قۇمۇل ۋاڭلىرى ئوردىسى

ئورنى Wikipedia

قومۇل ۋاڭلىرى 1697 – يىلى چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلغاندىن تارتىپ 1930 – يىلىغىچە بولغان 233 يىل جەريانىدا قومۇلنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار ئەتىقىلەرنى قالدۇردى.

قومۇل ۋاڭلىرى ئوردىسىنىڭ ئەسلىي ئورنى ھازىرقى قومۇل شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئايلانما يولدا بولۇپ، 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 800 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي – ئىمارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ 1 – ئەۋلاد ۋاڭى ئەبەيدۇللا كاڭشىنىڭ 37 – يىلى (1698 – يىلى) بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيىنىڭ خەرىتىسى ئاساسىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ، قومۇلنىڭ يەر شەكلىگە ئاساسەن، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ 1:10 نىسبىتى بويىچە قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ تۇنجى ئوردىسىنى سالدۇرغان. قۇرۇلۇش يەتتە يىلدا پۈتكەن. ۋاڭ ئوردىسى قۇرۇلۇشىغا ئىسلام بىناكارلىقى بىلەن خەنزۇ بىناكارلىقى ئۇسلۇبى مۇجەسسەملەنگەن. تۇڭجىنىڭ 5 – يىلى (1864 – يىلى ) ۋاڭ ئوردىسى قوزغىلاڭچى دېھقانلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. كېيىن 8 – ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەت ئوردىنى قايتىدىن ياساتقۇزغان. تۇڭجىنىڭ 12 – يىلى (1873 – يىلى) شەنشىدىكى خۇيزۇ ئىسيانچى قوشۇنى قومۇل شەھىرىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئوردا يەنە بىر قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. گۇاڭشۈنىڭ 8 – يىلى (1882 – يىلى) 9 – ئەۋلاد ۋاڭ شاھمەخسوت تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوردىنى يەنە بىر قېتىم كېڭەيتىپ ياساتقان. ئەينى چاغدا ئوردىدا توققۇز دەرۋازا، 800 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي بولۇپ، خان سارىيى، قوبۇلخانا، راۋاق – شىپاڭ، گۈللۈك، قوڭغۇراق راۋىقى، ساراي، مەسچىت، مەدرىس قاتارلىق قۇرۇلۇشلار خۇددى شاھمات تاختىسىدەك تەرتىپلىك لايىھەلەنگەن.

ھازىرقى قومۇل ۋاڭلىرى ئوردىسى قومۇل ۋاڭلىرى مەغپىرەتلىكىنىڭ غەربىي تەرىپىدە بولۇپ، كۆلىمى 60 مو كېلىدۇ. 2003 – يىلى قومۇل ۋىلايىتى 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قومۇل ۋاڭلىرى ئوردىسىنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا ئاساسەن، يېڭى قومۇل ۋاڭلىرى ئوردىسىنى ياسىدى. ھازىرقى ئوردا ئىچىدە خان سارىيى، قوبۇلخانا، خانىشلار سارىيى، مەسچىت، تەيجىلەر ئايرىمخانىلىرى، ھەربىي ئىشلار مۇھاكىمە زالى، ياساۋۇلخانا، بەگلەرخانىسى، كۆڭۈل ئېچىش خانىسى، ئاشخانا، ئاتخانا، ئىسكىلات، قاراۋۇلخانا قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرقى ساياھەتچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ لايىھەلەنگەن.