قۇيمىچىلىق

ئورنى Wikipedia

     خەلقىمىز خېلى بۇرۇنلا تۆمۈر، مىس، كۈمۈش تاۋلاپ، ئۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش بىلەن قۇيمىچىلىق كەسپىنى باشلىغان.

    خەلقىمىزدە قۇيمىچىلىقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇستىكارلىرىمىز قۇيغان قازان، داڭقان، تاۋا، ساپان، مەش، ھارۋا قازىنى، ھارۋازىخچا ۋە ھەرخىل قوڭغۇراق  قاتارلىقلار  ئۆلچەملىك ۋە تولىمۇ سۈپەتلىك بولغان.

قۇيمىچىلىق چويۇننى ماتېرىيال قىلىدۇ. قۇيمىچىلىققا لازىمەتلىكلەر: ئوچاق، كۆمۈر، كۆيەك، بولقا، بازغان، چويۇن ئېرىتىدىغان بوتا ۋە قۇمدىن ئىبارەت.

    ئىشلەش ئۇسۇلى: قۇيمىچىلىرىمىز ئالدى بىلەن ماتېرىيال تاللايدۇ. چويۇنگە تۆمۈر، مىس، قەلەي قاتارلىق ھەرقانداق غەيرىي مېتال ئارىلاشماسلىقى شەرت. تۆمۈر ئارىلىشىپ قالسا، قۇيۇلغان سايمان يېرىلىپ كېتىدۇ ياكى قۇيغىچە تېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇستىلار رۇدىدىن ئېلىنغان پېتى ئىشلىتىلمىگەن چويۇننى خام چويۇن،  ئىشلىتىلگەن(سايمان ياسالغان) چويۇننى پىششىق چۆيۈن ھېسابلايدۇ. ئۇلار خام چويۇننى ئېرىتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ئېرىتىشتە مەسىلە كۆرۈلمىسە، ئاندىن ئىشلىتىدۇ.

    قۇيمىچىلىق كەسپى ئاساسەن ئېرىتىش، قۇيۇش، قېلىپلاپ ياساشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئېرىتىش ياخشى بولسا، قۇيۇش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، قېلىپ يېرىلمايدۇ، قۇيۇلغان سايماننىڭ سۈپىتى، تەكشىلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    قېلىپ ياساش: قۇيمىچىلىق قېلىپى قۇمدىن تەييارلىنىدۇ. قۇيماقچى بولغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىچ ۋە تاش قېلىپى بولىدۇ. مەسىلەن، قازان قۇيۇشتا، قۇيۇلىدىغان قازاننىڭ ئۆلچىمىدە قۇمدىن گۈمبەز ياسىلىپ، قازاننىڭ ئىچ قېلىپى ھازىرلىنىدۇ، ئاندىن تاش قېلىپى ياسىلىپ، ئۇنىڭ چوققىسىغا تەڭگىدەك تۆشۈك قويۇلۇپ، ئېرىتىلگەن چويۇن ئاشۇ تۆشۈكتىن قۇيۇلىدۇ. چويۇن قۇيۇلۇپ مىنۇت ئۆتمەي قاتىدۇ. بۇ چاغدا قۇيۇش ئاغزىدا پەيدا بولغان مونەكچە چۈشۈرۈۋېتىلىپ، قازان قىزىق ۋاقتىدا سىلغايتىلىدۇ. قازان قۇلىقى، داڭقاننىڭ پۇتى چۈشىدىغان جايلارغا قېلىپ ياسىغاندا پۇت، قۇلاق ئورنى قويۇلىدۇ.

    قۇيمىچىلىقىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قازان قۇيۇلغان چويۇن ساپ بولغاچقا، قازان قۇسمايدۇ، ئاشقا ئىس كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدا ئېتىلگەن تاماق تەملىك بولىدۇ. دېھقانچىلىق ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا قۇيۇشتەك ئەنئەنىۋى قۇيمىچىلىق ھۈنەر –  كەسپى جايلاردا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. [1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 10- 17 11:53 ؛ تور ئادىرسىhttp://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-10/17/content_119738.htm؛