قىيما كۆمەچ

ئورنى Wikipedia

قىيما كۆمەچ بولسا ئاق ئۇن ، زىرە ، سۇ، قارىمۇچ ، گۆش ، خېمىرتۇرۇچ ، پىياز ، تۇز قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ئۆزگىچە .

 

لازىملىق ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

لازىملىق ماتىرياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش 500 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، تۇز ئازراق.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا 175 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئەتراپىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلتا ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۆت بۇرجەك سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق تۈگۈپ، قۇرۇق ئۇن بىلەن قوغۇنلاپ، ئوتۇن

قالىغان ئوچاقنىڭ ياكى تونۇر ئاستىغا قويۇپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ.

ھازىر دۇخاپكىدا پىشۇرۇش ئومۇملاشتى.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى