قەتۋان ئ‍ۇرۇشى

ئورنى Wikipedia

قەتۋان ئۇرۇشى (فارسچە: جنگ قطوان؛ ئۆزبېكچە: Qatvon jangi؛ كرىلچە: Қәтван Уруши) 1141 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قىتانلار بىلەن غەربىي قاراخانىي-سەلجۇقىي بىرلەشمە قوشۇنى ئارىسىدا، سەمەرقەند يېنىدىكى قەتۋان چۆلىدە يۈز بەرگەن، قىتانلارنىڭ مۇتلەق غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇش.

تارىخىي ئاراقا كۆرۈنۈش[تەھرىرلەش]

1034 - يىلى قارا قىتان يىلوداشى بالاساغۇننى پايتەخت قىلىدۇ ۋە 1136 - يىلى قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ماۋەرائۇننەھرنى بېسىۋىلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. قىتانلار شاش (تاشكەنت) ۋە پەرغانىگە ھەم زەرەپشان، قاشقا دەريا ۋادىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. 1138 - يىلى غەربىي قاراخانىيلارنىڭ خانى مەھمۇدخان II بىلەن گورخان ئارىسىدا، خوجەنت يېنىدا ئۇرۇش بولىدۇ. مول ئۇرۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە گورخان مەھمۇدخان II نى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا يارىشىش توختامنامىسى تۈزۈلىدۇ. قىتانلار توختامنامە بويىچە، ئۇلاردىن ئولپان ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ ئارقىغا قايتىدۇ.

خوجەنتتىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1139 - يىلى خارەزىم شاھى ئاتسىز ماۋەرائۇننەھرىگە بېسىپ كىرىپ، بۇخارانى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، غەربىي قاراخانىيلار تەركىبىدكى قارلۇقلار ئىسيان كۆتۈردى. قارلۇقلار ئىسيانىنى گورخان قوللىدى. غەربىي قاراخانىيلار گورخاننىڭ بۇ ئىسيانىنى قوللىغانىلىقىغا قارشى تۇردى.

ئۇرۇش جەريانى[تەھرىرلەش]

گورخان 1138 - يىلى غەربىي قاراخانىيلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى بۇزۇپ، 1141 - يىلى 50 مىڭ قارلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، غەربىي قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى سەمەرقەندكە قاراپ يۈرۈش قىلدى. مەھمۇدخان II بىلەن سۇلتان سەنجەرنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك (بەزى مەنبەلەردە 70 مىڭ كىشلىك) بىرلەشمە قوشۇنلىرى سەمەرقەند يېنىدىكى قەتۋان چۆلىدە توپلاندى. 1141 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قىتانلار بىلەن غەربىي قاراخانىيلار ئارىسىدا، قەتۋان چۆلىدە ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولدى.

ئۇرۇشتا يېلۇ داشى گورخان دېزوڭ قىتان ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى: ياۋ قوشۇنىنى يانداپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ قاپ بېلىدىن تېگىش قىلىش. ئۇ قوشۇننى ئۈچكە بۆلۈپ، ھەربىر قوشۇنغا ئ‍ۆزىگە تېگىشلىك ياۋ قوشۇنىنى قورشاۋغا ئېلىشنى باش ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇردى.

سۇلتان سەنجەرمۇ قوشۇنىنى مەركەز، ئوڭ ۋە سول قاناتلارغا بۆلۈپ، ئۆزى مەركەزى قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلدى. ئ‍ىككى قانات كەينى تەرەپتىن كەلگەن قىتانلارنىڭ قورشاۋىغا ئېلىنغاندىن كېيىن سۇلتان سەنجەر باشچىلىقىدىكى قوشۇن تەرتىپسىزلەرچە چېكىنىشكە باشلاپ دەرغام قانىلىغا يېقىن بىر كېچىككە قاپسىلىپ قېلىپ، يۈزلىگەن چېرىك دەريادا ياكى قانالدا تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. سۇلتان سەنجەر يېنىدىكى 300 ئاتلىق چېرىكى بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ تىرمىز تەرەپكە قېچىپ كەتتى.

ئاقىۋەت[تەھرىرلەش]

قەتۋان ئۇرۇشىدا، قاراخانىيلار بىلەن سەلجۇقىلارنىڭ قوشۇنلىرىدىن 30 مىڭدىن 70 مىڭغىچە مۇسۇلمان شېھىد بولغان دېيىلىدۇ. سۇلتان سەنجەرنىڭ خانىشى (قاراخانى بېكەسى) تۈركان خاتۇن ئەسىرگە چۈشتى.

قەتۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن، گورخان 3 ئاي (90 كۈن) سەمەرقەندتە تۇرۇپ كەرمەنەگە كەتتى. غەربىي قاراخانىيلار دۆلىتى قىتانلارغا سېلىق تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى.

ئالاقىدار[تەھرىرلەش]