Jump to content

قەدىمقى يۇرت ناملىرى توغرىسىدا

ئورنى Wikipedia

قەدىمقى يۇرت ناملىرى توغرىسىدا

(1) ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ:

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ. ﻗﺎﺷﻘﻮﯞﯗﻕ، ﻳﺎﯕﮕﯜﻩﻥ ﻗﻮﯞﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﯓ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺗﺎﺭ ﻫﻪﻡ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻛﻪﯓﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ، ﻫﯧﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ، ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﻰ ، ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ؛ ﺗﺎﺭﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺮﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺝ – ﺳﯧﻠﯩﻖ ﻳﯧﻐﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕﻫﯧﺮﺍﯞﯗﻝ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﻖﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﯞﺍﺯﺍﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ . ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﺨﺎﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ”ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ “ ﺑﯩﻠﻪﻥ “ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺑﯩﺮ ﻣﻪﻫﻪﻝ ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ “ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ“ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ “ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ“ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ.

   (2) ﺋﯘﺭﯗﻳﺎﭖ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ . ﻳﯧﺮﻯ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔﻛﯩﻨﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺷﯘﻩﻧﺪﻯ ﺷﯧﻨﺠﯘﻧﯩﯔ 2 – ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﯗﺭﻧﻘﻰ 60 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻝ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 46 – ﻳﯩﻠﻰ( ﺟﻪﻧﯟﯗﻧﯩﯔ 22 – ﻳﯩﻠﻰ ) ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻝ ﺧﺎﻧﻰ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺧﺎﻧﻰﺯﯨﻠﻮﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﻛﯜﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻳﺎﭖ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﯧﮕﻰ ﻣﻪﻫﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﻳﺎﭖ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﯜﺳﻪﻥ ﻗﯘﺭﯗﻗﭽﯩﺒﻪﮔﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

    (3) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ . ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰﻗﯩﻠﯟﯨﺘﺎﻍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻜﯩﭽﻪ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﭼﻪﺭﭼﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻟﻐﯩﭽﻪ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺭﯗﻡﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ . ﺧﻪﻥ – ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﯩﻨﺪﻯ – ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ . ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﺑﺎﻗﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﻗﯘﻝ ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﭘﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺗﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .

    (4) ﺋﯘﺯﯗﻧﺘﺎﺕ :

[تەھرىرلەش]

ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ . ﻳﻪﻧﻪﺋﯜﺗﻪﻥ ، ﺗﯩﻨﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺧﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺘﺎﺕ ( ﺩﻩﻧﺪﺍﻥ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ) ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﯩﺮﺍ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ . ﺷﯩﭙﯩﯖﻨﯩﯔ 4 – ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺩﻭﺭﻏﺎﺑﻰ ، ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ﯞﯗ ﻳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻻﺷﻘﺎﭼﻘﺎ ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﯞﯦﻲ ، ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ~ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﻗﻮﺷﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .

    (5) ﻛﯜﺳﻪﻥ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﻪﮔﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ . ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻛﯘﺳﺎﻥﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ( ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯘﭼﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ) ﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺗﯘﺗﯘﻗﺒﻪﮒ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺋﯩﺒﺒﻪﮒ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻪﮒ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻪﮒ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ ، ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ ، ﺋﻮﯓ – ﺳﻮﻝ ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ، ﺋﻮﯓ – ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﻛﺎﻫﺒﻪﮒ ، ﺋﻮﯓ – ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ﺳﺎﻧﻐﯘﻧﻰ ، ﺋﻮﯓ – ﺳﻮﻝ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﺷﻪﺭﻕ ، ﻏﻪﺭﺏ ، ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰﻣﯩﯔ ﺑﯧﮕﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﺳﺎﻧﻐﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﺑﺎﺵﺗﯩﻠﻤﺎﭼﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻳﯧﺰﯨﻘﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﯞﯦﻲ ، ﺟﯩﻦﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ “ ﺋﻪﻧﺸﻰ “ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﺒﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺗﻪﺳﯩﺲﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﻰ ﺟﺎﯕﺠﯜﻥ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

     (6) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﯘﺭﭼﺎﻥ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺧﻪﻥﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﭼﯘﺭﭼﺎﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ( ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭼﻪﺭﭼﻪﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ) ﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﺭﺩﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻪﮒ ، ﺋﻮﯓ – ﺳﻮﻝ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ، ﺗﯩﻠﻤﺎﭼﻠﯩﻘﻘﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ . ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ، ﺋﯜﺯﯛﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲﻳﯘﺭﺕ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﯞﯦﻲ ، ﺟﯩﻦ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ – ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯧﻠﻰ ، ﺋﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ، ﺋﺎﺯﺍﺭﻻﺭ ، ﺗﯘﺧﺎﺭﻻﺭ ، ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺭﺍﻫﯩﺐ ﺷﯜﻩﻧﺰﺍﯓ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﺎﻟﻤﺎﺩﺍﻧﺎ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﮔﺎﯞﺯﯗﯓ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﭼﻪﺭﭼﻪﻥﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯜﻩﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺟﯘﺭﻧﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ .

    (7) ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺳﯘﻟﻰ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺳﯘﻟﻰ ، ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ .

    (8) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﻨﮕﯩﺖ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ، ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﻗﺎﺭﺍﺷﺎﻫﻪﺭ ، ﺋﺎﮔﻨﯩﻲ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﻫﻪﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺑﺎﻏﻜﯩﺮﺍﺕ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺧﯘﻳﭽﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ 841 – ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻫﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ، ﭘﺎﻧﺘﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯩﻨﮕﯩﺖ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺑﻐﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺩﯨﯟﺍﻥﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩﻗﺎﺭﺍﺷﻪﻫﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ .

    (8) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻝ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺧﻪﻥﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ) ﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻮﻧﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﯞﯦﻲ ، ﺟﯩﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﯘﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯜﻩﻥ ، ﻣﯩﯔ ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﮔﯘﺍﯕﺸﯜ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .

    (9) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺷﺎﯞﺩﻯ ﻳﯜﻩﻥ ﺧﯧﯖﻨﯩﯔ 4 – ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﯞﯦﺘﻮﮔﯩﺘﻨﻰﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻣﯩﺮﻩﻥ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﻰ ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ) ﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﯩﻨﻰ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﯧﺮﻯ ﺋﺎﺯ ، ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﻫﻪﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻛﯚﭖ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ .

    (10) ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺧﻪﻥ ، ﺗﺎﯓﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭ “ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ“ ﺩﻩ ﺑﯜﮔﯜﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﺭﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﯩﻤﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ : ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻣﯩﭽﯜﻩﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﻮﻣﻮﺩﻯﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺩﯦﺴﻪ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺳﺎﻧﺠﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻻﻧﺒﺎﻱ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ ……

    (11) ﺳﺎﺭﯨﻘﻮﻝ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﻳﻪﻧﻪ ﻛﺎﯞﺍﺗﺘﺎﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﺳﺎﺭﯨﻘﻮﻝ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺳﺎﻛﺎﺭﺍﺋﻮﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻣﯩﻴﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ — ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ .

    (12) ﻟﯜﻛﭽﯜﻥ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭘﯩﭽﺎﻥﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻟﯜﻛﭽﯜﻥ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯧﺮﻯ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ .ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﯧﻨﮕﯜﻩﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻟﯜﻛﭽﯜﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﺎﻧﻰ ﯞﺍﯓ ﻳﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ “ ﻟﯘﺟﻮﯓ“ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻳﯜﻩﻥ ، ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻟﯜﻛﭽﯜﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . XV ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﭼﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻟﯜﭘﭽﯩﻦ ، ﻟﯜﻛﭽﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

    (13) ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺒﺎﻟﯩﻖ ( ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ) :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ .ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯩﻤﯩﺴﺎﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ 12 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯩﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻳﯘﯕﭙﯩﯖﻨﯩﯔ 17 – ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯧﯔ ﯞﯗﻳﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﭽﻰ ﻗﺎﺭﺍﯞﯗﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﻳﯘﯕﻴﯜﻩﻧﻨﯩﯔ 3 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯗﻳﯘ ﺗﺎﺭﺧﺎﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺟﯧﻨﮕﯜﻩﻧﻨﯩﯔ 14 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . VIII ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ( ﺑﻪﺵﺷﻪﻫﻪﺭ ) ﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩﺟﯩﻤﯩﺴﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺟﻤﯩﺴﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ .

    (14) ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ~ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ . ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ “ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯩﺸﻰ“ ﺩﯨﻦﻛﯚﺭﯛﯓ .

    (15) ﻛﯜﻧﻪﺱ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﻰ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻪﺱ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺟﺎﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻳﯘﯕﺘﯧﯖﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰﻳﯩﻠﻰ ( 682 – ﻳﯩﻠﻰ ) ﺋﺎﺷﻨﺎ ﭼﺎﺑﯩﺶ ﻛﺎﭘﯩﺶ ، ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﻫﺎﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺘﺎﻍ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﯧﮕﻰ ﻓﺎﯓ ﻳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻣﯘﻫﺎﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﺎﻥ . ﺋﯘﺟﯩﻞ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚﺋﻮﺭﺩﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ .

    (16) ﺋﯧﻤﯩﻞ :

[تەھرىرلەش]

ﺋﻪﻣﯩﻞ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺩﻩﺭﻳﺎ – ﯞﻩﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ . ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﺎﯞﯗﺭ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺍﻝ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﺎﺷﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥﺧﺎﻧﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﻮﮔﯩﺪﺍﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .

    (17) ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ :

[تەھرىرلەش]

ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ “ ﺑﯩﻠﮕﻪﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ“ ﺩﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ .ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯩﻤﯩﺴﺎﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ 10 ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﭽﻪﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﺌﻪ — ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯗﺭ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺗﺎﯓﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻪﻩ ، ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻐﺎ ، ﺩﻩﺷﺘﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻖﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩﺑﯧﺸﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ، ﺋﺎﻳﻐﺎﻗﭽﻰ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕﺟﺎﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺋﻮﯞﻩﻳﺴﺨﺎﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺒﺎﻟﯩﻖ ( ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ) ﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪﻫﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .

    (18) ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ :

[تەھرىرلەش]

ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ . ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ. “ ﻳﯜﻩﻥﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ “ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ . ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺏ “ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﻛﯘﺷﺎﻱ“ ، “ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪﯨﻲ“ ﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮ – ﻛﯧﻴﯩﻦﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻗﯘﺑﻼﻱﻗﺎﻳﺪﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯧﻴﭙﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﻧﺎﻣﻐﺎﻧﻨﻰ ﺑﯘﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖﻫﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔﺗﯘﻧﺠﻰ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎﺭ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺗﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎﻟﯩﻖ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ .

    (19) ﻣﺎﯕﻼﻳﺴﯚﻳﻪﺭ :

[تەھرىرلەش]

ﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ . “ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲﺭﻩﺷﯩﺪﻯ“ ﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ . ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ . ﻣﺎﯕﻼﻳﺴﯚﻳﻪﺭ ﺩﻭﻏﻼﺕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﻞ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺕ (ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﻣﯩﺮ) ﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ، ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ، ﺋﺎﻗﺴﯘ ، ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺕ ﺩﺍﯞﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .

    (20) ﺋﯩﻠﯩﺒﺎﻟﯩﻖ :

[تەھرىرلەش]

ﻳﯘﺭﺕ ﻧﺎﻣﻰ . ﭼﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯘﻥ ﺟﯘﯕﺮﯗﻳﻨﯩﯔ “ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ“ ﺩﻩ ﺋﯩﻠﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . “ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ“ ﺩﺍ ﺋﯩﻠﯩﺒﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ . ”ﻫﺎﻳﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ“ ﺩﻩ Ilanbalex ﻳﺎﻛﻰ Ilibaliq ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ، ”ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺷﯩﺪﻯ“ ﺩﻩ Ilanbaliq ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ، ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ . ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍﻱ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .

    (21) ﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺕ :

[تەھرىرلەش]

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺎﻣﯩﺮﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ، ﻗﺎﺭﺍﻗﯘﺭﯗﻡ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻍ ﺗﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﺗﺎﯓﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻧﺸﻰ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺗﯘﺗﯘﭖﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺗﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻨﻰﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺕ ﺋﯧﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﺎﺭﯨﻘﻮﻝ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﻪﻛﻪﻥﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎﻣﺒﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺭﯨﻘﻮﻝ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﻰﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]