قومۇل قىياتاش رەسىملىرى

ئورنى Wikipedia

قومۇل قىياتاش رەسىملىرى قومۇلنىڭ شىمالىي تەرپىدىكى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىلىرى ئىچىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ھازىر 40 تىن كۆپرەك ئۇرۇندا بايقالغان.

تۇنۇشتۇرۇلىشى [تەھرىرلەش]

قومۇل قىياتاش رەسىملىرى قومۇلنىڭ شىمالىي تەرپىدىكى تەڭرىتاغ تاغ تىزمىلىرى ئىچىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ھازىر 40 تىن كۆپرەك ئۇرۇندا بايقالغان. كۆپىنچىسى قومۇلنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرپىدىكى تاشبېلىق رايونىنىڭ شاڭ ماۋئەي، ئاقتاغ، جىياۋگۇ ۋە بارىكۆل ناھىيەسى دىكى باچاڭزى يېزىسى غا مەركەزلەشكەن.

قىياتاش رەسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، ئۇيۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلار كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى،تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئۇ رەسىملەرگە ھەر خىل ھايۋاناتتىن باشقا يەنە ئوۋ ئوۋلاش، ئات مىنىش، مال بېقىش، ئۇسسۇل ئويناش، جەڭگە ئاتلىنىش، مۇھەببەت قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەر، ئىلاھلارنىڭ رەسىمى، بەلگە قاتارلىقلار سىزىلغان.

قومۇل قىياتاش رەسىملىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى بىرونزا دەۋرى بىلەن ھۇن، تۈرك دەۋرلىرىگە تەئەللۇق يادىكارلىقلار ھېسابلىنىدۇ.