قۇددۇس غوجامياروف
كۆرۈنۈش
قۇددۇس غۇجامياروۋىچ غوجامياروف (كرىل:Қуддус Ғоҗамияров، تو. 1918-05-21، تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قاينازار يېزىسى —1994-04-08، قازاقستان، ئالمۇتا) سوۋېت ۋە قازاقىستان ئۇيغۇر كومپوزىتورى، ئوقۇتقۇچى ۋە جامائەت ئەربابى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلق سەنئەتكارى (1987). ئۇيغۇر كەسپىي مۇزىكىنىڭ قۇرغۇچىسى.
«نۇزۇگۈم» «سادىر پالۋان» ناملىق ئوپېرالارنىڭ، «چىن تۆمۈر باتۇر» «ئازادلىق ناخشىسى» قاتارلىق سىمفونىيىلەرنىڭ ئىجادچىسى، سوۋېت ئۇيغۇر كەسپىي مۇزىكا ئاساسىنى سالغۇچى ، س س س ر دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ لائورىئاتنى قۇددۇس غوجامياروف مىللىي تىياتىرنىڭ بەرپا بولۇشىغا غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقى ۋە بۇ يولدا نۇرغۇن جىسمانىي ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلغانلىقى بىلەن ئاجايىپ يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن .