Jump to content

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك

ئورنى Wikipedia

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك 21-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان يېڭى تىپتىكى كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھەققىدە

[تەھرىرلەش]

مۇنار تۈۋرۈكى ھەر خىل شەكلىدە بولىدۇ، مەسىلەن، قوش تۈۋرۈكلۈك، ئىشىك شەكىللىك، تاق تۈۋرۈكلۈك، تەتۈر Vشەكىللىك، H شەكىللىك قاتارلىقلار. ئارقان چىدامچانلىقى يۇقىرى پولات سىمدىن ياسىلىدۇ. يوغان ئارقاننىڭ بىر ئۇچى مۇنار تۈۋرۈكىگە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، يەنە بىر ئۇچى كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي لىمىغا چىڭ تارتىلىدۇ، ئاساسىي لىم ئۈستىگە يول يۈزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇڭا ئارقان پۈتكۈل كۆۋرۈك يۈزى تارتىلغان «ئېغىرلىق» قا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. غايەت زور كۆۋرۈك گۇندىسىنىڭ ھەم كۆۋرۈكنى تىرەپ تۇرۇش رولى بار، ھەم مۇنار تۈۋرۈكىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى بار. ئارقاننىڭ ئوخشاش بولمىغان تىزىلىش شەكلى بىلەن مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكلى ھەر خىل قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

تەركىبى قىسىمى ۋە ئالاھىدىلىكى

[تەھرىرلەش]

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك كۆۋرۈك گۇندىسى، مۇنار تۈۋرۈكى، ئارقان، ئاساسىي لىم قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ.

قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھالقىپ ئۆتۈشچانلىقى چوڭ، ماتېرىيال تېجەش ۋە ياساش قۇلايلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، كۆۋرۈك لايىھىلىگۈچىلەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە.

ئالاقىدار بايان

[تەھرىرلەش]

دۆلىتىمىزنىڭ قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ياساش تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يەتتى. دۆلىتىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خۇاڭخې، چاڭجىياڭ دەريالىرىغا نۇرغۇن قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنى ياسىدى. 21- ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا شاڭخەينىڭ خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىدا نەنپۇ چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى ياسالغان بولۇپ، ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكلەر ھېسابلىنىدۇ. نەنپۇ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 154 مېتىر بولۇپ، H شەكىللىك، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 423 مېتىر بولۇپ، ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا 46 مېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلغان. ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 220 مېتىر بولۇپ، تەتۈر V شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 602 مېتىر بولۇپ، مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جەمئىي 256 تال قىيپاش تارتىلغان پولات ئارقان ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆۋرۈكتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى لايىھىلەنگەن، كۆۋرۈك ئاستىدا 48 مېتىر بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئىككىنچى ئۇزۇن قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]