قۇشقاچ تىلى ئاش

ئورنى Wikipedia


قۇشقاچ تىلى ئاش ئاق ئۇن، سۇ يېغى، تۇز ، ئاق شېكەر ، قوينىڭ بىقىن گۆشى ، سۇڭپىياز ، سامساق، تۇخۇم ، سوققان لازا ، پەمىدۇر، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت، كاۋاۋىچىن ، كەرەپشە(چىڭسەي) قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان سۇيۇقئاشنىڭ بىر تۈرى.

 

كېرەكلىك ماتېرىياللار[تەھرىرلەش]

15پارچەكېرەكلىك ماتېرىياللارئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق شېكەر 25 گرام، قوينىڭ بىقىن گۆشى 140 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق 15 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سوققان لازا ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، زەنجىۋىل ئازراق، يۇمغاقسۈت مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن ئازراق، كەرەپشە(چىڭسەي) ئازراق.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1. ئاق شېكەرنى ئازراق سۇدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ يېغى قۇيۇپ، بۇلار بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ 10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تىنغان خېمىردا توملۇقى بارماق قولدەك پىلتە ياساپ ئۈستىدىن بېسىپ نېپىزلىتىپ، ئۈچ بۇرجەك قىلىپ ئۇششاق كېسىلىدۇ. يۇغۇرۇلغان خېمىرنى يېيىپ، كېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ.

3. گۆشنى قوناقتەك، سۇڭپىياز، سامساق، كەرەپشە(چىڭسەي) ، پەمىدۇرلار ئۇششاق توغرىلىدۇ. قازاننىڭ سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى(ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش) نىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.

4. قازان تەييار بولغاندا، كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قاينىتىپ، يۇمغاقسۈت ۋە سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپلا قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.