قېيت مەشرىپى

ئورنى Wikipedia

قېيىت مەشرىپى - شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان مەشرەپلەرنىڭ بىرى. <قېيت> ئەسلىدە <قەيت> سۆزىنىڭ مەشرەپلەرنىڭ بىرى. <قېيت> بولۇپ، <ھۆكۈم قىلىش>، <بېكىتىش> دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بېرىدۇ. دېمەك، <قېيت مەشرىپى> ماھىيەتتە <ھۆكۈم چىقىرىش مەشرىپى> دېمەكتۇر. خەلق ئارىسىدا <قېيت مەشرىپى> ئەسلىدە <قەتل قىلىش مەشرىپى> (ئۆلۈم جازاسى بېرىش) نىڭ ئۆزگەرتكەن شەكلى دېگۈچىلەرمۇ بار، ھەر ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش مەشرەپنىڭ خاراكتېرى جەريانلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. قېيت مەشرىپى ئىككى خىل شەكىدە ئۆتكۈزلىدۇ: بىرى، دائىرىسى تارراق بولغان قاتار مەشرەپ شەكلى. يەنە بىرى توي - تۆكۈنلەردە قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن توي ئاخشىمىدىن تارتىپ ئەتىسى كەچقۇرۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان قېيت مەشرىپى. توي شەرىپىگە بېغىشلانغان بۇ مەشرەپنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولۇپ، يۈزدىن ئىككى يۈزگىچە كىشى قاتنىشىدۇ. بۇ مەشرەپكە پەقەت تويى بولغان يىگىت ۋە قىزنىڭ تەڭتۇش دوستلىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ. مېھمانلارنىڭ ئولتۇرىدىغان ئورۇنلىرىغا گىلەم، كىگىز قاتارلىق بسات سېلىنىدۇ. ئاندىن ھەر ئۈچ يىگىتنىڭ ئالدىغا بىردىن پاكار شىرە قويۇلىدۇ. مەشرەپ سورۇنىنىڭ تۆرىگە مەشرەپ <پادىشاھ> بولغۇچى ئۈچۈن بىر يوغان يۇمىلاق شىرە قويۇلىدۇ. سورۇننىڭ ئوڭ قول تەرىپىگە يەنە بىر يۇمىلاق شىرە قويۇلىدۇ. بۇ <قازى> بولغۇچىنىڭ ئورنى بولۇپ، قىز تەرەپ مەھەللىسىدىن تەيىنلىنىدۇ. يىگىت باشلىقى مېھمانلارنى ئۆز لايىقىدىكى ئورۇنلارغا تەرتىپلىك ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەشرەپ ئەھلىگە بۈگۈنكى مەشرەپنى باشقۇرغۇچىنىڭ ئسىم نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كۆپچىلىك كېڭىشىپ، خەلقچىل، ئۇسسۇل بىلەن مەشرەپكە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلاردىن پادىشاھ، ۋەزىر، قازى، مۇپتى، بازار بېگى، كۆل بېگى، ئەنگىزە، چاپچى، ئۆرۈمىچى، قىقاسچى قاتارلىقلار سايلاپ چىقىلىدۇ. ئاندىن كېيىن كۆل بېگى توي ئىگىسى تەييارلاپ قويغان قەنت - گېزەكلەردىن ھەر بىر شىرەگە يەتتە - توققۇز تەخسىگىچە تىزىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مەشرەپنڭ قائىدە - نىزامى توغرىسىدىكى <پادىشاھ> نىڭ پەرمانى بازار بېگى ياكى ئەنگىزە تەرىپىدىن جاكارلىنىدۇ. قىزلار بولسا مەشرەپ سورۇنىنىڭ چېتىگىرەك تەييارلاپ قويۇلغان جايدا توپلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ. ياشانغانلار ئەتراپتا قاراپ مەشرەپنى نازارەت قىلىدۇ. قېيت مەشرىپى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ، پادىشاھنىڭ پەرمانى جاكارلانغاندىن كېيىن ناغرا - سۇنايچىلار بىرەر مۇقامنى باشلاپ، ئۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى مەشرەپلىرىنى ئورۇندايدۇ، ناخشا - ئۇسسۇل ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ئاخىرى جۇلا، نازىركۇم ۋە مۇقام چۈشۈرگۈچىسى بىلەن بىر باسقۇچ ئويۇن تاماملىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ، بىر يۈرۈش دەۋا - دەستۇر، ھەر خىل كۈلدۈرگە ئويۇنلار بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدىنقى بىر يۈرۈش ئويۇن جەريانىدا پادىشاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپ ئىشلارنى سەزگەن مەشرەپ ئەھلى پادىشاھقا داد ئېيتىپ، ئەرز - شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەشرەپ قازىسى <گۇناھكار> نى نەق مەيداندا سوراق قىلىدۇ. سوراق نەتىجىسىنى پادىشاھقا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن گۇناھكارغا قەتلى قىلىش جازاسى ياكى باشقا خىلدىكى جازا بېرىلىدۇ. قازى بولغۇچى <گۇناھكار> نىڭ بۆكىنى ئېلىپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى، دەپ جاكارلايدۇ. ئاندىن جازالانغۇچى مەشرەپكە تەكلىپ قىلىنغان سېتىقچىدىن ئۈچ - تۆت تەخسە قەنت - گېزەك ئېلىپ، پەتنۇسقا سېلىپ، ئەدەپ ۋە ھۆرمەت بىلەن پادىشاھقا سۇنىدۇ. تۆۋە قىلىپ گۇناھىنى تىلەيدۇ. پادىشاھ گۇناھىدىن ئۆتسە، ئەنگىزە بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ ئۆتكۈزمەسلىككە نەسىھەت قىلىپ بۆكىنى بېرىدۇ. جازاغا ئۆتكۈزمەسلىككە نەسىھەت قىلىپ بۆكىنى بېرىدۇ. جازاغا كۆنمەي تەتۈرلۈك قىلغانلارنى مەشرەپتىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ: بەزىلىرىگە <تېرىسىنى تەتۈر سويۇش>، <سۈرئىتىنى تامغا تارتىش>، <سامسا يېگۈزۈش>، <پاختەك ئۇچۇرۇش>، <بىر ئاپقۇر سوغۇق سۇ ئىچكۈزۈش>، <چىلان توقماق> قاتارلىق جازالار بېرىلىدۇ، ياكى كۆپچىلىكنى كۈلدۈرگىدەك بىرەر قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىش بۇيرۇلىدۇ. بۇ خىل <جازا> لارنىڭ ھەممىسى مەشرەپكە قىزىق تۈس بېرىدىغان كۈلدۈرگە ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر يۈرۈش ناغرا - سۇناي چېلىنىش بىلەن ناخشا - ئۇسۇل ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ ۋە مۇقام چۈشۈرگۈچىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، قىزىقچىلار ۋە لاپچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەرىكەتلىك لاپ ئۇرۇپ مەشرەپ ئەھلىنى كۈلدۈرىدۇ. يەنە بەزى قىزىقچىلار <قىرىق بىر يالغان> قاتارلىق كۈلدۈرگە ھېكايىلەرنى ئېتىدۇ. بۇ باسقۇچ ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، يەنە ناغرا - سۇنايغا تەڭكەش قىلىنغان ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. تۆتىنچى باسقۇچ، پادىشاھ ۋە قازىنىڭ ئىجازەت بېرىشى تەرىپىدىن سوئال سوراش باشلانغانلىقى جاكارلىنىدۇ. سوئال سورىماقچى بولغان كىشى ئالدى بىلەن توققۇز تەخسە قەنت - گېزەك كۆتۈرۈپ كىرىپ قازىنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېيىن، سوئال سوراشنى باشلايدۇ. سورالغان سوئالغا قازى ۋە مۇپتى بولغۇچىلار كېڭىشىپ جاۋاب بېرىدۇ. جاۋابى توغرا بولسا، مەشرەپ ئەھلى چاۋاك بىلەن ئېتراپ قىلىدۇ. ئەگەر جاۋاب توغرا بولمىسا قازى بولغۇچى كىشى سوئال سورىغۇچى ئەكەلگەن توققۇز تەخسە قەنت - گېزەكنىڭ ھەر بىرىگە ئون ھەسسە بولۇپ جەئىي توقسان توققۇز تەخسە قەنت - گېزەك قايتۇرىدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ قازىلىق ئورنىنى سوئال سورىغۇچىغا بېرىپ مەشرەپتىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قايتا ئىككىنچى قېتىم قازى بولۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا، <قېيت مەشرىپى> گە قازى بولغۇچى شۇ يۇرت مەھەللىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق، ھوشيار ۋە بىلەرمەن ياشلار ئىچىدىن تاللىنىدۇ. سورىلىدىغان سوئاللارنىڭ مەزمۇنى خەلق ئارىسىدىكى ئىلىم - پەن، ھېساب، تېپىشماق ۋە سۆز ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. كۆپرەك، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تېپىش نۇقتا قىلىنىدۇ. سوئال - جاۋاب ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە بىر يۈرۈش ئويۇن ئوينىلىپ، ئاخىرى <نازىركۇم>، <چاققاق - چۈمبورچاق> دېگەن قىزىقارلىق مۇزىكا - ئۇسۇللار بىلەن چۈشۈرگۈسى چۈشۈرۈلىدۇ. پادىشاھ بولغۇچى مەشرەپنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى پەرمان ئارقىىق كۆپىچىلىككە ئېلان قىلىپ مەشرەپنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. <قېيت مەشرىپى> نىڭ باشقا مەشرەپلەردىن ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىلىم - پەنگە ئائىت ھەر خىل مەزمۇنلارنى سوئال - جاۋاب شەكلى بىلەن تەبىئىي ھالدا ئامما ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]