قۇرۇلۇش توختامى

ئورنى Wikipedia
  16- باب قۇرۇلۇش توختامى
  269- ماددا قۇرۇلۇش توختامى ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش سالىدىغان، ھۆددە بەرگۈچى پۇل تۆلەيدىغان توختامدۇر.
  قۇرۇلۇش توختامى چارلاش، لايىھىلەش، ۋە قۇرۇلۇش قىلىش توختاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  270- ماددا قۇرۇلۇش توختامى يازما بولۇشى كېرەك.
  271- قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش- خېرىدار چىقىش پائالىيىتى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاشكارا، ئادىل ۋە لىللا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
  272- ماددا ھۆددە بەرگۈچى باش ھۆددە ئالغۇچى بىلەن قۇرۇلۇش توختامى تۈزسە بولىدۇ، چارلىغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى بىلەن چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇشنى ھۆددە ئېلىش توختاملىرىنى تۇزسىمۇ بولىدۇ. ھۆددە بەرگۈچى بىر ھۆددە ئالغۇچى تۈگىتىدىغان قۇرۇلۇشنى بىر نەچچە ھۆددە ئالغۇچىغا بۆلۈپ بەرسە بولمايدۇ.
  باش ھۆددە ئالغۇچى ياكى چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ھۆددە ئالغان ئىشنىڭ بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىنىڭ تۈگىتىشىگە بەرسە بولىدۇ. ئۈچىنچى كىشى تۈگەتكەن ئىشنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن باش ھۆددە ئالغۇچى ياكى چارلاش، لايىھىلەش، قۇرۇلۇش قىلىشنى ھۆددە ئالغۇچى بىلەن بىرلىكتە ھۆددە بەرگۈچى ئالدىدا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى ئۆزى ئالغان بارلىق قۇرۇلۇشنى ئۈچىنچى كىشىگە ھۆددە بېرىۋەتسە ياكى ھۆددە بېرىش نامىدا ئۈچىنچى كىشىگە بۆلۈپ ھۆددە بېرىۋەتسە بولمايدۇ.
  ھۆددە ئالغۇچىنىڭ مۇناسىپ سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇنغا قۇرۇلۇشنى بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۆلۈپ ھۆددە ئالغان ئورۇننىڭ ئۆزى ھۆددە ئالغان قۇرۇلۇشنى يەنە بۆلۈپ ھۆددە بېرىشى مەنئى قىلىندۇ. قۇرۇلۇش ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددە ئالغۇچى ئۆزى تۈگىتىشى لازىم.
  273- ماددا دۆلەتنىڭ چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش توختاملىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن تەرتىپ ۋە دۆلەت تەستىقلىغان مەبلەغ سېلىش پىلانى، مۇمكىنلىك تەتقىقاتى دوكلاتى قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن تۈزۈش كېرەك.
  274- ماددا چارلاش، لايىھىلەش توختامنىڭ مەزمۇنى مۇناسىۋەتلىك ئاساس ماتېرىيال ۋە ھۆججەت (جۈملىدىن تەخمىنچوت، خام چوت) نى، تاپشۇرۇش مۆھلىتى، سۈپەت تەلىپى، خىراجەت ۋە باشقا ھەمكارلىق شەرتى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  275- ماددا قۇرۇلۇش قىلىش توختامىنىڭ مەزمۇنى قۇرۇلۇش دائىرىسى، قۇرۇلۇش مۇددىتى، ئارىلىقتا تاپشۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇشنى باشلاش ۋە پۈتتۈرۈش ۋاقتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، قۇرۇلۇش باھاسى، تېخنىكىلىق ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ۋاقتى، ماتېرىيال، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش جاۋابكارلىقى، پۇل بۇيرۇش ۋە راسچوت قىلىش، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، سۈپەت رېمونت دائىرىسى ۋە سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىكك تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  276- ماددا قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىشتا، ھۆددە بەرگۈچى نازارەت قىلغۇچى بىلەن يازما نازارەتچىلىك ھاۋالە توختامى تۈزۈشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى بىلەن نازارەت قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنىڭدەك قانۇن جاۋابكارلىقى مۇشۇ قانۇندىكى ھاۋالە توختامى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
  277- ماددا ھۆددە بەرگۈچى ھۆددە ئالغۇچىنىڭ نورمال مەشغۇلاتىغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، مەشغۇلاتنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرسە بولىدۇ.
  278- ماددا يېپىق قۇرۇلۇشنى يېپىشتىن ئىلگىرى، ھۆددە ئالغۇچى بەرگۈچىگە تەكشۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى ۋاقتىدا تەكشۈرمىسە، ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. ھەمدە ئىش توختاپ قېلىش، بىكار تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  279- ماددا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ھۆددە بەرگۈچى ئېلان قىلغان چېرتيوژى ۋە چۈشەندۈرمىسى، دۆلەت ئېلان قىلغان قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، ھۆددە بەرگۈچى پۇلنى پۈتۈشكەن بويىچە تۆلىشى ھەمدە شۇ قۇرۇلۇشنى تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك.
  پۈتكەن قۇرۇلۇشلاردىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلسا بولىدۇ؛ تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.
  280- ماددا چارلاش، لايىھىلەش سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولماي ياكى چارلاش، لايىھىلەش ھۆججەتلىرىنى ئۆز مۆھلىتىدە تاپشۇرماي قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىۋېتىپ، ھۆددە بەرگۈچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، چارلىغۇچى، لايىھىلىگۈچىلەر چارلاش، لايىھىلەشنى داۋاملىق ياخشىلىشى، چارلاش، لايىھىلەش خىراجىتىنى ئاز ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى ھەمدە زىياننى تۆلىشى كېرەك.
  281- ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش سۈپىتى پۈتۈشكىنىدەك بولمىسا، ھۆددە بەرگۈچى قۇرۇلۇش قىلغۇچىدىن مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش ياكى قايتا ئىشلەش، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، رېمونت قىلىش ياكى قايتا ئىشلەش، ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن قۇرۇلۇشنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرغىلى بولمىسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  282- ماددا ھۆددە ئالغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش مۇۋاپىق ئىشلىتىش مۆھلىتىدە جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك جەھەتتە زىيان پەيدا قىلسا، ھۆددە ئالغۇچى زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  283- ماددا ھۆددە بەرگۈچى خام ئەشيا ماتېرىيال، ئۈسكۈنە، ئورۇن، مەبلەغ، تېخنىكىلىق ماتېرىيالى پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە تەلەپ بويىچە چىقارمىسا، ھۆددە ئالغۇچى قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ ھەمدە ئىش توختاپ قېلىش، بىكار قېلىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  284- ماددا ھۆددە بەرگۈچىنىڭ سەۋەبىدىن قۇرۇلۇش يېرىم يولدا توختاپ قالسا، كېچىكتۈرۈلسە، ھۆددە بەرگۈچى تەدبىر قوللىنىپ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى ياكى زىياننى ئازايتىشى، ھۆددە ئالغۇچى بۇنىڭلىق بىلەن ئۇچرىغان ئىش توختاپ قېلىش، بىكار تۇرۇپ قېلىش، قايتۇرۇپ كېتىش، ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەش، ماتېرىيال ۋە دېتاللار بېسىلىپ قېلىش قاتارلىق زىيانلارنى ۋە ئەمەلىي چىقىمنى تۆلەپ بېرىش كېرەك.
  285- ماددا ھۆددە بەرگۈچىلەردىن پىلاننى ئۆزگەرتىپ، ماتېرىيالنى توغرا بەرمەي ياكى زۆرۈر تەكشۈرۈپ، لايىھىلەش خىزمەت شارائىتىنى ئۆز مۆھلىتىدە يارىتىپ بەرمەي، چارلاش، لايىھىلەشنىڭ قايتىلىنىشى، توختاپ قېلىشى ياكى لايىھىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىرى خىراجەتنى ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە كۆپەيتىپ بېرىشى كېرەك.
  286- ماددا ھۆددە بەرگۈچى پۇلنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلمىسە، ھۆددە ئالغۇچى ھۆددە بەرگۈچىنى پۇلنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە تۆلەشكە سۈيلىسە بولىدۇ. قۇرۇلۇش خاراكتېرى بويىچە باغاھا سۇندۇرۇش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھۆددە بەرگۈچى پۇلنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۆلىمىسە، ھۆددە ئالغۇچى بەرگۈچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شۇ قۇرۇلۇشنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ قۇرۇلۇشنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۇلى شۇ قۇرۇلۇشنىڭ سۇندۇرۇلغان باھا پۇلى ياكى كىمئارتۇق سودىسىدىن تاپقان پۇلىدىن ئالدىن تۆلىتىۋېلىنىدۇ.
  287- ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە كاسىنا ئىش توختامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.