Jump to content

قۇم ئاستىدىكى ئىزلار

ئورنى Wikipedia

قۇم ئاستىدىكى ئىزلار ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا. ئەنە شۇ قاتاردا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قۇم ئاستىدىكى ئىزلار» (Spuren Unter Dem Sand) ناملىق كىتاب تۇنجى قېتىم گېرمان (نېمىس) تىلىدا نەشر قىلىندى.[1]

«فرىتىز تىيسەن فوندى» (Fritiz Thyssen Stiftung) نىڭ ياردىمى بىلەن نەشرگە تەييارلانغان مەزكۇر ئەسەر گېرمانىيەدىكى ئوستاسيەن ۋېرلاگ (Ostasien Verlag) نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى جۇستۇس-لىېبىگ-گىېبەن (Justus-Liebig-Gieben) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور مايكىل خەس (Michael Hess) نەشرگە تەييارلىغان. 420 بەتلىك بۇ كىتابتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم شائىرلار ھەمدە يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]