قىزىلگۈل مەشرىپى

ئورنى Wikipedia

قىزىلگۈلگە ئاشىق بولۇپ، بۇلبۇل سايرايدۇ. نەچچە ياشقا كىردىڭىز دەپ، قىزلار سورايدۇ، ئەجدادلىرىمىز مەدەنىيەت - سەنئەت، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ راڭدارلىقى بىلەن ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى. مەشرەپلەرمۇ مەزمۇنىنىڭ موللىقى ۋە رەڭدارلىقى بىلەن كۈنسېرى بېيىپ باردى. ھازىرقى ئوينىلىۋاتقان مەشرەپلەر ئىچىدە ياشلار ئارا ئوينىلىدىغان قىزىلگۈل مەشرىپى كۆپ ئوينىلىدىغان مەشرەپلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قىزىلگۈل ياشلىقنىڭ ۋە باھارنىڭ سىمۋولى بولغاچ، بۇ مەشرەپ ئاساسەن يېزا قىشلاقلاردا قىزىلگۈل ئىچىلغان، كاككۇكلار سايرىغان مەزگىلدە ياشلارنىڭ مول - ھوشۇلغا تەنتەنە قىلىش، ياشلىق باھارىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش، ئۆز ئارا بەخت - سائادەت تىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىزىلگۈل مەشرىپى تۇنجى قار چۈشكەن چاغدا قارلىق تاشلاش ئويۇنىدا بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئويۇندا قارلىق تاشلىغۇچى قوبۇل قىلغۇچىدىن قىزىلگۈللەر ئېچىلىپ باھار كەلگەندە ئۆزىنىڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ياشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانىدىن كېيىن، بىر يەرگە يىغىلىپ بۇ يىلىقى مەشرەپنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ ناخشا ئوقۇيدىغانلىقى، كىمنىڭ بېيىت - قوشاق، لەتىپە ئېيتىدىغانلىقى، كىمنىڭ قىزىقچىلىق ئويۇن ئويناپ قىزىقچىلىق قىلىدىغانلىقى بېكىتىلىپ شۇ كىشىنى ياخشى تەييارلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. قىزىلگۈل مەشرىپىگە مېھمانلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، دالىدا تۇنجى ئېچىلغان قىزىلگۈلدىن گۈل چەمبىرىكى ياساپ، سورۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى يىگىتنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدۇ. مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرى پەقەت ياشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇ مەشرەپكە ياش ئوغۇل - قىزلار قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئۆز ئالدىغا قائىدە ۋە تەرتىپلىرى بولىدۇ. مەشرەپ شوخ، قىزغىن <قەشقەر سەنىمى> بىلەن باشلىنىدۇ. يارنى يار دەمدۇ كىشى، ياماننى يار دەمدۇ كىشى. ياخشى يار ياندا تۇرسا، ياماننى خالامدۇ كىشى... ئۇسسۇل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەممە يېرىگە گۈل قىستۇرۇلغان، پەرىزاتتەك ياسانغان بىر قىز گۈلنىڭ سىمۋولى بولۇپ مەيدانغا كىرىدۇ ۋە شۇ قېتىملىق مەشرەپنىڭ رىياسەتچىسى بولىدۇ ھەمدە <قىزىلگۈل> ئۇسسۇلىنى ئويناپ بېرىدۇ. قىزنىڭ تېز، چاقماقتەك نەپىس ھەرىكەتلىرىدىن پۈتكۈل سورۇن لەرزىگە كېلىدۇ. قىز ئۇسسۇل ئويناپ بولغاندىن كېيىن، مەشرەپ ئەھلى بەس - بەس بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. قىقاسچىلار ئۇسسۇلچىلارغا بارىكاللا ئېيتىپ، ئىسقىرتىپ سەكرىشىدۇ. بۇ چاغدا يېقىملىق مۇزىكا، لەرزان ئۇسسۇل، جاراڭلىق قىقاس قوشۇلۇپ سورۇن قاينام تاشقىنلىققا تولىدۇ. مەشرەپ شۇ تەرىقىدە بىردەم داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئۇسسۇل ئويناش توختىلىپ ئويۇن تۈرلىرى باشلىنىدۇ. قىزىلگۈل مەشرىپىدە ئەڭ ئاۋۋال ئوينىلىدىغان ئويۇن قىزلارغا <گۈل تۇتۇش> ئويۇنى بولۇپ، يىگىتلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن قىزغا گۈل تۇتىدۇ. بۇ ئويۇن تولىمۇ قىزىقارلىق ئويۇن بولۇپ مۇنداق باشلىنىدۇ: سورۇننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا يېڭىدىن ئۈزۈلگەن بىر دەستە گۈل قويۇلىدۇ. سورۇندىكى يىگىتلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن قىزنى يېتىلەپ سورۇنغا كىرىدۇ. قىزلار سورۇندا قاتار تىزىلىپ ئۆرە تۇرىدۇ. يىگىتلەر سورۇندىكى گۈلنى ئاغزى بىلەن بىر تالدىن ئېلىپ ئۆزلىرى كىرگەن قىزغا تۇتىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرت يىگىت گۈل دۆۋىسى ئالدىغا كېلىپ ئىككى قۇلىنى دۈمبىسىگە قىلىپ پۇتىنى كېرىپ تۇرۇپ، گۈلنى چىشلەپ ئېلىپ قولى بىلەن تۇتىدۇ. سورۇندا قايسى يىگىت قىزغا كۆپ گۈل تۇتسا شۇ قېتىملىق ئويۇندا ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ. قىزىلگۈل ئويۇنىدا ئۇتۇپ چىققان كىشى قىزغا بېيىت ئېيتىدۇ. ئاققىنا قۇشقاچ بولۇپ، قوندۇم ئۈزۈمنىڭ دىل شاخىغا. ھەر كىشى مەندەك كۆيەمدۇ، يېڭى تۇتقان يارىغا. ھەر كىشى مەندەكلا كۆيسە، يېڭى تۇتقان يارىغا. ھەر سەھەر دۇئا قىلارمەن، شۇ كىشىنىڭ جانىغا. ئاققىنا كۆڭلەك كىيىپلا، ئاق تىكەنلەر ئىلمىسۇن. كۆكنە كۆڭلەك كىيىپلا، كۆك تىكەنلەر ئىلمىسۇن. ئىككىمىز ئاشىق بولايلى، ئۆيدىكىلەر بىلمىسۇن. ئۆيدىكىلەر بىلسە بىلسۇن، ۋەدە يالغان بولمىسۇن. ۋەدىسىدە تۇرمىغان، ئەسلا ئىنسان بولمىسۇن. قىزمۇ بوش كەلمەي دەررۇ بېيىتقا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق بېيىت ئېيتىدۇ. باغقا ئانار سالدىم، بىر باغقا يالاڭ توغاچ. چۆرگىلەپ كېتەلمىدىم، كۆڭلۈمدىكى يار بولغاچ. داستىخاندا ئولتۇرسام، چىن تەخسىگە ئاش كەلدى. سەن يارىمنى ئەسلىسەم، كۆزلىرىمىگە ياش كەلدى. سورۇن ئەنە شۇنداق خۇشاللىق ئىچىدە داۋاملىشىدۇ. ھەر بىر كىى ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. سورۇن ئاخىرشقاندا مەلۇم بىر يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ كېلەر قېتىملىق مەشرەپنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، سورۇن ئەھلى قوشۇلۇپ ئۇنىڭغا قىزىل گۈل مەشرىپىنىڭ سوۋغىسى بولغان گۈل چەمبىرەكنى بوينىغا ئېسىپ، شۇ يىگىتنى مۇبارەكلەيدۇ، مەشرەپ ئاخىرلىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]