قۇتلۇق شەۋقى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى)
قۇتلۇق شەۋقى

قۇتلۇق شەۋقى ياكى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى (1876 - 1938) ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر نەشەرىياتچىلىقى ساھەسىدىكى تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە خېلى زور تەسىر پەيدا قىلغان مەدەنىيەت جەڭچىسى.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1876- يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ قەشقەردىكى مەدرىسلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگەللىدى. 1908 -يىلىدىن باشلاپ قاھىرەدىكى ئەزھەر دارىلفۇنۇنىدا، ئىستانبۇلدىكى ئالىىي بىلىم يۇرتىدا ۋە بۇخارا مەدەرىسلىرىدە ئوقۇپ، ئۇزاق مۇددەت بىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بېرى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدى.

چەتئەللەردىكى سەپىرىدە كۆرگەن - ئاڭلىغان ھەرخىل ئەھۋاللار، ئوقۇش ھاياتىدىكى تەسىراتلار ياش قۇتلۇق ھاجىنىڭ ئىدىيىسىدە تەرەققىيپەرۋەرلىك روھىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەل يۇرتنىڭ خانىۋەيرانچىلىقى نادانلىق ۋە خوراپاتلىق كىشەنلىرىگە چىرمالغان خەلقنىڭ ئازاپ ئوقۇبىتى ئۇنىڭدا غەپلەت ئاستىدا ياتقان خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئاقارتىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، «شەۋقى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يېزىشقا باشلايدۇ.

خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇشتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ جەڭگىۋار قورال قەلەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىتابىنى ئەڭ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈپ، ھەممىنى خەۋەردار قىلىدىغان تېخىمۇ مۇھىم قورال مەتبەئە ۋە نەشىرىياتچىلىق ئىدى. شۇڭا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1918- يىلى «ئاڭ گېزىتى»نى نەشرى قىلدى. بىراق بۇ گېزىت مۇتەئەسسىپلەرنىڭ قارشىلىقى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇزۇن داۋاملاشماي نەشرىدىن توختىدى. ئۇ يەنە 1933- يىلى ئىيۇلدىن باشلاپ «ئەركىن ھايات گېزىتى»نى، ئۇنىڭدىن كېيىن 1934- يىل 23- ئاۋغۇستتىن باشلاپ «يېڭى ھايات گېزىتى»نى نەشرى قىلىپ، باش مۇھەررىرلىكنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى يەنە ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئالىم بولۇپ، ئۇ يازغان تارىخى ئەسەر «ۋاقەئى كاشىغەر(قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر)» ناملىق كىتاب مۇھىم تارىخىي ھۆججەت سۈپىتىدە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇ ئەرەب، پارس تىلىدىكى نۇرغۇن لۇغەتلەرنى ئۇيغۇرچە ئىشلىگەن. 

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى تەشۋىق قىلغان ئەركىن پىكىرلەر، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك سادالىرى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ يېغىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. شۇڭا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ئۇنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، تەقىب قىلدى. 1937- يىلى جاللات شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، ئۆكتەبىردە 61 يېشىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلدى. ۋەتەنپەرۋەر شائىر دېموكرات ئەرباب، ئىقتىدارلىق نەشرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىزگە «قەشقەر»، «ئويغاندى»، «پارچە»، «ئانا تىل»، مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا مەرسىيە» ۋە غەزەل قاتارلىق ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئانا تىل

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،

ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

بۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكايۇ، ئافرىقىدا،

سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا، ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.""

ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

قاراڭ[تەھرىرلەش]

قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىنلەرنىڭ 3- يىللىقى ئۈچۈن دەرسلىك "تىل - ئەدەبىيات" 3-قىسىم 1998- يىلى 1- نەشرىدىن ئېلىندى.