڭ 12-يىلى (1873-يىلى) قومۇل شەھىرى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. پۇجۇڭ بانۇ بىلەن مەھمۇت چىنۋاڭ قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرىپىدىن بوغازغا باغلاپ ئېلىپ كېلىندى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بوغازدىكى بارگاھىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، مەھمۇت چىنۋاڭنى قوتۇلدۇرۇپ چىقتى. ئەمما پۇجۇڭ بانۇنى قۇتقۇزالمىدى. پۇجۇڭ بانۇ بەي يەنخۇ تەرىپىدىن تۇرپانغا مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، بەي يەنخۇ ياقۇپبەگكە تەسلىم بولدى. پۇجۇڭ بانۇ بۈگۈر، ئاقسۇ تەرەپلەردە سەرسان بولۇپ يۈردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنى ئېسىدىن چىقارماستىن، پۇجۇڭ بانۇنىڭ جېنىنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن ياقۇپبەگ بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلدى. بىراق ياقۇپبەگ «كۆرۈنۈشتە خوپ، خوپ دېگىنى بىلەن ئاستىرتىن يۇشۇرۇن زەربە بېرىش كويىدا بولدى.»گۇاڭشۈنىڭ 4-يىلى (1878-يىلى)چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىىتى ئاقسۇ ئەتراپلىرىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىنلا پۇجۇڭ مەرى بانۇ قۇتۇلۇپ چىقتى.

پۇجۇڭ مەرى بانۇ قومۇلغا قايتقاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى ياساپ، ئىكىسپلاتاتسىيەنى يەڭگىللەتتى. خەير-ساخاۋەت ئاشلىق ئامبىرى ياساپ، مۇساپىرلارغا قۇتقۇزۇش ئاشلىقى بەردى. شۇنىڭ بىلەن قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىگىلىكى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەسلىگە كەلدى.

مەھمۇتنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىغاچقا، پۇجۇڭ مەرى بانۇ ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسلىسىدە قاتتىق غەم-غۇسسىگە پاتتى. ئاخىر ئۇنىڭ قىزىغا ئەر تېپىپ، كۈيۈ ئوغلىنى ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش نىيىتىگە كەلدى. مەھمۇت تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە چوپانلىق قىلىپ يۈرگەن ۋاڭ جەمەتىنىڭ ئەۋلادى شامەخسۈتنى تاللىدى. گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى (1882-يىلى)چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شامەخسۈتنىڭ مەرتىۋىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەستىقلىدى. شامەخسۈت ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنئام بېرىشىگە نائىل بولدى.

شامەخسۈت چىنۋاڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن سادىق بولۇپ، تاكى 1911-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى مۇنقەرز بولۇش ئالدىدا تۇرغاندىمۇ يەنىلا بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا سالامغا بارماقچى بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى پەقەت:«يوللار راۋانلاشقاندا ئاندىن بېيجىڭغا چاقىرتىمىز» دىيەلىدى. جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يۈەن شىكەيگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرۈپ، ئۆزى بىۋاستە بېيجىڭغا سالامغا باردى. يۈەن شىكەي پادىشاھ بولۇشنى چۈشەكەپ يۈرگەچكە، يەرلىك ۋاڭ، بەگ-تۆرىلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنى يېنىغا تارتىش كويىدا شامەخسۈتقا «بىرىنچى دەرىجىلىك جياخې (嘉禾)ئوردېنلىق يانداش ياساۋۇل بەگ، بىرىنچى دەرىجىلىك جاساق قوش چىنۋاڭ» دېگەن ئاتاقنى بەردى.

شامەخسۈت ئىلكىدىكى پۇقرالارغا ئېغىر زۇلۇم سالغاچقا، 1907-يىلى تورپاقلار توپىلىڭى، 1912-يىلى تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. كىچىك دائىرىدىكى قارىشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئاۋام-پۇقرا قېچىپ كېتىش ۋەقەلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز بولدى. بۇ ئىككى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭنى ياڭ زېڭشىن قاتتىق-يۇمشاق ۋاستىلەرنى تەڭ ئىشقا سېلىپ باستۇرۋەتتى. جوڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇتۇقى ياڭ زېڭىشىن شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقوقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلدى. شامەخسۈت ياڭ زېڭشىننىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامالنىڭ بارىچە ياڭ زېڭشىغا تەخسىكەشلىك قىلىپ، ھەر يىلى ياڭ زېڭشىغا تۈرلۈك ئېسىل يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا قىلىپ تۇردى. يەنە بىر ئاماللارنى قىلىپ ياڭ زېڭشىن بىلەن ئاغا-ئېنى بولۇشقا ئەھدىلەشتى. ياڭ زېڭشىنمۇ شامەخسۈتنىڭ قىزىغا ئەلچى بولۇپ بەردى.

شامەخسۈت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تولا كېسەل تارتىپ، 1930-يىلى ئورما پەسىلدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئەبەيدۇللا جەمەتىدىكىلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتۇغات بېرىشى بىلەن تارىختا 233 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. بۇ ھۆكۈمرانلىق شامەخسۈتنىڭ ئۈلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتى.