قەدىمقى يۇنان پەلسەپەسى

ئورنى Wikipedia

ياۋروپا پەلسەپىسى تارىخى قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپەسىدىن باشلىنىدۇ. يۇنان - رىم پەلسەپىسى ياۋروپا پەلسەپە تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى . ھەر خىل ماتېرىيالىزم ۋە ئىدېئالىزملىق ، دىئالېكتىكا ۋە مېتافىزىكا ئىدىيە ،ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئېتىكا ئىدىيەلەر مۇشۇ يەردىن باشلانغان ، بۇ ئىدىيەلەر كېيىن پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ .

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

ياۋروپا پەلسەپىسى تارىخى قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپەسىدىن باشلىنىدۇ. يۇنان - رىم پەلسەپىسى ياۋروپا پەلسەپە تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى . ھەر خىل ماتېرىيالىزم ۋە ئىدېئالىزملىق ، دىئالېكتىكا ۋە مېتافىزىكا ئىدىيە ،ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئېتىكا ئىدىيەلەر مۇشۇ يەردىن باشلانغان ، بۇ ئىدىيەلەر كېيىن پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ ، قەدىمقى يۇنان ـ رىم ياۋروپادىكى ئەڭ بالدۇرقى قۇللۇق جەمىيەت. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7 ـ ئەسىردىن 6 ـ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتتا قەدىمقى رىم قۇللۇق تۈزۈمى ۋۇجۇتقا كەلدى. قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر يېڭى سەۋىيىگە يۈكسەلدۈرۈپ، بىرقەدەر مول بولغان ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە سىنىپىي كۈرەش بىلىملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ بىلىملەرنى يىغىنچاقلىشى ۋە يەكۈنلىشى مۈمكىن بولدى. قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپىسى مۇشۇ ئاساستا دۇنياغا كەلدى ۋە راۋاجلاندى.

شەكىللىنىشى[تەھرىرلەش]

قەدىمقى يۇنان ـ رىم قۇللۇق جەمىيىتىدە، قۇللار بىلەن قۇلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئاساسىي زىددىيەت ئىدى. قۇلدارلار قۇللارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيتتى، بەلكى گەپ قىلالايدىغان قورال قاتارىدا كۆرەتتى. قۇلدارلار قۇللارنى ئىنتايىن دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقتىن ۋە ئەزگەنلىكتىن، قۇللارنىڭ قۇلدارلارغا قارشى قوزغىلاڭلىرى ئۈزۈلمەي كۆتىرىلىپ تۇراتتى. قۇللارنىڭ قۇلدارلارغا قارشى كۈرەشلىرى ئىدىئولوگىيە جەھەتتىمۇ ئەكس ئەتتى. مەسىلەن، بەزى مۇتەپەككۈرلەر قۇللۇق تۈزۈمىگە قارشى ئىدىيىنى بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويدى. ئاركىدام: «ئىلاھ ھەننىۋا ئادەمنى ئەركىن ياراتقان، تەبىئەت ھىچكىمنى قۇل قىلمىغان»دىگەن. فېلېمۇنمۇ: «تەبىئەتكە ئاساسلانغاندا، قۇل بولۇپ تۇغۇلغان بىرمۇ ئادەم يوق» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ سۆزلەر پەقەت يېرىم ـ ياتا سۆزلەردىنلا ئىبارەت، بەلكى ئۇنىڭ كۆپچىلىگى قۇلدار مۇ تەپەككۈرلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆز رەقىپلىرىنىڭ سۆزلىرى قاتارىدا ساقلاپ قېلىنغان. قۇللارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ئەمگەكلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىغى، مەدىنىيەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سېستىمىلىق پەلسەپە تەلىماتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش شارائىتى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھازىر ئۈچرىتىدىغان قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپىسى قۇلدارلار سىنىپىنىڭ پەلسەپە تەلىماتى. قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپىسى دۇنياغا كېلىش بىلەنلا ماتېرىئالىزىم ۋە ئىدىئالىزىمدىن ئىبارەت ئىككى لاگىرغا بۆلۈندى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئوخشاش بولمىغان تەبىقە ۋە ياكى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈرىشىنىڭ ئىنكاسى.

قەدىمقى يۇنان ـ رىم ماتېرىئالىزىمى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلغار ئىدىيە ئىدى. لېكىن ئۇ بەرىبىر قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى تۆۋەن بولۇپ، ئىلىم ـ پەن ئىنتايىن ئارقىدا قالغانلىقتىن، بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېرىئالىزىمنىڭ ساددا ماتېرىئالىزىملا بولالايدىغانلىغىنى بەلگىلىگەن. قەدىمقى يۇنان ـ رىم قۇلدار پەيلاسوپلىرى ئۆزلىرىنىڭ سىنىپىي مەيدانلىرى تۈپەيلىدىن، پەقەت ئاز سانلىق ئالاھىدە ئەرباپلارنىلا تارىخنىڭ «ئەڭ قەدىرلىك»ياراتقۇچىلىرى دەپ ھىساپلايتتى، قۇللار بولسا، جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغان ئاكتىپ كۈچ دەپ قارىماستىن، بەلكى «گەپ قىلالايدىغان قورال»دەپلا قارايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار تارىخقا قاراش جەھەتتە ئىدىئالىزىمچىلار ئىدى.

تەرەققىيات دەۋرلىرى[تەھرىرلەش]

قەدىقى يۇنان ـ رىم پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تەخمىنەن 3 دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

بىرىنچى دەۋرى[تەھرىرلەش]

يۇنان قۇللۇق جەمىيىتىنىڭ شەكللىنىش دەۋرى. بۇ دەۋرىدە، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىغىدىكى ئىئونىيىدە شەھەر شىتاتلىرى گۈللەندى، قول سانائىتى ئىئونىيىنىڭ قول سانائەت ۋە سودا مەركىزى بولۇپ، قول سانائەت قۇلدارلىرى ۋە سودا قۇلدارلىرى بۇ شەھەرلەردە خېلى زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيتتى. دەل شۇ شەھەرلەردە قەدىمقى يۇناننىڭ ئەڭ بەلدۇرقى ماتېرىئالىزىملىق پەلسەپىسى ـ مىلېتس ئېقىمى ۋە ئېفېسلىق ھېراكلىت پەلسەپىسى دۇنياغا كەلدى. بۇ ئېقىملار پەلسەپە تارىخىدا ئىئونىيە پەلسەپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئىئونىيىنىڭ ئەكسىچە، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى يەنى ئەينى ۋاقىتتا «چوڭ يۇنان»دەپ ئاتىلىدىغان رايونلار بولسا، بىرقەدەر ئارقىدا قالغان رايونلار ئىدى. بۇ رايۇنلاردا يېزىدا ئىگىلىگى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى، ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەردىن بولغان قۇلدارلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيتتى. بۇ يەردە پىفاگور ئېقىمى ۋە ئېلېئا ئېقىمىنىڭ ئىدىئالىزىملىق پەلسەپىسى پەيدا بولدى.

قەدىمقى يۇنان قۇللۇق جەمىيىتىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىدىكى پەلسەپە تارىخى ـ ئىئونىيە ئېقىمىنىڭ ساددا ماتېرىئالىزىمى بىلەن پىفاگور ئېقىمى ۋە ئېلېئا ئېقىمىنىڭ ئىدىئالىزىملىق پەلسەپىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تارىخى. ئىئونىيە ماتېرىئالىزىمچىلىرى سودا ـ سانائەت قولدارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى، ئۇلار ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى تۇرۇپ، قول سانائىتى ۋە سودىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى، ئىلىم ـ پەننى يۈكسەلدۈرۈشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇلار ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دىنىي ئەپسانە دۇنيا قاراشقا قارشى تۇرۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەرنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىكى ئەڭ دەسلەپكى سەۋەپ «ئىپتىدائى سەۋەپ»نى تەبىئەتنىڭ ئۆزى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. مەسىلەن، كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋىنى مىلېتس ئېقىمىدىكى تېلېس سۇ بىلەن، ئاناكسىمىئاندېر «چەكسىز»لىك بىلەن، ئاناكسىمېن گاز بىلەن، ئېفېسلىق ھېراكلىت ئوت بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇلار دۇنيانى ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ دەپ قارىغان. ھېراكلىت قارىمۇ ـ قارشى تەرەپلەرنىڭ بىرلىگى ۋە كۈرىشى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسى تېخى ساددا ۋە كۈزىتىش ئىدىيىسىدىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، پىفاگور ئېقىمى ۋە ئېلېئا ئېقىمىنىڭ ئىدىئالىزىمى بولسا، ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەردىن ئىبارەت بۇ كونىلىقنى ساقلىغۇچى كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. ئۇلار دىنىي ئەپسانە دۇنيا قاراشنى دەلىللەپ، مىلېتس ئېقىمى ۋە پىفاگور ئابىستىراكىت «سان»نى، ئېلېئا ئېقىمىدىكى پارمىنېد ئابىستىراكىت «مەۋجۇدىيەت» ئۇقۇمىنى كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋى دەپ قارىدى. ئېلېئا ئېقىمىدىكى زېنون ھەركەت ۋە ئۆزگىرىشنى ئىنكار قىلىدىغان بەزى مېتافىزىكىلىق ئەپسانىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىككىنچى دەۋرى[تەھرىرلەش]

يۇنان شەھەر شىتاتلىرى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئاۋاتلىشىش ۋە كىرىزىس دەۋرى. يۇنانلىقلار يۇنان ـ پېرسىيە ئۇرۇشى ئارقىلىق پارىسلارنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، پۈتۈن ئېگەي دېڭىزىنى تىزگىنلەپ، تاشقى سودىسىنى كېڭەيتتى، قول سانائىتى ۋە سودا ئىشلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۇناندىكى ھەرقايسى ئاساسىي شەھەر شىتاتلىرىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىگىلىگىنىڭ ئاۋاتلىشىش دەۋرى باشلاندى.

يۇنان ـ پېرسىيە ئۇرۇشىدا ئافىنانى ئاساس قىلغان «دېڭىز ئۈستى ئىتتىپاقى» ۋە سىپارتانى ئاساس قىلغان «پىلوپوننېس ئىتتىپاقى» شەكىللەندى. ئافىنا بىلەن سىپارتا ئوتتۇرىسىدا يۇنانغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىش يولىدا ئۇزاقتىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن جىددى كۈرەش ئاخىر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 431 ـ يىلى ئاشكارا ئۇرۇش تەرىقىسىدە پارتلىدى. بۇ ئۇرۇش تاكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 404 ـ يىلغىچە سوزۇلۇپ، ئافىنانىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاياقلاشتى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، ئافىنا ھەمىشە سىپارتانىڭ تەھلىكىسى ئاستىدا تۇردى، بۇ ھال قۇلدارلارنىڭ دېموكىراتىك سىياسىتىنىڭ زەئىپلىشىشىگە سەۋەپ بولۇپ، يۇنان شەھەر شىتاتلىرى قۇللۇق تۈزۈمىنى كىرىزىس دەۋرىگە ئېلىپ كىردى. شەھەر شىتاتلىرى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىقتىسات ۋە سىياسەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قەدىمقى يۇناننىڭ پەلسەپە، ئىلىم ـ پەن، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىمۇ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بۇ دەۋردە ئەڭ ئاتاقلىق ماتېرىئالىزىمچى دېموكرىت ۋە ئىدىيالىزىمچى ئەپلاتون، ئارسىتىئوتېللار مەيدانغا چىقتى.

لېنىن دېموكرىت يولى بىلەن ئەپلاتون يولى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى قەدىمقى يۇنان ماتېرىئالىزىمچىلىرى بىلەن ئىدىئالىزىمچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ۋەكىلى قىلىپ ئالىدۇ. دېموكرىت قۇلدار دېموكىراتلار گۇرۇھىنىڭ مۇتەپەككۈرى بولۇپ، ئىئونىيە ماتېرىئالىزىمىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئەلينى ۋاقىتتىكى پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاساسەن ئۇنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇ ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، كائىناتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئاساسىي ماددى زەررە «ئاتوم»توغرىسىدىكى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاتوم ماتېرىئالىزىمى ـ قەدىمقى يۇنان ساددا ماتېرىيالىزىمى تەرەققىياتىنىڭ ئالى مۇۋەپپەقىيىتى. ئەپلاتون قۇلدار ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ مۇتەپەككۈرى بولۇپ، پىفاگور ئېقىمى ۋە ئېلېئا ئېقىمىنىڭ ئىدىيالىزىملىق ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ئۇقۇمنى ھىسسى شەيئىلەردىن پۈتۈنلەي ئاجرىتۋېتىپ، ئۇنىڭغا قارىمۇ ـ قارشى قويۇپ، ئەكسىچە ھىسسى شەيئىلەرنى ئىدىيە ۋە ئۇقۇملاردىن كېلىپ چىققان دەپ دەۋا قىلدى ۋە ئىدىيە، ئۇقۇملارنى «ئىدراك»دىگەن يېڭى نام بىلەن ئاتىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىدراك ئىدىئالىزىمى پەلسەپە ئېقىمى پەيدا بولۇپ، ئاتوم ماتېرىئالىزىمچىلىرىغا قارشى جىددى كۈرەش قىلدى.

ئارستوتېل ـ قەدىمقى زامان پەن ۋە پەلسەپە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كامالەتكە يەتكۈزگۈچى، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەن ۋە پەلسەپىنىڭ مىۋىلىرىنى يەكۈنلەپ، پەننىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. ماركس ئۇنى «قەدىمقى زاماننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرى»دىگەن («كاپىتال» 1 - توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1963 - يىلقى خەنزۇچە نەشرى 436 - بەت)، ئېنگېلسمۇ ئۇنى قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپلىرى ئىچىدە «ئەڭ بىلىملىك كىشى»دىگەن («ديۇرىڭغا قارشى» مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1972 - يىلقى نەشرى 31 -بەت). ئۇ، سىياسى جەھەتتە، دېموكىراتلار گۇرۇھى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇندى، پەلسەپە جەھەتتە، ھەم ئەپلاتون ۋەكىللىگىدىكى پەلسەپە يولىنى تەنقىت قىلىپ، ھەم دېموكرىت ۋەكىللىگىدىكى پەلسەپە يولىنى تەنقىت قىلىپ، ماتېرىئالىزىم بىلەن ئىدىئالىزىم، دىئالېكتىكا بىلەن مېتافىزىكا ئارىلىغىدا تەۋرىنىپ تۇردى. لېكىن، ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئەپلاتوننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىدىئالىزىم ۋە مېتافىزىكىغا پېتىپ قالدى.

ئۈچىنچى دەۋرى[تەھرىرلەش]

ئاخىرقى مەزگىلدىكى يۇنان ۋە رىم دەۋرى. بۇ دەۋردە، يات مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، يۇناننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆتكۈر سىنىپىي زىددىيەتتىن باشقا، يەنە مىللى زىددىيەت قوشۇلۇپ، سىنىپىي كۈرەش تېخىمۇ مۈرەككەپلىشىپ كەتتى. قۇللار قوزغىلىڭى ۋە يات مىللەتلەر تاجاۋۇزىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا، غەربىي ياۋروپا قۇللۇق تۈزۈمى مىلادى 479 ـ يىلى غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئاخىرقى مەزگىلدىكى يۇنان ۋە رىم دەۋرىدىكى ئەڭ ئاتاقلىق ماتېرىئالىزىمچىلار ئېپىكور ۋە لۇكرېتسىي بولۇپ، ئۇلار ھوقۇق تۇتمىغان ئوتتۇرا ۋە كىچىك قۇلدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دېموكرىتنىڭ ئاتوم ماتېرىئالىزىمى پەلسەپىسگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. بۇ دەۋردە، ئىدىيە جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغۇچى تۈرلۈك ئېدىئالىزىملىق ئېقىملارمۇ كەڭ تارقىلىپ، تەقدىرچىلىك، گۇمانخورلۇق ۋە سىرلىق قاراشلارنى تارقاتتى. بۇ ئىدىئالىزىملىق قاراشلار چوڭ ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا باش ئېگىش ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى كىرىزىسىگە ئۈمىتسىزلىك بىلەن قاراش كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا، ئەپلاتون يولىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ستوئىكچىلارنىڭ تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك ئىدى. رىم ئېمپېرىيىسى دەۋرىدە، خىرىستىيان دىنىمۇ پەيدا بولدى. ئەڭ بالدۇرقى خىرىستىيان دىنى ئېزىلگۈچى ئاممىنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئىنكاسى ئىدى، لېكىن كېيىنكى چاغلاردا، ئۇ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنى قۇل قىلىدىغان روھىي قورالغا ئايلاندۇرۇلدى. ماتېرىئالىزىم بىلەن ئىدىئالىزىمنىڭ كۈرىشى ـ قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپىسى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى. پەلسەپىدىكى ئىككى يول كۈرىشى باشتىن ـ ئاخىرغىچە پۈتۈن قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپەسى تارىخىغا سىڭدى. ھازىرقى زامان بۇرژۇئا پەيلاسوپلىرى ئەپلاتوننىڭ ئىدراك ئىدىئالىزىمىنى ھەدەپ كۆككە كۆتىرىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دېموكرىتنىڭ ئاتوم ماتېرىئالىزىمىنى كەمسىتتى ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. پۇرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلاۋىي ئۇستازلىرى قەدىمقى يۇنان ـ رىم پەلسەپىسىدىكى ئىككى يول كۈرىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قاراپ كەلدى. لېنىن مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ھازىرقى زامان بۇرژۇئا پەلسەپىسى ئۆتمۈشتىكى ئىدىئالىزىملىق ئەكسىيەتچىل پەلسەپە يولىنىڭ داۋامى، «پەلسەپىنىڭ 2 مىڭ يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا، ئىدىئالىزىم بىلەن ماتېرىئالىزىم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كونىراپ كېتىشى مۈمكىنمۇ؟ پەلسەپىدە ئەپلاتون بىلەن دېموكرىتنىڭ خاھىشلىرى ياكى يوللىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كونىراپ كېتىشى مۈمكىنمۇ؟»

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]

  • 古希臘哲學