قۇش تۇتۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

قۇش تۇتۇش ئوغۇللارغا ماس بولغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ، كەچ كۈز مەزگىللىرىدە ئاختاملىقلاردا، خامان قىلىنىپ، ئاندا - ساندا قالدۇق دانلار ساقلانغان ئېتىزلىقلاردا، گازىر - پۇرچاق قۇرۇتۇلغان ئۆي ئۆگزىلىرىدە؛ قىشنىڭ قار ياغقان كۈنلىرى كەڭ دالا، تاغ جىلغىلىرى، دەريا ساھىللىرى ۋە مۇزلۇقلاردا؛ باش ئەتىياز پەسلىدە ئورمانلار ۋە ياۋا قۇشلار چۈشىدىغان جايلاردا ئوينىلىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار ئۆز ئالدىغا ياكى ھەمكارلىشىپ ئويۇنچۇق ياسايدۇ. بۇنىڭغا ئالدى بىلەن بىردىن غەلۋىر - ئۆتكەمە ياكى ئىنچىكە سىم ۋە ئۇششاق تاللاردا توقۇلۇپ غەلۋىر ياكى ئۆتكەمە شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەرنى تەييارلاش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاندىن 30 - 40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، چوڭ ئادەمنىڭ قول بارمىقى توملۇقىدا بىر تال تاياقچە، ئىنچىكە، لېكىن ئاسان ئۈزۈلمەيدىغان تانا يىپتىن 30 - 40 مېتىر ۋە قۇشلارنى جەلىپ قىلىشقا لازىملىق بۇغداي، قوناق، پۇرچاق قاتارلىقلاردىن بىرەر چاڭگال تەييارلىنىدۇ. ئويۇن جەريانى مۇنداق: ئويۇنچىلار بۇ ئويۇننى مەيلى قايسى پەسىلدە، قەيەردە ئوينىسۇن، ئاۋۋال قۇش تۇتۇشقا ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ، غەلۋىر قويۇلىدىغان جاي بىلەن ئۆزلىرى يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن ئارىلىقىنى بېكىتىپ، غەلۋىر ياكى ئۆتكەمىنى تەكشى يەرگە دۈم قويۇپ، بايىقى تاياقچىنى بىر تەرىپىگە تىرەپ (پېشايۋانغا تۈۋرۈك قويغان شەكىلدە)، يىپنىڭ ئۇچىنى تاياقچىنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرغان تەرىپىگە چېگىپ، غەلۋىر ئاستىغا دان چېچىپ، يىپنىڭ يەنە بىر ئۇچىىنى تارتىپ بېرىپ، ئۆزىنى قۇم ئاستىغا يوشۇرىدۇ ياكى يىپ يەتكەن ئارىلىقتا دالدىغا ئالىدۇ. تەييارلىق بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، بىر - ئىككى قېتىم سىناق قىلىپ كۆرۈپ، ئىشەنچلىك بولغاندىن كېيىن، قۇشلارنىڭ ئۇچۇپ كېلىپ باسماق ئىچىگە كىرىپ دانلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۆزلىرى كۆڭلىگە پۈككەن (ئائىلىدە بېقىش ياكى سويۇپ يېيىشنى مەقسەت قىلغان) قۇشلار غەلۋىر ياكى ئۆتكەمە ئاستىغا دانلاپ كىرسە، يىپنىڭ ئۇچى پەم بىلەن تېز تارتىلىدۇ. بۇ چاغدا دانغا ئالدانغان قۇشلار غەلۋىر تېگىدە قالىدۇ. بالىلار يۈگۈرۈپ كېلىپ، باسماقنىڭ بىر تەرىپىنى پەم بىلەن كۆتۈرۈپ، قۇشنى ئاستا تۇتىدۇ. ئويۇن ۋاقتىنى ھەر بىر كىشى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ. ئادەتتە، ئويۇندا يېگىلى بولىدىغان ياۋا كەپتەر، قۇشقاچ قاتارلىق <ھالال> قۇشلارنىڭ چوڭلىرىنى تۇتىدۇ. يېڭىدىن ئۇچۇرما بولغانلىرىنى ياكى يېگىلى بولمايدىغان، ئاسىرىلىدىغان باشقا قۇشلار چۈشۈپ قالسا قويۇپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىم باسماققا چۈشكەن قۇشلار تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، باسماق يەنە يېڭىدىن قويۇلىدۇ. بۇ ئويۇن مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋاملىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]